چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق لايىھەلىسەك بولار؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق لايىھەلىسەك بولار؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

يېقىندا چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ باقاي دېگەن ئىدىم، ئازىراق چۈشەنچە بېرەي:

بۇنىڭدىن كېيىن «ئەقلىي تېلېفون» ياكى «تاختا كومپيۇتېر»لاردا، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان چەكمە كۇنۇپكا تاختا لايىھەسى قوللىنىلىدۇ. بۇنى بەزىدە يەنە يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى دەپمۇ ئاتايدىكەن. شەكلى مانا:


ئىزاھات: يۇقىرىدىكى قارا كۇنۇپكا تاختىسى مىكروسوفتنىڭ، ئاستىدىكى ئاق كۇنۇپكا ئالما شىركىتىنىڭ، ئالما شىركىتىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدا بارلىق بالا كۇنۇپكا ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ.

مەسىلەن: ئاۋۇ ئىنگلىزچە «e» نى باسساق، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قۇر، ئۈچ ئىستونلۇق جەمئىي توققۇز كاتەكچە پەيدا بولىدىكەن. ناۋادا، باشقا ھەرپ-بەلگە ئورۇنلاشتۇرمىساق، بوش كۇنۇپكىلار كۆرۈنمەيدىكەن، ماۋۇ رەسىمدە ئاۋۇ «e» غا مۇناسىۋەتلىك يەنە بەش ھەرپ-بەلگە كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنداقتا، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن «e» نى باسساق، ئۇيغۇرچە «ې»، «ئې» كۆرۈنگەندىن سىرت يەنە ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرمۇ كۆرۈنسۇنمۇ؟ بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە يازغاندا، خوت ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز بولىدۇ.

دىققەت:
(1) ئاساسىي ھەرپ-بەلگىلەر يەنىلا ئەسلىدىكى قاتتىق كۇنۇپكا تاختا لايىھەسى بويىچە بولىدۇ، «32 يۇمشاق كۇنۇپكا قىلىپ، Shift باسمايدىغان لايىھەلەيلى»-دېگەن ئىدىيە ھازىرچە مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ.
(2) بۇنىڭدا يەنە ئايرىم Shift كۇنۇپكىسى بار، مەسىلەن: كۇنۇپكا «e» ،«E» بېسىلغاندا، ئەتراپىدا كۆرۈنىدىغان ئاۋۇ قوشۇمچە بالا كۇنۇپكىلاردىكى ھەرپ-بەلگىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.

مۇلاھىزە: كۇنۇپكا «f» بېسىلغاندا، ئەلۋەتتە ئەڭ ئوتتۇرىدىكى بالا كۇنۇپكىدا «ا»، ئۈستىدە «ف»، ئاستىدا «ئا» كۆرۈنسە، ئوڭ تەرەپتىكى يەنى شەرقىي شىمال يۆنىلىشتىكى بالا كۇنۇپكىدا ئىنگلىزچە «F»، ئوڭ تەرەپتە ئىنگلىزچە «f» كۆرۈنسە توغرا بولامدۇ؟ يەنە بەزىلەر لاتىنچە بەلگىلەرنىمۇ قوشۇپ قويايلى دېيىشى مۇمكىن، مەن ھازىرچە بۇنداق ئىدىيەنى قوللىمايمەن. چۈنكى، ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا لاتىنچە مۈڭگۈزلۈك بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ.

قېنى ئەركىن پىكىر-بەرگەيسىلەر، ئىلگىرى تارىخ ياكى مەلۇم شەخسكە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر بۇ تېمىدا ئالقىشلانمايدۇ. ئاۋۋال ھەرپ-بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرايلى، ئاندىن ئاستىدىكى تىنىش-بەلگە كۇنۇپكا تاختىسىنى مۇزاكىرە قىلايلى. بالا كۇنۇپكىلارنى ھازىرچە شەرقىي شىمال، شەرق، شەرقىي جەنۇب، جەنۇب، غەربىي جەنۇب، غەرب، غەربىي شىمال، شىمال يۆنىلىش بويىچە ئاتاپ باقتىم.

سوئال: كۇنۇپكا «f» بېسىلغاندا، شەرقىي شىمال، شەرق، شەرقىي جەنۇب، جەنۇب، غەربىي جەنۇب، غەرب، غەربىي شىمال، شىمال جەمئىي سەككىز بالا كۇنۇپكىدا، قانداق ھەرپ-بەلگىلەر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
جاۋابىڭلارنى ساقلاپ قالدىم، رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
49 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • دىمەكچى، ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز بىلەن ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى يېقىنلىرى بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا قولايلىشىپ،تېخىمۇ تىز ئومۇملىشاتتى، دەپ قارايمەن.
    مېنىڭ چۈشەنچەمدە، ئەينى ۋاقىتتا يۇقارقى قولايلىقتىن باشقا يەنە ھەرىپلەرنىڭ ئىشلىتىىلىش قېتىم سانى، ياكى كۆپ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنىمۇ ئويلىشىپ تۇرۇپ شۇنداق تۈزىگەن بولىشى مۇملىن ەدپمۇ ئويلايمەن لېكىن، يەنىلا بولسا تئۆزئ0ئارا ئوخشاشلىقنى كۆپرەك ئاساس قىلغان بولسا دەپ قارايمەن.
    كونكىرىت كونۇپكا كۆرۈنۈش سۈرىتىنى كەچتە ياساپ ئىۋەتەي، ھازىر خىزمەتكە تاقىشىپ قالدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:16
  • سالام ئالىم مۇئەللىم، بۇ تېمىڭىزىدىن ئالەمچە خوشال بولدۇم. دوستىمىز »ئويچى»نىڭ پىكىرى ھەممەيلەن دۇچ كەلگەن مەسىلە دەپ قارايمەن. ئەينى چاغدا ، تۇنجى كونۇپكا تاختىسىغا ھەرىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەنگەندىكى جاپا0-مۇشەققەت قىيىنچىلىق ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئويلىنىشلاردىن بىز خەۋەرسىز.، شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى يول باشچىلارنىڭ شۇ تۆھپىسىدىن كۆپ مىننەتدارمىز، شەخسەن مەن شۇ ئىشلارنى روياپقا چىقارغان ئالدىن يۈرەرلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
    ئەمدى گېپىمگە كەلسەم، شۇ ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇالغان بۇ خىل كونۇپكا -ھەرپ تۈزۈلۈش شەكلى (قائىدىسى) زور كۆپ قىسىم ۋاقىتتا كومپىيوتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسىنى ئاساسلىق ئوبىيكىت قىلغان، بۇ خىل كونۇپكا تاختىسىنىڭ كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلىرى كەسپى خەت ئۇرغۇچىلار، ياكى شۇ ساھە بىلەن كۆپ شۇغۇللانغۇچىلاردىن ئىدى. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كونۇپكا تاختىسىدا خەت يېزپ مەقسەت ئىپادىلەش ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى، ھەتتا ئايرىلالمايدىغان ھالاتكە قەدەم قويدى. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەسىلە، قاتتىق كونۇپكا تاختىسدا ئەمەس بەلكى سەزگەۈر ئىكران ئاساسىدىكى مەۋھۇم بولغان ئالاھىدە ماتىريال ئۈستىدە خەت ئۇرۇش. خەت ئۇرۇش بۇ بىر جەريان. ئەمدى بۇنى يېشىپ تەھلىل قىلىپ باقايلى:
    ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىگە قارايلى:
    1. ھەرىپلەر تولۇق، كۆرۈنۈشى ئوچۇق بولۇش (خوت يۆتكەش ياكى باشقا كۆپ ئىقتىدار كونۇپكا ئىقتىدارنى چەتكا قاقمايمىز)
    2.ئاددىي ۋە تىز. خەت ئۇرۇش تەرتىپى ئامال بار ئاددى، سۈرئىتى تىز ، يەنى قولاي بولىشى ھەممىدىن مۇھىم.

    مانا بۇ بىزنى ئويلىشىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلىلەردۇر.

