Windows8 دەۋرى كەلدىمۇ-نېمە؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows8 دەۋرى كەلدىمۇ-نېمە؟

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى Build (ئىجادىيەتچىلەر) يىغىنى بۈگۈن سەھەر نۆل (ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى سەيشەنبە 12:00) دە، كالىفورنىيە ئىشتاتى ئانىخېيىم يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفت شىركىتى يەر شارىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى دىققەت قىلىۋاتقان Windows8 نىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارلىغان.

16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش
مىكروسوفتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Windows8 مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 95 ئېلان قىلىنغان 16 يىلدىن بۇيان Windows قا زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىش قىلغان نۇسخىسى بولۇپ، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياخشى سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرلاردا 8 سېكۇنتتا قوزغىلىپ بولارمىش.

ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە تاختا كومپيۇتېرىدىكى قوش ئارايۈز


Windows8 نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشى ئوخشىمىغان ئىككى ئارايۈزدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، بىرى بولسا ئەنئەنىۋى Windows دىكى مەشغۇلات ئارا يۈزى مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسىدا مەشغۇلات قىلىشقا ماس كېلىدىكەن؛ يەنە بىرى مىكروسوفتنىڭ تاختا كومپيۇتېرلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن سەزمە ئارايۈز بولۇپ، بارماق ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشقا بەكمۇ ماس كېلىدىكەن.

Windows8 مەشغۇلات سىستېمىسى نۆۋەتتە كومپيۇتېرلاردىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چوڭ ئىقتىدارلارنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەردە خىزمەت قىلىۋېرىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشچە Windows8 نىڭ 10 چوڭ ئىقتىدارى ئالما قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەرنى تەشۋىشكە سالغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. تاختا كومپيۇتېر بىلەن ماسلىشىدۇ.
2. كۆك ئېكرانغا خاتىمە بېرىلگەن.
3. ئالما دۇكىنىغا ئوخشاش قوللىنىشچان دېتاللار دۇكىنى تەسىس قىلىنغان.
4. سەزمە كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىش
5. چىراي پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىش
6. سىرتقى ئۈسكۈنە ئارقىلىق قوزغىتىش (16 گېگابايتلىق يانداش ساقلىغۇچ بىلەن ھەر قانداق كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىش)
7. Windows كۆرگۈدىكى ھالەت قورالبالدىقى
8. يېڭىدىن لايىھىلەنگەن سىستېمىغا كىرىش ئارايۈزى Windows Phone دىن ئۆرنەك ئېلىنغان
9. يېڭى ۋەزىپە باشقۇرغۇچ قوللىنىشچان دېتاللارنىمۇ باشقۇرالايدۇ.
10. توردىكى ID نى قەدەمداش تەڭشەش (Windows8 قاچىلانغان ھەر قانداق بىر كومپيۇتېرىدا، ئۆزىنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئىشلىتىش)

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سامسۇڭ ۋە مىكروسوفت بىرلىشىپ تاختا كومپيۇتېر ياساپ چىققان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلارغا 5000 تاختا كومپيۇتېر ھەقسىز ھەدىيە قىلغان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
21 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم ، ياخشىمۇسىز !
    مەن يىڭىدىن خاتىرە كومپيوتىر سېتىۋالغان، ئۇنىڭغا windows8 قاچىلانغان ئىكەن، لىكىن ئىشلىتىشنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، ئەمما ۋوردنى ئاچسام ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدىكەن. چوقۇم ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ قاچىلىشىم كىرەكمۇ؟.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:22
  • قېرىنداشلار win7 نى سەپلىسى تۈۋەنرەك كومپىيوتېرغا قاچىلىغاندىكى مەللىلەرنى ھەل قىلغىلى بۇلاما؟ مەسلەن ئېكران قىسقرۋېلىش rmvb شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى ئۇقۇيالماسلىق قاتارلىق…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:27
  • Windows8 نىڭ تىزراق چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ كىلىمەن.Windows7 نىمۇ شۇنداق ياقتۇرمەن،باشتا ئىشلەتكەندەWindows7 گە ئانچە كۆنەلمىگەن ئىدىم،نەچچە قىتىم xpگە كۆچۈپ يەنە قاچىلاپ دىگەندەك…مانا ئەمدى ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم…يەنە كىلىپ Windows8 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى مىنى ئۆزىگە رام قىلۋالدى…
    ھە راس مەن بۇ بىلوگقا تېخى تۇنجى قىتىم ئەزا بولۇپ ئىنكاس يىزىشىم، مۇنداق ياخشى بىلوگنىڭ بارلىقىنى تولىمۇ كىچىكىپ بايقاپتىمەن.بۇندىن كىيىن دائىم كىلىپ قىرىنداشلىرىم بىلەن ھال-مۇڭ بولۇپ تۇرمەن.
    ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ قولىغا دەت كەلمىسۇن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:47
  • Windows8 نىڭ ھەقسىز نۇسخىسى بولسا بىزمۇ ئىشلىتىپ كورۇپ باكسىق بۇپتىكەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:53
  • داۋاملىق تىرىشىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:52
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    كۆپتىن – كۆپ ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك ئىنىم ئالىمجان !
    سالامەت، ئوبدان تۇرىۋاتامسىز؟ بۈتۈن ئائىلىڭىزدىكىلەرمۇ تىنچلىقتۇ؟
    قىممەتلىك ئۇچۇر ۋە ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن تۇلۇق خەۋەردار بولۇشقا ھەر قاچان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ۋاختىڭىزغا كاشىلا قىلماي دەپ قەدەممۇ-قەدەم پىكىر -مۇلاھىزىدە بولالمىدىم. ئەمما ئىچىمدە نەقەدەر سۆيۈنۈش ۋە خۇرسەنلىك تۇيغۇلىرىمنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرىۋاتقانلىقىنى سۆزلىسەم، بەلكىم سىزدىكى ئالىجاناپ ئىلىم سۈيەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك جاسارىتىڭىزگە قانچىلاپ داستان يازساممۇ يانىلا پۈتكۈل ھېس-تۇيغۇلىرىمنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بولالمايمەن. جەنابىي ئاللاھ تىنىڭىزنى ئەبەدىي سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق ئۇتۇقلۇق بولىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىن!
    مانا، 14 يىل بولۇپتۇ، مەن سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ دۇنياۋىي ئورنىنى تىكلەيمەن، دەپ تۈركىيىدە ئىزدىنىش ، كىتاپ يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى. بۇ جەرياندا يالغۇزلۇقنىڭ ، يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى بولىشىچە تارتتىم ، ئەمما بوشىشىپ قالمىدىم، جەنابىي ئاللاھ ھەر- بىر جىددىي پەيتتە يانىلا روھىمنى كۆتۈرۈپ غايىۋانە «يىتەكلەپ» كەلدى….!!! جۈملىدىن سىزنىڭ ئىجادىي قىزغىنلىقىڭىزمۇ ھەرزامان بىر ئىلىم ئەھلىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىرادىنىڭ قانداقلىغىنى ئەمىلىي تۇنۇتۇپ كەلدى…. !!! شوڭىلاشقا غايىۋىي ئارمانىم ئۈچۈن پىداكارانە كۈچ سەرىپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئىنشا ئاللاھ ئالدىمىزدىكى يىلى بۇ غايەم ئەمەلگە ئاشقۇسى!
    مانا، يېڭى بىر خەۋەرنىمۇ كۆردۈم، ( Windows 8) ، بۇنى ئەمىلىي قوللۇنۇش پۇرسىتىمىز قاچان كېلەر، بەكمۇ تەقەززامەن.
    ئاخىرىدا، Win 7 Ultimate دە ھەرپ ئارىلىقىغا – قويۇپ سۆزنىڭ يېزىلىشىنى ئۇزارتقىلى بولمامدۇ، قانداق؟ قاملاشمايۋاتىدۇ. بۇنى قاندق ھەل قىلساق بولىدىكىن؟
    ۋاختىڭىز قىس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. شۇڭا، پەقەتلا دەم ئېلىش ۋاختىڭىزدا تۈۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىپ قويارسىز:
    http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=10688
    خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:51
  • سالام ئالىم ئاكا،
    قارلۇقنىڭ مىكروبلوگى گۈدۈكتە ئۇيغۇرسوفت دەپ بارلىقىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولغان ئىدىم. ئۇزۇندىن بېرى ساقلىسام يا ئۇيغۇرسوفت ياكى سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن بىرەر مىكرو-ئۇچۇر يېزىلمىدى. بولسا ئاشۇ يەردىمۇ سىزگە ئەگىشىپ، مىكرو بولسىمۇ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرساق. قانداق قارايسىزكىن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:20
  • بلوگ يىڭىلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئالەمچە خۇشھال بولدۇم Windows 8 نى تارقىلىپتۇ دىسىمۇ بۇنچىلىك خۇشھال بولمىغان . بلوگ يېزىش ئەستايىدىلىىقنى تەلەپ قىلغاچ ، قىسقىغىنە ۋاقىتتا بىر يازما تەييارلاپ يوللىۋەتكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا سىزنىڭ بولسا مىكرو بلوگدا (ئۇيغۇرچە) بولسىمۇ بىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:22
  • مەن ۋىندوۋس xp دىن بىۋاستە 8 گە كۆچۈشنى پىلانلاۋاتىمەن … ھى ھى ھى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:53
    • خۇددىي ئۆز ۋاقتىدا نۇرغۇن كىشىلەر Windows98 دىن، Windows2000, Windows ME نى ئىشلەتمەي بىۋاسىتە WindowsXP گە كۆچكەندەكما؟
      Windows 8 دە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:56
      • نەق شۇنداق !
        Vista ماڭا تازا ياقمىدى ، Windows 7 نى قاچىلىسام ئاۋاز ۋە سۈرەت ئۈنۈمىگە كومپىيۇتېرىم بولالمىدى (ئالغىلى خېلى بولۇپ قالغان ئىدى) . يەنە شۇ xp قاچىلاپ بىر ئوبدان ئىشلىتىۋاتىمەن . يېڭى ئالغان كومپىيۇتېرلارغا ھەقىقىي نەشىردىكى 8 قاچىلاپ بىرىدىغان بولغاندا يېڭى لەپتوپتىن بىرنى ئالاي دەيمەن . بۇ كۈنلەرگىمۇ ئۇزۇن قالمىدى ھەقىچان !!!

