6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇ ھەققىدە پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بولدى، بۇ قېتىم تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشماقچى ئىدىم دېمەستىن، گەپنى ئۇدۇل ئېيتاي، بەرىبىر بۇ گەپكە ھازىر ئىشەنمەيسىلەر. تۆۋەندە 6 مۇھىم ئەپنىڭ نامى بېرىلدى، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئەپلەرنى نۇرغۇن جايلاردا ئۇچرىتىپ قالىسىز، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ تەرجىمىسى بولۇپتىمۇ؟ ئىلگىرى كۆپ ئىشلىتىپ باقمىغان 3-، 4- ۋە 5-ئەپنىڭ يەشمىسىنى مۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. ئوخشىمايدىغان پىكىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت قىلىڭ. ئەتە-ئۆگۈن ئىش پۈتكەندە مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ دېسىڭىز، ئۈلگۈرمەي قالىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار تېخى باشقا (خەنزۇچە، تۈرۈكچە، ئۆزبېكچە،…) تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىدى، شۇڭا ھېچقانداق قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق. تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:00 گىچە.

1. Alarm
تەكلىپ: قوڭغۇراق

2. Calculator
تەكلىپ: ھېسابلىغۇچ

3. Files
تەكلىپ: ھۆججەت
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ھۆججەتلىرىنى يەرلىك دىسكا ياكى SkyDrive دا باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ئەپنىڭ نامى.

4. Movie Moments
تەكلىپ: كىنو كۆرۈنۈشلىرى
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەر قىسقا فىلىملەرنى قۇرۇپ ياكى تەھرىرلەپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرلايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا فىلىم تەھرىرلەش ئەپىدۇر.

5. Scan
تەكلىپ: سايىلەش
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنىگە ئۇلانغان سايىلىگۈچ ئارقىلىق سۈرەت ۋە ھۆججەتلەرنى سايىلىيەلەيدۇ ھەم ئۇنى رەسىم ھۆججىتىگە ساقلاپ قويالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا سايىلەش ئەپىدۇر.

6. Sound Recorder
تەكلىپ: ئۈنئالغۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ھە !ئالىم مۇئەلىم ياخشى ئويلاپسىز ئويلىغىنڭزنى بىزلەرگە مەسلىھەت بىرپسىز مەن تولمۇ خۇرسەن بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 08:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم : كىملىكى يۈتۈپ كەتكەن قىرىنداشلار دىققەت
    1- خوتەن دىن : ئارزىگۈل ئوسمان ، 2- كۇچا دىن: مھىرىگۈل ھەسەن ، 3- نىيە دىن : گۈلبارخان باۋدۇن، 4- جىڭ دىن : خالىق ئەخمەت ،5- چىرا دىن : مەتتارى ئابدۇللا ، 6- ئۈرۈمچى دىن : ھەسەن توختى، 7- قومۇل دىن : ناسىر نىياز ،8- غولجا دىن نۇرنىسا نۇراخۇن ، 9- ئۈرۈمچى دىن : ئابدۇللا تايىر ، 10- كۇچا دىن : تۇختى ئالاۋۇش ، 11- خوتەن دىن : تۇرسۇن تۇختى تۇرسۇنمەمەت ، 12- يىڭى شەھەردىن : سەمەت ئابدۇكىرىم ، 13- يەكەن دىن : مەمەت يۈسۈپ ، 14- قارىقاش دىن : مەمەتتۇرسۇن مەمتىمىن ، 15- پىچان دىن : ھاشىم يۈسۈپ ،16- توقسۇن دىن : ئالىمجان پەرھات ، 17- ئاقسۇ دىن : ئەمەت ئاۋۇت ، 18 – قەشقەردىن : رۇستەمجان سامساق ، 19 – كۇچا دىن ھىبىبۇللا مامۇت ، 20 – ئۈرۈمچى دىن : سابۇرجان ئوبۇل ، 21- يىڭىسار دىن : مەمەتىمىن يۈسۈپ ،22- ئۈرۈمچى دىن : قوربان ياسىن ، 23- شايا دىن : ياسىن مەمەت ، 24 – ئاتۇش دىن : سەلەيجان تۇرسۇن ، 25 – مەكىت دىن : داۋۇت ئىمن ،26 – چاپچال دىن : جەۋلان ئەرمىيە …قارارلىق قىرىنداشلار كىملىكىڭىزنى تىزىراق تاپشۇرۇپ ئىلىۋىلىڭ : ئورنى ئۈرۈمچى شەھەر پويىز ئىستانسى يەرلىك ساقچى ئىدارىسى : [ ئەمگەك كۈچىلىرى ئىشلەمچى يىگىتلەر بازىرى دوقمۇشتىكى قاراۋۇلخانىسىدا ] ئالاقە نومۇرى : 18999919364 كىملىكىڭىزنى ئالغىلى بارغاندا نوپوس دەپتىرىڭىزنىڭ كۆپەيتمە نوسخسىنى بىرگە ئىلىپ بىرىڭ… ئالاھىدە تەۋسىيە : تونۇش بىلىش دوس قىرىنداشلار چ چ ۋە ئۈندىدار تور بەتلەر ئارقىلىڭ تارقىتىپ قويۇڭلار …بۇ ئوچۇرنى يىغىپ تەمىنلەپ تارقاتقۇچى ئورۇن ‹‹ ئىمىن روسيە خەلقىم رازى سۈۋەرەك دورا شىركىتىگە ›› ئالاھىدە رەخمەت ئىيتمىز 13999950943

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:39
  • مېنىڭچە ئەمدى مىنۇت دېگەن ئاتالغۇنى دەقىقە دېيىشكە بولمايدۇ. بىز بىر ئاتالغۇنىڭ خەلق ئارىسىدا قانچىلىك ئومۇملاشقانلىقىغا ۋە ئىلمىلىكىگە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن ئاتالغۇ بېكىتسەك بۇلامىكى…
    مىنۇت دېگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان ئۇيغۇر خەلقىدە ئومۇملۇشۇپ بولدى. ئەمدى ئۇنى بۇرۇنقى بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسەن مىنۇتنى دەقىقە دېسەك بۇلىدۇ دېسە، ئۇنداقتا دەقىقىنى نېمە دەيمىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:02
  • كېچىكىپ بولسىمۇ، ئىنكاس يېزىپ قوياي.
    ئاتالغۇلار ئاساسەن جايغا چۈشۈپتۇ. قارىسام Movie Moments غا پىكىرلەر كۆپرەك چۈشۈپتۇ.
    كىنو كۆرۈنۈشلىرى، كىنو ئۈزۈندىلىرى، كىنو دەقىقىلىرى دېگەندەك پىكىرلەر چۈشۈپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىلغا ئاسان چۈشىدىغان قىسقىراق بىرسىنى ئالسىلا بولدۇ.
    «دەقىقە» سۆزى 500 ئاۋۋالقى تۈركلەردە «مىنۇت» مەنىسىنى بېرىدىكەن. بۈگۈن ئەتىگەن «بابۇرنامە»دە دەل شۇ يەرنى ئوقۇدۇم. تۈركلەر 1 كېچە – كۈندۈزنى 24 سائەتكە بۆلىدىكەن، ھەر بۆلەكنى سائەت دەپ ئاتايدىكەن، ھەر سائەت 60 دەقىقىدىن تەركىپ تاپىدىكەن. بىر دەقىقە ئىچىدە سۈرە فاتىھەنى بىسمىللاھى بىلەن قوشۇپ 6 قېتىم ئوقۇغۇلى بولىدىكەن. مەن بىسمىللاھنى قوشۇپ ئوقۇپ باقتىم، قىزىق ئىشكى، بىر مىنۇت دەلمۇ- دەل 6 قېتىم ئوقۇدۇم. بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما دېگەن تەمسىل بويىچە، بۇ قۇرلارنى يېزىپ قويدۇم.
    دېمەك «مىنۇت»نى «دەقىقە» دەپ ئېلىش قەتئىي خاتا ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:56
    • «دەقىقە» سۆزى تۈركچىدە ھېلىھەم «مىنۇت» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بىز «دەقىقە» نى «سىكۇنت» تىنمۇ قىسقا بولغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنداق قىلساق كاللىمىزدا بۇرۇن ئورنىغان ئۇقۇملار بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ.
      تۈركلىكىمىز تۇتۇپ كەتكەن بىلەن نۇرغۇن سۆزلۈكلىرىمىز، جۈملىدە سۆزلەرنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمىز خېلى روشەن پەرقلىنىدىكەن.
      مەسىلەن:
      ئۇيغۇرچە-تۈركچە
      كارىۋات-ياتاق
      ياتاق-ئودا
      ئۆلكە-دۆلەت
      يۇرت-مەملىكەت
      ئوقۇغۇچىلار ياتىقى-يۇرت
      تارتماق-چەكمەك
      پۇت-ئاياغ
      ئاياغ(كەش)-ئاياغ قېپى
      چىراغ-ئىشىك
      ئاستا-ياۋاش
      ئاڭلىماق(ئانلاماق)-دىنلەمەك(تىڭلىماق)
      چۈشەنمەك-ئانلاماق(ئاڭلىماق)

      تۈركچىدە يەنە تېخى،
      پروبلەم(مەسىلە) بارمۇ؟
      پاردون(ئۆتۈۋالاي)
      ئەفەندىم(ئاڭلىماي قالدىم ياكى تېلېفوننى ئېلىپلا ئالو دېگەننىڭ ئورنىدا)
      … دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى بار بولۇپ، بۇلارنى بىزنىڭ قوبۇل قىلمىقىمىز بىر ئاز تەس(شەخسەن مەن قوبۇل قىلمايمەن)
      ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوكيان خەۋەرلىرىنىڭ جانپولات تەرجىمە قىلغانلىرىنى ھەم TRT (يېقىندىن بۇيان تەھىرلەرنىڭ ساپاسى سەل ئۆسكەندەك قىلىدۇ) نىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنى كۆرگىنىمىزدە، كۆرۈۋاتقىنىمىز ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن، مۇرەككەپ جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى چۈشىنىشىمىز تەسرەك بولىدۇ.
      شۇڭا تۈركچىدىن پايدىلانغاندا ھېسسىياتچان بولۇپ كەتمەي، ئىككى تىل ئارىسىدىكى پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىپراق ئىش تۇتساق، تىلىمىزغا چەتئەلچىدىن كىرگەن بولسىمۇ بىراق ئومۇملىشىپ بولغان، ئىملاسىدا ئوڭاي مەسىلە كۆرۈلىدىغان سۆز بولمىسا، كۆنگىنىمىز بويىچە ئېلىۋەرسەك خاتا بولماسمىكىن.
      يەنە بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى، «ئادىل ئەكرەمنى چاقىردى» دېگەن جۈملىنى
      1. ئادىل بولسا ئەكرەمنى چاقىردى.
      2. ئۇ كىشى ئادىل ئەكرەمنى چاقىردى
      دەپمۇ چۈشىنىپ قېلىپ قايمۇقۇۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى am 02:32
      • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ پىكىرنىڭ ۋاقتى خېلى بۇرۇنكەن. ھازىر بولسىمۇ كوتولداپ باقاي. ئادىل ئەكرەمنى چاقىردى دېگەن جۈملە ئالاھىدە تىل شارائىتىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئادىل دېگەن سۆز ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن دەپ قارايمىز. ئەگەر بۇ جۈملە كىمنى چاقىردى دېگەنگە ئوخشاش ئىگىسىنى ئېيتمىسىمۇ بولىدىغان شارائىتتا بولسا ئاندىن 2- خىلدا چۈشەنسەك بولىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:49
    • 500 يىل بۇرۇنقى تۈركلەر ئىشلىتىدىغان مەھسۇلات ئىشلەنسە شۇنداق ئالسا بولغۇدەك، ياكى 500 يىل بۇرۇنقى تۈرۈكلەر تەسۋىرلەنگەن كىنو-تېلېۋىزىيەنى تەرجىمە قىلغاندا شۇنداق ئىشلەتسە بولغۇدەك، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە مەھسۇلات ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن بولمىغۇدەك، باشقىلارنىڭ تىلىنى دەپ ئۆز تىلىنى ئۆزگەرتىش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ باشقىلارمۇ ئۆز تىلىنى ئەرەب تىلىدىن چەتنىتىپ، ئىنگلىز تىلىدىن سۆزنى كەلكۈندەك قوبۇل قىلغان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:58
  • files مەن مۇشۇنى ھەرگىز «ھۆججەت»نىڭ كۆپلىك مەنىسى ئىپادىلەيدۇ دەپ ئويلىمايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:27
  • توغرا مەن چۈشەندىم. بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ئەستايىدىل پىكىر قىلىمەن مۇئەللىم.

    دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى كاللامدىن ئۆتتى. رەھمەت !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:27
  • مۇئەللىم بۇ سۆزنىڭ تۈرلىنىش قائىدىسى ئەمەس ،بەلكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىسى دائىرىسىگە ياتىدىغاندۇ.
    «باغدا ئالما، ئۆرۈك ۋە شاپتۇللار پىشتى» مەن شەخسەن ئۆزەم چۈشەنسەم ھەرگىز سىز دىگەندەك چۈشەنمەيمەن،
    «باغدا ئالمىلار، ئۆرۈكلەر ۋە شاپتۇللار پىشتى» دىگەندىن يۇقىرقىدەك باغدىكى ھەر خىل مىۋىلەرنىڭ ناملىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ ئاندىن «لار» قۇشۇمچىسىنى ئۇلاپ ،مىۋەلەرنىڭ كۆپلۈك دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ دىسە تېخىمۇ ئىخچام ،ئاددىي ،چۈنۈشلىك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
    بۇ «لار»ھەرگىزمۇ شاپتۇلغىلا خاس ئەمەس ،ئالدىدىكى سۆزلەرگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    ئەگەر «باغدا ئالما، ئۆرۈك ۋە شاپتۇل لار پىشتى» دەپ ئېلىنسا ئۇ چاغدا ئۇنداق ھىس قىلمايسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:24
    • بىز ئەلۋەتتە بىر ئىسىمنى ئاتىغاندا چۇقۇم بىرلىك ھالىتىدە ئاتايمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:32
      • مۇشۇ يەردە ئازراق ھېلىقى ماتېماتىكىچى مۇئەللىمگە ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي .
        ……………………………………………………………………..
        ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق قائىدە قەتئىي كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، چۈنكى مەن بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى.
        بىزنىڭ باغدا ئالما، ئۆرۈك ۋە شاپتۇللار پىشتى دەپ، «-لار\لەر» قوشۇمچىسىنى ئومۇمىي كۆپەيتكۈچى قىلىپ ئەڭ ئاخىرىغا قوشىدۇ. بۇ يا ماتېماتىكا بولمىسا. بۇنى مەن مۇنداق چۈشىنىمەن: بۇ باغدا بىر تۈپ ئالما دەرىخى، بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخى ۋە بىرنەچچە شاپتۇل دەرىخى بار ئىكەن.

        ……………………………………………………………………
        لار قوشۇمچىسى بەزىدە كۆپلۈك ئىپادىلىسىمۇ بەزىدە تەڭداش باغلىغۇچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆتەيدۇ. ئەملىيەتتە بۇنداق شەكلى ئوخشاش ،مەنىسى ئوخشىمايدىغان قوشۇمچىلار ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدا كۆپ . مەسلەن ئام ،ۇم،ۈم، …قوشۇمچىسى
        يۈت دېگەن پىئېلغا يۈت + ۈم= يۈتۈم.(بىر يۈتۈم) يەنى پىئېل مىقدارغا ئايلاندى .بۇ يەردە ۈم قوشۇمچىسى، سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە.
        كۆز دېگەن ئىسىمغا كۆز +ۈم = كۆزۈم .بۇ يەردە ۈم قوشۇمچىسى بىرىنجى شەخىس تەۋەلىك قوشۇمچىسى.سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىسى ئەمەس .
        لار: ياز كېلىپ قوغۇن،ئۈزۈم، ئەنجۈر، تاۋۇزلار پىشتى.
        ياز كىلىپ قوغۇن ، ئۈزۈم،ئەنجۈر ۋە تاۋۇز پىشتى. (ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدا ۋە تەڭداش مەنە بىلدۈرۈپ كەلگەن ئورۇندا ئەڭ ئاخىرقىغا قويۇلىدۇ، ئەرەپ تىلىدا ۋە ھەر بىر تەڭداش مەنانىڭ ئوتتۇرسىدا كىلدۇ ،ۋە ئەلى،ۋە راھمان دېگەن ھالەت بويچە ) سىز بۇ يەردە لارنى باغلىغۇچى دەپ ھۆكۈم قىلامسىز ياكى كۆپلۈك قوشۇمچىسىمۇ ؟
        لار بىلەن ۋە نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ چۈشنىپ باقسىڭىز ئاسانراق بولىدۇ.سىز بىر ئوقۇتقۇچى بۇ مەسلىنى بەلكىم نەچچە سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى ئۇلارنىڭ ئۇقۇمىدا زىت ھالەتكە ئەكىلىپ قويغانسىز؟
        قېنى خوش ،سىز كەسىر سۇئالى،بۆلۈش سۇئالى، قوشۇش سۇئاللىرىنى ئىشلەپ بولدىڭىز .ئەمدى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ بىر كەسىر،بىر بۆلۈش،بىر قانچە قوشۇش سۇئاللىرىنى ئىشلەپ بولغىنىڭىزنى دەڭ.
        ھەتتا بۇ يەردە ئۇقۇم ۋە تۈر مەناسىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.
        باغدا ئالما، ئۈرۈك ،شاپتۇللار پىشتى دېگەن جۈملىگە، قايسى مىۋىلەر پىشتى دېگەن سۇئال كىلدۇ .
        باغدا بىر ئالما، بىر ئۈرۈك،بىر نەچچە شاپتۇل دەرىخى باركەن.دېگەن جۈملىگە قانچە دەرەخ باركەن دېگەن سۇئال كىلىدۇ. ئەمدى سىز بىرىنجى جۈملىگە ،ئىككىنجى جۈملىنىڭ سۇئالىنى قويۇڭ دە ھەممە يەردە ئۇيغۇر تىلنىڭ گىرامماتىكىسىدا چاتاق باركەن دەڭ .
        بۇنى كۆرسىڭىز جاۋاپ قالدۇرۇپ قوياسىز ، ئاتايىتىن مۇشۇ تېمىنىڭ ئەڭ بېشىغا قالدۇرۇپ قويدۇم، سىز كۆرمىسىڭىز مېنىڭ كاللامغا سىزنىڭ قانچە ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇ سۇئالنى قويۇپ ئۇلاردىكى ئۇقۇمنى مۈجىمەل قىلۋەتكىنىڭىز بەك يادىمغا كېرۋالدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:55
    • مەن كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى دەۋاتىمەن. ئاستىدىكى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەپسىز.

