ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ ۋە بىلكان پەد
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت بىلوگى «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ»نى باھالاش پائالىيىتىدە ئىككىنچى بولۇپتۇ، بۈگۈن بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ WiFi نەشىرى، 2398 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن يۈكسەل بىلوگى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى، مۇكاپات بويۇمى بىلەن تەمىنلىگەن «بىلكان» ئېلېكتىرون شىركىتى، شۇنداقلا بىلىك، ئىزدىنىش، نۇرقۇت، مىسرانىم ۋە كىرورەن تور بېكىتىدىكى بىلوگىمنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان بارلىق تورداشلارغا، شۇنىڭدەك يەنە تور دۇنياسىدىكى باشقا تورداشلارغىمۇ يېڭى يىللىق سەمىمىي سالام يوللايمەن.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تېلېفونۇمغا كېلىۋاتقان يېڭى يىللىق ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ»نىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغانلىقى ھەققىدىكى تەبرىك ئۇچۇرلارمۇ بار ئىدى. تورغا قاراپ باقسام راستتىنلا شۇنداق ئىكەن. ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان «80 خالتا بىلوگى»نىمۇ تەبرىكلەيمەن. مېنىڭ بىلوگ يېزىش تارىخىم تېخى بىر يىلغا بارمىدى، بىلوگىمدىكى يازما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسىمۇ تېخى بىر خالتىغىمۇ توشمايدۇ، لېكىن، «بىلكان» شىركىتى «80 خالتا بىلوگى»غا ئوخشاشلا 2398 يۈەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) بىلەن مۇكاپاتلىدى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن «بىلكان پەد»نى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىلكان شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەمما، بۇ «بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر)» قىزىمدىن ماڭا ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ، قارىغاندا مەنمۇ بىرنى ئالمىسام بولمامدۇ-نېمە؟ قىزىم ھازىر «بىلكان»دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەرگە شۇنداق قىزىقىپ كەتتى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى»، «تۆت ئەمەل مەشىقى»،..دېگەنلەرنى ئېچىپ ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. بولۇپمۇ كۆپەيتىشنى مەشىق قىلىش داۋامىدا، «ۋۇيــــــيۇ، سەن بەك ئەقىللىقكەنسەن جۇمۇ!» دېگەن ماختىغان سۆزگە ئامراق بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقەتەنمۇ بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۆزىمىزنىڭ تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق يېڭى قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەم ناھايىتى خۇشال بولىمەن ھەم ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمەن.
شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 2012-يىلى ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ، مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,146 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 01-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:32
- ئالدىنقى يازما :بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)
- كېيىنكى يازما :sign in/up يەنى (登陆,注册) ئاتالغۇلىرى ھەققىدە
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم
كىيىن قالغان بولساممۇ ….
مۇبارەك بولسۇن ،،،،،،،
2012-يىلى بىرىنچى چىقشىڭىزغا تىلەكداشمەن……….
ئالىم ئاكا مەن سىزگەبەك قايىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىمدە apk شەكىلىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار ؟ يوللاپ بەرگەن بولساڭلار!
ئالىم مۇئەللىم مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ ساغام بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
مۇبارەك بولسۇن،ياخشى شان-شەرەپكە ئېرىشىپسىز.
مۇبارەك بولسۇن
مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم! دېمىسىمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ساھەسى ئۈچۈن قوشقان تۆھىپىڭىز ئاز ئەمەس. خەلقىمىز سىزدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىدۇ.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تور خاتىرىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى مۇنەۋۋەر بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
قوشۇمچە تەكلىپىم: يازمىدىكى «كىرورەن» دىگەن خەتنى «كروران» غا ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز، ناۋادا سىزنىڭ بلوگىڭىزدەك ئورۇندا شۇنداق ئاتالسا بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىدىن گۇمانلىنىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ.