كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى «ئۇيغۇرسوفت تاماق تىزىملاش» يۇمشاق دېتالى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى «ئۇيغۇرسوفت تاماق تىزىملاش» يۇمشاق دېتالى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى «ئۇيغۇرسوفت تاماق تىزىملاش\زاكاز قىلىش» يۇمشاق دېتالى
مەن ئۆتكەن يىلى 3-قارارلىق «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سىنىپى»دىكى كۇرسانتلارنىڭ تەلىپى بويىچە «ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان ئىدىم، ساندان لايىھەسى ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسىنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قول سېلىپ تاماملاپ چىققان ئىدى. 9-ئايدا بازارغا يۈزلەندۈرۈش پىلانى بويىچە كومپيۇتېر نۇسخىسى تاماملانغان ئىدى، ئەمما ئاشخانىلاردا تاماق يېزىش\تىزىملاش\زاكاز قىلىش ئۈچۈن كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئايرىم ئەپ يېزىشقا توغرا كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن ھەرقانداق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشكە بولىدىغان، ئۇيغۇرچىنى راۋان كۆرسىتەلەيدىغان تاماق زاكاز قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى. بارلىق ئىقتىدارلىرى سىناقتىن ئۆتۈپ، پات يېقىندا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ ۋە بازارغا سېلىنىدۇ.

ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى

(1) تاماق تىزىملاش قوزغالغاندا، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ. تاماق يېزىش ئۈچۈن تىزىملىغۇچىلار سىستېمىغا تىزىملىتىپ كىرىدۇ.
2
=====================================
(2) تاماق تىزىملىغۇچى خادىملارنىڭ ئىسمىنى تاللاپ، مەخپىي نومۇرى (ياكى پارولى)نى كىرگۈزۈپ، كىرىشنى باسسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا باشقا خادىملارنى تاللىماقچى بولسا ئىسىم-فامىلىسىنىڭ كەينىدىكى تۆۋەنگە قارىغان ئۈچ بۇرجەكنى بېسىپ، باشقا خادىملارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
2
======================================
(3) سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن، تاماق يېزىشنى باشلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈستەلنى تاللايسىز، «ئۈستەل» دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىڭ.
2
==================================
(4) ئۈستەل نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، «تامام» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. بەزى خېرىدارلار تاماقنى زەللە قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ئالاھىدە ئۈستەل بېكىتىپ قويساق بولىدۇ، مەسىلەن: «100-نومۇرلۇق ئۈستەل» دېگەندەك.
2
==================================
(5) ئۈستەلنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، خېرىدارلار بۇيرۇتقان تاماقلارنى تىزىملىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: «ئۆي لەغمەن»نى تاللىغان بولسا، شۇنىڭغا ماس قۇردىكى «تاللاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
2
=====================================
(6) تاماقنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتە تاماق سانىنىڭ سۈكۈت قىممىتى 1 بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، رەقەم بالدىقىدىكى كۇنۇپكىلارنى باسسىڭىز قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. ناۋادا، «لازا سالمىسۇن»، «چۆپى ئىسسىق بولسۇن»،…دېگەندەك ئايرىم تەلەپلىرى بولسا، ئۈستىدىكى تاماق نامى بار جايدىكى تۆۋەنگە قارىغان ئۈچ بۇرجەكنى بېسىپ، تاماقلارنىڭ ئالاھىدە ئىزاھاتلىرىنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ھەربىر تاماقلارنىڭ ئايرىم ئىزاھاتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.
2
=================================
(7) تاماق سانى ۋە ئىزاھاتلىرىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن سول تەرەپتىكى «توغرا» بەلگىسىنى باسسىڭىز، ئاستىدىكى زاكاز تىزىملىكىگە چۈشىدۇ. ناۋادا، يەنە باشقا تاماقلارنى بۇيرۇتقان بولسام ئەڭ ئۈستى سول تەرەپتىكى «تاماق»دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
2
=====================
(8) ناۋادا خېرىدار كاۋاپ بۇيرۇتماقچى بولسا، ئۈستىدىكى تاماق تۈرلىرى بېسىپ، «ئاساسىي تاماق»، «ئىسسىق سەيلەر»، «سوغۇق سەيلەر»، «كاۋاپ»، «ئىچىملىك»،…دېگەن تىزىملىكتىن «كاۋاپ»نى تاللىسا بولىدۇ. تۆۋەندە كاۋاپ تۈرىدىكى تاماقلار تىزىلىپ تۇرىدۇ.
