نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:

ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى تېخى چۈشۈمدە ئېنىق كۆرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئەمدى بەزى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە بۇ يەردە رەسمىي ئاشكارىلاشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىنى قايتا تەكشۈرۈش، رەسمىي ئېلان قىلىشقا ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدىم، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىياللارنى پىدا كىتابخانىسىدىكى (ئۇيغۇرسوفتنىڭ سابىق خىزمەتچىسى) مۇھەممەد توختى ۋە جىڭ ناھىيەسىدىكى ئوسمان (ئىزدىنىشتىكى ئۆردەك) ئاكاممۇ كۆرۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك بۇ خىزمەتكە 2 يىل 1 ھەپتە ۋاقىت كېتىپتۇ. مېنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تۆھپىسىدۇر.

بايا يەنە ئاكامدىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننى، ئارقىدىنلا Microsoft تتىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننىمۇ قوبۇل قىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلەر بولۇپ، Microsoft نىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى قاتلام خادىمنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىش پۈتۈنلەي Microsoft تەلەپ قىلغان سۈپەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا Windows 8 نىڭ سېتىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەنە نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە يىغىن بار ئىكەن. ۋاقتىم چىقسىلا، بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە يېزىشقا تىرىشىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
187 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 8 9 10
  • بۇلارنى كۆرۈپ بەك بەك خۇش بوپ كېتىۋاتىمەن ، ئالىم مۇئەللىم ياشاپ كېتىڭ،بارلىق خزمەتداشلار ياشاپ كېتىڭلار،سىلەرنى قوللايمىز، بىزدەك يېڭى
    نوتىلارغا تولىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردىڭلار،رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:24
  • uyghur_font_for_windows 8مۇشۇنى ئشلەتسىڭز خەتلە نۇرمال كۈرنىدۇ.گوگىلىدىن ئىزدەڭ…uyghur_font_for_windows 8ئادىرىس مۇشۇ…چۇكۇم ۋىندوۋىستىكى .فونت .ھۆجتىگە كىرگۇزۇڭ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:08
  • ياخشىىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:59
  • ئالىم مۇئەللىم،Windows 8نىڭ ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:53
  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ياشىسۇن ئۇيغۇر تىلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 17:50
  • ئەسسالام ئالىمجان مۇئەللىم مەن ۋېندوۋېس 8 سېستىمىلق نوكىيا920يان تېلفۇنىنى سېتىۋالغان . بۇنى ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق يانفۇن قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولار مۇ؟ ئىزدىنىپ باقساق.ماڭاياردەم قىلسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:21
  • ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
    ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ۋە ئەجىر بەرگەي …
    بەكمۇ سۈيۈندۈم …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 19:00
  • رەخمەت سىز لەرگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:26
باھا بېتى: 1 8 9 10