Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئالدى بىلەن Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن بەزى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.

http://msdn.microsoft.com/zh-cn/goglobal/bb688177.aspx“

ئەمەلىيەتتە Microsoft شىركىتى Windows نىڭ قانداق ۋە قانچىلىك تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى 10 يىل بۇرۇن ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان ئىدى. Windows نىڭ قانداق يەرلىكلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلار بۇنداق ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ياكى توردىن Windows LIP دەپ ئىزدىسە بۇ يەرنى تاپالايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.

سوئال: Windows LIP دېگەن نېمە؟
جاۋاب: Microsoft Windows تىل ئارا يۈزى بولىقى (LIP) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىم بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»دۇر. ئۇنىڭدا بىر گۇرۇپپا ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (UI) ئېلېمېنتىنى تەرجىمە قىلىنىپ، كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) تېخنىكىسى ئاساسىدىكى تىل بولىقى ئۈستەليۈزى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن يەرلىكلىشىش نىسبىتى %80 دىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

سوئال: تىل بولىقىدا قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ؟ قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدۇ؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان تىل ئارايۈزى ئېلېمېنتى (UI) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدىغانلار باشقۇرۇش قوراللىرى (管理工具)، سىستېما خاتالىق ئۇچۇرى (系统错误消息)، پائالىيەت خاتىرىسى (事件日志)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ياردىمى (ھۆججىتى) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ.

سوئال: تىل بولىقى نەچچە پۇل؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى سېتىلمايدۇ، ئۇنى Microsoft تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.

قىسقىچە خۇلاسە

Windows ئادەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئىسپانچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،…تۈرۈكچە قاتارلىق 30 نەچچە ئاساسىي تىل) پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ يەنى كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) ئاساسىدا تەرجىمە نىسبىتى %100 بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، تېخى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان ئەمما مەلۇم دۆلەتنىڭ تىلى بولغان ئاساسىي تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئۆزبېكچە، قازاقچە (قازاقىستان)، تۈركمەنىستان،…قاتارلىق 70 نەچچە ئادەتتىكى تىللار) تىل بولىقى (LIP) ئاساسىدا %80 تەرجىمە قىلىنىدۇ. بارلىق تىل بولىقى ئوخشاش نىسبەتتە يەرلىكلەشتۈرىلىدۇ.

سوئال: ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى بىرنەچچە مېگابايت، خەنزۇچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى 100 مېگابايتتىن ئاشىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە %10 تەرجىمە قىلىندىمۇ؟
جاۋاب: ئۇنداق ئەمەس، نەدىمۇ LIP ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەرجىمە مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئىش بار. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە،… قاتارلىق تىللار MUI ئاساسىدا %100 تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلارغا بىرنەچچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولىدۇ. خەنزۇچە بىر تال خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭلۇقى 20-30 مېگابايت كېلىدۇ، 3-4 خەت نۇسخىسى قوشۇلسا 100 مېگابايتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى رەسىم، سىنبەلگىلەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ، يەرلىكلەشكەن ئاۋاز ھۆججەتلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇر تىلى ئۆلكە دەرىجىلىك تىل سۈپىتىدە قوشۇلغان بولسىمۇ (دىققەت، ئىلگىرى ئۆلكە دەرىجىلىك تىللارغا تەستىق بەرمەيتتى)، لېكىن ئورگان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تەرجىمە مىقدارى جەھەتتە دۆلەت تىلى بولغان ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە،…دېگەندەك تىللار بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنى LIP ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى ھەم ئۇلاردىن بالدۇر پۈتۈپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. تەرجىمە مىقدارى %80 گە يېتىدۇ. باشقا تىل بولاقلىرىدا خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولسا، سىغىم جەھەتتە ئەلۋەتتە پەرق بولىدۇ.

سوئال: كېيىنچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى %100 تەرجىمە قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئېھتىياجىدىكى تىل ياكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان تىل دەپ بېكىتسە، يەنىلا LIP تىل بولىقى شەكلىدە %80 ئەتراپىدا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما كېيىنكى نەشىرىدە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدىغان تىل قاتارىغا كىردى. بەلكىم يەنە باشقا مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق كېڭىيىدۇ.

بەزىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى قەستەن بىلمەس بولۇۋالغاندەك ياكى باشقا مەقسىتى باردەك بىلىنىۋاتىدۇ، مەندىن يەنە گەپ ئېلىپ يۈرمەڭلار، كېلىشىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېمىنى تەييارلايمەن دەپ 1 سائەت ۋاقتىم كەتتى.

تەرجىمىدە خاتالىق بايقىساڭلار، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ، قىزىل رامكىغا بوياپ، بۇ تەرجىمە مۇنداق بولۇپ قاپتۇ، خاتالىقنىڭ دەرىجىسىنى ئېغىر، نورمال، يېنىك دەپ 3 دەرىجە ئىچىدىن بىرسىنى تاللاپ، كۆرۈلگەن خاتالىقنىڭ سەۋەبى ئاتالغۇ بىردەكسىزلىكى، گىرامماتىكا خاتالىقى،….دېگەندەك ئېنىق سەۋەبىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاندىن ئۆزۈڭلارنىڭ پاكىتلىق، قايىل قىلارلىق پىكىرىڭلار بىلەن مۇنداق تەرجىمە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى دېسەڭلار، تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە تۈزىتىشكە بولىدۇ. لېكىن ھېچقانداق ئېنىق خاتالىقنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇنداق بولۇپتۇ، بۇنداق بولۇپتۇ، مېنىڭچە بولغاندا دەپ پىكىر يازساڭلار، بۇنداق پىكىر نەزەرگە ئېلىنمايدۇ ھەم ئوڭايلا خاتا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. ئىشقىلىپ دەلىلسىز پىكىر قىلماڭلار.

مۇمكىن بولسا ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇۋېلىڭلار، تور بېكەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇرچە سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار، مۇلازىمەت ئورنىغا بىرەر قېرىندىشىمىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
45 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • دىمەك بىز ئىرىشكىنىمىز LIBكەن، MUIنى يەنە ساقلايدىكەنمىز دەيلى؟ بەكرەك كۆزگە كۆرۈنۈپ MUIنى قولغا كەلتۈرۈش مۇھىمكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:20
    • شۇنداق، بىز يەنە نەچچە ھەسسە تىرىشساق، ئاندىن MUI نى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن، مېنىڭچە بۇ مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار. مەسىلەن: ئەگەر نوپۇس بويىچە %10 كىشى سېتىۋالسا (ياكى ئومۇملاشسا)، ئۇلار بىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيدۇ. %10 دېگەن گەپ، 1 مىليون نۇسخا دېگەن گەپ، بۇ 248 مىليون بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى مىللەتلەر بىناسىمۇ 300-400 مىليون يۈەنگە پۈتۈپتىكەن، لېكىن پۈتۈن بىر بىنا قۇرۇق تۇرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:46
  • بۇندىن بۇرۇن skin دېگەن سۆزنى تېرە دەپ ئالغاننى بىرقانچە قېتىم ئۇچراتقان، ئەمما بۇ تەرجىمە پەقەت ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا. سىزنىڭ يازمىڭىزدىمۇ تېرە دەپ تۇرىدۇ.
    skin يۇمشاق دېتالنىڭ سىرتقى قىياپەت كۆرۈنۈشى بولغاندىكىن ئۇنى چاپان دەپ ئۆزلەشتۈرسە بەكرەك چۈشىنىشلىك بۇلامدىكىن دەيمەن. مەسىلەن: تېرىسىنى ئالماشتۇرۇش دېگەندىن چاپىنىنى ئالماشتۇرۇش دېسە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بىلىنىدۇ.
    ئەمدى سىز قانداق قارايسىزكىن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:36
    • ئويلاپ بېقىڭ؟ پەقەت چاپاننى ئالماشتۇرۇپ، ئىشتاننى ئالماشتۇرمىسىڭىز قانداق ئۇيغۇرغا ئوخشايدۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:46
  • تۇنجى قېتىملىق تىل بۇلقىنىڭ مۇنچىلىك سىپتا چىقمىغى ئاسان ئەمەس ، سىزدىن شۇنچىلىك سۇيۇندىم مۇئەللىم ، بىز تۈزگەن ئەپلىرمىزدە مۇشۇ سۇپىنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ھەم تەرجىمە قىلىنىپ بولغان سۆزلەرنى شۇ پېتى ئىشلەتتۇق ، نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقىمىز ئاسانلا ھەل بولدى ، بۇيەردە گەپ تېپۋاتقانلا مىنىڭچە يەنىلا شۇ ئىلگىرى ئاز تۇلا بىر نەرسىلەرنى تۈزۈپ باققان ، بۇ قېتىمقى تەرجىمە بىلەن ئۈزنىڭ يۇمشاق دىتاللىردا ئىشلەتكەن سۆز ئىبارىلىرى ئوخشاش بولمىغانلا (بىر قىسىملىرى ) بۇلىشى ئېنىق ، بالىسى دادىسىغا بېقىنماي ، دادىسىنى بالسىغا بېقىندۇرماقچى بۇلۋاتقانلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ ئۇمۇمى ۋەزيەتنى كۆزدە تۇتشىنى ئۈمىت قىلمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:26
  • ئالىم مۇئەللىم ۋىندوۋىس8 گە ئائىت بۇ تىمىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىزدىن كۆپ ئىشلارنى بىلىۋلدىم لىكىن بىر ئىش،بەزىلەرنىڭ كومپىيۇتېرىدا خەت نۇسخىسى ئۆلچەملىك چىقىپتۇ تىل بولىقىنى قاچىلاش بىلەن بىراقلام ئۆلچەملىك چىقىدىغان قىلغىلى ياكى كىين قاچىلايدىغان بىرەر چارىسى بارمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:04
  • بولدى كۆپچىلىك. ئۇ دوستلىرىمىز ھېسسىياتىغا تايىنىپ بەزى ئىنكاس يازمىلارنى يېزىپ قويۇپتۇ. بەلكىم بىزنىڭ ئىنكاسىمىز بۇلۇپمۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلارمۇ ئىنسان بولغاندىكىن چۈشىنەر ياكى خىجىل بۇلار. ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئەمەسمۇ….

    ئەمدى قاخشىمايلى بەلكى ھازىر ئۇچۇر تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرجىمە خىزمىتى، پروگراممىرلىق خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىگە جەمئىيىتىمىز بەكمۇ مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز ئىزچىل تىل ئۆگىنەيلى ۋە پروگرامما لاھىيىلەشنى ئۆگىنەيلى ئەمدى ئالدىرىمىساق، كېچىكىپ قالىمىز. ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە گەپ – سۆزلەر بولسا، كۆپرەك قىلايلى ! بىلىدىغانلار بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتەيلى ! مۇھىت شەكىللەندۈرەلىسەك قالغان ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ…

    ئالىم مۇئەللىمنى چارچاتمايلى. سالامەت بۇلۇڭ مۇئەللىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:39
  • تورداشلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئايدىڭ بولمىغان بىر قانچە نۇقتا بار ئىكەن،
    1.بەزى دېتاللارنى قوللىماسلىق مەسىلىسى، بۇ ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق مەسىلە
    2.ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تولۇق تەرجىمە قىلىنمىغانلىق مەسىلىسى، بۇ مەسىلە دەرىجە تەرتىپ بىلەن ھەل بولىدۇ، ئۆزبېكچە قانچىلىك تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئۇيغۇرچە شۇنچىلىك بولىدۇ، بۇمۇ ئالىم مۇئەللىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
    3.ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ سۈپىتى مەسىلىسى، بۇ مەسىلە ئىنكاس بولسا پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماۋۇ يەر مۇنداق بولۇپ قاپتۇ، مۇنداق بولسا ياخشى بولاتتى دەپ پىكىر بېرىش بىلەن ھەل بولىدۇ.

    بۇ توغرىسىدا پىتنە ئىغۋا تارقىتىدىغان ھېچ قانداق ئاساسىمىز يوق.

