چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق لايىھەلىسەك بولار؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق لايىھەلىسەك بولار؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

يېقىندا چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ باقاي دېگەن ئىدىم، ئازىراق چۈشەنچە بېرەي:

بۇنىڭدىن كېيىن «ئەقلىي تېلېفون» ياكى «تاختا كومپيۇتېر»لاردا، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان چەكمە كۇنۇپكا تاختا لايىھەسى قوللىنىلىدۇ. بۇنى بەزىدە يەنە يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى دەپمۇ ئاتايدىكەن. شەكلى مانا:


ئىزاھات: يۇقىرىدىكى قارا كۇنۇپكا تاختىسى مىكروسوفتنىڭ، ئاستىدىكى ئاق كۇنۇپكا ئالما شىركىتىنىڭ، ئالما شىركىتىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدا بارلىق بالا كۇنۇپكا ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ.

مەسىلەن: ئاۋۇ ئىنگلىزچە «e» نى باسساق، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قۇر، ئۈچ ئىستونلۇق جەمئىي توققۇز كاتەكچە پەيدا بولىدىكەن. ناۋادا، باشقا ھەرپ-بەلگە ئورۇنلاشتۇرمىساق، بوش كۇنۇپكىلار كۆرۈنمەيدىكەن، ماۋۇ رەسىمدە ئاۋۇ «e» غا مۇناسىۋەتلىك يەنە بەش ھەرپ-بەلگە كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنداقتا، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن «e» نى باسساق، ئۇيغۇرچە «ې»، «ئې» كۆرۈنگەندىن سىرت يەنە ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرمۇ كۆرۈنسۇنمۇ؟ بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە يازغاندا، خوت ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز بولىدۇ.

دىققەت:
(1) ئاساسىي ھەرپ-بەلگىلەر يەنىلا ئەسلىدىكى قاتتىق كۇنۇپكا تاختا لايىھەسى بويىچە بولىدۇ، «32 يۇمشاق كۇنۇپكا قىلىپ، Shift باسمايدىغان لايىھەلەيلى»-دېگەن ئىدىيە ھازىرچە مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ.
(2) بۇنىڭدا يەنە ئايرىم Shift كۇنۇپكىسى بار، مەسىلەن: كۇنۇپكا «e» ،«E» بېسىلغاندا، ئەتراپىدا كۆرۈنىدىغان ئاۋۇ قوشۇمچە بالا كۇنۇپكىلاردىكى ھەرپ-بەلگىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.

مۇلاھىزە: كۇنۇپكا «f» بېسىلغاندا، ئەلۋەتتە ئەڭ ئوتتۇرىدىكى بالا كۇنۇپكىدا «ا»، ئۈستىدە «ف»، ئاستىدا «ئا» كۆرۈنسە، ئوڭ تەرەپتىكى يەنى شەرقىي شىمال يۆنىلىشتىكى بالا كۇنۇپكىدا ئىنگلىزچە «F»، ئوڭ تەرەپتە ئىنگلىزچە «f» كۆرۈنسە توغرا بولامدۇ؟ يەنە بەزىلەر لاتىنچە بەلگىلەرنىمۇ قوشۇپ قويايلى دېيىشى مۇمكىن، مەن ھازىرچە بۇنداق ئىدىيەنى قوللىمايمەن. چۈنكى، ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا لاتىنچە مۈڭگۈزلۈك بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ.

قېنى ئەركىن پىكىر-بەرگەيسىلەر، ئىلگىرى تارىخ ياكى مەلۇم شەخسكە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر بۇ تېمىدا ئالقىشلانمايدۇ. ئاۋۋال ھەرپ-بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرايلى، ئاندىن ئاستىدىكى تىنىش-بەلگە كۇنۇپكا تاختىسىنى مۇزاكىرە قىلايلى. بالا كۇنۇپكىلارنى ھازىرچە شەرقىي شىمال، شەرق، شەرقىي جەنۇب، جەنۇب، غەربىي جەنۇب، غەرب، غەربىي شىمال، شىمال يۆنىلىش بويىچە ئاتاپ باقتىم.