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:44
  • ARM بولسا (ئالىي دەرىجىلىك RISC ماشىنىلىرى) مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانا بولۇپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئەرزان، تۆۋەن سەرپىياتلىق RISC بىر تەرەپ قىلغۇچ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەيدۇ. بۇ تېخنىكىلار سىڭدۈرمە كونتىرول، ئىستېمال، مائارىپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە ماس كېلىدۇ.
    ARM شىركىتى ئالما، Acorn، VLSI، Technology قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن شىرىكلەشكەن.
    نۆۋەتتە، 30 غا يېقىن يېرىم ئۆتكەزگۈچ شىركىتى بىلەن قاتتىق دېتال تېخنىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، Intel, IBM, LG, NEC, SONY, PHILIPS ،…قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر بار.
    ARM شىركىتى 1991-يىلى ئەنگىلىيە كامبىرىجدا قۇرۇلغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:51
  • ۋندوۋس ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ، ئۇزۇن بولدى ، بلوگىڭىز بەكلا چۆلدەرەپ قالدى ، ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز ، ھەر قانداق كەسىپنىڭ مەڭگۈ ئايىغىغا چىقىپ بولغىلى بولماس ، سىز قىلىۋاتقان ئاشۇ جىددى ئىشلارمۇ بىز ئۈچۈن يېڭىلىق ، بولسا نەچچە كۈندە بەش ئون مىنۇت ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ ، بلوگىڭىز ئارقىلىق ئاشۇ جىددى ئىشلىرىڭىزدىنمۇ ئانچە – مۇنچە خەۋەردار قىلىپ قويسىڭىز بولاتتى ، تەكلىپ بىرەلمىسەكمۇ ، ئانچە -مۇنچە ئىنكاس يېزىپ قويساق ، پايدىسى بولمىسىمۇ ، زېينى بولماس ئىدى . كۈندە بىر نۆۋەت كىرىپ ئۈمىد بىلەن قاراپ ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بلوگىڭىزدىن يېنىپ چىقىش كەلگۈسىدە ئالىم ئەخەت ئەپەندىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويمىسۇن .  

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:59
  • ئۇچۇر ئىلىمى دېڭىزىنىڭ بويىدىكى بىر قۇلۇلە قېپى ئىزدەۋاتقان كىچىك بىر ئۆسمۈر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ قۇلۇلە قېپى ئىزدەش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سەھنە بولغان Windows8 دىن ئىبارەت غايەت زور بۇ ئاۋياماتكىنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن. ئېلگىرى مۇشۇ ھەقتىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. ئامېرىكا مېكروسوفت شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئېجرائىيە رەئىسى سىتېۋ بالمېر بىر نەچچە ئاي ئىلگىركى مۇخبىرلار زىيارىتىدە كىيىنكى ئەۋلاد مەشخۇلات سىسىتىمىسى Windows8 نىڭ قاتتىق دىتالغا بولغان تەلىپىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەندە مۇنداق دىگەن:«سىستىمىنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپىنى ئاساسى جەھەتتىن يۇقىرلاتمىدۇق. ئەكىسچە Windows7گە قارىغاندا قاتتىق دىتالنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق» دىگەن ئىكەن.

    بۇ ئىنكاسنى يېزىشىمنىڭ سەۋەبى بۇ يېڭى «دۇنيا»غا نەزەر تېكىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ كومپيوتېرىنىڭ سەپلىمىسىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشى تۈپەيلى يېڭى مۇھىتقا كۆچەلمەي ئەندىشە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەرتىپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:45
    • بەزى مىش-مىش پاراڭلار
      1. Intel (مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ)نىڭ Windows بازىرىنى مونوپۇل قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
      2. Windows نىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگىمۇ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
      3. ARM نىڭ باشقا مەھسۇلاتلارغا كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
      4. Intel غا زور ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
      5. باتارېيەنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
      6. كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بازىرىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتىدۇ.
      7. باھانىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
      8. بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
      9. مىكروسوفتنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
      10. AMD غا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:18
  • Windows8 دە مەخسۇس بىزگە ئاتالغان خوش خەۋەرلەرمۇ باردۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:34
  • رەھمەت ! تەتىل مەزگىلىدە بىلوگ يېزىشتىنمۇ تەتىل قىلدىم. ئەمما، يوقاپ كەتمىدىم. ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەكلا ئالدىراش يۈردۈم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:41
  • پاھ! پات يېقىندا بۇ «يىلپىز»نىمۇ ئىشلىتىدىكەنمىزدە!
    ئالىم مۇئەللىم، يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتكىنىڭىزگە. ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:14