    تەلەپ ئېنىق بولدى. ئەمدى شارائىتىمىزغا، بىزنى چەكلەيدىغان قىينايدىغان شارائتىلارغا قارايلى:
    قاتتىق دىتال جەھەتتە:
    1.كونۇپكا سانى چەكلىمىسى . بۇ ھازىرقى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بارغانچە كىچىكلىشىپ ئەپچىللىشىپ بارغانلىقىدىن دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. بۇ مەسىلە بىزنىلار ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق مەسىلە، شۇڭا سانائىتى ئىلغارلار بىۋاسىتە ئاۋاز ئارقىلىق ماشىنا بىلەن پىكىرلىشىش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىرشماقتا.
    ئەمدى يۇمشاق شارائىتلاردىن قارىساق،:
    1.كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئادىتى ياكى قوللىنىش شەكلى ( مانا بۇ يۇمتالچىلىقنىڭ جېنى دەپ قارايمەن)
    2. بۇرۇن تۈزۈلۈپ ئومۇملىشىپ،مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىشلەنگەن، سۈكۈت ھالىتىدىكى كونۇپكا تاختا لاھىيەسى

    مەسىلە مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت. ئەمدى مېنىڭ ھەل ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى ئىيتىپ ئۆتىمەن.

    1. ئەڭ ئاۋال قاتتىق دىتالنى ئۆگەرتىش ئىمكانىيىتى ئاز، بۇنىڭغا جىق دەتالاش قىلىشنى ئارتۇقچە ھىساپلايمەن.
    2. بۇرۇن تۈزۈلگەن، ھازىرقى سۈكۈت ھالىتىدىكى كونۇپكا تاختىسى بىزگە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە ھازىرقى يېڭى شارائىتتىكى يېڭى تەلەپتە، بۇنى مەۋھۇم تاىتىدا خەت باسىدىغانلار ئۈچۈن داۋاملىق قوللىنىش ئەڭ ئاقىلانە چارە دەپ قارىمايمەن. سەۋەپلەر:
    1. بىز ھازىر كۆپ تىل شارائىتىدا ياشاۋاتىمىز، ھەم شۇنداقلا تەلەپپۇزىمىزدا خېلى كۆپ تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلالايمىز. بۇ بىر ئارتۇقچىلىق. شۇنداقلا بۇ خىل ئارتۇقچىلىق بىزگە لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ دىگەن گۇمانغا باشلايدۇ. لېكىن، بىزنىڭ سۆزىنىڭ ئېنىقكى: يېزىقىمىز دەل مۇشۇ «كونا يېزىق» دەپ ئاتىلىۋاتقان مۇشۇ خىل يېزىق شەكلى. بىز بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز. ئەكسىچە مۇشۇ يېزىق شەكلى بىلەن دۇنيا ئەللىرى قاتارىدا باشقىلارغا ئوخشاش قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايمىز. گەپنى يىغسام، تىل ئالاھىدىلىكىمىز مەلۇم ئىمكانىيەتلەرنى تۇغدۇرغان بىلەن بۇ پەقەت بىر قىسىم ھالەتكە ماس، ھەرگىزمۇ تولۇق خوپ كېلىدۇ ئەمەس. شۇڭا لاتىنچە يېزىقنى ئارىلاشتۇرۇشنى ئويلاشمايلى. پىن يىن دىگەنلەرنىمۇ ئويلاشمايلى. چۈنكى بىزنىڭ ئۆز يېزىقىمىزدا مۇشۇ ئەسۋاپ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشقا سېلىش ئىقتىدارىمىز بار. نۆۋەتتىكى مەسىلە، ئامال بولسا ئەڭ قولاي ، ئەپچىل چارە بىلەن مۇشۇ ئۇيەىۇر تىلىمىز، يېزىقىمىز ئارقىلىق ھازىرقى يېڭى تېخنىكىغا ماسلىشىپ، شۇ يېزىقتا ئادەم-ماشىنا پىكىرلىشىشىنى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئورۇنلىساق.
    قارايدىغان بولساق، ھازىر ئىنگىلىزچە كونۇپكا تاختىسى بىلەن خەنزۇچە ( بىز كۆپ قوللىنىش ئىمكانىيىتىدىكى ئىككى تىلنى مىسال قىلاي) كونۇپكا تاختىسىدىكى ھەرىپلەرنىڭ تەلەپپۇز ئورتاقلىقى بەلكىم بىزدىن يۇقىرى، ماس كېلىشى بىزنىڭكىدىن بەكرەك ئالالشقان دىيىشكە بولىدۇ، چۈنكى خەنزۇ پىنيىن ۋەرپى لاتىن يىزىقى ئاساسىدا خەنزۇ تىلىغا بۇيسۇندۇرۇلغان يېڭى بىر خىل بەلگە – ھەرپ شەكلى. شۇڭا ئۇنىڭدا باشقا ئارتۇق، ياكى يېڭىچە ھەرپ يوق. شۇڭا ئوڭايلا ماس كېلىدۇ.
    ئەمما بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ھەرىپلەر كۆپرەك، ھەم ھازىرقى كونۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە ھەرىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا خېلى چوڭ پەرق بار. شۇڭا دوستىمىز «ئويچى» ئېيىتقاندەك، شۇنداقلا كۆچلىگەن كىشلىرىمىز ھېس قىلىپ، قولايسىز كۆرگەندەك بۇ خىل مەسىلە كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
    مانا بۇ ئۇيغۇرچىنىڭ، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ ئومۇملىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ بىۋاسىتە «كىچىك مەسىلە»سى. لېكىن، ئىشىنىمەنكى مانا بۇ مەسىلە دەل ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ تەرققىياتىنى ئومۇملىشىشىنى توسۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقىسى.
    شۇڭا، تەكلىپىم، بولسا، تېرىشالىساق، مۇشۇ كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەرىپ ئورۇنلاشتۇرىشىنى تەڭشىگەن بولساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:08
