ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلىدۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈندىدار دۇكىنى ئېچىپ، تور سودىسىغا قەدەم قويۇپ، ئۈندىدار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇۋېلىش، يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى ۋە چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىش،…قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدۇق، بۇ تور دۇكىنى 24 سائەت تىجارەت قىلغاچقا بەزى كۈنلىرى ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئەمەلىي دۇكىنىمىزنىڭ سودىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما بىر قىسىم خېرىدارلار ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇشنى خالىمىغاچقا، ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىمىزدە ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئارقىلىق بىۋاسىتە پۇل تۆلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئەسلىدە تاۋباۋدا ياكى باشقا تور سودا شەھەرچىسىدە دۇكان ئېچىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدۇق، ئەمما يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ تور بېكىتىدە ئېچىشنى لايىق كۆردۇق. ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدىكى تور دۇكىنىمىز 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سىناق تىجارەت باشلىماقچى، «ئەلكاتىپ 5.9»(يېڭىلانغان) نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
(1) ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا كىرىڭ (ئۇلانمىسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاشكارلىنىدۇ).
(2) سول تەرەپ ئۈستىگە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىپ، «سېتىۋېلىش» دېگەننى بېسىڭ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرسوفت تور بېتىدىن ئەلى چىقىمدانى (支付宝) پۇل تۇتۇش بېتىگە ئۆتىدۇ.
================
(3) تېلېفونىڭىزدىكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئەپىنى قوزغىتىپ، ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەڭ، ئاندىن مەخپىي نومۇرىڭىزنى توغرا كىرگۈزسىڭىز، سېتىۋېلىش تامام بولىدۇ.
============
(4) پۇل تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئەلى چىقىمدانى (支付宝) 3 سېكۇنت ئەسكەرتىش بېرىدۇ، ساقلاپ تۇرۇڭ، بۇ بەتنى ھەرگىز يېپىۋەتمەڭ.
============
(5) تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ئاساسىي ھېساباتىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ بەت پەيدا بولىدۇ. بۇ بەتمۇ ئۆزى يېپىلىپ، ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا قايتىدۇ.
============
ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى سىزگە يۇمشاق دېتالنىڭ مۇلازىمەت نومۇرى ۋە سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بۇ بەتتە كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى ياخشى ساقلاڭ، ئەڭ ياخشىسى تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ.
============
ئېسىڭىزدە بولسۇن مەيلى ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى ياكى ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى بولسۇن، تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئاساسىي ھېساباتى (يەنى شىركەت ھېساباتى)غا كىرىدۇ، ھەرگىزمۇ شەخسىي بانكا كارتىسىغا كىرمەيدۇ ھەمدە بارلىق مەشغۇلاتلارنى تور بېكىتىمىز تاماملايدۇ، خىزمەتچى خادىملىرىمىز ئارىلاشمايدۇ. تور سودىسى قىلغاندا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
====================
ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9
تۇر دۇكىنىمىز تىجارەت باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9» ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ، ئۈندىدار ۋە ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرسوفت تىزىملاش بېتى ئېچىۋېتىلىدۇ، سېتىۋالغۇچىلار يۇمشاق دېتالىمىزنى سېتىۋالغان ھامان تىزىملاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,698 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:03
- ئالدىنقى يازما :QUICKBOOKS
- كېيىنكى يازما :Illegal law
مەن ئالدىراپلا ئۇچۇر كەلگىچە مۇلازىمەت نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپــىـتىمەن ، سەت بولدى
مەن تور دۇكىنىدىن ئەلكاتىپنىڭ شەخىسلەر نەشىرىنى سېتىۋالغان ، قاچىلايدىغاندا مۇلازىمەت نۇمۇرى دىگەننى كىرگۈزسەم خاتا دەيدۇ ، مەن نىمىنى خاتا قىلدىم . ئىشقىلىپ بىر يېرى خاتا ، دەپ بېرىڭلارچۇ
ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ سوئالمغا جاۋاب بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئالىمكا
ئالىم مۇئەللىم، Visual Studio 2015 نىڭ رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندىمۇ؟
ئېلان قىلىندى، بىر ئايدىن ئاشتى
ئالىم مۇئەللىم مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بەرلگەن بولسىڭىز ؟ۋاقتىڭىزنى ئالدىغان بولدۇم رەھمەت
ئەلكاتىپنى بۇ يەردىن چۈشىنىڭ.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/alkatip.html
Windows 10 غا توختىماي يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇۋاتىدۇ، ئەپلەردىكى نۇقسانلارنى داۋاملىق تۈزىتىۋاتىدۇ، يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، تەرجىمىسى ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىدىغان بولغاچقا، شۇ نەشرىگە ماس كېلىدىغان تەرجىمە پۈتمىسە شۇ ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە چىقىۋالىدۇ.
ئاكتىپلىمىغان بولسىڭىز، دەرھال ئاكتىپلاڭ ئىشلىتىڭ. سېتىۋالمىغان بولسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاكتىپلاڭ، بولمىسا ئاكتىپلىماي ئىشلەتسىڭىز ياكى دۇرۇس بولمىغان نەشرىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغاندەكلا ئېغىر ئىش، ئاقىۋىتى يامان.
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ،مەن ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ5.9تۇنجى بازارغا سېلىنغاندا 25 سومغا سېتۋالغان ئىدىم.سىستىمامنى ۋىندوۋىس10غا يېڭلاش جەرياندا بۇ ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 ئۆچۈرۈپ سالدىم.بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟
ھازىر Windows 10 غا ماسلاشتۇرۇپ قويدۇم، قايتىدىن قاچىلاڭ، چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆزگەرمىدى، ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىدا سېتىلىشقا باشلىدى.
مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت تور دۇكنىدىن ئەپ سېتىۋېلىشنى ئۈگتىدىغان سىنلىق دەرىسلىك ئىشلىنىپ ئادىرسى يوللانغان بولسا سىلەرگە ھەم بىزگە ئاۋارچىلىق ئاز بۇلارمىكىن دەيمەن. رەسىمگە قاراپمۇ قىلغۇلى بولغۇدەك لىكىن تازا چۈشنىشلىك بولمىغاندەك تۇردۇ. مۇمكىن بولسا ئويلىشىپ باقارسىلەر.
ماقۇل، ئەمما ئاۋۇ تور دۇكىنىغا كىرىپ بېقىڭ
مەن يىڭى ھەۋەسكار. نەچچە كۈندىن بىرى ھەپلىشىپ يۈرۈپ ۋىندوۋىس10نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە قىلۋالدىم.ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت.لىكىن مەن ئەلكىتابنى پەقەت چۈشەنمەيمەن.مەنغۇ خەت نوسخسى دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم .قانداق پايدىلنىمىز؟ئىقدىدارى
دىگەنلەرنى ئاددى چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز.مەن پايدىلىنىشقا تىگشلىك بولسا مەنمۇ سىتىۋالاي.كومپىيۇىترغا يىڭى سىستىما قاچىلسام دوكان سىن قۇيغۇچ ناخشا قۇيغۇچ ۋە بەزى يەرلىرى ئىنگلىزچە چىقۋالدى . تۇنجى قاچىلغاندا تولۇق ئۇيغۇرچە بۇلغان ھەم ئاكىتپلىنىپ قاچىلىنىپتىكەن.نەشىرنى كۆتۇرسەم بەزى يەرلىرى تەڭشەك بەتلىرىدىن باشقا يەرلىرى ئىنگىزچە بولۋالدى ھەم ئاكىتپلانماپتۇ. يىڭى بولغاچقا قاندا قىلىشنى بىلمىدىم يۇل كۆرسەتسىڭىز؟
ئەلكاتىپنى بۇ يەردىن چۈشىنىڭ.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/alkatip.html
Windows 10 غا توختىماي يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇۋاتىدۇ، ئەپلەردىكى نۇقسانلارنى داۋاملىق تۈزىتىۋاتىدۇ، يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، تەرجىمىسى ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىدىغان بولغاچقا، شۇ نەشرىگە ماس كېلىدىغان تەرجىمە پۈتمىسە شۇ ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە چىقىۋالىدۇ.
ئاكتىپلىمىغان بولسىڭىز، دەرھال ئاكتىپلاڭ ئىشلىتىڭ. سېتىۋالمىغان بولسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاكتىپلاڭ، بولمىسا ئاكتىپلىماي ئىشلەتسىڭىز ياكى دۇرۇس بولمىغان نەشرىنى ئىشلەتسىڭىز، ئبۇ كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغاندەكلا ئېغىر ئىش، ئاقىۋىتى يامان.
مەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن ۋىيشىندا ئىككى نۇسقا سېتىۋالغان(ئالدىنقى قېتىمقى نەشىرىنى) چوقۇم شىركەتكە تېلىفون قىلىپ ئاندىن ھاسىللانغان نومۇرنى ئۇقىمەنمۇ ياكى باشقا ئامال بارمۇ؟
ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىلىڭ، سېتىۋالغاندا تولدۇرغان تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا دەپ بەرسىڭىزلا، خادىملىرىمىز سۈرۈشتە قىلىپ تاپالايدۇ، قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت