Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئالدى بىلەن Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن بەزى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.

http://msdn.microsoft.com/zh-cn/goglobal/bb688177.aspx“

ئەمەلىيەتتە Microsoft شىركىتى Windows نىڭ قانداق ۋە قانچىلىك تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى 10 يىل بۇرۇن ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان ئىدى. Windows نىڭ قانداق يەرلىكلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلار بۇنداق ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ياكى توردىن Windows LIP دەپ ئىزدىسە بۇ يەرنى تاپالايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.

سوئال: Windows LIP دېگەن نېمە؟
جاۋاب: Microsoft Windows تىل ئارا يۈزى بولىقى (LIP) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىم بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»دۇر. ئۇنىڭدا بىر گۇرۇپپا ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (UI) ئېلېمېنتىنى تەرجىمە قىلىنىپ، كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) تېخنىكىسى ئاساسىدىكى تىل بولىقى ئۈستەليۈزى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن يەرلىكلىشىش نىسبىتى %80 دىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

سوئال: تىل بولىقىدا قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ؟ قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدۇ؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان تىل ئارايۈزى ئېلېمېنتى (UI) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدىغانلار باشقۇرۇش قوراللىرى (管理工具)، سىستېما خاتالىق ئۇچۇرى (系统错误消息)، پائالىيەت خاتىرىسى (事件日志)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ياردىمى (ھۆججىتى) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ.

سوئال: تىل بولىقى نەچچە پۇل؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى سېتىلمايدۇ، ئۇنى Microsoft تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.

قىسقىچە خۇلاسە

Windows ئادەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئىسپانچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،…تۈرۈكچە قاتارلىق 30 نەچچە ئاساسىي تىل) پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ يەنى كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) ئاساسىدا تەرجىمە نىسبىتى %100 بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، تېخى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان ئەمما مەلۇم دۆلەتنىڭ تىلى بولغان ئاساسىي تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئۆزبېكچە، قازاقچە (قازاقىستان)، تۈركمەنىستان،…قاتارلىق 70 نەچچە ئادەتتىكى تىللار) تىل بولىقى (LIP) ئاساسىدا %80 تەرجىمە قىلىنىدۇ. بارلىق تىل بولىقى ئوخشاش نىسبەتتە يەرلىكلەشتۈرىلىدۇ.

سوئال: ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى بىرنەچچە مېگابايت، خەنزۇچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى 100 مېگابايتتىن ئاشىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە %10 تەرجىمە قىلىندىمۇ؟
جاۋاب: ئۇنداق ئەمەس، نەدىمۇ LIP ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەرجىمە مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئىش بار. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە،… قاتارلىق تىللار MUI ئاساسىدا %100 تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلارغا بىرنەچچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولىدۇ. خەنزۇچە بىر تال خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭلۇقى 20-30 مېگابايت كېلىدۇ، 3-4 خەت نۇسخىسى قوشۇلسا 100 مېگابايتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى رەسىم، سىنبەلگىلەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ، يەرلىكلەشكەن ئاۋاز ھۆججەتلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇر تىلى ئۆلكە دەرىجىلىك تىل سۈپىتىدە قوشۇلغان بولسىمۇ (دىققەت، ئىلگىرى ئۆلكە دەرىجىلىك تىللارغا تەستىق بەرمەيتتى)، لېكىن ئورگان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تەرجىمە مىقدارى جەھەتتە دۆلەت تىلى بولغان ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە،…دېگەندەك تىللار بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنى LIP ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى ھەم ئۇلاردىن بالدۇر پۈتۈپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. تەرجىمە مىقدارى %80 گە يېتىدۇ. باشقا تىل بولاقلىرىدا خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولسا، سىغىم جەھەتتە ئەلۋەتتە پەرق بولىدۇ.

سوئال: كېيىنچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى %100 تەرجىمە قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئېھتىياجىدىكى تىل ياكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان تىل دەپ بېكىتسە، يەنىلا LIP تىل بولىقى شەكلىدە %80 ئەتراپىدا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما كېيىنكى نەشىرىدە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدىغان تىل قاتارىغا كىردى. بەلكىم يەنە باشقا مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق كېڭىيىدۇ.

بەزىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى قەستەن بىلمەس بولۇۋالغاندەك ياكى باشقا مەقسىتى باردەك بىلىنىۋاتىدۇ، مەندىن يەنە گەپ ئېلىپ يۈرمەڭلار، كېلىشىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېمىنى تەييارلايمەن دەپ 1 سائەت ۋاقتىم كەتتى.