  • بولسا ھەممە ھەرىپنى ئايرىم كونوپكا قىلساقمىكىن ، خەت بېسىش سۈر ئىتى تىز لىشىدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:58
  • ‏يۇقارقى لاھىيەلەش ئۇسۇلى تېلفۇندا QQسۆزلىشىدغانلارغا تېخىمۇ ماس كىلەرمىكى دەيمەن. تورداشلار ئاكتىپ ۋە كەسكىن پىكىر بەرسەڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:36
  • ياخشىمۇ سىلەر ئۇستازلار،تورداشلار!مەن سىلەرنىڭ كونۇپكا تاختىسنى مۇلاھىزە ئېلىپ بېرۋاتىقىنىڭلارنى كۆرۇپ،ئۇزۇندىن بۇيان كونۇپكا تاختاسىغا كۆنەلمەيۋاتقان بۇ دەردىمنى سىلەرگە ئېيتىش پۇرسىتى كەلدى دەپ قاراپ،توردىكى ئۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپلا دەرھال قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئككى ئېغز سۆزلەپ باققۇم كەلدى.
    مەن كونۇپكا تاختىسىنى مۇنداق لاھىيلىسە قۇلايلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
    ئەمسە لاھلەشنى باشلىدىم!:ھازىر ھەممەيلەن دىگۈدەك QQئشلىتىدۇ ۋە باشقا ئۇسۇللاردا خەت ئالاقە قىلىدۇ ياكى كومپىيۇتىرغا خەت كىرگۈزىدۇ.ئاشۇQQدا پاراڭلىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپۇنچىسى خەنزۇچە ياكى پىنيىنچە (ئنگلىز ھەرپى)يېزىپ ئۇچۇر ئالاقە قىلىدۇ،ئۇيغۇرچە قوللايدىغان يۇمتالدىمۇ شۇنداق قىلىشىدۇ.ئۇلاردىن نىمىشقا ئۇيغۇرچە يازمايسەن؟دەپ سورالسا ‹‹كونۇپكىسىنى تېپىپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا پىنيىنچە يازدىم››دەيدۇ.مەنمۇ شۇنىڭ ئچىدە .
    كونۇپكا ئورنىنى ئتتك تاپالماسلىقنىڭ سەۋەبى ‹‹ا››ھەرپى Fقا،‹‹ھ››ھەرپى Aغا ،‹‹ڭ››ھەرپى Iغا ،‹‹ە››ھەرپىGغا ئورۇنلاشتۇرۇرلغانلىقىدەك ئنگىلىزچە ھەرىپنىڭ ئوقۇلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر ماس كەلمەي قېلىپ،ئارلاشتۇرۋىتىپ،شۇ سەۋەپلىك تىز تاپالمايدىغان ،خاتا بېسىپ قالىدىغان ئش چىقىدۇ.
    بىز QQدا پاراڭلىشىۋاتقانلارنىڭ مۇنداق يېزىشقانلىقىنى كۆرىمىز.‹‹ئادەم››دىگەننىadam،‹‹مەكتەپ››دىگەننىmaktapدەپ ئىپادىلەيدۇ،بۇيەردىكى ‹‹ئادەم››دىكى ‹‹ا››ھەرپى aبىلەن،‹‹مەكتەپ››تىكى ‹‹ە››ھەرپىمۇ aبىلەن ئىپادىلەنگەن.مىنىڭچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېقىنچىلىقى بار ھەرپلەرنى بىر كونۇپكىغا ئورناتساق قۇلاي بولىدۇ،يەنى ‹‹ئا››‹‹ئە››‹‹a››لەرنىڭ يېقىنچىلىقى بار.يەنە مەسىلەن:‹‹قاچان››دىگەننى kaqan،‹‹كەل››دىگەننى kalدەپ ئىپادىلەيدۇ،‹‹قاچان››دىكى‹‹ق››ھەرپىkبىلەن،‹‹كەل››دىگەندىكى ‹‹ك››ھەرپىمۇkبىلەن ئىپادىلەنگەن.بۇ يەردىكى ق ك kلەرنىڭ يېقىنچىلىقى بار.(بۇنداقلىرى يەنە بار،رەسىملىكىنى سىزپ قويغان ئىدىم يوللىيالمىدىم).قسقىسى كەسپى خەت ئۇرمايدىغانلار مۇشۇنداق ئادەتلەندى.
    ئەگەر كونۇپكا تاختىسىنى ئەسلىدىكى ئنگىلىزچە كونۇپكا تاختىسىغا ماس كىلىدىغانراق ئورۇنلاشتۇرساق قولاي بولىدۇ دەپ قارايمەن.خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىمۇ شۇنداق يېزىلدىغان بولغاندىكىن.
    بىز ھامان ئنگىلزچە،خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىدىن ئايرىلالمايمىز،ئەگەر بىز باشقا كونۇپكا تاختىللىرىنى چەتكە قاقىدىغان كونۇپكا تاختىسىنى ئشلەتسەك،ئۇ ئۈچ خىل تىلدىن ئايرىلالماسلىق سەۋەپلىك كونۇپكا تاختىسىغا كۆنەلمەيدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ.شۇڭا بۇ ئۇيغۇرچىنى ئومۇملاشتۇرۇشتكى يەنە بىر ھالقا دەپ قارايمەن.
    ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن تەپسىلى سۆزلىمىدىم ،لىكىن كونۇپكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنى سىزىپ قويغان ئىدىم ،بولسا ئالىم مۇئەللىمگە يوللاپ بەرسەم تورغا قويۇپ مۇلاھىزە قىلساق دىگەن ئۈمۈتتە!1506867808@qq.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 13:24
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەنمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي، مەن SHIFTنى باسماي‹ژ،ف،گ،خ،ج،ۆ،لا نى چىقارغىلى بولىدىغان ھەم SHIFTنى بېسىپمۇ چىقارغىلى بولىدىغان لاھىيە ياختى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:27
  • مىنىڭ ئويلىغىنىم بۇرۇنقى كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۇسلۇبى ساقلىنىپ قالسا.
    ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرلا قوللىنىلسا، (لاتىنچىنى خوت ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە)، Shift بىسىپ ھەم باسماي ، بالا كۇنۇپ كىلارنى ئىشلەتكىلى بولسا دىگەن كۆزقارشىم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:04
  • تىل-يېزىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن بەكلا خوشال بولدۇم.
    شۇنداقلا ئالىمجانغا ئوخشاش لاتىن، پاتىنلارنى ھازىرچە قۇيۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ساپ بولغان ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزنى كۆپرەك ئويلاشساق بولاتتى.
    چۈنكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تېخى لاتىن، ئېنگلىز يېزىقلىرىدىن نەچچە ئەسىر يىراقتا….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 00:15
  • بىلكان ۋە ئۇيغۇردەۋدىكىلەر ئۇيغۇرچە ئاندىروئىد نىڭ يانفۇن روملىرى ۋە بىلكان پەدتە خېلى مۇۋاپىق لايىھە قوللىنىپتۇغۇ، ئالىم مۇئەللىم، نىمىشقا شۇنداق ئەمەلىي نەتىجىسى بارلار بىلەن مەسلىھەت قىلىنمايدۇ، كىيىن بىلكان لايىھەسى، ئالىم مۇئەللىم لايىھەسى، … داشۆ لايىھەسى دەپ كونۇپكىلار چىقمىسۇن ئەمدى، بولسا بىرلىككە كېلىنسە ياخشى بۇلاتتى. قارلۇقتىكىلەر ئالما جەمەتىدىكى خاتېرەمگە قانداق ئۆلچەم قوللاندىكىن، ھەي ي ي، بۇ لايىھە پىكرىڭىزمۇ بەك كىچىكىپتۇما قانداق. ھەقىچان بىلكان بىلەن قارلۇقنىڭ كۇنۇپكا لايىھەسى بىردەك ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:22
    • بۇ ئىنكاسنى بىر ئويلىشىش كېرەك زاتەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى am 11:33
    • ‏ئۇيغۇر تىلىنىڭ كودى دىمىسمۇ بىرلىككە كىلىشى كىرەك.يەنى بىر كومپىيۇتېردا ئۇرۇلغان خەتنى ياكى خەت نۇسقىسىنى  يەنە بىر كومپىيۇتىر نورمال تونىشى كىرەك.ئەمما كونۇپكا تاختىسنىڭ بىرلىككە كىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق،ھازرقى كونۇپكا تاختسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا لاھيەلىسە كىشلەر ئۇنىڭ ئارسىدىن ياخشسىنى تاللاپ ئشلىتەلەيدۇ،ھەمدە ئەڭ قۇلايلىق نۇسخسى خەلىق تەرپىدىن ئىتىراپ قىلنىپ ئۆزلىگدىن بىرلككە كىلىدۇ.
      (‏ئنكاسڭىزنى كۈتىمەن)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:21
  • ئۇيغۇردېۋ ۋە بىلكان تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئاندرويدتىكى كونۇپكا تاختىسىچۇ ؟
    http://lab.uyghurdev.net/Uyghuroid/ScreenCap/Sms.png

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:57
    • ئۇيغۇر ئەپەندى ياخشىمۇسىز!
      سىز دىگەن ئۇيغۇرچە ئاندرويد سېستىمىسىدىكى كونۇپكا تاختىسىنىڭ APKھۆججىتىنى قەيەردىن تاپقىى بولىدۇ؟ ھەقسىزمۇ ياكى سېتىۋالامدۇ؟ ئۇلىنش ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز ياكى بۇھەقتە كۆپرەك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم !!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى am 00:19
      • بۇ كىرگۈزگۈچ بىلكان ۋە ئۇيغۇردېۋ تارقاتقان Nexus one نىڭ رومى ئىچىدە بار. بۇنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن ئېلىپ روم ياساپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، توردا كەڭرى ھازىر.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:54
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز!
    android سېستىمىسىغا چۈشىدىغان يۇمشاق كونۇپكا تاختىسىنىڭ سىناق نۇسقىسىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:09
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ؟
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى توغىرسىدا ئىزدىنىۋىتىپسىز بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ،سىز بىزنىڭ پەخرىمىز ……..مەن يەنە فلىم ئىشلەش دىتاللىرى ئىلان ئىشلەش دىتاللىرى رەسىم ئىشلەش دىتاللىرى قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرچە خەتنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولسىكەن دەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى am 08:24
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز!
    ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە جان كۆيدۈرىۋاتقان سىزدەك بىر ئوغلاننىڭ چەكمە كونۇپكا تاختىسى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم، چۈنكى مەن مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقۇپ تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدىم :
    نەچچە كۈن ئالدىدا يانفون ئارقىلىق ئۇيغۇرچە توربەتلىرىنى كۆرۇپ بېقىش ئىستىكىدە،ئۆزۈم بىلىدىغان بىرنەچچە ئۇيغۇرچە توربەتلىرىنى android 2.3.4 سېستىمىسى سەپلەنگەن تېلېغوندا ئېچىپ كۆردۈم ،بەت يۈزىدىكى ھەرىپلەرنىڭ ئۇلىنىشى ناھايىتى نورمال، خەتلەر تولىمۇ كۆركەم كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۇيغۇرچە تەييارلانغان word ھۆججىتىنى ئىچىپ كۆردىم ، يەنىلا ناھايىتى نورمال كۆرۈندى ،بۇنىڭغىمۇ ئىشەنگىم كەلمەي ،يانفونىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالغان بىر تونۇشىمنىڭ يانفونى ئارقىلىق ئۆزۈمگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ باقتىم ، ئۇمۇ نورمال كۆرۇندى ،شۇندىلا گوگۇل شىركىتىگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى،چۈنكى مەن بۇ تېلېفوننىڭ سېستىمىسىغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئۆزگەرتىش قىلىپ باقمىغان ھەتتا ئۇيغۇرچىغا دائىر بىرەر يۇمشاق دېتالمۇ قاچىلاپ باقمىغان. google شىركىتى android 2.3.4 سېستىمىسىنى بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تونۇيدىغان قىلىپ لايىھەلەپتۇ دەپ چۈشەندىم.دەرۋەقە بۇندىن نەچچە يىللار ئىلگىرىلا google شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىزدەش باش بىتىنى ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن ھەم بەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە مەۋھۇم كونۇپكا تاختىسى بىلەن تەمىنلىگەن ،شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن google شىركىتىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار.ئەمدى ئۆز گىپىمگە كەلسەم ، بۇ بىرقاتار سىناقلاردىن كىيىن ، ماڭا كېرىكى android سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ ئىكەن دەپ ئويلاپ ،دەرھال google نى ئېچىپ ئىزدىدىم ،بىركۈن ھەپىلىشىپ ئاخىرى بىرنى تاپتىم ، شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە ئۇ دىتالنى تېلېفونۇمغا قاچىلىدىم ، لىكىن بۇ ھاياجىنىم ئۇزۇنغا بارمىدى ، نەشىرى ئۇدۇل كەلمىدىمۇ ئەيتاۋۇر ھىچقانداق ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى ئېچىلمىدى ، كىيىن ئۇقسام بۇ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى بىر چەتئەللىك دوستىمىز ياساپ چىققان ئىكەن ،دىيارىمىزدىكى بۇ ئىشنىڭ ئىپىنى ئۇقىدىغان بىرقىسىم دوستلىرىمىز ئۇ يۇمشاق دېتالغا ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ، نورمال ئىشلىتىۋىتىپتۇ، ھازىر ئۇيغۇرچە ھەرىپنىڭ خەلقارالىق ئۆلچىمى بېكىتىپ بولۇنغان مۇشۇ شارائىتتا ، ھەتتا كومپىيوتېردىمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى نورمال ھالەتتە كۆرۈش تەس بولۇۋاتقان شارائىتتا گوگول شىركىتى ئۆز مەھسۇلاتىنى ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە تونۇيدىغان قىلىپ تەييار قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان خەت كىرگۈزگۈچنى باشقا ئەل كىشىلىرى ياساپ بەرسە ، بۇ قانداق بولۇپ كەتتى ، بىزنىڭ مۇشۇ ئىشنى قىلغۇدەك كىشىلىرىمىز يوقمۇدۇ زادى دەپ تولىمۇ مەيۈسلەنگەن ئىدىم ،سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزنى كۆرۈپ ، بۇئىشقا ھەقىقى كەسىپ ئەھلى تۈتۈش قىپتۇ دەپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ھۇجۈدقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن ، بۇ بوشلۇقنىڭ تىزراق تولدۇرۇلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن.گەرچە بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىساممۇ ئاددى بىر تەكلىپ: google نىڭ باش بىتىدىكى ئۇيغۇرچە مەۋھۇم كونۇبكا تاختىسىدىكى ھەرىپ ۋە بەلگىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى چەكمە كونۇپكا تاختىغا تەدبىقلاشقا بولامدۇ،يوق.ئىككىنچى تەكلىپ :سىز رەسىمدە كۆرسەتكەن كونۇپكا تاختىسى يانتۇ (گورزىنتال 横屏模式)ھالەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئىكەن ،تىك(ۋېرتىكال竖屏模式)ھالەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟بۇ دېگىنىم ، ئەگەر بۇ كونۇپكا تاختىسى چەكمە ئىكرانلىق تېلېفونغا سەپلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تىك ھالىتىنىمۇ ئويلىشىشقا توغرا كىلىدۇ. دېگەنلىرىم ئورۇنلۇقمۇ ،يوق . ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرۈك!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى am 03:18
    • مېنىڭچە مەيلى كىم قىلسۇن ئۇيغۇر تىلى يېزىقىغا، شۇ ئۈسكۈنىلەرگە پايدىلىق بولسىلا بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭ تىك ھالىتى ۋە تۈز ھالىتى ئۆزى ئاپتۇماتىك تەڭشىلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:21
باھا بېتى: 1 2