سوئال: كۇنۇپكا «f» بېسىلغاندا، شەرقىي شىمال، شەرق، شەرقىي جەنۇب، جەنۇب، غەربىي جەنۇب، غەرب، غەربىي شىمال، شىمال جەمئىي سەككىز بالا كۇنۇپكىدا، قانداق ھەرپ-بەلگىلەر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
جاۋابىڭلارنى ساقلاپ قالدىم، رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
49 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • منىڭچە يەنىلا بۇرۇنقى كومپىيۇتىردا قىلىپلاشقان ئۆلچەم مۇۋاپىقتەك تۇرۇدۇ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:47
  • تورداشلار يۇقىرىدا پىكىر بېرىپ بولۇپتۇ، يەنە دېسەك يەنە شۇ…

    دەسلەپكى لايىھەدەك نەرسە بارمىدۇ (پروتوتىپ دەپ قويامدۇق)، ئالىم مۇئەللىم؟ بولسا شۇنىڭغا قاراپ بىر پىكىر قىلساق، ئىلھامىمىز قوزغىلىپ، كاللىمىزغا تېخىمۇ ياخشى پىكىرلەر كېلىپ قالار ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:54
  • ساپ ئۇيغۇرچە بولسۇن،لازىم بولسا خوت ئالماشتۇرايلى. لىكىن ئاۋۇ رەسىمگە قاراپ داڭقىتىپ قالدىم،بىر ھەرىپنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىرنى چەكسەك،بىرتالاي بالا كۇنۇپكا چىقسا يەنە بىرنى تاللاپ چەكسە ئاندىن خەت ئكراندا چىقسا،بۇ تازىمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى.بىزدە بۇ بالا كۇنۇپكىنىڭ لازىملىقى يوقمۇ نىمە؟ مەن شۇنداق ئويلۇدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:02
    • شۇنداق بۇنىڭغا ھازىر قالايمىقان لاتىنچە بەلگىلەر ئارىلاشتۇرۇلمىدى، بۇنداق بولغاندا ئىلمىي بولمايدىكەن. پەقەت «ا» نى باسقاندا، بىۋاستە «ا» چىقىدۇ، ئۇنى بېسىپ بىردەم تۇرساق، «ا» يۇرۇپ تۇرغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ ئۈستىدە «ف» مۇ كۆرۈنىدۇ، باشقا ھېچقانداق ھەرپ-بەلگە كۆرۈنمەيدۇ، قولنى بېسىپ تۇرۇپ ئۈستىگە سىيرىۋەتسەك، «ف» مۇ چىقىدۇ، SHIFT باسمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمدى SHIFT بېسىپ ئۆگىنىپ قالغانلار، SHIFT نى بىر بېسىۋەتسە، ئاۋۇ «ا» نىڭ ئورنىغا «ف» چىقىپ تۇرىدۇ، شۇنى بىر بېسىۋەتسە، «ف» چىققاندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى نورمال ھالەتكە كېلىدۇ، بۇرۇنقىلارغىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ ھەم بۇنداق چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلانغان بولىمىز، كۆپچىلىككە رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:37
      • راس ماۋۇ بولىدىكەن.SHIFTنى باسماي‹ژ،ف،گ،خ،ج،ۆ،لا›نى چىقارغىلى بولىدىغان قىلىپ(ئەلۋەتتە SHIFTبىلەن خوت ئالماشتۇرۇشنىمۇ ساقلاپ قالىسىزدە)لاھىيەلىشىڭىزنى مەن سەخسەن قوللۇدۇم،بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز ماڭا ياقتى.
        «ئككى كۈن بولدى بىلوگىڭىزدىكى خەت تازا نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ،خۇددى ئەرەپچىدەك كۆرۈنۈپ.بۇمىنىڭ مەسىلەممۇ يا؟››

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:55
        • يېڭى ئۇسلوب چىقىپتىكەن، بىخەتەر ۋە چىرايلىق دەپتىكەن، ئاخشام يېڭىلاپ باققان ئىدىم، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى كۆرسىتىدىغان جايى بولمىغاچقا، سىستېما خەت نۇسخىسىغا توغرىلىنىپ قاپتۇ، مەن ئىمكان بار دەرھال ئوڭشاپ قوياي

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:08
        • قايسى تور كۆرگۈ ئىشلەتكەنلىكىڭىزنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:17
      • ما گەپ بولىدىكەن، كونۇپكىنى باسساق، سۈكۈت قىممىتى چىقسا، بىردەم باسساق، قالغان قىممەتلىرى چىقسا ياخشى بوپتۇ، مەن تېخى بىرىنچى قېتىم بېسىشىمىزدىلا بارلىق قىممەتلىرى چىقىدىكەن، بىر ھەرپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىككى قېتىم كونۇپكا باسىدىكەنمىز دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:26
  • بۇنداق بولغاندا ھەر بىر ھەرپنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى قېتىم كونۇپكا باسىدىغان ئىش چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت خوت ئالماشتۇرۇپ يېزىشتىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ قالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:34
    • ئەلۋەتتە، SHIFT ھالەتمۇ ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئەمما، ئاۋۇ بالا كۇنۇپكىنىڭ رولىدىنمۇ پايدىلانغىلى بولارمىكىن دەيمەن، ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:41
  • ئەسسالام ئالىم ئاكا، بۇرۇن مەن سىزنىڭ قول مەشىقى دېتالىڭىزدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچىنى تېز كىرگۈزۈشنى ئۆگىتىشتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان. 4-5 يىل بولدى يوقىتىپ قويدۇم، كومپيۇتېرىمدىن ئۆچۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ. توردىمۇ يوق، ئۇ دېتال ھازىرمۇ بارمۇ؟ ۋىندوسنىڭ يۇقىرى نەشىرلىرىدە ئىشلەيدىغانلىرى بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:11
  • مەن يەنىلا ساپ ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ بولىشىنى قوللايمەن. زۆرۈر بولسا يېزىق ئۆزگەرتىش كۇنۇپكىسى قوشۇپ ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە، لاتىنتىنچە ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولسا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:30
  • مېنىڭچە بوش كۇنۇپكىلار كۆرۈنمەيدىغان بولغاچقا ئاستىدىكى«ئا» نى ، غەرىپ تەرەپكە ئالساق، ئاۋۇ تىكىگە قاتار توغىرسىغا بولغۇدەك، بۇنداق بولغاندا قولايلىق بولامدۇ قانداق؟ باشقا قوشۇمچە كۆرسىتىدىغان ھەرىپ بەلگىنى ھازىرچە ئويلىيالمىدىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:41
  • ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇر تېنىش بەلگىسى تولۇق چىقىدىغان قىلىنسا، ھازىرقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى تېنىش بەلگىلىرى تولۇق چىقمايدىكەن. مەن ئەڭ كۆپ ئۇچىراتقىنىم قوش پەش بىلەن قوش تىرناق مەسىلىسى.
