بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]7-8 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ سىستېما شىنجاڭدىكى بارلىق تارماق بانكىلاردا كەڭ ئىشلىتىلىپ، خېرىدارلارغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، كېيىن ئۇيغۇرسوفت يەنە يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسى، تېلېفون ئارقىلىق ھېسابات ئاغدۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، بۇ ئۈسكۈنىلەر تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ۋە باشقا بانكىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرگەن ھەرقايسى بانكىلار بەس-بەستە ATM نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
بۇ ئىشنى تۇنجى قىلدۇرغان بانكا يەنى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى كەسپىي جەھەتتە باشقىلارغا داۋاملىق ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن، بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفتنى قايتا ئىزدەپ كەلدى. ئۇلارنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىلگىرىكى ھەمكارلىقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقى، داۋاملىق ئۇيغۇرسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، تىجارەت زاللىرىدىكى باشقا بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرى ATM دىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ، مەخپىيەتلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرسوفتنىڭ تېخنىكا كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال توختام تۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق باشلىنىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-بېشىغىچە جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئىشلىتىدىغان «ھېساب سۈرۈشتۈرۈش، پۇل تاپشۇرۇش»، «سۇغۇرتا سېتىش»، «روزغار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش»، «ھېسابات ئاغدۇرۇش، پۇل ئەۋەتىش» قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈردۇق (ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق)، يېڭى ئۈسكۈنىلەر ۋە يېڭى تېخنىكىلاردا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئىشلىرىنى تولۇق ھەل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى داۋاملىق ئومۇملاشتى.
بۇ سىستېما پات يېقىندا يېڭىلىنىپ، كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پۇل ئالغاندا بولسۇن، پۇل ئەۋەتكەندە بولسۇن ياكى تېلېفون پۇلىنى تاپشۇرۇشتا بولسۇن،… ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.
بۇ يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ باشقا بانكىلاردىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت بۇ جەھەتتە باشقا بانكىلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار
ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزنىمۇ ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ بولالمىدۇق، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يىل 5-ئايدا خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توي قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قىز-يىگىتلىرىنىڭ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسغا يەنى قىزىل قەغەزگە ئۆز يېزىقىدا ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ سىستېما ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشقان بولۇپ، ئىچكىردە توي قىلسىڭىزمۇ قىزىل قەغەزگە ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يازدۇرالايسىز. بۇنىمۇ ئايرىم تېما قىلىشىم مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,267 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:26
- ئالدىنقى يازما :Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
- كېيىنكى يازما :Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نەشرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
بىز بانكىدا پۇلداندىن پۇل ئالغاندا ، ۋە ياكى باشقا مۇلازىمەن بىجىرگەندە ،چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق تۈرىنى ئىشلىتەيلى.بۇ يېزىقىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشقىنىمىز بۇلىدۇ.
روزغار باشقۇرۇش دىگەن نىمە ؟
خەنزۇچىسى 理财管理
مەن بىر تور بەتتىن «ئۇيغۇرتىلى خەلقئارادىكى يۇقۇلۇپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ» دىگەننى ئاڭلاپ بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى، لېكىن ھەر قېتىم غا كىرسەم ئۈزەمگە تەسەللى تاپقاندەك بۇلىمەن شۇنداقلا غايىپتىن «قارا، ئۇيغۇر تىلى تېخىمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، خەلقئاراغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، ‹نوچى› لار قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىۋاتىدۇ» دىگەن بىر نىدانى ئاڭلىغاندەك بۇلىمەن.
كۆڭلۈم تىگىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر زات بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت ئۇستاز!
خىيالىمدا بىر خالىس تۆھپىكار بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت ئۇستاز!
مىللىتىمنىڭ بىر مەدەنىيەت ئىسلاھاتچىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت ئۇستاز!
ئانا تىلىمىنىڭ خالىس بىر قوغدىغۇچى جەڭچىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت ئۇستاز!
ئۇيغۇر تىلىنى جاھان سەھنىسىدە جۇلالاندۇرغۇچى بىر ئەزىمەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت ئۇستاز!
ھەممىدە يەنە ھەممىدە بىر ھۆرمەت ئىگىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت ئۇستاز!
ھەممدىن بەك سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ….سىز بىزگە بەك جىق لازىم…..ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن.
بولسا بەزى سۆزلەر ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان تەرجىمە قىلىنسا،مەسىلەن:مىمورىئال( 转账)دىگەن سۆزنى كۆپ ئادەم بىلمەسلىكى مۇمكىن.
شۇنداق، توغرا ئېيتىسىز، ئاۋۇ رەسىمگە قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز، بۇ قېتىممۇ «ھېساب ئاغدۇرۇش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئاندىن يەنە «روزغار باشقۇرۇش» دەپمۇ بار.
قاتناش بانكىسىدېمۇ ئۇيغۇرچە بارئىكەن!!!!
ئاپتۇماتىك كاسسا ATM
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم:
جۇڭگو يېزا- ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بەزى شۆبى بانكىلىرىدىكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى (پۇلدان ) ئىشلەتكەندە قارىسام ئۇيغۇرچە خەتلەر پەقەت نورمال ئەمەس، بىر- بىرىگە ئۇلانمىغان، بۇ شۇ پۇلداندىكى ئۇيغۇرچە خەت سېستىمىسىنىڭ ئىشىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ؟ بۇنى قايسى يوللار بىلەن ھەل قىلساق بولىدۇ؟
ئالىم مۇئەللىم، بىزنىڭ مەكتەپتە قاتناش بانكىسىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتۇ،لىكىن پوچتا بانكىسىغا قوشۇلماپتۇ.پوچتا بانكىسى سىلەر بىلەن تىخى توختام تۈزمىدىمۇ ياكى بۇ شۇ جايدىكى بانكىنىڭ ئىشىمۇ؟
مانا ياشاپ كىتىڭلا ئۇيغۇر يۇمتال شىركىتى ! قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرماقتىمەن !
ئالىم مۇئەللىم (دىرىكتور)غا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن !
ATM نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى نىمە دەپ بېكىتتى؟
سىلەرگە بارىكاللا مەن ھەرۋاقىت بانكا مۇلازىمىتىنى تاللىغاندا ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىلگايتىس، بەلكىم ھەر تۈرلۈك شارائىتلار يار بەرگەن بولسا بىلگايتىستىنمۇ ئېشىپ كىتەتتىڭىز ئالىمكا. رەھمەت سىزگە، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، سالامەت بولۇڭ.
بۇ سىستېما پات يېقىندا يېڭىلىنىپ، كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پۇل ئالغاندا بولسۇن، پۇل ئەۋەتكەندە بولسۇن ياكى تېلېفون پۇلىنى تاپشۇرۇشتا بولسۇن،… ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.
—————–
ئوبدان گەپ!