ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ ۋە بىلكان پەد | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ ۋە بىلكان پەد

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئالىم ئەھەت بىلوگى «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ»نى باھالاش پائالىيىتىدە ئىككىنچى بولۇپتۇ، بۈگۈن بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ WiFi نەشىرى، 2398 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن يۈكسەل بىلوگى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى، مۇكاپات بويۇمى بىلەن تەمىنلىگەن «بىلكان» ئېلېكتىرون شىركىتى، شۇنداقلا بىلىك، ئىزدىنىش، نۇرقۇت، مىسرانىم ۋە كىرورەن تور بېكىتىدىكى بىلوگىمنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان بارلىق تورداشلارغا، شۇنىڭدەك يەنە تور دۇنياسىدىكى باشقا تورداشلارغىمۇ يېڭى يىللىق سەمىمىي سالام يوللايمەن.

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تېلېفونۇمغا كېلىۋاتقان يېڭى يىللىق ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ»نىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغانلىقى ھەققىدىكى تەبرىك ئۇچۇرلارمۇ بار ئىدى. تورغا قاراپ باقسام راستتىنلا شۇنداق ئىكەن. ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان «80 خالتا بىلوگى»نىمۇ تەبرىكلەيمەن. مېنىڭ بىلوگ يېزىش تارىخىم تېخى بىر يىلغا بارمىدى، بىلوگىمدىكى يازما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسىمۇ تېخى بىر خالتىغىمۇ توشمايدۇ، لېكىن، «بىلكان» شىركىتى «80 خالتا بىلوگى»غا ئوخشاشلا 2398 يۈەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) بىلەن مۇكاپاتلىدى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن «بىلكان پەد»نى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىلكان شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.


ئەمما، بۇ «بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر)» قىزىمدىن ماڭا ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ، قارىغاندا مەنمۇ بىرنى ئالمىسام بولمامدۇ-نېمە؟ قىزىم ھازىر «بىلكان»دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەرگە شۇنداق قىزىقىپ كەتتى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى»، «تۆت ئەمەل مەشىقى»،..دېگەنلەرنى ئېچىپ ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. بولۇپمۇ كۆپەيتىشنى مەشىق قىلىش داۋامىدا، «ۋۇيــــــيۇ، سەن بەك ئەقىللىقكەنسەن جۇمۇ!» دېگەن ماختىغان سۆزگە ئامراق بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقەتەنمۇ بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۆزىمىزنىڭ تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق يېڭى قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەم ناھايىتى خۇشال بولىمەن ھەم ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمەن.

شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 2012-يىلى ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ، مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم مۇبارەك بولسۇن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 17:55
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئىستەيمىز….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:14
  • مۇبارەك بولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:18
  • ئالىم مۇئەللىم ،مۇبارەك بولسۇن!مەن بىلوگ بىلەن باشقا تور بەتلەرنىڭ پەرقىنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن، لىكىن بىلىشمچە ،ھازىر بىزدە باشقا تىل تور بەتلىرىدىكىدەك بارلىق ياشلار،چوڭلار ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى كىشىلەر ياختۇرۇپ ھەرقايسى تېمىدىكى ماتېرياللارنى ئەۋەتىدىغان، بىرلا ئاڭلاپ «ھە،ئۇ توربەت…» دىيەلەيدىغان، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تور بەتلەر ئاساسەن يوق. ئىلگىركى «شەبنەم»،«دىيارىم» تور بەتلىرى مېنىڭچە،بۇ جەھەتلەردىن يېتىشىپ ،شۇ يولدا مېڭىۋاتقان ئىدى. شۇڭا، ئالىم مۇئەللىم ،تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىپ ،بارلىق كىشىلەر تورنى ئاچماقچى بولغاندا، تۇنجى بولۇپ مۇشۇ توربەتنى ئاچىدىغان ھالەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
    يەنە مىنىڭ كىچىككىنە بىر پىكرىم، مەزكۇر بىلوگدىكى مەزمۇنلار ئاسەسەن سىياسى يىغىنلار، ۋە ئىلىكترون ئۇچۇرلىرى قەتارلىقلارلا بولغاچقا، ھەر قىتىم ياخشى بىرەر تېما تاپقىنىمدا ئەۋەتىپ باقاي دەيمەنيۇ، لېكىن بولدى قىلىمەن! بەلكىم، ماڭا ئوخشاش ئويدىكى تورداشلار كۆپ بولىشى مۇمكىن. بۇ پىكرىمگە قانداق قارايسىزكىن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:46
  • بىلكان پەد نىڭ پايدىسى بىلەن بىلوگ ئۇسلۇبى ئاخىرى چىرايلىقلىشىپتۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:57
  • بلوگىنىمۇ يېڭىلىۋاپلا، بۇنىڭغىمۇ مۇبارەك بولسۇن! ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى سىزگە ن=مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى ئايىماي يوللاپ تۇرارسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:21
  • مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:20
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم ئەھەت ئەپەندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:38
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مۇبارەك بولسۇن ! بلوگىڭىزدىكى پايدىلىق ئىلىملەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ،شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يازىسىز،رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:15
  • ئاددىي بلوگ توغرىسىدىمۇ بىر ماقالە يېزىپ قويمامسىز، ئالىمكا؟
    ئۇنى ئىنگىلىزچە تۇمبال دەيدىكەن، خەنزۇچىسىنى ئابدۇكېرىمكامدەك تەرجىمە قىلساق يېنىك بلوگ دەيدىكەن (轻博客)، مەنچىمۇ ئۇنى بلوگ ۋە مىكرو بلوگ ئارىسىدىكى نەرسە بولغانلىقتىن، ۋە ئاددى بلوگ تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا «ئاددىي بلوگ» دېسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك. كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://www.addiblog.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:43
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىمجان مۇئەللىم! بۇ بىلوگ ھەقىقەتەن نادىر بىلوگ بولۇشقا مۇناسىپ!
    قارىغاندا، بىلوگ يېزىپ مەشھۇر شەخىس بولىمەن دېمەي، مەشھۇر شەخىس بولۇپ ئاندىن بىلوگ يازسا بولامدۇ نېمە!؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:57
  • مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم،
    ئەمدى يېڭى يىلدا تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:21
  • ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى، داۋاملىق قوللايمىز.. ھەر بىر يازمىڭىزدا «ئۇيغۇر»سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدا سىزدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا، مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:33
  • مۇبارەك بولسۇن ! ئەمدى ئالدىراش چاغدا بىلوگنى «بىلكان پەد» بىلەنلا يېڭىلىغۇدەكسىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:35
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم. سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنىڭ بىزگە سۇنىشىڭىزغا تەشنامىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 23:57
    • قاتناشماي دېسەم، يۈكسەل ئۇنىماي قويدى، تاللاش ھوقۇقى سىزدە ئەمەس، تورداشلار نامزاتلىققا كۆرسەتتى دەيدۇ. روھى بېسىمدىن بىرسى كۆپەيدى مانا

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:09