    قوش پەش بىلەن قوش تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار، لېكىن مۇشۇ ئىككى تېنىش بەلگىسى بىزدە خۇددى چېكىت، پەشلەردەك قوللىنىشى ئەڭ كۆپ بولغان تېنىش بەلگىلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن بەك ئىزدەپ كەتتىم ياكى مەن تاپالمىدىممۇ، قوش تىرناق چىقىدىكەن ئەمما قوش پەشنى ھېچ چىقىرالمىدىم. يەنە كېلىپ قوش تىرناق ئوخشاش بولمىغان كىرگۈزگۈچتە ئوخشاش ئەمەسكەن. مەسىلەن ئەلكاتىپ ۋە ئويغان كىرگۈزگۈچتىكى قوش تىرناقنىڭ ئورنىدا پەرق بار. مەن شەخسەن ئويغاننىڭ ئۇسۇلىنى ياقتۇرىدىكەنمەن. بۇنداق دېسەم ئەلكاتىپنى چەتكەن قاققىنىم ئەمەس، بەلكىم ئالىم مۇئەللىم ئەلكاتىپنى ياسىغاندا مۇئەللىمنىڭ باشقىچە ئويلىغىنى باردۇر. ئەمما مەن ئەلكاتىپنىڭ پەقەت مۇشۇ قوش تىرناق ئېچىپ يېىپش جەھەتتىكى ئورنىدىن باشقا ھەممە جەھەتنى ياقتۇردۇم.
    گەپنى يىغسام، مۇشۇ قوش پەش بىلەن قوش تىرناقنىڭ مەسىلىسىنى ئۇستازلار بىر ئويلىنىپ كۆرسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:32
    • مەن شۇ ئۆلچەمنى بۇزماي دەپ، ئىلگىرىكى MS-DOS دەۋرىدە ئەڭ ئالقىشلانغان، بېيدا فاڭجېڭ، سەنلى، خۇاگۇاڭ، بۇغدا،…قاتارلىق مەتبەئە سىستېمىسى بىلەن ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئىدىم، شۇ دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلەر شۇنداق ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، لېكىن، بەزىلەرنىڭ يېڭىلىق ياراتقۇسى كېلىپ قالدى، خەت نۇسخىلىرىنىمۇ شۇنداق ئۆز پېتى ئۆرنەك ئېلىپ ياسىغان ئىدىم، لېكىن، بەزىلەر چېكىت-پەشلىرىنى ئۇياق-بۇياققا تارتىپ باقتى، يا تۈزۈك ئومۇملاشتۇرالمىدى، ئىملا قائىدىسىمۇ شۇنداق بولدى. بۇنداق ئۆلچەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار 10 يىل جىم تۇرالمىدى، Unicode مۇ شۇ، بۇ قېتىم خەت نۇسخىسىدا يەنە «ف» نىڭ مەسىلىسى چىقتى. «ئالدىغا ماڭساق ئات ئۆلىدۇ، كەينىگە ماڭساق ھارۋا»-دېگەن ھېكىمەت بەك توغرا كېلىپ قالدى، مېنىڭچە «ئات ئۆلسە مەيلى، ھارۋا بۇزۇلمىسۇن، ئۆزىمىز ئىتتىرىپ ئالدىغا ماڭارمىز»، ھازىر ئالدىغا قاراپ ماڭماي ئامال يوق. شۇڭا، ئۇچۇر ساھەسىدە ئۆلچەمگە ئالدىراپ تەگمەيلى، ھېچبولمىغاندا قائىدە بۇزۇلمىسۇن. كۆپ گەپ قىلىۋەتتىم سىزگە، كەچۈرۈڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:31
    • ئۇيغۇر يېزىقىدا قوش پەش دەپ يوققۇ دەيمەن.
      خەنزۇ يېزىقىدا 书名号 《》
      双引号 ”“
      دەپ بولىدىغان، لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا ھەممىسىلا بىردەك قوش تىرناق «» ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
      بۇ ئىككى خىل تىنىش بەلگىسىنىڭ رولىنى بەيدۇ دىن سورىساق بولىدۇ.
      سۆزلەرنىغۇ كىرگۈزدۇق ئەمدى تىنىش بەلگىلىرىنىمۇ بىللە كىرگۈزمىسەك بولمامدۇ زادى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:28
    • دۆلەت ئۆلچىمىدە قوش تىرناقنىڭ ئورنى يەنىلا ئويغان ۋە باشقىلىرى بىلەن پەرق بار. ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى دېگەن تېمىغا قاراپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:38
  • مىنىڭچە ئامال بار يات مىللەتلەرنىڭ ھەرپلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ كونۇپكا ھەرپلىرىگە قېتىۋالمىساق، ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز گەرچە باشقا مىللەتنىڭ تىل يېزىقىنى قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ، لېكىن كوپ قىسىم خەلق بەلكىم خەت ئۇرغاندا باشقا مىللەتنىڭ ھەرپلىرىگە ئۇنچىلىك ئېھتىياجلىق ئەمەستۇ شۇنداقلا كونۇپكا تاختىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋالسا بەلكىم بىزار بولۇدىغاندۇ، خۇددى ئۆيىمىزگە يات مىللەتتىن بىر ئەزا قوشۇلۇپ قالغاندەك (مەن شۇلارنىڭ بىرى)، ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىكەن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:23
  • لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان بەلگىلەر سەل ئاۋارىچىلىقمۇ قانداق، «ئا، ئە، ئې، ئى، ئۆ، ئۈ»نى ئىپادىلىگەندە بەك ئاۋارىچىلىق كۆرگەنىدىم. كېيىن پىنىن شەكلى ئىشلەتكەنىدىم. ھازىر يېڭى بىر ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىمەن. يەنى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈستۈن پەش»دەيدىغان بەلگە يوق. شۇڭا ئاشۇ بەلگىنى شۇ يەرگە ئىشلەتسە بولىدىكەن. مەسىلەن:
    «ئا» – «a»؛ «ئە» – «’a»؛ «ئې» – «’e»؛ «ئى» – «e»؛ «ئو» – «o»؛ «ئۆ» – «’o»؛ «ئۇ» – «u»؛ «ئۈ» – «’u». باشقا ھەرپلەر ئۆز پېتى كەلسە، ھېچقانداق توقۇنۇش بولمايدىكەن، ھەرقانداق ئورۇندا بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. مەن ھازىر ئىزچىل شۇنداق ئىشلىتىۋاتىمەن.
    ئالىم ئاكا، سىزمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز، پايدىسى بولامدۇ يوق بىلمىدى.
    مىسال:
    ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردۇڭ. A’ja’p ichimni pushurdung.
    كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى. K’ozu’mdin yash chiqip ka’tti.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:17
    • ئۆزبېكىستان تاشكەنتكە بېرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم، ماۋۇ خەتلەرگە قاراپ.
      مېنىڭ بۇ تور خاتىرەمدە بولسىمۇ، لاتىن يېزىقىنىڭ گېپىنى قىلماي تۇرساڭلار، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:38
      • ئەجەپ ياخشى گەپ قىلدىڭىز، مەن سىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان سۆزلىرىڭىزدىن راستلا تەسىرلەندىم، ئارىمىزدا قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىمىز دەيدىغانلار ئاز ئەمەس. مېنىڭچە بىزنىڭ ئېلىپبە ئىنتايىن مۇكەممەل. مېنىڭمۇ بۇ ئىشقا كۈچ بەرگۈم بار.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:00
  • مېنىڭچە بولسا خاس ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن بىرنى، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە كۆرۈنىدىغاندىن بىرنى ياسىسىڭىز ياخشى بولارمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 18:58
  • مەنچە بولسا خوت ئالماشتۇرمايمىز دەپ بىر كۇنۇپكىغا بىرمۇنچە تاللاش قويغاندىن .خوت ئالمىشىدىغان قىلساق ھەرركىمنىڭ يېزىقى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدە قالۇر.
    ئۇنداق بولمىغاندا بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنى كىمنىڭ دىيىش مەسىلىسى كىلىپ چىقامدۇ قانداق؟
    ئۇنىڭ ئۈستىگە خوت ئالماشتۇرۇشمۇ ئەنسىرىگىدەك قىيىن ئەمەس.
