Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى تېخى چۈشۈمدە ئېنىق كۆرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئەمدى بەزى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە بۇ يەردە رەسمىي ئاشكارىلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىنى قايتا تەكشۈرۈش، رەسمىي ئېلان قىلىشقا ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدىم، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىياللارنى پىدا كىتابخانىسىدىكى (ئۇيغۇرسوفتنىڭ سابىق خىزمەتچىسى) مۇھەممەد توختى ۋە جىڭ ناھىيەسىدىكى ئوسمان (ئىزدىنىشتىكى ئۆردەك) ئاكاممۇ كۆرۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك بۇ خىزمەتكە 2 يىل 1 ھەپتە ۋاقىت كېتىپتۇ. مېنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تۆھپىسىدۇر.
بايا يەنە ئاكامدىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننى، ئارقىدىنلا Microsoft تتىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننىمۇ قوبۇل قىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلەر بولۇپ، Microsoft نىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى قاتلام خادىمنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىش پۈتۈنلەي Microsoft تەلەپ قىلغان سۈپەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا Windows 8 نىڭ سېتىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەنە نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە يىغىن بار ئىكەن. ۋاقتىم چىقسىلا، بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە يېزىشقا تىرىشىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 36,180 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:39
- ئالدىنقى يازما :قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
- كېيىنكى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
مەن ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىگەبىرىپ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى تارقىتىپتۇ دىسەم ھەۋەسكارلارنىڭ دىگەن ئىدى تىل تاللاش رايۇنىدىن چۈشەردىم دىدىم
ۋاي نېمە دەۋاتىسىز ئاداش… تاقا – تۇقا يۇمۇرمىيا بۇ…
بەك ياخشى بوپتۇ،ئالىمكا، مەن Windows 8نىڭ ھەقسىز نۇسقىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان،ھەقسىز نۇسقىسىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاتقىلى بۇلامدۇ؟
قېتىپ باقمامسىز…
ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن كۈچلەر 2 يىل 1 ھەپتە قان – تەر تۆكۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىنى ياراتتى. سىز يەنە ئالىم مۇئەللىمدىن ھەقسىز تاراق تۇرۇق دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقا يۈزىڭىز قىزارمىدىمۇ…
بولىدۇ، لېكىن ئاكتىپلاڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئاۋارە قىلىدۇ.
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ياشىسۇن ئۇيغۇر تىلى ھاھاھاھاھاھاھھاھاھھاھ
ئەسسىلاممۇ ئەيكۇم مۇئەلىلىم ئەجىرىڭىزگە مىڭ رەخمەت ھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھساھ
مۇبارەك!
ئاخىرى كۈتكەن كۈنلەر كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
رەھمەت ئالىم مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز.
ئالامەت كاتتا ئىش بولدى بۇ. مەنمۇ ئىزدىنىش، بىلىك، قۇتيارلاردا تەشۋىقنى باشلاپ كەتتىم. بۈگۈنمۇ 8 نى سېتىۋالىمىز دېگەنلەرگە ئېلىشىپ بېرىۋاتىمەن. بولسا ھەممىمىز كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ 8 نىڭ سېتىلىشىنى كۈچەيتەيلى باللا. ئالىم مۇئەللىمىنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ھاردۇق چىقىسۇن.
رەھمەت سىزگە، يۈسۈپچان.
ئىنتايىن خۇش بولدۇم ، ياشاپ كېتىڭلار ئۇيغۇرتىلى ئۈچۈن كۈچ قوشقانلار !!!
ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈردىڭىز.
بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئالىم مۇئەللىمگە ۋە مىكروسوفىتتىكى بارلىق ئويغۇرنى قوللىغان خادىملارغا كۆپ رەھمەت ! بىز خەلق ئەزەلدىن يېڭىلىققا ئىنتىلىمىز. شۇڭا كۆزنەك سەككىزنىڭ شىنجاڭدا سېتىلىشىمۇ چۇقۇم ياخشى بۇلىدۇ!! ياشاپ كىتىڭ قېرىندىشىم ئالىم مۇئەللىم (كۆزگە ياش ئالغان چىراي ئىپادىسى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇخۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك خوش بوۋاتىمەن . بىر سوئالىم باتى سورىۋالسام ، Windows 8نى سېتىۋېلىپ ھازىرقى كومپىيوتىرىمغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن كومىيوتىر ئالماشتۇرۇپ قالسام يېڭى كومپىيوتىرغىمۇ قاچىلىغى بولامدىغاندۇ؟
مۇناسىۋەتلىك تېمىغا قاراڭ… دەپ بولغان گەپنى سورالىۋەرمەي…
ئالىمجان،ئەمىسە تىل بولىقىنى نەدىن چۇشۇرىمەن،ئادرىسىنى يوللاپ بېرىڭ، سىز ئارقىلىق win8 نى سېتىۋىلىپ كىلىپلا كومپۇتىرىمغا مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلىيالىدىم،پەقەت ئاۋاز يوق چىقىپ قالدى، توردىن ماس ئاۋاز قۇرالىنى تېپىپ قاچىلسام نورماللاشتى،قاچىلاش جەريانىدا winxp نىڭ ھۇججەتلىرىمۇ بىر ھۇججەت قىسقۇچىغا ژىغىپ قويۇلۇپتىكەن، ئۇنىمۇ ئۇچۇرۇۋەتتىم، ھازىرچە بۇرۇن ئىشلىتىپ كەلگەن دېتاللىرىمنىڭ ھەممىسىنى تونىدى، ئەندى مەسىلە شۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاشتا قالدى.
ئوسمان ئاكا سىز بۇ ئىشنى 12 بۇرۇن ئېسىمگە سالغان ئىدىڭىز، ئالدىنقى جۈمە كۈنى سىزگە Windows 8 نى ئېلىپ بەرگەن كۈنى مۇھەممەد توختى بىلەن يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىيال يەنى «Windows 8 تىل بولىقىدا بايقالغان مەسىلىلەر»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆرۈپ بەرگەن ئىدىڭىز، سىزگە رەھمەت! مەن تىل بولىقى ھەققىدە ئايرىم تېما يازىمەن. خەتلەر ئۇچۇرلار توختىماي كېلىۋاتىدۇ.
ئالىمكا، مۇمكىن بولسا Windows 8 نىڭ ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى ئىشلەشكە قاتناشقان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ ئىسمى، قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى قالدۇرۇپ قويغىلى بولارمۇ؟ تۆھپىكارلىرىمىزنى بەكمۇ تونىۋالغىم بار ئىدى. مېنىڭچە باشقىلارمۇ ئارزۇ قىلىدىغۇ دەيمەن.
پەچەت ئىش بولدى
كىرىسلودا تازا بىر ئولتۇراي! ياشاپ كىتىڭ ئالىم مۇئەللىم!
خۇشاللىق ئىشلار ئۈزۈلمىگۈسى……
ئالىمكا، مەن قەشقەر پوسكامدىن، راست گەپنى قىلسام مەن ئىلگىرى ھەقىقىي نەشىردىكى نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان. Windows 8 كە قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن Windows 8 نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەي دېگەنتىم. مەندە سودا-سانائەتنىڭ تور كەسپى ئوچۇق كارتىسى بار. قانداق سېتىۋېلىشنى تازا بىلەلمەيۋاتىمەن. يەنە بىر سۇئالنى سوراپ باقسام Windows 8 نىڭ كومپىيوتىر قاتتىق دىتالىغا ئۆلچىمى بارمۇ؟ مەن توردىن ھەقسىزىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنتىم. كومپىيوتىرىمدا نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ؟ زىيادە بەك قىتىۋالدى. بىر ياردەم قىلسىڭىز؟؟؟ كوت-كوت نۇمۇرۇم:1506824693 رەھمەت!
مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن!!!
ئۇيغۇرچىسىنىڭ چىقىشىغا تۇرتكە بولغان ۋە ئىشلىگەنلەرگە ئورنىمىز نامىدىن رەھمەت ئىيتىمەن.
مانا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، باشقىچە ھاياجان، باشقىچە ھۇزۇر ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن. ھى.. ھى .. ھى ..
سىز بىلەن ئالاقىلاشسام بولاتتى ، مەنمۇ خوتەندىن كومپىيۇتىر سىتىۋالاتتىم ، چ چ : 780692919
ئەگەر خوتەندىن سىتىۋالالمىغانلار (باشقا يەر بولسىمۇ) بىز بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ چ چ : 495164424 ، 13579695575
لېكىن ھەرگىز قىممەت ساتماڭ، بۇ سىستېما ئومۇملاشسۇن، ئەجرىڭىزنى چوقۇم باشقا يەردىن بېرىدۇ.