ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسى ئاشكارىلاندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
نەچچە كۈنى ئىلگىرى مەن توردا ھەقسىز دەرس سۆزلەيدىغانلىقىمنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاسلار بولۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۈگۈن بەزى تەپسىلاتلارنى بىلدۈرمەكچىمەن.
مەن تېڭشۈن دەرسخانىسى(腾讯课堂)دا نەقمەيدان ھەقسىز دەرس سۆزلەيمەن، ئادرېسى مانا: http://alim.ke.qq.com
دەرسخانىنىڭ تەلىپى بويىچە QQ توپى قۇرۇلدى. نەقمەيدان دەرسنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت QQ توپىغا ئەزا بولۇشۇڭلار كېرەك ئىكەن، توپ نومۇرى: (484791181).
ھەممىمىزگە مەلۇم QQ توپىنىڭ ئەزا چەكلىمىسى بار. شۇڭا دەرسىمنى نەقمەيداندىن بىۋاسىتە ئاڭلىماقچى بولغان تورداشلارنىڭ بۇ توپقا ئەزا بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. توپنىڭ ھازىرقى ئادەم چەكلىمىسى 200 بولۇپ، ناۋادا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئېشىپ كەتسە، دەرسكە قاتنىشالمايسىلەر، ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم دەرسىمنى ئاڭلىماقچى بولسا، مەن دەرھال ئادەم سانىنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشىم كېرەك، شۇڭا ماسلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ دەرسىم نەقمەيداندا سىنغا ئېلىنىدۇ، ئەمما ئۇنى تورغا يوللاش، تەستىقلىتىش ئۈچۈن ھەپتە ئون كۈن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا نەقمەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلاش ئۈچۈن توپقا ئەزا بولساڭلار، مەن بۇ توپقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىمەن. توپ ئەزالىرى دەرسىمنى ئاڭلايمەن دەپ تىزىملىتىشى (我要报名) كېرەك ئىكەن.
ئاندىن تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭلار.
دەرس باشلاشتىن ئىلگىرى تور دەرسخانىسى مۇھىتىغا كۆنۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىم سىناق دەرس سۆزلەشنى پىلان قىلدىم. مەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۈندىدار سالونى، يۇقىرىدا تىلغا QQ توپىغا ئەۋەتىمەن، ئاندىن يەنە پات-پات ئالىم ئەھەت بىلوگى(www.alimahat.com)نى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭلار.
ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
============
مەن بۇ ئۇچۇرنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 4:00 دە 68 مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىدا تارقاتقان ئىدىم. بەش مىنۇت ئىچىدە كۆرۈلۈشى 2000 دىن ئېشىپ كەتتى، ھازىرقى كۆرۈلۈشى 8751 بولۇپتۇ، بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرسوفت سالونىغا يېڭىدىن قۇشۇلغان ئادەم سانىمۇ 2000 گە يېقىنلىشىپتۇ، ئەمما مەن دەرسنى تېڭشۈن دەرسخانىسىدا سۆزلەيدىغان بولغاچقا، توپ قۇرۇش ئىكەن، دەسلەپتە مەن 200 ئادەم بولسا يېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما 11 مىنۇت ئىچىدە 200 دىن ئېشىپ سان توشۇپ قالدى. كېيىن پۇل تاپشۇرۇپ سالون ئادەم سانىنى 1000 غا كۆتەردىم، ئەمما ئىككى سائەتكە قالماي بۇ 1000 ئادەممۇ تىزىملىتىپ بولدى. بۇ توپنىڭ چەكلىمىسى 1000، بۇنى يەنە كۆپەيتىش ئۈچۈن QQ ئىشلىتىش تارىخىم بىر ھەپتىگىمۇ يەتمىگەچكە، ھازىرچە ئامال بولمىغۇدەك، ئىككى قېتىم 2000 كىشلىك سالونغا پۇل تۆلەپمۇ باقتىم، ئۇلارنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتمەي باشقا ئامال قالمىدى، بىرنەچچە كۈن سەۋرى قىلىپ تۇرۇڭلار.
مېنىڭ QQ نى رەسمىي ئىشلىتىش يېشىم 1.2 كۈن بولۇپتۇ، ھازىرقى سالونىم 1000 كىشلىك، ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتتى، نۇرغۇن بالىلار دېرىزە تۈۋىدە قاراپ تۇرىدۇ. بۇنى 2000 كىشلىك سالونغا دەرىجە ئۆستۈرەي دېسەم، مېنىڭ ھازىرقى دەرىجەم SVIP1 ئىكەن، SVIP6 غا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن 2000 كىشلىك سالون ئۈچۈن ئىككى قېتىممۇ پۇل تۆلەپ بولدۇم، ئەگەر مۇشۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇيمەنلا دېسەڭلار، مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن دەرس سۆزلەشكە رازى. يەنە باشقا ئۇستازلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ، كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرىدىنمۇ دەرس سۆزلەشنى پىلان قىلىۋاتىمەن. قوللاپ بەرگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,792 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 09-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:51
- ئالدىنقى يازما :Best things about Vehicles – Essay
- كېيىنكى يازما :Writing Work desk additionally Monitor Analysis
مۇشۇنداق ئىسىل خەۋەردىن خەۋەرسىز قاپتۇق ،ماڭا توپقا قوشۇلۇش پۇرسىتى نىسىپ بولارمۇ!
ئالىم مۇئەللىم. qq توپىغا نىمىگە ئاساسەن تاللاپ قوشىسىز. مەن نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلىپ بولدۇم. باشقىلارنى قوشىۋاتىسىز. مەن ھېچ قوشىلالمىدىم.
كەچۈرۈڭ، ھازىرچە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم پاتمايدىكەن.
ئالىم مۇئەللىم !
ۋىن10 دا فىلاش قويغۇچنى پۇلغا سىتىۋالامدۇق ياكى ھەقسىز نەشىرى بارمۇ؟
بۈگۈن شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بىتىدىن، تىلىۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئاچسام قويۇلمىدى.
ۋىن 10 نىڭ ئەپ دۇكىنىغا قاراپ باقسام، پ، د ، ف نەشىرىنىلا ھەقسىز قىلىپتۇ، لىكىن فىلاش قويغۇچى ھەقلىق تۇرىدۇ.
بۇنى ئەمدى قانداق ھەل قىلىمىز؟
ئالدىنقى قىتىملىق كۇرۇسلىرىدا ئۇقۇغاننىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بىر قۇشىۋالسىلا بۇلاتتى مالىم
مالىم نەچچە كۈن زىرىكمەي ئېلتىماس قىلساممۇ بىر قۇشۇپ دىسە، ھەي !!!!
مەنمۇ مۇشۇ پىروگىراممىغا ئىشتىياق باغلىغان ئوت يۈرەك ئىدىم ، مەن سىرتتا قالغاندەك تۇرامدىم قانداق ، مۇشۇنداق ياخشى ئىشتىن خەۋەرسىز قالغان ماڭا لەنەتلەر بولسۇن ……. ئىسىت . كوت-كوت نۇمۇرۇم 82646108 بەكلا ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى دىسە