2
=======================
(9) بۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە كاۋاپنىڭ سانىنى بېكىتىسىز، ئىزاھاتلىرىنى تاللايسىز. ناۋادا خېرىدار مۇشۇ تاماق يېتەرلىك بولدى، ھېسابات قىلىمەن دېسە، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى «ھېسابات قىلىش»نى باسسىڭىز بولىدۇ.
2
=======================
(10) خېرىدارنىڭ بەرگەن پۇلى 200 يۈەننى كىرگۈزسىڭىز، قايتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
2
======================
(11) «ھېسابات قىلىش»نى باسسىڭىز، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماقلار تۈرلەر بويىچە ئاپتوماتىك ئايرىلىپ، كاۋاپ تىزىملىكى كاۋاپچى ئۇستامنىڭ ئالدىدىكى پىرىنتېردا بېسىلىدۇ. لەغمەن تىزىملىكى ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ ئالدىدىكى پىرىنتېردا بېسىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تاماق زاكاز قىلىش تامام.
2
=====================
كەسپداشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىتىپ ياسىماسلىقىنى، ئىجادىي پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، باشقا تورداشلارنىڭ يۇمشاق دېتال ئارايۈزىدىكى ئىملادىن باشقا يەنە ئىقتىدار جەھەتلەردىن تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
53 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ۋاھ نىمىدىگەن ئىسىل جاپا چەكتىڭلار سىلەرگە رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:09
  • ماڭا نەق لازىم مۇشۇ نەرسە، ئالىمكا مەزكۇر مەھسۇلاتنى داۋاملىق تۈردە يىڭىلاپ تۇرامسىلەر؟ مەسىلەن 0.1 ، 0.2 نەشىر دىگەندەك … ئەگەر داۋاملىق تۈردە تاكامموللاشتۇرۇپ تۇرساڭلار سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:30
  • بەك ياخشى سۆزلەپسىز ئالىم مۇئەللىم، ئەگەر نۇرغۇن ئالىم-مۇتەخەسىسلىرىمىز، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، زىيالىيلىرىمىز ۋە باشقىلار ھازىرقى يېزىقىمىزغا سىز دىگەندەك كۆز-قاراشتا بولغان بولسا، ئۆز ۋاقتىدا يېزىقىمىز بىكارلا ئالمىشىپ يۈرمىگەن بولاتتى. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا يېزىق ئالماشتۇرۇشنىڭ زىيىنىنى بىلىدۇ، ھازىرقى يېزىقىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىدۇ. داۋاملىق تىرىشىڭ ئالىم ئاكا، مەن ۋە نۇرغۇن قېرىبداشلىرىمىز سىزنى قوللايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:34
    • ئالدى بىلەن نۆلدىن باشلاپ دىگەندەك گەپلېرىمنى ئېغىر ئالمىغايسىز .بۇخىل غەلىتە، ئۆزىگە- ئۆز قېرىنداشلېرىغا ئىشەنمەسلىكنى ئۇيغۇر قېرىنداشلېرىمىز ماڭا ئۆگىتىپ قويدى.
      ULY غا مۇشۇنداقراق پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم (بولمىسا ULY ئومۇملىشىشى ئاللىبۇرۇن خېلى بىر يەرگە بارغان بۇلاتتى) . مەن ئۇيغۇرلاتىن يىزىقى بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن بۇيان بىرەر قىتىممۇ ئارقىمغا قايتىپ باقمىدىم. ئىنگلىزتىلى دۇنيا تىلىلىق ئورنىدىنلا قالمايدىكەن ۋە ئۇچۇر-ئىلىكىتىرون تىخنىكىسى مۇشۇ تەرىقىدە تەرەققىي قىلىپلا ماڭىدىكەن ULY نىڭ رولى يۇقاپ كەتمەيدۇ . مەن سىزنى ھۆرمەت قىلساممۇ بۇنىڭلىق بىلەن ULY دىن ۋاز كەچمەيمەن. ئۆزۈم ئىشلتىش بىلەن بىرگە ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۆگىتىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ ماڭىمەن. مەن بۇنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرنىڭ بىرلا يىزىقى بار دىگەن گىپىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنى قايماقتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خەنزۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئېغىر تەلەپپۇزلۇق تىلىنى يىزىقتا ئىپادىلەشتە ئۈچ خىل(پىنيىن، ئاددىي كاتەك، مۇرەككەپ كاتەكلىك خەنزۇچە) ئىپادىلەش بار . كەچۈرۈڭ ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم. سىزنىڭ ULY تۇغرىلىق يازمىلېرىڭىزنى تاپالمىدىم. ئىسمىڭىزنىڭ ئىنگىلىزچە قانداق بۇلىدىغانلىقىنى لوغەتتىنمۇ ئىزدەپ يۈرمىدىم. ئەلۋەتتە ئىسمىڭىزنى قانداق ئىپادىلىشىڭىزگە ھىچكىم بىرنەرسە دىيەلمەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:43
      • ==============
        ئەسلىدە بۇ پاراڭلار مۇشۇ يەردە تۈگىگەن بولسا ياخشى بولار ئىدى. بەزى گەپلىرىڭىزگە جاۋاب بەرمىسەم بولمىغۇدەك.
        سوئال: ئالدى بىلەن نۆلدىن باشلاپ دىگەندەك گەپلېرىمنى ئېغىر ئالمىغايسىز .بۇخىل غەلىتە، ئۆزىگە- ئۆز قېرىنداشلېرىغا ئىشەنمەسلىكنى ئۇيغۇر قېرىنداشلېرىمىز ماڭا ئۆگىتىپ قويدى.
        جاۋاب: ئېغىر ئالمىدىم، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا 0 دىن باشلاپ يۇمشاق دېتال يېزىشقا گۇمان بىلەن قارايدىكەنسىز، شۇڭا شىركىتىمىز ھەققىدە چۈشەنچە بەردىم. ئەمما ئاخىرقى گېپىڭىزنى قىلچە راۋا كۆرمىدىم، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا (پۈتۈن بىر مىللەتكە) باھا بېرىشكە قانداقمۇ تىلىڭىز بارغاندۇ؟ بەلكىم بۇ پەقەت سىز بىلەن يەنە بىرنەچچە ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىش بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن سىز پۈتۈن بىر توپقا ئىشەنمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ھىندىستاندىكى گەندى ئەپەندىم مۇنداق دېگەن ئىكەن: خەلقىم كېسەك ئاتسىمۇ ئېغىر ئالمايمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم دەپتىكەن.
        ===============
        سوئال: ULY غا مۇشۇنداقراق پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم (بولمىسا ULY ئومۇملىشىشى ئاللىبۇرۇن خېلى بىر يەرگە بارغان بۇلاتتى) . مەن ئۇيغۇرلاتىن يىزىقى بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن بۇيان بىرەر قىتىممۇ ئارقىمغا قايتىپ باقمىدىم.
        جاۋاب: ئۇنداقتا بىلىدىكەنسىزغۇ؟ مەن ULY نى ئەزەلدىن تىللاپ باقمىدىم، مەنمۇ بەزىدە يوقنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ قويىمەن. ئەمما مەن ھازىر قوللىنىۋاتقان يېزىقىمىزغا نەچچە ھەسسە كۈچىگەنلىكىم راست، نەتىجىسىمۇ كۆرۈلدى. سىز ئارقىغا قايتمىغان بولسىڭىز، مەنمۇ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش كەينىگە قاراپ ماڭغۇم يوق.
        ==============
        سوئال: ئىنگلىزتىلى دۇنيا تىلىلىق ئورنىدىنلا قالمايدىكەن ۋە ئۇچۇر-ئىلىكىتىرون تىخنىكىسى مۇشۇ تەرىقىدە تەرەققىي قىلىپلا ماڭىدىكەن ULY نىڭ رولى يۇقاپ كەتمەيدۇ .
