بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 ئېلان قىلىندى
بۈگۈن 2016-يىل 21-ئىيۇل، پەيشەنبە
بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:21 دە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016» ئېلان قىلىندى، ئۈندىدار ياكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ
ئۈندىدار دۇكىنىدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۈندىدار دۇكىنىغا كىرىڭلار
ئەلى چىقىمدانىدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىڭلار.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/dukan/udict6/
توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.uighursoft.com/download/udict2016.zip
سىغىمى: 2.14MB
ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇڭ.
تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىنى كۆرۈڭ.
http://v.qq.com/x/page/y0315ux93a8.html
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,818 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 07-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:32
- ئالدىنقى يازما :Macroeconomic Equilibrium as being the Elementary Strategy of contemporary Economics
- كېيىنكى يازما :Odd New Mexico Underground Platform
تېخىمۇ كۆپ
بۇ چ چ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىرلا كومپىيۇتىردا ئىشلەيدىغان. كىيىن باشقا ئورۇنغا بىرىپ ئاشۇ نۇمۇرىمىز بىلەن باشقا كومپىيۇتىردا ئاچالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە دىمەكچىمۇ مۇئەللىم چۈشەنگىنىم توغرىمىدۇ
دەل شۇنداق، مۇشۇنداق بولسا ياخشى بولىدۇ دە، ئېلخەت، چچ ھەممىنى مۇشۇنداق ئىشلىتىدىغان تۇرساق، (بۇنى تېلېفوندا يازدىم)
ئىشتىلىتىش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ قالدىغۇ، بىر يىلدىن كېيىن يەنە قايتا مۇلازىمەت نومۇرى سېتىۋالىدىغان گەپمۇ ؟
خاتىرجەم بولۇڭ، بىر ئاي ئېتىبار ۋاقتى توشقاندا، ھەممىسى ئاپتوماتىك ئۆزگۈرەيدۇ
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت مۇئەللىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سېتىۋالاي. جاپا چەكتىڭىز.
مۇئەللىم، ھازىر چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باققانتىم، تىزىملىتىش نامىغا ئىسىمنى ئۇيغۇرچە يازسام مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى، ئېنگىلىزچە يازسام بولدى، ئىسىمنى ئۇيغۇرچە يېزىپ تىزىملىتىشقا بولمامدۇ؟ قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزىدە ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، تۈركچە تىل تاللاش بارئىكەن، نېمىشقا ئۇيغۇرچىنى قوشمايسىز؟ قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولسا بۇ دېتالنىڭ ياسىغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ، ھەم ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىللارنى بەك بىلمەيدىغان كىشىلەرگە قولايلىق بولاتتى.
ماقۇل، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۇ ئىننو سېتاپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشۇم كېرەك، بۇنى يانفۇندا يازغاچقا ئىنگلىزچە يازالمىدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، مەنمۇ بۇ لۇغەتنى سېتىۋالاي دېگەن، بىر نەچچە سوئاللارنى سورىۋالسام.
1.بۇ لۇغەت تور ئارقىلىق ئىشلىسە، ئۇنداقتا بىر ئىشلەتكۈچى نامىدا ئىككى كومپىيۇتېردا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولامدۇ ياكى بىرلا ۋاقىتتا پەقەت بىرلا كومپىيۇتېردا ئىشلەمدۇ؟
2.بۇنى سېتىۋالساق، كېيىن چىقىدىغان قارانچۇق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
3.«كېيىن تور بېكەت ۋە ئەپلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا مۇلازىمەت نومۇرى بىلەن ئىشلەيدۇ، سېتىۋالغانلار كۆپرەك مەنپەئەتلىنىدۇ» دەپسىز، قارىسام ھازىر بۇنىڭ پۇلى ئايرىم، ئۈندىدار لۇغىتىنىڭ باھاسى ئايرىمكەن، ھازىر سېتىۋالغانلارمۇ كېيىن مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق ھەممىسىدىن پايدىلىنالامدۇق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ تور نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ، باشقا ئۈندىدار لۇغىتىنى ئايرىم پۇل تۆلەپ سېتۋالماي تۇرساقمۇ بولامدۇ؟
1.بۇ لۇغەت تور ئارقىلىق ئىشلىسە، ئۇنداقتا بىر ئىشلەتكۈچى نامىدا ئىككى كومپىيۇتېردا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولامدۇ ياكى بىرلا ۋاقىتتا پەقەت بىرلا كومپىيۇتېردا ئىشلەمدۇ؟
جاۋاب: چەكلىمىسىز قاچىلىيالايسىز، ئەمما پەقەت بىرلا ۋاقىتتا بىرلا كومپيۇتېردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قايسى كومپيۇتېرغا باغلاپ قويسىڭىز، شۇنىڭدىلا ئىشلەيدۇ، باشقىلىرى ئىشلىمەيدۇ. بولمىسا بىرسى 180 يۈەنگە سېتىۋېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە ئاشكارلىۋەتمەمدۇ؟!
2.بۇنى سېتىۋالساق، كېيىن چىقىدىغان قارانچۇق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
جاۋاب: ھاجىتى يوق،
قارانچۇق نۇسخىسى:
تورسىز ئىشلەيدۇ، ئەمما ئامبار تېز يېڭىلانمايدۇ. سىغىمى زىيادە چوڭ، تەخمىنەن 1GB بوشلۇق ئىگەللەيدۇ.
تورسىز نۇسخىسى:
توردا ئىشلەيدۇ، تېز يېڭىلىنىدۇ، يېڭى سۆز-ئىبارە، ئاتالغۇلار كىرىپ تۇرىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەرمۇ قوشالايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مۇشۇنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
3.«كېيىن تور بېكەت ۋە ئەپلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا مۇلازىمەت نومۇرى بىلەن ئىشلەيدۇ، سېتىۋالغانلار كۆپرەك مەنپەئەتلىنىدۇ» دەپسىز، قارىسام ھازىر بۇنىڭ پۇلى ئايرىم، ئۈندىدار لۇغىتىنىڭ باھاسى ئايرىمكەن، ھازىر سېتىۋالغانلارمۇ كېيىن مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق ھەممىسىدىن پايدىلىنالامدۇق؟
جاۋاب: ھازىر سېتىۋالغانلار كېيىن يەنە تور لۇغىتى (udict.cn)، ئەپ نۇسخىلىرىنى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. ئۈندىدار لۇغىتىنى ئايرىم پۇل تۆلەپ سېتۋالماي تۇرساڭلارمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىللىق باھاسى ئاران 10 يۈەن، ئۇنىڭدا مۇلازىمەت نومۇرى ئەمەس بەلكى ئۈندىداردا چىقىم قىلغان OpenID بىلەن ئىشلەيدىغان بولغاچقا، مەنمۇ ئادەتتە 10 يۈەن تۆلەپ ئىشلىتىۋاتىمەن
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم.
مەن سېتىۋېلاي دىگەن ئىدىم .
كومپيۇتېر يوق ئىدى تېلىفۇن نۇسقىسى يوقمۇ .
ئۈندىدار ئىشلىتەي دىسەم خوتەندە ئاۋارچىلىقى كۆپ .
ئەرەپچە لوغەت ئىلگىركى نەشرىگە قارغاندا ھازىرقى نەشرىدە مولمۇ
تېلېفون نۇسخىسىنى بۇ يىل كۈزدە ئېلان قىلىش پىلانلاندى، ئەمما بۇ قېتىم سېتىۋالغان مۇلازىمەت نومۇرى بولمىسا تېلېفون نۇسخىسىدىكى بارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ
ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ لوغەتنىڭ ئەپ نۇسخىسىنى ئىشلەش پىلانىڭىز يوقمۇ؟ ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەر لوغەتنى تېلىفۇندىن ئىزدەيدىكەن. مەنمۇ ئەگەر ئەپ نۇسخىسى بولغان بولسا بىرنى سېتىۋالاتتىم.
ئەپ نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈنمۇ مۇشۇ لۇغەتنى سېتىۋالمىسا، پۈتۈن ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشلىتەلمەيدۇ. ئۇزۇنغا قالماي بۇ لۇغەتنىڭ ئۈستەليۈزى نەشرى، ئۈندىدار نەشرى، تور لۇغىتى (udict.cn) ۋە تېلېفوندىكى ئەپنىڭ ھەممىسى بىرلىشىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئۆزبېكچە، ئۆزبېكچە ئۇيغۇرچە
ئۇيغۇرچە تۈرۈكچە، تۈرۈكچە ئۇيغۇرچە
ئۇيغۇرچە ئەرەبچە، ئەرەبچە ئۇيغۇرچە
يۇقارقى لوغەتكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بولساڭلار نەقەدەر ئىسىل ئىش بۇلاتتى ھە؟!
بولمىسا نەشىرياتقا بەرسەڭلارمۇ بۇلاتتى.
ئۇنداق بولسا داۋاملىق قوللاپ تۇرۇڭلار، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى بار، پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزبېكچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتنى باشقىلارغا ھەق بېرىپ تەكشۈرتۈۋاتىمىز، 9-ئايدىن كېيىن مۇشۇ لۇغەتكە قوشۇۋېتىمىز، كېيىن تور بېكەت ۋە ئەپلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا مۇلازىمەت نومۇرى بىلەن ئىشلەيدۇ، سېتىۋالغانلار كۆپرەك مەنپەئەتلىنىدۇ.
مارەك بولسۇن، ئاخىرى تۇخۇمدىن چىقىپتۇ دە.
ئالىم ئەھەت ئۇستاز، بولسا كومپىيۇتىردا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنىمۇ بىر ئىسلاھ قىلغان بولسىڭىز بۇلاتتى، ئەلكاتىپتىپتىمۇ خۇددى خەنزۇلارنىڭ 搜狗拼音, 微软 دەك تېز سۈرئەتتە ئۇرۇپ كەتسەك خەتلەرنى.
ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ئىش بوپتۇ
ھازىرقى مودا سۆزلەرنىمۇ تەرجىمە قىلالارمۇ؟ بولۇپمۇ، خەنزۇچە توربەتلەردە يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان مودا ئاتالغۇلارنى، ئىشقىلىپ بەك تەشنا بولغان ئىدۇق.
ئاساسەن بار، بولمىسا ئىزدەپ تاپالمىغانلارنى نەچچە كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ قويىمىز،
ئىلگىرى سېتىۋالغانلار تەسىرگە ئۇچرامدۇ؟باشقىدىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ يوق؟
بەك بەك ياخشى بوپتىكەن ئەمما باھاسى يېزىلماپتۇ،باھاسى نەچچە پۇل.يان تېلېفونغىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
Windows كومپيۇتېردا ئىشلەيدۇ، ئەسلىي باھاسى 350 يۈەن، بىر ئاي ئىچىدىكى ئېتىبار باھاسى 180 يۈەن، 9-ئايلاردا قازاقچە لۇغەت قوشۇلىدۇ، باھاسى 200 يۈەنگە چىقىدۇ، 10-ئايلاردا تۈركچە لۇغەت قوشۇلىدۇ، باھاسى 220 يۈەنگە چىقىدۇ، 2 يىل ئىچىدە توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كونا خېرىدارلارمۇ مۇشۇ 1 ئاي ئىچىدە سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار كونا مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئىشلىتىش مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتالايدۇ، قانچە بالدۇر سېتىۋالسىڭىز، شۇنچە بالدۇر مەنپەتلىنىسىز.
ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتى 2016 ئاخىرى قازناقتىن چىقىدىغان بوپتۇ دە!