客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

نۆۋەتتە 客户 ئۇيغۇر تىلىدا «ئابۇنت» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ھۆرمەتلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتلىرى دېگەندەك. «ئابۇنت» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە يوق بولۇپ، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز «ئابۇنە» بار، بۇ سۆزنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن بۇ سۆز پارسچىغا قارىغاندا فرانسوزچىدىن كىرگەن ئېھتىماللىقى يۇقىرى دېمەكچى، ئەمما، مەن پارسچە ۋە فرانسوزچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەلۋەتتە، مەن ئاددىي قىلىپ Google تەرجىمانىدىن ئىزدەپ باقتىم. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان،
====================================
ئابۇنە
ئىسىم، [پ‹فران] ‹مەت› گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئالدىن ھەق تۆلەپ يېزىلىش: ھازىردىن باشلاپ بىزگە بەزىبىر ئۇيۇشمىلار ئابۇنە پۇلىنى ئەۋەتىۋاتىدۇ.
====================================
شۇڭا، «ئابۇنت» دەپ يېزىش خاتا، ئەسلىدە «كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىلىرى» دېسە بولاتتى. ئەمما، مۇشۇنداق توغرا يازالماي ئۆزىمىزنى قىيناپ يۈرگۈچە، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ئاتىلىشى ھەققىدە مۇنداقلا ئويلىنىپ باقتىم. بەلكىم خاتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يازمىسام بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر بىلوگ يېڭىلانمىسا بولمايدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەيلى ئىملاسىدا بولسۇن ياكى ئىشلىتىشتە بولسۇن مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ھازىرچە «خېرىدار» دەپ ئېلىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆردۈم.
====================
خېرىدار
ئىسىم، [پ] ① بىرەر نەرسە سېتىۋالغۇچى كىشى؛ ئالارمەن: خېرىدار بولماق. خېرىدار تاپماق. ② كۆچمە. بىراۋغا (ئادەتتە بىرەر قىز ياكى ئايالغا) كۆڭۈل قويغان كىشى، خۇشتار؛ لايىق: خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك (ماقال)
====================
«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش خېرىدارلىرى»، «قۇرۇلۇش بانكىسى خېرىدارلىرى»، «ئۇيغۇرسوفت خېرىدارلىرى» دېسەك بولماسما؟
=========
بەزىلەر يەنە بۇ «ئابۇنت» سۆزنى رۇسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن دەيدىكەن، ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيا ياشاۋاتقان، رۇس تىلىنى بىزدىن نەچچە ھەسسە پىششىق بىلىدىغان رۇسزۇۋان (رۇس تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۆزبېك، قازاق)لار بۇ سۆزنى ئۆز پېتى ئىشلەتمەستىن «خېرىدار» دەپ ئىشلىتىدىكەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ سۆزگە تەڭداش بولالايدىغان «خېرىدار» سۆزى تۇرسىمۇ، «ئابۇنت» سۆزىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇق.

شۇڭا،
客户端软件
«ئابۇنتچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى» ئەمەس بەلكى «خېرىدار تەرەپ دېتالى» كېرەكمۇ قانداق؟

中国移动客户服务电话
«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى» ئەمەس «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى» بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟

服务器/客户机 دىكى 客户机 نى تېخى 服务器 مۇلازىمىتېر دېگەنگە ئوخشىتىپ، ئابۇنىتېر دېگىلى تاس قالغان. ئەسلىدە مۇلازىمەتچى كومپيۇتېر ۋە خېرىدار كومپيۇتېر دەپ ئالساقمۇ بولار ئىدى. «مۇلازىمىتېر» گە ھازىرچە ئامال يوق بولسىمۇ، لېكىن «ئابۇنىتېر» دېيىشكە بولمايدۇ.
================================
مۇمكىن بولسا، ئۇچۇر ساھەسىدە تېخى ئومۇلاشمىغان، پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە ياكى رۇسچە ئاتالغۇلارنى ئىمكان قەدەر ئۆزىمىز چۈشىنەلەيدىغان مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ بىلىمەن. مەسىلەن: «ئانالوگ» ئەمەس «تەقلىد» دېگەندەك.

قېنى ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ باقاي، رۇس تىلى، پارس تىلى، فىرانسوز تىلىنى بىلىدىغانلار قانداق قارايسىلەر؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
63 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم،مېنىڭچە 客户端نى خېرىدار بۆلىكى ياكى قورالى دىسە بولىدۇ…客户机نى خېرىدار كومپىيوتىرى دىسە بولىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 07:06
  • چۆپقەت : خەنزۇچىدىكى 老客户 يەنى دائىملىق خېرىدار دېگەنلىك بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:20
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتىسز بىر سوئالنى سوراپ قويىدىغان بولىدۇم، ئەيىپكە بۇيرىماڭ.
    USBkey نى ( يەنى U盾 نى ) ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟
    (مەنبە: http://www.shewqiy.com/forum.php?mod=viewthread&tid=956) بۇ يەردىكى تېمىنىمۇ مەن يوللىغان ئىدىم.
    شۇڭا سىز ۋە تورداشلارنىڭمۇ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقسام دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى am 07:34
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    مەن سىزگە ۋە بىلگايتىسقا ئوخشاشلا قول قويىمەن. ھەم سىزدەك بىر پروگراممىچى بولۇپ چىقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ھەم بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتىمەن.
    ئەگەر مۇمكىنچىلىكى بولسا ئۆزىڭىزدەك پروگراممىچى بولۇپ چىقىش ئۈچۈن قەيەردىن باشلاپ، نىمىلەرنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ۋە قەدەم-باسقۇچلۇق ئۆگىنىشنىڭ پىلانى توغرىسىدا تەپسىلى بىر ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. ئى-خەت ئادرىسىمغا يازسىڭىزمۇ، مىكرو بىلوگىڭىزدا ئېلان قىلسىڭىزمۇ مەيلى.
    جاۋابىڭىزغا تەققەزار بولغان بىر ئۇيغۇردىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:57
    • بۇمەسلىنى مەن ئاددىيلاشتۇرۇپ باقايمۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، پروگراممىچى بۇلۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن پىروگرامما تۈزۈش دېتاللىرىنى، پىروگرامما تىلىنى ياخشى ئۈگۈنۈڭ ، كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنىمۇ ئوبدان چۈشىنىڭ، خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىگەللەڭ، ئۇنىڭدىن كىيىن پىراگرامما تۈزۈڭ،
      بۇسۆز ناھايىتى ئاددى لېكىن ، ئۇستا تامچى بۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تامچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگۈنۈش كېرەك ، ئۇنىڭدىن كىيىن باشقىلار سېلىپ باقمىغان ئىمارەتلەرنى سېلىش كېرەكقۇ دەيمەن ،،،، كەچۈرۈڭ ئارتۇقچە سۆزلەپ قويدۇم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:22
    • ئالدى بىلەن تولىمۇ خىجىلچىلىقتا شۇنى دەيمەنكى، ئالىم مۇئەللىمگە يازماقچى بولغان بۇ ئۆتۈنىشىمنى «客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە» دېگەن يازمىغا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمەن، بۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
      «ئۇيغۇر» تورداشنىڭ ۋاقت چىقىرىپ ئىنكاس يازغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. مەن ھازىر vc ۋە vb نى ئۆگىنىۋاتىمەن. vb ئاسانراق بولغاچقىمىكىن ئۇنىڭغا قىزىقىشىم بەك كۈچلۈك. بۇرۇن سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى توغرىسىدىمۇ ئىزدىنىش قىلىپ باققان ھەم شۇنداق بىر كىچىك تىپتىكى يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپمۇ باققان. قاتتىق دېتال توغرىسىدا بىلىدىغىنىم كۆپ ئەمەس. بۇ توغرىسىدىمۇ ئىزدەنسەم بولغۇدەك. ئەگەر مۇمكىن بولسا قاتتىق دېتال توغرىسىدا ۋە كومپيۇتېر ئىنژىنىرلىقى توغرىسىدىكى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى بىلسىڭىز تەسۋىيە قىلىشىڭىزنى سورايمەن. (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ياكى ئنگلىزچە بولسىمۇ بولىدۇ.) جاۋابىڭىزنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:32
  • تەكلىپىڭلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ھەممىڭلار ئۈزۈڭلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىلەر، پىكرىڭلارنى خاتا دىيىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا خاتا دەيدىغان ئاساسىم يوق. ھازىرچە خەنزۇچە «كىخۇ»دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىزلەرگە ئوخشاش مىللەتپەرۋەر ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغايدىغان تېما، بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلىش ئىشىغا كەلسەك كۆچمە خەۋەرلىشىشى ھەر بىر سۆزنى تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق تىل- يېزىق كوممىتىتىگە يوللايدۇ، تىل- يېزىق كوممىتىتى تەرىپىدىن مۇقۇملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن كەڭ ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ،بۇيەردە دېمەكچى بولغىنىم «ئابونېنت» دەپ تەرجىمە قىلغىنى توغرا دېمەكچى ئەمەسمەن، ئالىمجان ئەپەندىمنىڭ ئويلىغىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدا بېرىلگەن باھالارنى ئامال بار گەپ ئۆتىدىغان يەرگە دېسەك بولاتتى دەپ ئويلايمەن. سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى ئاڭلاپ باقسام.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:50
  • ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن سودىگەرلەرگە تەرجىمانلىق قىلىدىغانلارمۇ بەزىدە 客户رىم بەزىدە خىرىدارىم دەپ ئارىلاشتۇرۇپلا سۆزلەپ كېتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:40
  • «自治区»ئاپتونۇم رايۇن ،،،دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ خاتالىق بارمۇ قانداق؟مەن لۇغەت بىلەن كۆپ سېلىشتۇرۇپ باقتىم ، مېنىڭچە ئاپتونۇم رايۇن دېمەي« ئۆزى ئىدارە قىلدىغان رايۇن » دېسەك توغرا بۇلامدۇ قانداق؟؟؟؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:17
    • بۇ قېلىپلاشقان سۆز، ئاز دېگەندىمۇ 50 يىلدىن ئاشتى. ماۋۇ «ئابۇنت» دېگەن ھېچقانداق لۇغەتتە يوق، كىمنىڭ ئىجاد قىلىپ ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاتالغۇدۇر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:45
  • بىز كۆچمە خەۋەرلىشىشى ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ مۇلازىمىتىنى سىتىۋالغانكەنمىز ،بىز چۇقۇم بۇ شىركەتلەرنىڭ چۆپقىتى بۇلىمىز ،چۇنكى بۇلار بىز ئارقىلىق جان باقىدۇ ئەمەسمۇ ؟چۆپقەتلىرى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بۇلىدۇ . شۇڭا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆچمە خەۋەرلىشىش چۆپقىتى ،چۆپقەتلىرى دەپ ئاتىساقمۇ خىلى ياخشى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:34
    • ئىشقىلىپ ئاۋۇ ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان، ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىگە رەسمىي كىرىپ بولالمىغان سۆزدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ ئەلۋەتتە

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:57
باھا بېتى: 1 2 3