        جاۋاب: سىز دېگەندەك ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىدىغان بولسا، جاھاندا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمايدىغان بىرمۇ ئۈسكۈنە قالمايدۇ. ئاساسىي سەۋەب شۇكى بۇنداق نەرسىلەر بىزدە بەكمۇ كېچىكىپ ئومۇملاشقانلىقىدىن بولدى، يېزىقتا ھەرگىزمۇ گۇناھ يوق.
        ==============
        سوئال: مەن سىزنى ھۆرمەت قىلساممۇ بۇنىڭلىق بىلەن ULY دىن ۋاز كەچمەيمەن. ئۆزۈم ئىشلتىش بىلەن بىرگە ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۆگىتىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ ماڭىمەن. مەن بۇنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن.
        جاۋاب: ھۆرمەت قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت، ئەمما ھەقىقىي ھۆرمەت قىلسىڭىز، بەزى ئىشلارنى بىلمەسلىككە سېلىۋالماڭ، بىز ئىشلاردا سەمىمىي، ئەمەلىيەتچىل بولايلى. سىز قايسى يولدا ماڭسىڭىز مەيلى، مەنمۇ ئۆزۈم تاللىغان يولدا كېتىۋاتىمەن. ئۆزىڭىز تاللىغان يولغا ئاساسەن باشقىلارنىمۇ شۇ يولدا ماڭىسەن ياكى باشقىلارنىڭ مېڭىۋاتقان يولىنى خاتا دېسىڭىز بولمايدۇ. بۇنى سىز ياكى مەن بەلگىلىمەيمىز ياكى نەچچە 10 ئادەم بىر يەردە يىغىن ئېچىپ بەلگىلىمەيدۇ، بىز ئىرادىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تاڭساق بولمايدۇ، مەن سىزنىڭ يولىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن، باشقىلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان بولسىڭىز، داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ ھەم شۇنداق. مېنىڭ يولۇممۇ ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىزنىڭمۇ يولىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈندۇر.
        =============
        سوئال: ئۇيغۇرنىڭ بىرلا يىزىقى بار دىگەن گىپىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنى قايماقتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خەنزۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئېغىر تەلەپپۇزلۇق تىلىنى يىزىقتا ئىپادىلەشتە ئۈچ خىل(پىنيىن، ئاددىي كاتەك، مۇرەككەپ كاتەكلىك خەنزۇچە) ئىپادىلەش بار . كەچۈرۈڭ ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم.
        جاۋاب: مېنىڭچە پەقەت سىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويغاندىمەن، مەن ئۆگەنگەن كىتابلاردا، ھازىرقى ئېلىپبەلەردە، ھۆكۈمەتنىڭ تىل-يېزىق ھەققىدىكى پەرمانلىرىدا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى مۇنداق دەپ پەقەت بىرلا يېزىقنى كۆرسىتىپتۇ. ھازىرقى مۇشۇ دەۋردە رادىيو-تېلېۋىزىيە، مەتبۇئات، بانكا، ئايرودروم،….قاتارلىق ئورۇنلاردا قوللىنىۋاتقان يېزىقىمىز پەقەت بىر دەپ بىلىدىكەنمەن. خەنزۇلار يېزىقىنى قانداق قىلغان بولسا، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما سىزدىن سوراپ باقسام ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي پىنيىن ھەرپلىرى ئىشلىتىلگەن بىرەر كىتاب-ژۇرناللىرى بارمىكەن؟ كومپيۇتېردا پىنيىنچە يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللىرى بارمىكەن؟ تاپالىسىڭىز مەن ھازىرلا قايىل بولىمەن. باشقا يېزىقنى مىسال ئالسىڭىزمۇ نېمە دەي، تىلشۇناسلىق جەھەتتە يېزىقىمىزغا ھېچقانداق يېقىن كەلمەيدىغان خەنزۇ يېزىقىدا پىنيىن قىلىپتۇ، بىزمۇ پىنيىن قىلايلى دېسەك ئەخمەقنىڭ ئىشى بولىدۇ قېرىندىشىم.
        =============
        سوئال: ئىسمىڭىزنىڭ ئىنگىلىزچە قانداق بۇلىدىغانلىقىنى لوغەتتىنمۇ ئىزدەپ يۈرمىدىم. ئەلۋەتتە ئىسمىڭىزنى قانداق ئىپادىلىشىڭىزگە ھىچكىم بىرنەرسە دىيەلمەيدۇ.
        جاۋاب: ئۇنداقتا باشتىلا سوراپ نېمە ئىش قىلاتتىڭىز؟ سىزمۇ بىرنەرسە دېمەڭ بولدى. ئۆزىڭىزمۇ «پەرۋانە 1» دەپ تىزىملىتىپ كىرىپسىز، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز تىلغا ئالغان يېزىقتا يازماپسىزغۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ سادىق ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا زورلىماڭ. بۇ گەپلەر مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن ئەمدى، بىز بۇ چەكلىك زېھنىمىزنى باشقا ئىشقا ئىشلىتەيلى.
        =============

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:02
  • ئەسسالامۇئەلەيكوم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم.. بۇ دىتاللار نۆلدىن باشلاپ تۈزۈلگەنمۇ ياكى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دىتالدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ قۇلايلقلاشتۇرۇلغانمۇ؟
    يەنە بىر سۇئالىم سىز ئۇيغۇر يۇمشال ساھەسى ياكى ئىلىكتىرون ساھەسىدە بەلگىلىك نۇپوزغا ئىگە ئادەم. ھەممىز سىزنى ھۆرمەتلەيمىز. لىكىن ھازىرقىدەك ئۇيغۇر تىل -يىزىقى خىرىسقا ئوچراۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر تەرەقىياتقا، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە مۇھتاج ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاتىن يىزىقى (ULY )نىڭ رولى تۇغرىسىدا بىرەر پارچە يازما يېزىشىڭىزنى تۇلىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. بىلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى alimahat دەپ ئاپسىز ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىڭىز لىكىن بۇنى alimehet دەپ ئىلىشنى ۋە ULY نى ئۇمۇملاشتۇرۇشتا باشلامچى بۇلۇپ بۇلۇپ قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى am 05:25
    • سوئال: بۇ دىتاللار نۆلدىن باشلاپ تۈزۈلگەنمۇ ياكى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دىتالدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ قۇلايلقلاشتۇرۇلغانمۇ؟
      جاۋاب: Microsoft نىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن Windows, Windows Services, outlook.com, onedrive,….قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغىنىمنى بىلىمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرسوفت ياسىغان مەھسۇلاتلارنى تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۆزگەرتىپ باققان ئەمەس. ھەممىسىنى 0 دىنمۇ تۆۋەن بولغان 10- دىن باشلاپ بازار ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن 0 دىن باشلاپ يېزىپ چىققان.
      ===========
      سوئال: ھازىرقىدەك ئۇيغۇر تىل -يىزىقى خىرىسقا ئوچراۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر تەرەقىياتقا، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە مۇھتاج ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاتىن يىزىقى (ULY )نىڭ رولى تۇغرىسىدا بىرەر پارچە يازما يېزىشىڭىزنى تۇلىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم.
      جاۋاب: مەن ھازىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈللەنگەن دەۋرى دەپ قارايمەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت بىرلا يېزىقى بار دەپ بىلىمەن. مەن پەقەت مۇشۇ ھازىرقى يېزىقىمىز ئۈچۈنلا يازما يازىمەن. ULY توغرىسىدا مەن 2001-يىلى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغان، توردىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
      ===========
      سوئال: بىلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى alimahat دەپ ئاپسىز ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىڭىز لىكىن بۇنى alimehet دەپ ئىلىشنى ۋە ULY نى ئۇمۇملاشتۇرۇشتا باشلامچى بۇلۇپ بۇلۇپ قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟
      جاۋاب: قەتئىي ئويلاپ باقمىدىم، مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئىسمىنى ئىنگلىزچە يازغاندا alimahat دەپ يېزىپ كەلگەن ئىدىم، 23 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ ئىنگلىز تىلى ۋە كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە كىرىشكەندىمۇ شۇنداق ئىشلىتىپ كەلدىم، شۇڭا بۇ بىلوگنىڭ ئادرېسى ئىنگلىزچە ئىكەن دەپ بىلىپ تۇرۇڭ، خۇددى ئۇيغۇر دېگەننىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Uighur، لاتىنچە يېزىلىشى Uyghur دېگەنگە ئوخشاش. مەن پەقەت كومپيۇتېر ساھەسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزەم قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسام دەيمەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان Microsoft ۋە باشقا ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچەپ باقسام دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ بىلوگىمدا ULY نىڭ گېپىنى قەتئىي تىلغا ئالمىسىڭىز، باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:37
  • ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئەمەتجان رۇسۇل قىسمەتكام باشچىلىقىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشەنچىلىك، دىيارىمىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان شىركەتلەر.
    ئالىم مۇئەللىم ۋە قىسمەتكامنىڭ مەيلى شەخسى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى شىركەت ئىشلىرى جەھەتتىن مۇناسۋىتى ناھايىتى يېقىن، ھەمكارلىقى بار دەپ بىلىمەن. خېلى كۆپ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرىدا ئالىم مۇئەللىم بىلەن قىسمەتكام بىللە ئولتۇرۇپ، بىزگە بىلىم بېرىۋاتىدۇ.
    شۇڭا مەن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ http://bbs.xjcfan.com/thread-3920-1-1.html ماۋۇ تېمىدىكى كۇرسىغا تۆنۈگۈن تىزىملاتتىم. خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇيغۇرسوفتتا، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىدا ئىشلىسەم، ئۆز ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ، كومپيۇتېر ئىشلىرىدا ئالىمكامدەك، قىسمەتكامدەك قىلالمىساممۇ، ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشسام دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:41
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. بلوگىڭىزنى دائىم كۆرسەممۇ تۇنجى قىتىم خەت يىزىشىم. دائىم بىلىملەرنى ئوغۇرلاپ كاللامغا لىق قاچىلىۋىلىپ شەپە چىقارماي قاچىمەن . ئەپۇ قىغايسىز (ھى ھى ).
    بەرىبىر سىز مىنىڭ چىن دوستۇم بولغاندىكىن بۈگۈن سىزگە بار دەردىمنى بىر تۆكەي. (گەرچە سىز مىنى تونۇمىسڭىزمۇ ھى ھى ).
    چاقچاق مۇئەللىم. مەن پىكىر بەرمەكچى، دەردىمنى تۆكەي دىسەم ئىشلىرىمنىڭ جىقلىقىدا … دەپ ئويلاپ قالماڭ. (دەرت تۆكۈش باشقۇرۇش سىستېمىسى…يىڭى ئىجادىيەتتىن بىرى چىقتى مانا.)

    گەرچە مەن بلوگىڭىزغا دائىم دىگۈدەك كىرىپ تۇرساممۇ بىراق بۇ تېمىنى كۆرمەپ قاپتىمەن .بىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتمىزمۇ دۇنيادا خىلى راۋرۇس ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ئەلۋەتتە.تەمىنىڭ ئېسىللىقى، يىيشلىكى… قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە نىسبەتەن مەن شۇنچىلىك مەغرۇر ھالدا پەخىرلىنىمەن. بىراق تاماقلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاشتا ھەرقىتىم باشقىچە تىلدا بىر سۆزلىگەندە بىر قىتىمدىن ئۇھسىنىپ چىقىمەن. مەنلا ئەمەس باشقىلارمۇ شۇنداقتۇ بەلكىم.
    شۇڭلاشقا بولسا مۇشۇ تاماقلارنىڭ ئىسىمىنى ئورتاق ئۇيغۇرتىلىدا ئومۇملاشتۇرساق،ھەممەيلەن ئۇيغۇرچە ئاتاپ كۆنسەك بەك ياخشى بولاتتى. بۇ جەھەتتە ئۈرۈمچىدىكى مەن كىردىغان ئاشپۇزۇللارنىڭ كۆپىنچىسى مىنى خىلى قايىل قىلىدۇ. بىراق يەنىلا ئارلاشما تىلدىن مۇستەسنا ئەمەس.مەن مائارىپ نازارىتى ئۇدۇلىدىكى ئۆز يۇرت ئاشخانىسىنىڭ تاماق تىزىملىكىدە كۆپلىگەن تاماقلارنىڭ شۇنداق چىرايلىق ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇلغانلىقىنى بايقاپ رەسىمگە تارتىپ ساقلىۋالغان ئىدىم. سىزگە ئەۋەتىپ بەرسەم بولسا مۇشۇ ئانا تىلىمىزغا يەنە بىر قىتىم ئازراقلا ۋاقتىڭىزنى چىقارغان بولسىڭىز بىزمۇ سىزگە ئەگەشسەك.
    يەنە بىرسى بولسا مۇشۇ بلوگىڭىزغا چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ قويسىڭىز بىزمۇ ھى ھى ھاھا دەپ يۈرمىسەك.
    ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىم تەربىيلەش سىنپىنى قاچان ئاچىسىز؟ مىنىڭ شۇنداق قاتناشقۇم بار ئىدى. تەييارلىقلار پۈتكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:32
    • مەندە 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تائاملار، قۇرۇمىلار،…لار بار ئىدى، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىلچىلار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم، لېكىن ھازىرغىچە جاۋاب يوق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارمۇ شۇنداق قاقشىغان ئىدى، 2-3 كۈندە بىرلىككە كەلتۈرۈپ بېرىمىز دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان ئىدى، ئەمما گەپنى دېيىش ئۇنداق ئاسان بولغان بىلەن قىلماق تەس ئىكەن. ئەۋەتىپ بېرىڭ، بىز پايدىلىنىپ باقايلى.

      تەربىيەلەش كۇرسىنى پات يېقىندا ئېچىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:11
      • يەنە ئالدىنقى قىتىمقىىدەك ئۆز ئالدىڭىزغا تەربىيلەش كۇرۇسى ئاچامسىز ياكى كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىىپ قىلامسىز …

        بولسا تەتىل مەزگىلدە ئاچسىڭىز يەنە قاتنىشىپ ئالدىنقى بىلىملىرىمنى بىر پىششىقلىۋالسام بولاتتى…..

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:31
  • دىتالنىڭ ئىقتىدارلىرى ئەتراپلىق ھەم بەك قولايلىق لايىھىلىنىپتۇ ، كۆرۈنمە يۈزىمۇ شۇنداق ئىسىل چىقىپتۇ ! مۇبارەك بولسۇن ! ئىتتىكراق بازارغا سىلىنىشىغا تىلەكداشمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 07:50
  • چوڭ،كىچىك دەپ ئالماي پۈتۈن،يېرىم دەپ ئالساق قانداق بولار ؟ بۇرۇن بىز ئەسلى تاماق يېگەندە پۈتۈن ياكى يېرىم دەپ بۇيرىتاتتۇق،كېيىنچە خەنزۇچە 大,小دەپ يېزىلىپ ئاندىن بۇ گەپلەر يەنە قايتا تەرجىمە قىلىنىپ چوڭ كىچىك كە ئايلاندى . بەلكىم مېنىڭ دېگىنىم خاتادۇ ، تورداشلار ۋە ئالىمكاملار قانداق قارايدىكىن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز … مۇبارەك بولسۇن …

    مۇئەللىم ئۈستەلنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن يەنە تامام دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

    ئۈستەل سانىنى كىرگۈزگەندىن كىيىنلا ئاپتىماتىك كىيىنكى بەتكە ئۆتۈپ كەتسە بولمامدۇ؟ بۇنداق بولغاندا بىر قىتىملىق مەشخۇلات ئازلايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:34
  • بۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى تەھىرىلەشكە بۇلامدۇ؟ مەسلەن :بىر يەر بىلەن يەنە بىر يەرنىڭ باھا ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىغاچقا ،بەزى قۇشىدىغان ۋە ئېلىۋىتىدىغان ئىشلار چىقىپ قىلىشى مۇقەررەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:27
