نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows دۇكىنىدا ئۆزبېكچە-ئۇيغۇرچە ئالماشتۇرۇش ئەپى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

2010-يىلى 6-ئايدا مەن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا ئۆزبېكچە لاتىن ۋە سىلاۋىيان ئېلىپبەسىنى سېتىۋالغان ئىدىم، يەرمەنكە جەريانىدا ئۆزبېكچە لاتىن ