客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

نۆۋەتتە 客户 ئۇيغۇر تىلىدا «ئابۇنت» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ھۆرمەتلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتلىرى دېگەندەك. «ئابۇنت» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە يوق بولۇپ، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز «ئابۇنە» بار، بۇ سۆزنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن بۇ سۆز پارسچىغا قارىغاندا فرانسوزچىدىن كىرگەن ئېھتىماللىقى يۇقىرى دېمەكچى، ئەمما، مەن پارسچە ۋە فرانسوزچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەلۋەتتە، مەن ئاددىي قىلىپ Google تەرجىمانىدىن ئىزدەپ باقتىم. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان،
====================================
ئابۇنە
ئىسىم، [پ‹فران] ‹مەت› گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئالدىن ھەق تۆلەپ يېزىلىش: ھازىردىن باشلاپ بىزگە بەزىبىر ئۇيۇشمىلار ئابۇنە پۇلىنى ئەۋەتىۋاتىدۇ.
====================================
شۇڭا، «ئابۇنت» دەپ يېزىش خاتا، ئەسلىدە «كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىلىرى» دېسە بولاتتى. ئەمما، مۇشۇنداق توغرا يازالماي ئۆزىمىزنى قىيناپ يۈرگۈچە، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ئاتىلىشى ھەققىدە مۇنداقلا ئويلىنىپ باقتىم. بەلكىم خاتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يازمىسام بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر بىلوگ يېڭىلانمىسا بولمايدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەيلى ئىملاسىدا بولسۇن ياكى ئىشلىتىشتە بولسۇن مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ھازىرچە «خېرىدار» دەپ ئېلىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆردۈم.
====================
خېرىدار
ئىسىم، [پ] ① بىرەر نەرسە سېتىۋالغۇچى كىشى؛ ئالارمەن: خېرىدار بولماق. خېرىدار تاپماق. ② كۆچمە. بىراۋغا (ئادەتتە بىرەر قىز ياكى ئايالغا) كۆڭۈل قويغان كىشى، خۇشتار؛ لايىق: خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك (ماقال)
====================
«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش خېرىدارلىرى»، «قۇرۇلۇش بانكىسى خېرىدارلىرى»، «ئۇيغۇرسوفت خېرىدارلىرى» دېسەك بولماسما؟
=========
بەزىلەر يەنە بۇ «ئابۇنت» سۆزنى رۇسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن دەيدىكەن، ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيا ياشاۋاتقان، رۇس تىلىنى بىزدىن نەچچە ھەسسە پىششىق بىلىدىغان رۇسزۇۋان (رۇس تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۆزبېك، قازاق)لار بۇ سۆزنى ئۆز پېتى ئىشلەتمەستىن «خېرىدار» دەپ ئىشلىتىدىكەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ سۆزگە تەڭداش بولالايدىغان «خېرىدار» سۆزى تۇرسىمۇ، «ئابۇنت» سۆزىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇق.

شۇڭا،
客户端软件
«ئابۇنتچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى» ئەمەس بەلكى «خېرىدار تەرەپ دېتالى» كېرەكمۇ قانداق؟

中国移动客户服务电话
«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى» ئەمەس «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى» بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟

服务器/客户机 دىكى 客户机 نى تېخى 服务器 مۇلازىمىتېر دېگەنگە ئوخشىتىپ، ئابۇنىتېر دېگىلى تاس قالغان. ئەسلىدە مۇلازىمەتچى كومپيۇتېر ۋە خېرىدار كومپيۇتېر دەپ ئالساقمۇ بولار ئىدى. «مۇلازىمىتېر» گە ھازىرچە ئامال يوق بولسىمۇ، لېكىن «ئابۇنىتېر» دېيىشكە بولمايدۇ.
================================
مۇمكىن بولسا، ئۇچۇر ساھەسىدە تېخى ئومۇلاشمىغان، پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە ياكى رۇسچە ئاتالغۇلارنى ئىمكان قەدەر ئۆزىمىز چۈشىنەلەيدىغان مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ بىلىمەن. مەسىلەن: «ئانالوگ» ئەمەس «تەقلىد» دېگەندەك.

قېنى ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ باقاي، رۇس تىلى، پارس تىلى، فىرانسوز تىلىنى بىلىدىغانلار قانداق قارايسىلەر؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
63 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • «服务器 مۇلازىمىتېر» دېگەن نەرسە بارومىتېر، تىرمومىتېر دېگەن نەرسىلەر بىلەن خۇسۇسىيىتى ئوخشاپ كېتەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:32
    • ئەگەر تېگىنى سۈرۈشتە قىلساق بۇ سۆزمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى (چۈنكى، مۇلازىمەت+كومپيۇتېر=مۇلازىمىتېر) . ئەمما، 12 يىلدىن بۇيان ئومۇملاشقانلىقىنى، كىشىلەرنى fuwuqi دېمەي مۇلازىمىتېر دېگەنلىكىگە قاراپ ھازىرچە سۈكۈت، ئەمما، ئاۋۇ سۆزنى «ئابۇنىتېر» دېسەك قاملاشمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:51
  • بىز كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بارلىق سىستېمىلىرىدا ئابونېنت دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز، مەنمۇ ئىزچىل مۇشۇ سۆزنى تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ كەلگەن، بىراق شىركەتنىڭ ئۆلچەم جەدۋېلىدە مۇشۇنداق بولغاندىكىن ئامال يوق مۇشۇنداق ئىشلىتىپ كەلگەن، ئەگەر خېرىدار دەپ ئۆلچەملەشسە، تىلغا تېخىمۇ يېقىن بولىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:23
    • تېلېگىراف ساھەسى باشلاپ بەردى بۇ ئىشلارنى، ئەمدى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ تەسىر قىلىمەن دەيدۇ. «كۆچمە تېلېفون ئابۇنتلىرى»، «بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتلىرى»، «سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنتلىرى»
      ===============
      ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە قاراپ باقسا، پەقەت ئۈستىدىلا «بىرلەشمە تېلېفون ئابۇنتلىرى» دەپ بار، لېكىن ئاستىدا قارىسا كەڭ خېرىدارلارغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، مۇنداق، مۇنداق پائالىيەتلەر بار دەپ، تېكىست قىسمىدا ئابۇنت دېگەن سۆزنى كۆرمىدىم، پەقەت تېمىسىدا، ۋېۋىسكىدا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن ئوخشايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:55
    • ئادەتتە كۆپىنچە ئورگانلار ماتېرىيال تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئابونېنت دېگەن سۆزنىڭ قانداق بولۇپ بۇنداق ئۆلچەملىشىپ قالغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن. خېرىدار دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بىر كۆرسىتىپ باقاي، ئەگەر كۆچمە خەۋەرلىشىش خېرىدار دەپ ئۆلچەملەشتۈرۈپ قالسا، تەسىرى تىزرەك بولىشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:37
  • يەنىلا «ئابۇنە»نى ئىشلەتكەن توغرا دەپ قارايمەن. ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىمۇ «ئابۇنە»نى ئىشلىتىدۇ. «ئابۇنە، ئابۇنەلىك»دېگەندەك. ئورتاق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:21
    • ھازىر شۇ «ئابۇنە» دەپمۇ يېزىلمايدىكەن، ھېچقانداق مۇقامدا يوق «ئابۇنىت» دەپ يېزىلىدىكەن، نەدىن پەيدا بولدى بۇ «ئابۇنىت» دېگەن سۆز؟
      ئۇنداقتا، تۈركىيە تۈرۈكچىسى بىلەن ئورتاق بولۇشى ئۈچۈن، تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى «خېلىكوپتېر» دەمدۇق؟ تۈرك تىلىدا باشقا تىللارنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك.
      ئۆزىمىزنىڭ بىر ئوبدان تىلى تۇرسا ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلىك سۆزلەر تۇرسا، ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق قىينامدۇق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:46
    • ئالىم ئاكىمىز توغرا دەيدۇ، بىز باشقىلارنىڭ مۇقامىدا ماڭماي ئۆز يولمىزدا ماڭغىنىمىز ئەۋزەل. ھېلىمۇ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق، « بىردەم ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، بىردەم بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولسۇن دەپ.»

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:57
      • ئۇيغۇرلار ئەسلىدە «ئۆزەڭنىڭ سۆيگىنى ئەڭ چىرايلىق دېگەن گەپ بار»، شۇڭا تىلىمىزنى سۆيسەك، ئۇنىڭ ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە ئىشەنسەك، 200-300 سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق، ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان سۆز يوق.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:19
  • بۇرۇنقى ئىملا لۇغىتىنىدە ئابونت دەپ بار ئىدى، ھازىرقى ئىملا لۇغىتىدە ئابونىچى دەپ باركەن، سەت لاۋزىلىشىپتۇ تىل – يېزىق ئىدارىسىدىكىلەر

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:48
    • ئۇنداق بولۇشى «ئابۇنە» دېگەننى توغرا دەپ قارايدىكەن، 99-يىلى تۈزۈلگەن ئىزاھلىق لۇغەتتىمۇ «ئابۇنت» دېگەن گەپ يوق، «ئابۇنە» دەپ بار. «ئابۇنت» دېگەن سۆز زادى قەيەردىن پەيدا بولدى؟ 客户机نى يەنە ئابۇنىتېر دەيلى دېگەن پىكىرمۇ بولغان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:51
  • شۇنداق،،،، تىجارەتچى، سودىگەرلەر مەھسۇلات سېتىۋالغۇچىلارنى خېرىدار دەپ ئاتايدۇ. تېلېگىراف، كۆچمە ئالاقە شىركەتلەرمۇ تىجارەتچى، سودىگەرغۇ، خېرىدار دەپ ئاتىساق ئەڭ ئاقىلانىلىك ئىدى، لىكىن، مۇشۇنداق يېڭى ئاتالغۇلار دەسلىپىدە بارلىققا كەلگەندە قېلىپلاشتۇرۇلماي، تۈزۈتۈلمەي ھە دېسىلا كېچىكىپ قىلىۋاتىدۇ. ……………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:43
    • مەنمۇ بۇرۇنقى ئومۇملاشقان ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىشكە قارشى، لېكىن، ماۋۇ ئاتالغۇدەك يا توغرا يېزىلىشىنى يا مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدىغانلارنى دېمەكچى. بۇ ئاتالغۇغا تېخى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشمىدى، ئىملاسىمۇ ھەر خىل يېزىلىۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە توغرىسىنى ئاتاپ كۆنمىسەك، شۇ پېتى بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:46
  • نەدىن كىرگەنلىكىنىمۇ بىلمەي ئىشلىتىۋىرىپتىمىزدە بۇ «ئابونىت» نى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:27
  • خېرىدار دەپ ئېلىش ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدىكەن. مەن كەسىپكە چىقىپ كومپيۇتېر خەن تىلى دەرسلىكىدىمۇ ئابۇنت دېگەننى بالىلار چۈشىنىپ بولالماي، ھەتتا توغرا بولسىمۇ يازالماي قىينلغانلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيتى.
    ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ پۇرسەتتە سىزدىن بىر سوئالنى سورىۋالاي. سىزنىڭ تۈزىشىڭىزدە ‹‹كومپيۇتېر ئېنگلىز تىلى›› دېگەن بىر كىتاب نەشىر قىلىنىپتىكەن. ئەمما نەشىر قىلىنغان ۋاقتى 1999 مۇ ئىشقىلىپ ئون يىلدىن ئاشقان كىتابكەن. مەقسەتكە كەلسەم ‹‹كومپيۇتېر ئېنگلىز تىلى›› دەرىسلىكى كىتابىدىن يېڭىدىن بىرنى تۈزۈش پىلانىڭىز بارمۇ يوق؟ ‹‹كومپيۇتېر ئېنگلىز تىلى›› نى ئىزلەپ پەقەت يۇقارقىنىلا تاپقان ئېردىم، مەزمۇنلىرى سەل كونىراپ قاپتىكەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:00
    • بۇ ئىشنى ئېسىمگە سېلىپ قويدىڭىز، شۇنداق، مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن. بۇ كىتابنى مەن 97-يىلى ئاكام بىلەن بىرلىشىپ تۈزۈپ چىققان

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:16
  • مەنچىمۇ خېرىدار دەپ ئېلىش مۇۋاپىق ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:00
  • 客户 بىلەن 用户 نىڭ پەرقى بار. ئالىم ئەھەد ئەپەندى ئېيتىۋاتقان 用户 ،客户 بىلەن سەل ئارىلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ئەگەر 客户 بولسا خېرىدار، 用户 بولسا ئابونېنت دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە 客户 نى خېرىدار، 用户 نى ئىشلەتكۈچى دەپ ئىشلەتسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
    مەسىلەن: 网络用户 تور ئىشلەتكۈچىلىرى (تور ئابونېنتلىرى ئەمەس)، 移动用户 كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئىشلەتكۈچىلىرى (كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئابونېنتلىرى ئەمەس) دىگەندەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:03
  • يوڭخۇ _ئابونىت
    كېخۇ_خېرىدار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:16
    • 用户 دېگەن ئىشلەتكۈچى، پايدىلانغۇچى،…. ھەرگىزمۇ (لۇغەتتە يوق بولغان) ئابۇنت ئەمەس، بىرسى user (ئىشلەتكۈچى)، يەنە بىرسى client(خېرىدار)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:05
  • مەنمۇ چۈشىنىۋالدىم بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى، رەھمەت سىزگە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:55
  • مەنمۇ خېرىدار دىگەننى قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:51
  • مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن. يان تېلېفون ئىشلەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ باققان بولسىمۇ، لېكىن مەجبۇرىي تېڭىلغان سۆزدەك ئىشلىتىشكە كۆنەلمەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:22
  • مەنچە ھەم شۇنداق بۇلۇشى كېرەك..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:41
  • مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە تەتقىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتاتتىم. مۇشۇ بانادا مەنمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنۋالغۇدەكمەن-دە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:33
باھا بېتى: 1 2 3