    زۆرۆرىيىتى تېپىلسا shfit ئىشلىتىپ بىرقىسىم ھەرىپلەرنى چىقىرىمىز دىمەي مەلۇم بىر قۇنۇپكىغا بىرنەچچە ھەرىپنى سىغدۇرساق،.بۇخوت مەسىلىسىدىنمۇ ئاسان ھەل بولارمىكىن دەيمەن.
    مەسىلەن uyghurdev ياسىغان android ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسىدىمۇ بىرئىككى ھەرىپنى بىرئورۇندا بىرتەرەپ قىلغان ئىشلار بولغان. ئۇمۇ شۇنداق قولاي بولىدىكەن. قېنى باشقا ئۇشتازلار نىمە دەيدىكىن.
    مەن داۋاملىق مۇشۇ سورۇندا بار .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:28
  • بۇ كونۇپكا تاختا لايىھىسىدە «ئى»، «ئې» قاتارلىق ھەمزە كىلىدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنى ئايرىم كونۇپكا تاختىسى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىمىز دىمەكچىمۇ سىز ؟ بۇنىڭدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىغا قوشۇلىدىغان ئ (ھەمزە) نى ئايرىم ئالماي باشقا ھەرپ بىلەن قوشۇپ ئالسا كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئورنى سەل كۆپىيىپ قالامدۇ قانداق ؟ يەنە بىر مەسىلە ، ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچىنىڭ يېزىق يۆلىنىشى ئوخشىمىغانلىقتىن «ئەقىلىيفون» لاردا خەت يازغاندا يېزىق يۆلىنىشىگە دەخلى يەتمەيدىغان ئەھۋال بولسا ئىنگلىزچە ھەرپلەرنى بىللە قوشۇپ قويۇش خىلى بولىدىغان ياخشى لايىھەكەن . چۈنكى تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى تولۇق قېلىپلاشتۇرۇپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرچە يېزىۋاتقاندا ئىنگىلىزچىنىمۇ ئارلاشتۇرۇپ يېزىش ئىھتىياجى كۆپ چۈشىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:08
  • يەنە بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئۆتكەندە ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىزنى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە پىكىر ئالدى، مەركەزگە يوللىدى دىگەندەك گەپلەر بولۇنغان ئىدى. ئاخىرى قانداق بولدى ئۇ ئىشنىڭ؟
    مۇشۇ قېتىمقى پۇرسەتتە، ئەلكاتىپنىمۇ يېڭىلايدىغان يەرگە كەپتۇ. بولسا لاتىنچە ۋە پىنيىنچە 2 كۇنۇپكىنىمۇ ئارتۇق قوشۇپ، تىنىش بەلگىلىرى ۋە قوشۇمچە بەلگىلەردىكى نۇقسانلارنى تولۇقلاپ. ھەتتا تېخى 1 كۇنۇپكىنى 4 ھالەتتە (ئۆزى، Shift بىلەن، AltGr بىلەن، Shift+AltGr بىلەن) ئىشلەتسەك، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
    ئۆتمۈشتە نۇقسانلار ئۆتۈلۈپتىكەن. بۇنىڭ دەردىنى راۋۇرۇس تارتىپ قويدۇق. بۇ قېتىم مۇشۇ پۇرسەتتە راۋۇرۇس بىر كۇنۇپكا ئۆلچىمى پۈتۈپ چىقسا، Linux, Ubuntu, Google, Android, Apple…لارنىڭمۇ ھەممىسىگە كىرىپ كەتسە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:57
    • ئاساسىي كۇنۇپكا تاختىسى يەنىلا Windows7 دىكى ئۇيغۇرچە بىلەن ئوخشاش،
      ئەمما ھازىر ئەڭ قاملاشمىغان يېڭى بىر گەپ چىقتى، يەنى «ف» مەسىلىسى ھەل بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭ تېگىنى سۈرۈشتە قىلسام، بۇ ئۆز ۋاقتىدا Unicode ئۆلچىمىدە ھەرپلىرىمىزنى تېرىۋالغاندا چىققان چاتاق ئىكەن، بۇنى مەن ئايرىم تېما ئېچىپ چۈشەندۈرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:21
    • ئۆلچەم يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆلچەم ئادەتتە شۇ دەۋردە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ ھەم بۇ يەنە داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىلگىرىكىنى چەتكە قاقمايدۇ. شۇڭا، ئۆتمۈشتىكى ئۆلچەممۇ نۇقسان ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن: ASCII نى مىسال ئالساق، ئۇنى ھېچكىم نۇقسان بار دېمەيدۇ، پەقەت ھازىر ۋاقتى ئاساسەن ئۆتتى. ئورنىغا يېڭى ئۆلچەم يۇنىكود بارلىققا كېلىپ ئومۇملىشىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە يۇنىكودمۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس، يەنە 20 يىلدىن كېيىن يەنە يېڭى ئۆلچەملەرنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇقەرەر. بۇنىڭغا كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئىشىنىدۇ.
      CD مۇ شۇنداق بولدى، كېيىن VCD بارلىققا كەلدى(جۇڭگودا)، DVD بارلىققا كەلدى، ھازىر كىنو كۆرۈشتە، ناخشا مۇزىكا ئاڭلاشتا Blue-ray نى ئىشلىتىۋاتىمىز. ھازىرقى ئۆلچەم Full HD (1080*1920) مۇ ھەرگىزمۇ ئاخىرقى ئۆلچەم بولالمايدۇ. داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.
      شۇڭا، ئۆلچەم شۇ دەۋرىدىكى ئاممىباب ھالەتتە تۈزىلىدۇ، خۇددىي مەكتەپلەردا 60 نومۇر لاياقەتلىك ئۆلچىمى بولغاندەك. ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە 45 نومۇر ئالغانلارنىمۇ بىرەر ئامال قىلىپ لاياقەتلىك قىلىۋاتىمىز تېخى.
      شۇڭا، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك Ctrl, Alt,,,, دېگەندەك 4-5 قەۋەت قىلىپ تۈزسەك تامامەن بولىدۇ، لېكىن، ئۆلچەمگە ئايلىنالمايدۇ، پىكىر ئىختىلاپى ھەرگىز تۈگىمەيدۇ. چۈنكى، ئىنسان قىلغان ھەر قانداق نەرسىنى كولايدىغان بولساق قوسۇرنى چوقۇم تاپالايمىز. ئۆلچەم يەنىلا ئاددىي چۈشىنىشلىك ۋە كۆپ ئادەم قوللىنالايدىغان بولۇشى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:36
  • مېنىڭ پىكرىم:
    1- ئۇيغۇرچە كۇنۇپكىدا لاتىنچە ھەرپلەر بولمىغىنى ياخشى. ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا پەقەت ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلسا مۇۋاپىق. ئىنگىلىزچە ۋە باشقا لاتىنچە كىرگۈزۈش ئېھتىياجى بولسا، كۇنۇپكىنى شۇلارغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
    2- ئۇيغۇرچە كۇنۇپكىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھازىرقى ئومۇملاشقان ئۆلچەمنى ساقلىغىنى ئەۋزەل.
    3- مۇمكىن بولغاندا، يەنە ئۇيغۇر لاتىن ۋە ئۇيغۇر پىنيىن ئۆلچىمىدە 2 كۇنۇپكا لايىھەسى ئارتۇق لايىھەلەنسە، بارلىق ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز زىيىنى بولمايدۇ.
    4- ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەڭ كۆپ مۇزاكىرە مۇشۇ نۇقتىدا چىقىدۇ. بۇرۇن بۇ ھەقتە بىلىكتە خېلە كۆپ مۇزاكىرە بولۇنغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:46
باھا بېتى: 1 2