    يەنە شۇ گەپ، ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا سېتىۋالغانلار دىققەت، ھەر بىر ئەمەل نىيەتكە باغلىق، ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقۇڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:59
  • تىل بولىقى توغرىسىدا ھەر قانداق پىكىرلەر بولسا دېيىش توغرا، لېكىن سىز دىگەن تور بەتتە بەزى ئادەملەر خاتا چۈشىنىۋېلىپ ، سېتىۋالغىنىمدىن رازى رازى ئەمەس دىيىشىپ كېتىپتۇ، مەن دەيمەنكى، ۋىندوۋس 8 گە ئۇيغۇرچە قوشۇلمىسىمۇ 248 يۈەن باھادا سېتىۋېلىش كېرەك، ھەم كۈچەپ تەشۋىق قىلىش كېرەك!
    ئەل ئۆمرىمىزدە كومپىيوتېر ئىشلىتىپ شۇ سېستىما ياسىغانلارغا نەپ بەرمەي ئۆتۈپ كەتسەك بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    تىمىغا مۇناسىۋەتىسز سۇئال سۇراپ قالدىم .
    مەن فوتوشۇپ cs6 (كۆزنەك ئەپ)نى سېتىۋالغان ئىدىم ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق لىكىن چۈشۈرلۋاتىدۇ دەپلا ئۇچۇر چىقىپ قاچىلانمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:41
  • باشقا تىللار دېگەن مىكروسوفقا كىرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى . ئۇيغۇرچە كىرگىلى ئۇزۇن بولمىدى ، ئىشلار باش-ئاخىر تەرتىپى بۇيىچە بولمامدۇ ؟؟ بەزىلەر قولىدىن كەلگەن ئىشنىڭ تايىنى يوق دائىملار باشقىلارنىڭكىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىكەن ، بىز ھازىر بار بولغان مۇشۇلارغا ئاۋۋال قانائەت قىلىمىز ، مۇمكىن بۇلىدىغانلا بولسا يەنە داۋاملىق كىڭەيتسەكلا بولىدۇ ئەمەسمۇ ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:25
  • ئالىم مۇئەللىم ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە ئارا يۈز تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا بەكلا تېز ئېلان قىلىندى، ياردەم ھۆججىتىمۇ تەرجىمە قىلىندى دېگەن ۋاقىتتا microsoft نىڭ ئۇيغۇرچىغا خېلى راۋۇرۇس كۈچىگەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم.بەزىلەر خۇددى ئاشۇ يىغىندا باردەك ، بەزى پىكىرلەرنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن قىلىپ قويۇپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:21
  • ئىنتايىن ياخشى تىما بوپتۇ ، قازاق ، ئۆزبىكلەرنىڭمۇ ئاساسىي ئېقىم تىلىغا تەۋە ئەمەسكەنغۇ ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەرجىمە قىلىنغىنىغا خوش بولساق بولدۇ . (نەدەشۇ پوخنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغانلا تاپىدىكەن ئاقماس گەپلىنى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:31
  • دېمىسىمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ خەلىقئارالىق سېستىما بولغان windowsسېستىمىدىن ئورۇن ئېلىشى تارىخى خارەكتىرلىك ئىش.ھەممە ئانا تىل قايغۇسىدا تىپىرلاۋاتقان،ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان موشۇنداق پەيىتتە8 windowsدىن رازى بولماسلىقىمىزغا قىلچىمۇ باھانىمىز يوق.ئەگەرwindows8گەكۆنەلمىگەن بولسا ئۆزى نېمە ئىشلەتسە بولىدىغۇ،تور بەت،مۇنبەرلەردە ئاغرىنىپ جار سېلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟!مېىنڭمۇ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى دېسە.ئالىم مۇئەللىم ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:17
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !

    مۇشۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بەزى دوستلىرىمىز، ئىزدىنىپ، تەپسىلىي پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئاندىن تورغا ئۇچۇر يازماي، كاللامغا كەلدى دەپلا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەيدانى ۋە ئىدىيىسى بۇيىچە بۇ چوڭ دۇنياغا ئۇچۇردىن بىرنى يوللىۋېتىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن تەتۈر پىكىر ئېقىمى ۋە ئېنىقسىز مەسىلىلەر يۈز بېرىپ ناھايىتى تېزلا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

    بىز يۇمشاق دېتال دېگەن ئۇنداق ئوڭاي پۈتىدىغان نەرسە ئەمەس.
    دۇنيادىكى 90% كومپيۇتېرلارغا قاچىلانغان windows8 بۇ قېتىم ئۇيغۇرچىغا قانچىلىك تەسلىكتە ۋە جاپا-مۇشەققەتتە تەرجىمە قىلىنىپ، تىل بولىقى ئېلان قىلىندى. بۇ قانچىمىز بىلىمىز؟

    تىل تەرجىمە قىلىش، بۇلۇپمۇ ئۇچۇر تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرجىمە خىزمىتىنىڭ سالمىقىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى قانچىمىز ئوبدان بىلىمىز زادى؟

    ھەر قانداق ئىش 100% بولمايدۇ. بەلكى تەرتىپ بۇيىچە مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ. ئەگەر سىز يۇمشاق دېتالدىن بىرنى بىر قېتىمدىلا 100% پۈتتۈرۋېتەلىسىڭىز قېنى ئېلان قىلىڭ !؟
    ئەمما بىزنىڭ ئارىمىزدا ھازىر 100% ئەمەس، ئۆزى بىر يۇمشاق دېتالنى بىر قېتىمدىلا لاھىيىلەپ 30-40% سۈپەتتە تاماملايدىغان خادىملىرىمىزمۇ يوق دېيەرلىك.

    ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ نەرى بولمايدۇ؟ بەلكى سىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سولدىن مەشغۇلات قىلىپ قولىڭىز ۋە ئېڭىڭىز شۇ سولچە بۇلۇپ قالغاچقا كۆنەلمەيۋاتقان گەپ، پەقەت قولىڭىزنى مائوس تۇتقاندا ئوڭغا كۆندۈرسىڭىز، كۆزىڭىزنى ئېكران كۆرگەندە ئوڭغا كۆندۈرسىڭىزلا ئېڭىڭىزمۇ بىراقلا ئوڭغا كۆنۈپ ماڭىدۇ.

    قېرىنداشلار تەۋسىيىرىم شۇكى بۇ تور دۇنياسىدا مەلۇماتسىز ھالەتتە ھسېسسىياتىمىزغا تايىنىپ، يازما ئېلان قىلمايلى !

    كەچۈرۈڭ مۇئەللىم كۆپ سۆزلەپ قويدۇم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:29
  • بۇرۇن نىمىشقا تولۇق يەرلىكلەشتۇرۇلمىگەندۇ،ياكى تەرجىمە قىلىپ بولالماي ۋاختىنچە مۇشۇنى ئىلان قلغاچ تۇغانمىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەمدى چۇشەندىم،جاپا چەكتىڭلار،ئەڭ ئاخىردا سىز دىگەن ئىشنى قىلىپ باقساق بولغۇدەك،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:20
  • ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم ، سىزمۇ http://alip.biz/thread-8841-1-1.html ماۋۇ تېمىنى كۆردىڭىزمۇ نېمە؟ ئالىپ تورىدا چۈشەندۈرۈپ بولالماي ھېرىپ كەتكەنتىم . ئەجەپمۇ ياخشى بوپتۇ. نۇرغۇن تورداشلار مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىدى.

    مۇئەللىم بىر سوئالىم بار ئىدى.
    windows phone8نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقامدۇ؟ ھازىر كالىندار ۋە باشقا چېسلا ئۇچۇرلىرى ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىكەن. يانفۇنغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقۇ كەتمەيدىكەن ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈچ بولمىغانلىقتىن توردا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەش ياكى باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە ئەپلىك ئەمەسكەن.
    قايسى كۈنى بىرتورداش سورىغان سوئالغا تەرجىمە ئۇسلۇب يېتەكچىسى تاماملانغان دەپتىكەنسىز، قاچانلاردا تىل بولىقى ئېلان قىلىنار؟ ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسڭىز مۇشۇ ھەقتە بىر ئۇچۇر بىرۋەتسىڭىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:46
    • شۇنداق، بىرسى ماڭا ئۇ ئۇلانمىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۇ تېمىنى كۆرۈپ بولۇپلا، بۇ تېمىنى يازدىم.
      كەچۈرۈڭلار، كېلىشىم سەۋەبلىك ئاشكارلاشقا بولمايدىغان ئىشلارنى دېسەم بولمايدۇ. سەۋەبى ئىككى تەرەپ كېلىشىم (ئەھدە) تۈزسە، ئارىسىدا كىم گۇۋاھچى بولىمەن دېگەن ئىدى؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:51
      • تۈزسە، ئارىسىدا كىم گۇۋاھچى بولىمەن دېگەن ئىدى؟
        ————–
        ئەلبەتتە بۈيۈك ئاللاھ گۇۋاچى بولۇدۇ!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:13
    • wp8 تىلفۇنغا كۈمۈش كىرگۈزگۈچىسى بار ئىكەن ، Uyghur دەپ كىرگۈزسىڭىز تاپالايدۇ ، ھەقلىقكەن ، 6 سوم ، لىكىن ئەرزىيدۇ ، لىكىن كۈمۈش كىرگۈزگۈچنى مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:24
باھا بېتى: 1 2 3