نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:

ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى تېخى چۈشۈمدە ئېنىق كۆرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئەمدى بەزى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە بۇ يەردە رەسمىي ئاشكارىلاشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىنى قايتا تەكشۈرۈش، رەسمىي ئېلان قىلىشقا ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدىم، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىياللارنى پىدا كىتابخانىسىدىكى (ئۇيغۇرسوفتنىڭ سابىق خىزمەتچىسى) مۇھەممەد توختى ۋە جىڭ ناھىيەسىدىكى ئوسمان (ئىزدىنىشتىكى ئۆردەك) ئاكاممۇ كۆرۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك بۇ خىزمەتكە 2 يىل 1 ھەپتە ۋاقىت كېتىپتۇ. مېنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تۆھپىسىدۇر.

بايا يەنە ئاكامدىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننى، ئارقىدىنلا Microsoft تتىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننىمۇ قوبۇل قىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلەر بولۇپ، Microsoft نىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى قاتلام خادىمنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىش پۈتۈنلەي Microsoft تەلەپ قىلغان سۈپەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا Windows 8 نىڭ سېتىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەنە نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە يىغىن بار ئىكەن. ۋاقتىم چىقسىلا، بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە يېزىشقا تىرىشىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
187 پارچە باھا يېزىلدى
  • بەك ياخشى بۇلۇپتۇ، مەن بەك سۈيۈنۈپ كەتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 17:47
  • مۇبارەك بولسۇن.ئۈن -تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقانلارنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن.!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:17
  • مەن خەنزۇچە نەشىردىكى windows8 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان؛ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاي دىسەم، قاچىلىنىدىغان ئورۇندا كۆرۈنمىدى. تەپسىلاتىنى ماۋۇ يەرگە ئىنكاس قىلغان ئىدىم. دوستلار كۆرۈپ باقارسىلەر:
    http://www.nurqut.com/ud/thread-13937-1-1.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:21
  • ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق ئش بوپتۇ ئالىم ئەھەتنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىگە رەھمەت!
    مەنمۇ بىر نۇسخا سېتىۋالدىم. رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 23:51
  • ئالىم مۇئەللىم، ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋەرمەي يۇرتلارغىمۇ كېلىپ تۇرۇڭ. قانۇنسىز ئوۋلانمىغان توشقان گۆشى بىلەن بىر مېھمان قىلىۋېتەي، ماشىنىڭىزنى ھەيدەپلا كېلىڭا بىر، ساقچى توسۇۋالسا جەرىمانىسىنى ئۆزەم تۆلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:22
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوغلانلار. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم..كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك قۇرۇق رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ تۇراي… مەن بىر يىلدىن بېرى win7 نىڭ يىشىۋېتىلگەن ھەقسىز نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم..ھەم ناھايتى كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم بۇ سېستىمىغا .شۇڭا داۋاملىق مۇشۇ سېستىمىنى ئىشلىتىۋىرىشنى ئويلاشقان ئىدىم.. ئەمما بۇ خوش خەۋەرنى كۆرۈپ ئۇ نىيىتىمدىن يېنىۋالدىم. بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلىپ…
    ئەمدى يەنە win8 گە كۆچمەسلىككە ھىچقانداق باھانەم قالماپتۇ..بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە win8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىمەن….ياشاپ كەت ئۇيغۇرۇم….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:06
  • ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم
    بىر ئىش بارتى،سىز مائارىپ نازارىتى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە بىر نەچچە يۈرۈشتىن ۋىن 8 دىسكىسىنى سېتىپ بېرىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بوپتىكەن،يەنە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، ۋە كەسپى ئورۇن – ئىدارىلەرمۇ بار!
    مۇشۇ ئىشنى تونۇشلار ئارقىلىق ، مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىڭىز بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:11
  • مەن ئىدارەمدىكى خىزمەتدىشمىغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدىم . ئۇمۇ ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولدى. ئىشقىلىپ ئاناتىل يېزىقىنى سۆيگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:05
  • مەن روھلان تور بېكىتىدىن چۈشۈگەن 系统字体修改دېگەن دېتال ياردىمىدە ئۇستەليۈزى خەت نۇسخىسىنى ukij تۈز توم خەت نۇسخىسىغا تەڭشىگەنتىم، شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتتى، خالىغانلار سىناپ بېقىڭلار، باشقىلارغا ماس كېلەمدۇ يوق بىلمەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:53
  • مەنمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن، ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىرىڭلاردا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:43
  • خەۋەرنى كۆردۇم…ئۆزەم خېلى چىڭ بالا ئىدىم ،بىلمىدىم كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى….قارىغاندا پاشا كىركەتكەن ئوخشايدۇ…
    مۇشۇنداق پاشىلار بولسا داۋاملىق كىرىپ تۇرسا كۆز دىگەنگە ..ياش چىقىۋىرىپ قارىغۇ بولۇپ قالساممۇ مەيلىتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:12
    • قىزىق گەپ بولدى دە بۇ…
      بۇ دېگەن غىڭىلداپ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان پاشى چىقارغان ياش ئەمەس، بەلكى يۈرەكنىڭ يېغى….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:54
  • مەنمۇقاچىلىدىم مانا ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدىكەن ئادەمنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:44
  • سسىلەگە رەخمەت، Windows 8ننڭ ئۇيغۇر چىسىنى نەدىن سىتىۋىۋالدىغاندۇ، ستىۋالمايسىز ھەقسىز چۈشۈرسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:29
  • ۋاڭبادىن چۈشۈرسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:27
  • چاقچاق قىلماڭلار دەيمەن! ،،ماۋۇ بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولۇپ قالىدۇ كەلگۈسىدە،،خاسىيەتلىك كۈن بولدىغۇ بۈگۈن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:05