  • موبارەك بولسۇن.ئانا تىلىمىزدىكى دېتاللارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىكلىشىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز، ئەلۋەتتە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:20
  • مەن 5-ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماقنى بۇيرۇپ بولدۇم، بىراق تاماق چىقشقا يىقىن يەنە بىر خىل تاماقنى يىگۈم كەپكىتىپ شۇنى قېتىپ بۇرىماقچى بولدۇم..شۇ چاغدىمۇ ئەسلىدە يوللاپ بولغان تاماق تىزىملىكىگە كىين قاتقان تاماقنى قاتساق قۇشۇلۇپ چىقامدۇ ياكى ئۇنى يەنە ئايىرىم تىزىملاپ قايتىدىن يوللاشقا توغرا كىلەمدۇ؟…
    قولغا بۇيرۇتقان تاماق تىزملىكىنى بەرسە،تاماقنى پۇشۇرۇپ ئۈستەلگە چىقرىش ۋاقتىنى قۇشۇپ قۇيۇشقا بولامدۇ؟مەسىلەن مانچە مىنۇتتا سىز دىگەن تاماق تەييار بولىدۇ….بۇنداق بولغاندا تاماق ساقلاپ ئولتۇرغان ئادەممۇ ئىڭىكى چۈشۈپ قالغۇچە ساقلىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىغان ئشىمۇ تۈگەيدۇ…ئەلۋەتتە تاماق ۋاقىتىنى ئاشپەز ئۇستاملار بەلگىلەيدۇ…
    مەن دائىم لەغمەن بۇيرۇتسام كۆتكۈچى ئۇستام بىر تەخسە لەخمەننى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە كەلسە ،ماڭا ئەكەلگەن ئوخشايدۇ دەپ تۇرسام يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىپ باشقا ئۈستەلگە قۇيىدۇ..ئۆزۈمچە بىرخىل بولاپ كىتىمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:12
    • ئايرىم تىزىملاپ، قايتا يوللاشقا توغرا كېلىدۇ. سىز دېگەن ئىقتىدارنى قوشۇشقا بولىدۇ، لېكىن ئاشپەزگە بېسىم كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، ناۋادا ۋاقتىدا چىقماي قالسىچۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى am 07:50
  • مەن ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇ كۇرۇستا ئوقۇيالمىغان ئىدىم. يېقىنكى كەلگۈسىدە ياكى 2014-يىلنىڭ ئىچىدە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىروگراممىرلار سىنىپىنى ئېچىش پىلانىڭىز بارمۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە ئازراق ئۇچۇرنى بېرىۋەتسىڭىز كاللامدا سان تۇرغۇزۇپ ، تۇرمۇشىمنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاتا-ئانامنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلغاچ تۇرسام بولاتتى . كىيىن تۇيۇقسىز ئىلانىڭىز چىقىپ قالسا جىددىيلىشىپ قالىدىكەنمەن . ئالدىن خەۋەر تاپقاچ تۇرسام.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:46
    • كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى بىر نەچچە تۈرلۈك سىنىپ ئاچماقچى ئوخشايدۇ. مەن تەپسىلاتىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقاي دەپ، خەت يازغان ئىدىم. ناھايىتى تەپسىلى جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ. جاۋاپتا دىيىلىشىچە، سىنىپ ئىشى بىلەن ۋاقىت سەل سوزۇلۇپ كېتىپتۇ. ھازىر ھەممىسى تەييار بولغان ئوخشايدۇ. بىر نەچچە كۈنگىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى باشلايمىز دەيدۇ.
      ماۋۇ تېمىلاردا تەپسىلاتى ئەسكەرتىلىدىكەن.
      http://bbs.xjcfan.com/thread-3919-1-1.html
      http://bbs.xjcfan.com/thread-3920-1-1.html
      http://bbs.xjcfan.com/thread-3921-1-1.html
      ئالىم مۇئەللىم سىنىپ ئاچسا، شۇنىڭدا ئوقارمىز، ئاچماي قالسا كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىدە ئوقارمىز. ئاڭلىسام كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى بىلەن ئالىم مۇئەللىم خېلى يېقىن ئۆتىدىكەن. ئۇنداق بولغاندىكىن خاتىرجەم ئوقۇساق بولغىدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:32
باھا بېتى: 1 2