ئۇيغۇرسوفت ئىملا (ھەقسىز نەشرى) يېڭىلانمىسى تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۇيغۇرسوفت ئىملا 1.2.0.0 (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى، ئىملا ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈڭ،
ئادرېسى:
http://imla.uighursoft.com
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز)
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز): 1.2.0.0 (ئەسكەرتىش: بۇ نەشرى 360 ۋىرۇسخورىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدىكى باشقا ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,937 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:27
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ يېڭىلانمىسى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Welcome to my 10 Days of Teaching Writing Collection.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
مەن يىقىندا كوررېكتورنىڭ ھەقلىق يەنى 1800 سوملۇق نۇسخىسىنى سېتىۋالغان. ئىشلىتىۋاتقان سېستىمام 10، ئوفىس2013 . دېسكىدا تەمىنلەنگەن ھۆججەتنى قاچىلاپ، ۋورتىن ماكرونى قوزقۇتۇپ تەڭشىدىم. ئەمما ئىشلىمىدى. يا قارانچۇق ئىشلىمىدىمۇ بىلمىدىم. ماكرونى تاپالمىدى دەپلا تۇرىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قارانچۇقنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاڭ، ناۋادا ماكرونى تاپالمىغان بولسا، بۇ سىز قاچىلىغان 2013 بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئوففىس 2013 نى تولۇق قاچىلاڭ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم
مەن يىقىندا كوررېكتورنىڭ ھەقلىق يەنى 1800 سوملۇق نۇسخىسىنى سېتىۋالغان. ئىشلىتىۋاتقان سېستىمام 10، ئوفىس2013 . دېسكىدا تەمىنلەنگەن ھۆججەتنى قاچىلاپ، ۋورتىن ماكرونى قوزقۇتۇپ تەڭشىدىم. ئەمما ئىشلىمىدى. يا قارانچۇق ئىشلىمىدىمۇ بىلمىدىم. ماكرونى تاپالمىدى دەپلا تۇرىدۇ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن مۇشۇ ئىملا تەكشۈرۈش دىتالىنى ئىشلىتىپ كىتاپ يىزۋاتقان، سىستىما win10 ئىدى، بۇ دىتال تازا كۆپ خەت يىزىپ ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باسسام ساقلانماي چىكىنىپ چىقىپ كىتىدۇ. قىلغان ئەمگىكىم نۆل بولدى ،بۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇر؟
ھازىرغىچە «ممەكتپ» دەپ يازسا «ممەكتەپ» دەپ تۈزىتىدىغان خاتالىقى ئوڭشالماپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
بۇ يۇمشاق دىتالنى xp گە قاچىلىسام mscoree.dll ھۆججىتىنى تاپالمىدى ،شۇڭا دىتالنى قوزغىتالمىدى دەپ ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىپ ،دىتالنى قوزغىتالمىدى . بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز .
Windows XP غا قاچىلاپسىز، ئۇنىڭدا ھەم يەنە Dot Net 2.0 سۇپىسى يوق ئىكەن، شۇڭا شۇنداق چىقىدۇ، ئەڭ ياخشىسى Windows 7ياكى Windows 8 گە، ئەڭ ياخشىسى Windows 10 غا كۆچۈڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن ئىملا توغۇرلاش دىتالىنى يىڭلىسام يىڭلانمىدى،شۇڭا يۇيىۋىتىپ يىڭى نەشىرنى چۈشۈرۈپ قوزغۇتۇپ كىرىش دىگەن كۆزنەك ئىچىلغاندىن كىيىن ئىسىم،پارول ھەممىسىنى توغرا كىرگۈزۈپ تاماملاشنى باسسام كىرىش سۇپىسىغا كىرەممەي ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ كىتىپ باردۇ؟ مەسلھەت بەرسىڭىز بوپ تىكەن رەھمەت.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،
سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن چەككەن جاپايىڭىزغا رەھمەت. مەن كوررىكتورنى ئىشلىتىش جەريانىدا تۈۋەندىكىدەك مەسىلىگە دۇچ كەلدىم. مىنىڭ يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىدە ئاساسەن ئەسكەرتىلگەن سىتاتا مەنبەلىرى بار. مەن بۇ يازمىلىرىمنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاي دەپ كوررىكتورغا چاپلىسام سىتاتالىرى بىللە چاپلانمايدىكەن. ئىملاسىنى تۈزىتىپ بولۇپ سىتاتانى قايتا بىرىشكە بەك جىق ئىش كىتىدۇ. چۈنكى يازمىلىرىمدا سىتاتا مەنبەلىرى بەك جىق.(300~400ئەتراپىدا). كوررىكتورغا بىۋاستە docx ھۆججىتىنى چاپلىغىلى بولمايدىكەن. Rich text format شەكلىدىلا چاپلىنىدىكەن. قانداق قىلغاندا سىتاتا مەنبەلىرىنى يۇقىتىپ قويماي يازمىلارنىڭ ئىملاسىغا تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟
Microsoft Word مۇھىتىدا بىۋاسىتە كوررېكتورلۇق قىلغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتالىمىز، ئەمما ئۇ ھەقلىق ئىدى.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،مەن سىستىمىنى windows7دىن windows10企业版گە كۆتۈرگەندىن كىيىن ئىملاچىنى قاچىلىغان ئىدىم نۇرمال قوزغالدى تىزىملىتىپ كىرىم ئۆزۈم يازان ماقالەمنى توغۇرلاي دەپ كۆچۈرۈپ ئەكىرپ ئىملا تەكشۈرۈش قىلسام‹error:102请求被终止:操作超时›دەپلام تۇرۇدۇ،بۇ مەن قاچىلىغان سىستىمىنىڭ ئىشىمۇ ياكى بۇ ئىملاچى windows10غا كۆنەلمەيۋاتامدۇ بىلمىدىم،ئەسلىدىكى سىستىمامدا ناھايتى نۇرمال ئىشلەيتى بوممىسا..
رەخمەت مۇئەللىم سىز دىگەندەك ئاۋال خاتىرە دەپتەرگە كۆچۈرۈپ، ئاندىن كورىكتورغا چاپلاپ تەھرىلەپ بولۇپ ئاندىن قايتا خاتىرىگە كۆچۈرۈپ، ئۇنى ۋوردقا يۆتكەپ چاپلاپ ئىشلەتسەم نورمال چىقتى. لېكىن خەت نۇسخسى ، چوڭ كىچىكلىكى، قۇر بېشى دىگەنلەر قالايمىقان بولۇپ كېتىدىكەن، سىزگە ئىشىنىمەن بۇ ئۇششاق ئىشلارنى تىزلا بىرتەرەپ قىلىۋېتىسىز!!!!رەخمەت
ئالىم مۇئەللىم، مۇنداق بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم، ئۇيغۇرسوفت ئىملا بىلەن تەرجىمە ياردەمچىسىنى بىر كومپىيۇتېرغا تەڭلا قاچىلىسام ھېچقانداق ئەسكەرتىش چىقىۋالماي نورمال قاچىلاندى. لىكىن تەرجىمە ياردەمچىسى ئىملانى يۇيىۋىتىپ خاپا سالدى. تەرجىمە ياردەمچىسىنىڭ ھۆججەتلىرى ئىملانىڭ ھۆججەتلىرىنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇلۇپ كىتەمدۇ قانداق ئۇقالمىدىم. ياكى ئىككىسىنى ئايرىم ئايرىم ئىككى دىسكىغا قاچىلىساق بولامدۇ؟ مەنغۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىكەنمەن، لىكىن راستىنلا مۇشۇنداق بىر خاتالىق بار بولسا سىز تەمىنلىگەن ئىككى دېتالنى تەڭلا ئىشلىتىمىز دىگۈچىلەرگە قولايسىزلىق بولۇپ قالىدىكەن، ئىنكاس قىلىپ باقاي دىدىم.
ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئەڭ ئارقىدا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،بۇ بەكمۇ ياخشى دىتال ئىكەن،لىكىن سوراپ باقسام بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ تورسىز نەشىرى بارمۇ؟بىز ئادەتتە ئىدارىنىڭ ئىچكى تور موھىتىدا خىزمەت قىلىمىز،بۇ دىتالغا بىز بەكمۇ ئىھتىياجلىق،لىكىن ئىچكى تور موھىتىدا ئىشلىتەلمىدىم،بەزى ماتىرياللارنى ئىنتىرنىتقا ئىلىپ كىرىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتىرنىتتا تەھرىرلەپ ئاندىن ئىشلىتىشكە ئامالسىزمىز،شۇڭا تورسىز موھىتتا ئىشلەتكىنى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى! ھارمىغايسىز مۇئەللىم!
تورسىز نۇسخىسى 16 يىلدىن بۇيابۇيان ئىدى، قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدىكى سېتىش بۆلۈمىدە بار