ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈندىدار دۇكىنى ئېچىپ، تور سودىسىغا قەدەم قويۇپ، ئۈندىدار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇۋېلىش، يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى ۋە چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىش،…قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدۇق، بۇ تور دۇكىنى 24 سائەت تىجارەت قىلغاچقا بەزى كۈنلىرى ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئەمەلىي دۇكىنىمىزنىڭ سودىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما بىر قىسىم خېرىدارلار ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇشنى خالىمىغاچقا، ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىمىزدە ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئارقىلىق بىۋاسىتە پۇل تۆلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئەسلىدە تاۋباۋدا ياكى باشقا تور سودا شەھەرچىسىدە دۇكان ئېچىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدۇق، ئەمما يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ تور بېكىتىدە ئېچىشنى لايىق كۆردۇق. ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدىكى تور دۇكىنىمىز 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سىناق تىجارەت باشلىماقچى، «ئەلكاتىپ 5.9»(يېڭىلانغان) نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

(1) ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا كىرىڭ (ئۇلانمىسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاشكارلىنىدۇ).
dukan1
(2) سول تەرەپ ئۈستىگە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىپ، «سېتىۋېلىش» دېگەننى بېسىڭ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرسوفت تور بېتىدىن ئەلى چىقىمدانى (支付宝) پۇل تۇتۇش بېتىگە ئۆتىدۇ.
================
dukan2
(3) تېلېفونىڭىزدىكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئەپىنى قوزغىتىپ، ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەڭ، ئاندىن مەخپىي نومۇرىڭىزنى توغرا كىرگۈزسىڭىز، سېتىۋېلىش تامام بولىدۇ.
============
dukan3
(4) پۇل تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئەلى چىقىمدانى (支付宝) 3 سېكۇنت ئەسكەرتىش بېرىدۇ، ساقلاپ تۇرۇڭ، بۇ بەتنى ھەرگىز يېپىۋەتمەڭ.
============
dukan4
(5) تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ئاساسىي ھېساباتىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ بەت پەيدا بولىدۇ. بۇ بەتمۇ ئۆزى يېپىلىپ، ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا قايتىدۇ.
============
dukan5
ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى سىزگە يۇمشاق دېتالنىڭ مۇلازىمەت نومۇرى ۋە سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بۇ بەتتە كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى ياخشى ساقلاڭ، ئەڭ ياخشىسى تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ.
============
ئېسىڭىزدە بولسۇن مەيلى ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى ياكى ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى بولسۇن، تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئاساسىي ھېساباتى (يەنى شىركەت ھېساباتى)غا كىرىدۇ، ھەرگىزمۇ شەخسىي بانكا كارتىسىغا كىرمەيدۇ ھەمدە بارلىق مەشغۇلاتلارنى تور بېكىتىمىز تاماملايدۇ، خىزمەتچى خادىملىرىمىز ئارىلاشمايدۇ. تور سودىسى قىلغاندا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

====================
ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9

ALKATIP_ALL
ALKATIP_INPUT
ALKATIP_UTRAN
ALKATIP_EDITOR
ALKATIP4_FONT
ALKATIP5_FUNCTION
تۇر دۇكىنىمىز تىجارەت باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9» ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ، ئۈندىدار ۋە ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرسوفت تىزىملاش بېتى ئېچىۋېتىلىدۇ، سېتىۋالغۇچىلار يۇمشاق دېتالىمىزنى سېتىۋالغان ھامان تىزىملاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
register

يازما ئۇچۇرلىرى
  • يازما كۆرۈلۈشى: 2,695 قېتىم
  • يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:03
  • ئالدىنقى يازما :
  • كېيىنكى يازما :
تېخىمۇ كۆپ
38 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مۇبارەك بولسۇن، ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، ھازىرقىدەك تور دەۋرىدە كەم بولسا بولمايدىغان بوشلۇق ئىدى،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:10
  • بەكلا ياخشى بوپتۇ. ئەمدى تاۋباۋ ۋە تىيەنماۋدىمۇ ئۇيغۇرسوفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغىلى بۇلىدىكەن. ھەمalipay ئارقىلىق ھېساپ قىلغىلى بۇلىدىكەن. قۇتلۇقلاشقا تېگشىلىك ئىش بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:19
  • ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئالىم مۇئەللىم تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئالنى سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم ۋىندوۋۇس 10غا ۋى بى 6.0نى قاچىلاپ ئىشلەتكەندە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى نۇرمال ئىجرا بولمايدىكەن دىگەندەك گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلىدىم. ئۈرۈم قاچىلغانتىم نۇرمال قوزغالدى بىراق سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا يۇقۇردا تىلغا ئالغان ئىقتىدارلىرىنى سىناشقا ئامالىم بولمىدى مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:08
    • ۋاي نېمە دەيدىغانسىز؟ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا سوپەك تەرەكتۇر ھەيدەيمەن دېگىنىڭىز نېمىسى؟ ئ‍ەڭ ياخشىسى Visual Studio 2015 نى قاچىلاپ ئ‍ىشلىتىڭ، 20 يىل بۇرۇنقى VB 6.0 نى Windows 10 غا قاچىلايمەن دېسىڭىز، بىل گېيتسنىڭ قان بېسىمى ئ‍ۆرلەپ كېتىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:21
  • تۇيۇقسىز مۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالدىم، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تور ئادىرسى ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ، مۇنداق يازساممۇ كىرىپ كەتتى: http://www.uyghursoft.com

    لىكىن، ئەسلىدە تور ئادىرسى مۇنداق ئىدى: http://www.uighursoft.com

    مىنىڭچە بولغاندا شىركەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق ماركا نامى uighursoft بولغاندىكىن، مۇشۇ نامدا چىڭ تۇرۇش كىرەك ئىدى.
    ھەممىنى قىلغان شىنجاڭ تىل تەتقىقات ئورنىدىكى بىرقانچە مەسكاللا ئىشخانىدىن چىقماي ئولتۇرۇپلا ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە نامىنى بۇندىن كىيىن Uyghur دەيلى›› دەپ بىر ھۆججەت چىقىرىپ تامغا بىسىۋەتكەن يىرىلا بار. شۇندىن كىيىنلا ھەرقايسى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر دىگەن نام Uyghur دەپ يىزىلىپ كەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:05
  • ئەقلىفۇندىكى ئەلى چىقىمداننىڭ ئككلىك كودىنى ئىشلەتمەي بىۋاستە كومپىيوتىردىلا تاماملىغىلى بۇلامۇ؟ ئەقلىفۇن ئىشلەتميدىغان كومپىيوتىر ئشلەتكۈچىللىرمىزمۇ خېلى كۆپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:41
    • ئ‍ەلۋەتتە بولىدۇ، ئ‍ىككىلىك كودنى سايىلەيدىغان تېلېفونىڭىز بولمىسىمۇ ئ‍اۋۇ رەسىمگە قارىسىڭىز، تېلېفونسىزمۇ پۇل تۆلەيدىغان يېرى بار،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:23
  • خېرىدارلار ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتىنى توردىن سېتىۋېلىش جەريانىدا، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر يېرى چىقسا، ئاندىن سېتىۋېلىش مۇاپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن مەھسۇلات ئاكتىپلاش نومۇرىنى ئالدىدا كىرگۈزگەن ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بەرسە بەكمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:26
    • رەھمەت، بىزمۇ شۇنى ئ‍ويلاشقان، چۈنكى بۇ ئ‍ۆلچەملىك ئ‍ۇسۇل ئ‍ىدى، ئ‍ەمما نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئ‍ېلېكتىرونلۇق خەت ئ‍ىشلىتىشكە ئ‍ادەتلەنمىگەن، لېكىن تېلېفون ئ‍ىشلىتىشكە ئ‍امراق، شۇڭا ئ‍ۇزۇنغا قالماي تېلېفونغا قىسقا ئ‍ۇچۇر كېلىدىغان قىلماقچى، ئ‍اندىن تېخىمۇ ئ‍ۆلچەملىك دۇكان لايىھەسىگە ئ‍ۆزگەرتىمىز، ئ‍اندىن ئ‍ېلېكتىرونلۇق خەت ئ‍ادرېسىنىمۇ قوشىمىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:39
  • تۇلىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ، «دۇكاننى ئۈچ قىلۋاپتۇق»(سەت بىر ھىجىيۋىتەي)، بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر سوفتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىۋالايدىغان بوپتۇق. تور نۇرغۇن ئارلىقنى يېقىنلاتتى جۇمۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:05
  • يەنە بىر چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز.ئىشلىرىڭىىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.ھەقىقى نۇسخىدىكى يۇمشاق دىتاللانى ئىشلىتەتەيدىغان شارائىتلارنى يارتىپ ،كومپيۇتېر ئىشلىرىمىزغا يەنە بىر يېڭىلىق ئەپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋېتىپسىز.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ،ئىشلىرىڭىزنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا تەشۋىق قىلىپ ،خىزمىتىڭىزنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:05
  • ياخشى بوپتۇ.بولسا ئۇيغۇرسوفىت ماركىسىنى بىر يېڭىلاشنى ئويلىشىپ باقساڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 02:43
  • ماۋۇ ئىش بەلەن بوپتۇ ئەمدى. مۇبارەك بولسۇن.
    ئەممازە بەزى خېرىدارلار ئاشۇ پۇلنى تۆلەپ بولۇپلا بەتنى تاقىماڭ دەپ تۇرسا ۋاچچىدە ئۆچۈرۋېتىپ نومۇر ھاسىللاپ بەمدى پۇل تۆلەپ بوسام دەپ سىلىنى ئىزدەمىكى. ئېنىق دەپ تۇرسىمۇ يەنە قىلىدىغاننى قىلىدىغانلار جىقكەن. بىزنىڭ شوپۇرلۇق سىستېمىسىغىمۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇلدا پۇل تۆلەيتتى، بەتنى تاقىۋەتمەڭ پۇل تۆلەپ بولۇپ دەپ تۇرساقمۇ تاقىۋېتىپتمەن تورىم ئاستا ئىدى دەپ ئاۋارە قىلىدىغانلار يەنە چىقتى.
    ئەسلى ئەڭ قولاي ئۇسۇل مۇشۇ ئىدى، ھېچقانداق ئادەمنى ئىزدىمەيلا نومۇرغا ئاپتوماتىك ئېرىشىش…
    ئەمما ئېسىل ئىش بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 00:03
  • ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ توردا تىجارەت باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:20
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم،بۇ ناھايىتى چوڭ خۇشاللىقكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:34
  • مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سېتىش نۇقتىسىغا بېرىپ مەھسۇلات سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا ئەمدى ياخشى بولۇپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تور ئارقىلىقلا سىتىۋالالايدۇ. بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ھەقلىق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ تور ئارقىلىق سىتىۋالغىلى بولىدىغان قىلسىڭىز بولغۇدەك.
    لېكىن مەن بىر نەرسىنى تازا چۈشىنەلمىدىم، نېمىشقا ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تور نامىنى ئەنگە ئالدۇرغاندا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دەپ ئەنگە ئالدۇرماي ئەنقا شىركىتى دەپ ئەنگە ئالدۇرغان بولغىيتتىڭىز دەيمەن. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى قاچىلىساق پىروگرامما رايونىدا ئەنقا كومپيۇتېر شىركىتى دەپ كۆرۈنىدىكەن. ھەتتا، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىدىن مال سىتىۋالغاندىمۇ سىتىۋىلىش كۆزنەكلىرىگە پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەنقا كومپيۇتېر شىركىتى دەپ كۆرۈنىدىكەن، بۇنداق بولسا نۇرغۇن كىشىلەردە پۇل تاپشۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەندە سەل ئىككىلىنىپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ ھەم ئۇيغۇرسوفت دېگەن مۇبارەك نامنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا پايدىسىز ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:23
  • قارىغاندا بۇ دۇككانغا ئۇيغۇرسوفتنىڭلا مەھسۇلاتى قويۇلىدىغان ئوخشايدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:47
    • شۇنداق، ھازىرچە بىر-بىرلەپ كېلىمىز، ئاندىن باشقا ماللارغىمۇ كېڭەيتىمىز، ئەڭ نوچى ئىش شۇ بولدىكى ھازىر ئۈندىدار ۋە تور بېكىتىمىزدە بىۋاسىتە شىركەت ھېساباتىمىزغا پۇل تۇتالايمىز. ئەمدى نېمە ساتساق بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:04
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم
    بۇ دۇككاننىڭ ئادرىسى قانداق بۇلار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:41
باھا بېتى: 1 2