      1-نومۇرلۇق ئۈستەلدە 1 تال ئالما بىلەن 1 تال ئانار بار، بۇنى قانداق ئاتايسىز؟ ئۈستەلدە ئالما ۋە ئانار بار دەيمىز
      2-نومۇرلۇق ئۈستەلدە 1 تال ئالما بىلەن 5 تال ئانار بار، بۇنى قانداق ئاتايسىز؟ ئۈستەلدە ئالما ۋە ئانارلار بار دەيمىز
      3-نومۇرلۇق ئۈستەلدە 4 تال ئالما بىلەن 5 تال ئانار بار، بۇنى قانداق ئاتايسىز؟ ئۈستەلدە ئالمىلار ۋە ئانارلار بار دەيمىز، ھەرگىزمۇ «لار»نى ئومۇمىي كۆپەيتكۈچى قىلىپ، تىرناقنىڭ سىرتىغا چىقارغاندەك، «ئۈستەلدە ئالما ۋە ئانارلار بار» دېمەسلىكىمىز كېرەك، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدىكى بۇ قائىدىنى مەن مۇۋاپىق دەپ قارىمىدىم، ھېلىقى يېڭى چىققان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تۈزۈپ چىققان كىتابنى ۋە بۇرۇنقى كىتابلاردىكى بۇ مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ بىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 19:32
      • مەن خاتا دىمىدىم ،سىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىز بىر جۈملە ،شۇڭا جۈملىگە كەلگەندە جۈملىنىڭ ئۆزىگە خاس گىراماتىكىسى بار .
        ئەگەر ئۈستەلدە سىز دىگەندەك بولسا مەن مانچە تال ئالما ،مانچە تال ئانار بار دەيمەن.
        ئەگەر سانى ئىنىقسىز بولسا ئالما ،ئانارلار بار دەيمەن.
        بۇ يەردىكى «لار » مىۋىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىك دەرىجىسىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى مىۋىنىڭ سانىنى بىلدۇرەمدۇ؟
        +++++++++++++++++++++++++++++++++++++
        بۇ گىراماتىكا ھەرگىز بىرسى ئۆزى يىزىپ چىققان ئەمەس،بەلكى تىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن قائىدە،بەزى قائىدىلەر شاللىنىپ ماڭىدۇ،بەزى قائىدىلەر تۇلۇقلىنىپ بارىدۇ.بۇنى بىز نىمە ئۈچۈن مۇنداق بۇلىدۇ،نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولمايدۇ دىيەلمەيمىز،تىلشۇناسلارنىڭ جاۋاپ بېرەلمەسلىكى مۇشۇ سەۋەپتىن بۇلۇشى مۇمكىن.ئەگەر ئىنگىلىزچىلارنىڭ گىراماتىكىسى بىزنىڭ گىراماتىكىمىزغا
        قارىغاندائىلغار ،مۇكەممەل دىسەك،يەنى جۈملىنىڭ ئىچىدىلا
        ھەر بىر مىۋىلەرنىڭ بىرمۇ ياكى بىردىن ئارتۇقمۇ شۇنى بىلەلەيدىغان بۇلۇشنى ئويلىساق، مىنىڭچە بۇ پىكىرنىمۇ ئويلىشىپ بىقىشقىمۇ بۇلىدۇ.گىراماتىكا ھەرگىز ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس،بۇنى تەدرىجى مۇكەممەللەشتۇرۇپ مىڭىشقا بۇلىدۇ.
        +++++++++++++++++++++++++++++++++
        مۇنازىرە بولمىسا ،ئىلگىرلەش بولمايدۇ!~

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلا: مىنىڭچىمۇ ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى بەك جايىدا بوپتۇ، مىنىڭ پىكىرىم ئەگەر filesبىر خىل ئەپنىڭ نامى بولۇپ قالسا ھۆججەت دىسەك ئادەتتىكى ھۆججەت ئاتالغۇسى بىلەن پەرىقلەنمەي قالامدۇ؟قانداق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:03
    • ئەسلىدە بۇنداق سوئاللارنى سوراشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى بىر كۆرۈۋەتكەن بولسىڭىز، ياخشى بولار ئىدى.

