ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ ۋە بىلكان پەد
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت بىلوگى «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ»نى باھالاش پائالىيىتىدە ئىككىنچى بولۇپتۇ، بۈگۈن بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ WiFi نەشىرى، 2398 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن يۈكسەل بىلوگى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى، مۇكاپات بويۇمى بىلەن تەمىنلىگەن «بىلكان» ئېلېكتىرون شىركىتى، شۇنداقلا بىلىك، ئىزدىنىش، نۇرقۇت، مىسرانىم ۋە كىرورەن تور بېكىتىدىكى بىلوگىمنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان بارلىق تورداشلارغا، شۇنىڭدەك يەنە تور دۇنياسىدىكى باشقا تورداشلارغىمۇ يېڭى يىللىق سەمىمىي سالام يوللايمەن.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تېلېفونۇمغا كېلىۋاتقان يېڭى يىللىق ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ»نىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغانلىقى ھەققىدىكى تەبرىك ئۇچۇرلارمۇ بار ئىدى. تورغا قاراپ باقسام راستتىنلا شۇنداق ئىكەن. ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان «80 خالتا بىلوگى»نىمۇ تەبرىكلەيمەن. مېنىڭ بىلوگ يېزىش تارىخىم تېخى بىر يىلغا بارمىدى، بىلوگىمدىكى يازما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسىمۇ تېخى بىر خالتىغىمۇ توشمايدۇ، لېكىن، «بىلكان» شىركىتى «80 خالتا بىلوگى»غا ئوخشاشلا 2398 يۈەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) بىلەن مۇكاپاتلىدى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن «بىلكان پەد»نى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىلكان شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەمما، بۇ «بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر)» قىزىمدىن ماڭا ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ، قارىغاندا مەنمۇ بىرنى ئالمىسام بولمامدۇ-نېمە؟ قىزىم ھازىر «بىلكان»دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەرگە شۇنداق قىزىقىپ كەتتى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى»، «تۆت ئەمەل مەشىقى»،..دېگەنلەرنى ئېچىپ ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. بولۇپمۇ كۆپەيتىشنى مەشىق قىلىش داۋامىدا، «ۋۇيــــــيۇ، سەن بەك ئەقىللىقكەنسەن جۇمۇ!» دېگەن ماختىغان سۆزگە ئامراق بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقەتەنمۇ بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۆزىمىزنىڭ تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق يېڭى قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەم ناھايىتى خۇشال بولىمەن ھەم ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمەن.
شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 2012-يىلى ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ، مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,145 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 01-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:32
- ئالدىنقى يازما :بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)
- كېيىنكى يازما :sign in/up يەنى (登陆,注册) ئاتالغۇلىرى ھەققىدە
يەنىلا پۇل بايغا، سۇ سايغا ئېقىپتۇ-دە!
مۇبارەكلەر توختىماي ياغسۇن!!!
مۇبارەك بولسۇن!
نەتىجىىى چىقىپتۇ دە..مۇبارەك بولسۇن…
مۇبارەك بولسۇن .
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم .
ئالىمكا سىلنى تەبىرىكلەيمەن
پاھ، ماۋۇ ياخشى ئىش ئىكەنغۇ، بىزمۇ ماۋۇ «بىلكان»نىڭ يان تېلېفونى چىققۇچە بىر بىلوگ باشلىۋالساق بولامدۇ نېمە؟
مۇبارەك بولسۇن جۇمۇ، ئالىم مۇئەللىم! بىلوگىڭىزدا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ «ئىچكى قىسىم» خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە تەشنامىز.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! 2011-يىللىق 10چوڭ بىلوگنىڭ بىرسى بولغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ،بىلوگىڭىزنىڭ كۇندىن كۇنگە تەرەققى قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن
مۇبارەك بولسۇن، تاشلىغان بېلەت بىكارغا كەتمەپتۇ. ھى ھى ھى …
ئالىم ئەھەت بلوگى ۋە ئالىمكا، مۇبارەك بولسۇن
بۇ مۇكاپات سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ كۆچۈرۈپ چاپلاش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، خاسلىققا ئىگە يازمىلىرىڭىز بىلەن رەڭلىنىۋاتقان بىر ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بلوگ ئىكەنلىكىگە بىرىلگەن مۇكاپات دەپ قارايمەن.
باشقا بلوگلارنىڭمۇ جاھاندىكى ھەممە بىلىم تېپىلىدىغان بلوگ بولۇشقا تىرىشماستىن، مەلۇم بىر ساھەدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ، ھەم شۇ ساھەنى نىسبەتەن مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بىرەلەيدىغان بلوگ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇبارەك بولسۇن، تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!!!!
مۇبارەك بولسۇن! ئەمدىغۇ تىخىمۇ ياخشى يازارسىز بىلوگ دىگەننى،مۇكاپات بولغاندىكىن ھاھا~~
مۇئەللىم،يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك!
بۇنداق دېمەڭ دەيمەن. شۇ تاپتا ئالىم مۇئەللىم باشقىلار مېنى مەجبۇرى داڭلىق بلوگ قىلىپ تاللاپ قويۇپتۇ، بلوگ بېسىمى قاتتىق بولىۋاتىدۇ دەپ ئاغرىنىۋاتىدۇ جۇمۇ، سىز بۇ گەپنى قىلسىڭىز مۇئەللىمنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئارتىپ كېتىدۇ دەيمەن….(قېنى ماۋۇ چىراي ئىپادىسى يوققۇ؟)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
سىزنى تەبرىكلەيمەن مۇئەللىم ! بارلىق جاپاكەش ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت ! سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت !
ھەممىمىز ئىناق ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى !
ئالىم ئەھەد ئەپەندى، مۇبارەك بولسۇن! چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن! داۋملىق تىرىشقايمىز!
مۇبارەك بولسۇن