بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 ئېلان قىلىندى

بۈگۈن 2016-يىل 21-ئىيۇل، پەيشەنبە

بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:21 دە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016» ئېلان قىلىندى، ئۈندىدار ياكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ

s-1

ئۈندىدار دۇكىنىدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۈندىدار دۇكىنىغا كىرىڭلار
qrcode_for_gh_594dd778d31a_258

ئەلى چىقىمدانىدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىڭلار.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/dukan/udict6/

توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.uighursoft.com/download/udict2016.zip
سىغىمى: 2.14MB

UDICT2016

ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇڭ.
تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىنى كۆرۈڭ.
http://v.qq.com/x/page/y0315ux93a8.html

r-1

r-2

r-3

r-4

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
46 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالېم مۇئەللېم
    مۇبارەك بولسۇن مۇئەللېم ،يەنە بېر ئۇلۇغۋار ياخشې ئېش بوپتۇ.جاپا چەكتېڭلار.لوغەتنېڭ كۆرۇنمە يۆزې بەك چېرايلېق چېقېپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:21
  • ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتى 2007 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى پەيزى چىقىپتكەن ،قۇشۇمچە ئىقتىدارلىرىمۇ ياخشى ئىدى، بۇ لۇغەتتە ھىچقانداق قۇشۇمچە ئىقتىدارلار يوقكەن،مۇئەللىم مۇمكىن بولسا شۇ ئىقتىدارلارنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:45
  • ئالىم مۇئەللىم، لۇغەتنى سېتىۋېلىپ ئاكتىپلاپ بولغاندىن كېيىن ، لۇغەتتە ھەرۋاقىت ئاكتىپلاش ئۇچۇرى ، يۇمشاق دېتال نۇسخىسى ۋە باشقا يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:44
  • ئۇنداقتا باھا پەرقىنى قەيەردىن تولوقلاپ قانداق مەشخۇلات قىلىشنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز ؟ ۋىندوۋىس 10 دا نورمال ئىشلەيدىغاندۇ ھە ؟ كۆپ سۇئال سورىۋاتتىممۇ قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى am 07:49
    • ئەمما باھا پەرقىنى تولۇقلايدىغان مەشغۇلاتنى لايىھەلىمىگەن ئىدۇق، قارانچۇق نۇسخىسى چىققاندا بىر گەپ بولسۇن، ھېچقىسى يوق، ھازىرچە ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، بەلكىم بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن قىلىشىمىز مۇمكىن، بۇ دېتالنى Windows 10 دا تۇرۇپ ياسىغان، ئەلۋەتتە قوللىمايدۇ، ئەمما Windows XP نى ھەرگىز قوللىمايىسەن دەپ ياسىدۇق

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى am 08:29
  • ئەتىگەندە سىتىۋىلىپ چۈشۈرسەم ئىككى مىگا ئەتراپىدا بىر ھۆججەت چۈشۈپتۇ . نىمە ئىشتۇ بۇ دەپ ئۈندىدارنى ئىچىپ تەپسىلى قارىسام تور نۇسىقىسى دەپ تۇرىدۇ .
    كۆڭلۈمدىكى بىر قىسىم سۇئاللارنى باشقىلار سوراپ بوپتۇ.
    تورسىز نۇسقىسى بولسا ياخشى بولاتتى مىنىڭچە . تۇرغا ئۇلانغاندا يىڭىلاش دىگەن كونوپكىنى باسساق يىڭىلانمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا …
    بىر سۇئال سورىۋالاي تورسىز نۇسقىسى چىقسا قايتا پۇل تۆلەيمىزمۇ ياكى مۇشۇ قىتىم تۆلىگىنىمىز ھىساپمۇ ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 20:04
    • تورسىز نۇسخىسى دېگەنلىك قارانچۇق نۇسخىسى شۇ، ئەگەر شۇ لازىم بولسا باھا پەرقىنى تولۇقلىسىڭىزلا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:48
  • مۇبارەك بولسۇن! كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى باشلىۋېتەي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:09
  • مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:52
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم .
    بەزى لوغەتلەردەك يىڭىلىنىپ بولغان سۆزلەر تورسىز ئىشلەيدىغان يىڭى سۆزلەر توردا يىڭىلىنىدىغان قىلىپ قىلغىلى بولماسمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:57
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم .
    بەزى لوغەتلەردەك يىڭىلىنىپ بولغان سۆزلەر تورسىز ئىشلەيدىغان قۇشۇلغان يىڭى سۆزلەر توردا يىڭىلىنىدىغان قىلىپ قىلغىلى بولماسمۇ تېلىفۇن نۇسقىسىنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:36
  • 180 يۈەنگە سېتىۋالساق . بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ۋاقتىمىز قانچىلىك ؟
    مەڭگۈلۈكمۇ ياكى ؟
    ۋاقىتلىقمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 08:54
  • ئىلگىرى ئۈچ تىللىق لۇغەتنى سىتىۋالغانلارمۇ ئاشۇ قىتىمقى نۇمۇرلارغا ئاساسەن ئاكتىپلىيالايمىزمۇ مۇئەللىم. ياكى يىڭىباشتىن سىتىۋالامدۇق

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 08:24
    • مۇشۇ بىر ئاي شۇ سىلەردەك كونا خېرىدارلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان، ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىڭلار، ئاندىن بىر ئايدىن كېيىن كونا نومۇر بىلەن ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتالايسىلەر

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:44
  • ئۇيغۇر لۇغەتچىلىكىدىكى نادىر ئۈلگە، مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:18
  • مەن سېتىۋېلىپ لېكىن تېخى ئاكىتىپلىمىغان ئىدىم، بىر نەچچە سۆزنى ئىزدىسەم، ئاخىرىدا «بۈگۈنكى ئىشلىتىش قېتىم سانىڭىز تۈگىدى، مەھسۇلاتنى ئاكىتىپلاڭ ياكى ئەتە ئىشلىتىڭ» دەپ چىقتى، لېكىن دېتالدىن چىكىنىپ چىقىپ، قايتا كىرسەم يەنە بىرنەچچە سۆزنى ئىزدەش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى، ئاندىن بايىقى خەت يەنە چىقتى. بۇ جەريان تەكرالىنىۋىرىدىكەن. بۇنىڭدا سىزگە زىيان بولغۇدەك، شۇڭا ئوڭشاش زۆرۈر بولسا ئوڭشىۋالار دەپ بۇ گەپنى دېدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:05
    • بولىدۇ، كۆپ رەھمەت، مەن 7 كۈن ئىشلىتىپ سىناق قىلىۋالسۇن دېدىم، ئادەتتە 8-كۈنى قەتئىي ئىشلىتەلمەيدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 06:52
  • مەن سېتىۋىلىپ ئاكتىپلىدىم. لۇغەت ياخشى چىقىپتۇ. ئىشلىتىش مۇددىتى دىگەن يەرگە 2016/7/28 21:58:00 چىقىپ قالدى.
    تېلفۇن ئەپ نۇسخىسىنىڭ تىزراق ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:25
  • ئاخىرى ئېلان قىلىنىپتۇ. سىناپ باقتىم.
    ئاۋۇ كىرىش كۆزنىكىدە تىزىملىتىڭ، ئىشلەتكۈچى مەۋجۇت ئەمەس…
    يەنە كۆرۈنمە يۈزىدىكى ھەرخىل سىنبەلگىلەرگە مائۇسنى ئاپارسا چىقىدىغان ئەسكەرتمىلەر ئۇيغۇرچە بولسا ياخشى بولاركەن.
    (شەخسىي پىكىر)

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:19
باھا بېتى: 1 2