      ئىنگلىز تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپلۈك قوشۇمچىسىدە پەرق خېلە بار. ئەڭ ياخشىسى ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى دېگەن كىتابنى بىر ۋاراقلاپ بېقىڭ، ھەتتا ئۇ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى دېگەن كىتابلاردىمۇ تىلغا ئالمىغان ئىشلارمۇ بار.
      ئىنگلىز تىلىدا: 1 ھۆججەت ئۆچۈرۈلدى، 50 ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلدى دەيدۇ. يەنى ئېنىق ئايرىيدۇ.
      ئۇيغۇر تىلىدا: 1 ھۆججەت ئۆچۈرۈلدى، 50 ھۆججەت ئۆچۈرۈلدى دەيدىكەنمىز (ئەسلىدىنلا كۆپلۈك بار تۇرسا دەپ ئۇيغۇر تىلى كىتابىدا شۇنداق يېزىپتۇ، بىزمۇ شۇنداق ئۆگەنگەن). كۆپلۈك ئېنىق بولسا، بىرلىك ئالىمىز دەپتۇ. مەكتەپتە 1200 ئوقۇغۇچى بار دەيمىز. كىم بار؟ ئوقۇغۇچى بار.
      ===========================
      ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق قائىدە قەتئىي كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، چۈنكى مەن بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى.
      بىزنىڭ باغدا ئالما، ئۆرۈك ۋە شاپتۇللار پىشتى دەپ، «-لار\لەر» قوشۇمچىسىنى ئومۇمىي كۆپەيتكۈچى قىلىپ ئەڭ ئاخىرىغا قوشىدۇ. بۇ يا ماتېماتىكا بولمىسا. بۇنى مەن مۇنداق چۈشىنىمەن: بۇ باغدا بىر تۈپ ئالما دەرىخى، بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخى ۋە بىرنەچچە شاپتۇل دەرىخى بار ئىكەن.
      =========================
      بۇ سوئالىنى نۇرغۇن تىلشۇناسلاردىن سوراپ باقتىم، لېكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىدى، ئەكسىچە بۇرۇنقىلارغا ئارتىپ قويدى. بۇنداق دېسە ئۆزىنى تېخىمۇ چۈشۈرىدۇ.
      سوئال:
      ئۈستەل ئۈستىدە 5 ئالما ۋە 10 شاپتۇل بولسا، ئۇنى سىز ئۈستەلدە «ئالما ۋە شاپتۇللار» بار دەپ «-لار\لەر»نى ئەڭ كەينىگە قوشسىڭىز بولامدۇ؟ مېنىڭچە بولمايدۇ، چۈنكى يەنە بىر ئۈستەلدە 1 ئالما ۋە 10 شاپتۇل بار، ئۇنداقتا بۇ ئىككى ئۇقۇمنى قانداق ئىپادىلەيسىز؟
      «5 ئالما ۋە 10 شاپتۇل»نى «ئالمىلار ۋە شاپتۇللار» دېيىش كېرەك. «1 ئالما ۋە 10 شاپتۇل»نى «ئالما ۋە شاپتۇللار» دېيىش كېرەك.
      شۇڭا كونترول تاختىسىدا، «ئۈسكۈنىلەر ۋە پىرىنتېرلار» دەپ تەرجىمە قىلىندى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:24
      • مۇشۇ توغرىسىدا گىراماتىكا كىتابدا كۆردۈم ،كىتابدا ئىككى خىل ئۇقۇمنى سۆزلەپ ئۆتكەن ،يەنى گىراماتىكىلىق ئۇقۇم بىلەن لوگىكىلىق ئۇقۇم ،مەن ئويلاپ كۆرسەم سىز ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچى بولغاچقا سىز جۈملىنىڭ لوگىكىلىق ئۇقۇم بىلەن گىراماتىكىلىق ئۇقۇمنى سىلىشتۇرۇپ ،يۇقىرقىدەك يەكۈن چىقارغان .بۇنداق قىلغاندا تىلدا قالايمىقانچىلىق چىقىدىكەن،شۇڭا ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇشقا بولمايدىكەن.كىتابدا شۇنداق دىيىلگەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:18
  • ھەممە تەرجىمە ياخشى بوپتۇ، لىكىن Files نى ھۆججەت دېمەي، ھۆججەتلەر دېسەك بوپتىكەن ئەسلى. چۈنكى s قۇشۇمچىسى كۆپلۈكنى بىلدۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ كېچىكىپ قالدىممۇ نېمە پىكىر بېرىدىغانغا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:32
باھا بېتى: 1 2 3