تەرجىمىدە خاتالىق بايقىساڭلار، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ، قىزىل رامكىغا بوياپ، بۇ تەرجىمە مۇنداق بولۇپ قاپتۇ، خاتالىقنىڭ دەرىجىسىنى ئېغىر، نورمال، يېنىك دەپ 3 دەرىجە ئىچىدىن بىرسىنى تاللاپ، كۆرۈلگەن خاتالىقنىڭ سەۋەبى ئاتالغۇ بىردەكسىزلىكى، گىرامماتىكا خاتالىقى،….دېگەندەك ئېنىق سەۋەبىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاندىن ئۆزۈڭلارنىڭ پاكىتلىق، قايىل قىلارلىق پىكىرىڭلار بىلەن مۇنداق تەرجىمە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى دېسەڭلار، تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە تۈزىتىشكە بولىدۇ. لېكىن ھېچقانداق ئېنىق خاتالىقنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇنداق بولۇپتۇ، بۇنداق بولۇپتۇ، مېنىڭچە بولغاندا دەپ پىكىر يازساڭلار، بۇنداق پىكىر نەزەرگە ئېلىنمايدۇ ھەم ئوڭايلا خاتا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. ئىشقىلىپ دەلىلسىز پىكىر قىلماڭلار.

مۇمكىن بولسا ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇۋېلىڭلار، تور بېكەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇرچە سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار، مۇلازىمەت ئورنىغا بىرەر قېرىندىشىمىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
45 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • windows8 نىڭ كۆرۈنمە يۈزنى سولدىن ئوڭغا تەڭشىمەكچى ئىدىم قانداق تەڭشەيمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:30
  • ھەي ئالىپئەۋەر، ھەي ئالىپئەنۋەر(ئالىم مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ يازمىسىنىڭ يېزىلىشىغا ئاساسلىق تۈرتكە بولغان كىشى).
    سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزگە يازغىنىڭىزنى ئۆتكەندە كۆرگەن ئىدىم، ئۇ چاغدا تېلېفوندىلا كۆرگەن ئىدىم، ھازىر بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ يەنە مۇشۇ يازما ئۇچراپ قېلىپ، ئازراق بىر نەرسە يازاي دەپ، تور بېكىتىڭىزگە قانداقلا قىلسام كىرەلمەيۋاتىمەن، مۇشۇ يەرگىلا يازاي.
    ئېسىمدە قېلىشىچە Windows 8 نى يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا، سىز بىلەنمۇ مەلۇم شەكىلدە ئالاقىلاشتۇققۇ دەيمەن، شۇنداق بولغان سىزمۇ ۋاستىلىق(ۋاستىلىك دەپ يېزىلامدۇ يا) قاتناشتىڭىز، 2010-يىلى قۇربان ھېيتتىن ئاۋۋالقى ۋاقىتلاردا، قىلايلىمۇ ياكى قىلمايلىمۇ، سىناپ باقامدۇق بولمىسا دېگەندەك خىياللار بىلەن ئۇرۇنۇپ باققان ئىش ئاخىرقى بولىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن كىرىشىپ كەتكەن بولدۇق، 2011-يىلىنىڭ دەسپلەپكى ئايلىرىدا ئاتالغۇ، ئاي-ناملىرى ھەققىدە قاتتىق تالاش-تارتىشلار بولدى، ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنلىرى ئېچىلدى، شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرىنى كىرگۈزۈپ قويغۇمىز كەلدى، بىراق شۇنى بېكىتىدىغانغا بىر نەچچە كۈن قالغاندا، بۇ ئىشنى دەسلەپ ئومۇملاشتۇرغۇچىلار ئۆزلىرىمۇ پىششىق بىلمەيدىغانلىقىنى، ئېنىق بىر ئۆلچەمنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى، ھەم ئەسلى ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاپ قويغانغىلا بولمايدىكەن، ئۇ ئەسلى 21-مارت كۈنىنى يېڭى يىل كۈنى قىلىپ بېكىتپ باشلايدىغان مىلادىيە كالېندارىدىن پەرقلىق بىر كالېنداردىكى ئايلارنىڭ نامى ئىكەن، شۇڭا بۇنداق ئېنىقسز نەرسىنى Windows قا قوشۇشقا بولمايدىكەن، خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز قېلىپسىز ئىكەن، جېك بۇرۇن دەپ ئۆتكەن «ئۇيغۇرنىڭ نەرسىسى ئۇيغۇرغا چۇشلۇق بولىدىكەن» دېگەن گەپكە ئاجايىپ قايىل بولۇپ كېتىمەن.
    ئاخىر بۇ تۈر پۈتتى، ناھايىتى كۆپ كىشىلەر بەك خۇشال بولدى، تۈرنى توختام بويىچە مەخپىي ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىزدا 2012-يىلى ئانا تىل كۈنى Microsoft شىركىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە تىلنىڭ Windows قا يېڭىدىن قوشۇلغىنىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر تۆتكۆز بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى، 25-ئۆكتەبىر كۈنى 248 يۈەن باھا بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر بەس-بەستە سېتىۋېلىشتى، Windows 8 نىڭ دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىشى ياخشى بولمىدى دېگەندەك باھالارنى تولاراق ئاڭلاپ قالدۇق، بىراق ئەتراپىمىزغا قارىساق، ئۇيغۇرچە تورلارغا قارىساق بۇ گەپكە مېنىڭ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى، شۇنداق قىلىپ كىشىلەر سېتىۋېلىپ تەييار قىلىپ قويۇشتى، كىشىلەر كۈتە-كۈتە 12-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرچە ئارا يۈز تىل بولىقى ئېلان قىلىندى.
    تەرجىمە جەريانى ئاجايىپ بىر جەريان بولدى، ئەڭ ئاۋۋال تەرجىمە ئۇسلۇبىنى بېكىتىپ چىقتۇق، بۇنىڭدا ئوخشاش مەزمۇن ھەرخىل شەكىللەر بىلەن كۆرسىتىلىپ ئەڭ مۇۋاپىقلىرى تاللاپ كۆرسىتىپ، مۇشۇ بويىچە بولىدۇ دەپ بېكىتتۇق، تەرجىمە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغۇچىلار، ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىز ئىختىيارىي ئورۇنلاشتۇرۇپ تاماملايدىغانغا ئەمەس، شەرقى 2-رايون ۋاقتى مۇنچىدە تۈگىتىپ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ھېرىپ قالغاندا ئارام كۆڭۈل خۇشى ئىشلەش دېگەن گەپ مەۋجۇت بولماي قالىدۇ، چوقۇم مۇنچە سائەت ئىچىدە پۈتتۈرۈپ تاماملاش كېرەك، ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئەڭ ئاۋۋال بېكىتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، كېيىن بۇ ي ئاتالغۇنى باشقىچە ئاتاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، مەسىلەن لۇغەتلىرىمىزدە : «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى(United States of America)» بىلەن «ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى(United Arab Emirates)» نىڭ United دېگەن ئەينى بىر سۆز بىرسىدە «قوشما» يەنە بىرسىدە «بىرلەشمە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، (جەنۇبىي كورىيە ۋە شىمالىي كورىيە دېگەن سۆزلەردىمۇ ئوخشاش) بىراق ئۇلار بۇنداق يەرلەردە بىزنىڭ لۇغەتلىرىمىزدەك ھەر خىل ئېلىشىمىزغا يول قويمايدىكەن، بۇلار كىچچىنە بىر مەسىلە، بەزى ئۇچۇرلارنىڭ كەڭلىكىگە چەكلىمە يوق ئىكەن، بەزى ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېكرانغا پاتىمىدى دەپ، قايتا تەرجىمىلەشكە بۇيرۇيدىكەن، تەرجىمە جەريانى بىر ياقتىن كۆرۈپ، بىر ياقتىن قىلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىكەن، قايسى ئۇچۇرنىڭ نەدە چىقىدىغانلىقىنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۈلگە قىلىپ نەچچە ئون پارچە رەسىمنى(مەخپىي تۇتۇش شەرتى ئاستىدا) تەمىنلەيدىكەن، تەرجىمە جەريانىدا كۈندىلىك تاماملانغان تەرجىمىلەرنى قەغەزگە بېسىپ چىققاندا A4 قەغەزدە ئىككى سان ژۇرنالچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق كېلىدۇ، ئاندىن بۇ بېسىپ تۈپلەپ چىققان تەرجىمىلەرنى ئالماشتۇرۇپ تەكرار ئوقۇپ، بولماپتۇ، راۋان چىقماپتۇ دەپ قارىغان جۈملىلەرنى قىزىل سىزىپ ئۆزگەرتىمىز، بۇنى يەنە ئاخىرىدا مالىم كۆرىدۇ، مالىم بىزنىڭ چولتا قىلغانلىرىمىزدىن رازى بولماي، ئۆزى باشتىن ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ، قەغەزدە ئۆزگەرتكىنىمىز بويىچە كومپيۇتېردىكىسىنىمۇ ئۆزگەرتىپ چىقىمىز، ئاندىن ئىملا تەكشۈرىمىز، يەنە باسىمىز، يەنە خاتالىقلار بايقىلىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ۋەزىپە ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن ئاخىرقى چەك توشۇپمۇ قالىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇخلىماي تۇرۇپ، ئىشخانىغا ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى، نان دېگەندەكلەرنى ئەكىرىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئىشلەيمىز، پۇخادىن چىققاندەك بولىمىز، ئەتىسى يەنە يېڭى ۋەزىپىلەر كېلىپ پالاقشىتىۋېتىدۇ، يەنە ئوخشاش يۇسۇندا ئىشلەيمىز، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى يانتېلېفوننىڭ ROM ىنى تەرجىمە قىلغاندەك ئەركىن-ئازادە، ئالدىرىماي ئېلىپ بارىدىغان، ئوخشاش سۆزنى ئوخشىمىغان ئورۇندا ھەر خىل ئالغىلى بولىدىغان، تەرجىمىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ نەتىجىسىنى ئۆزىمىز كۆرۈپ باقالايدىغان ئىش ئەمەس. بۇ توغرىسىدا يازسام ھەقىقەتەن بەك جىق يېزىپ كېتىمەن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:34
باھا بېتى: 1 2 3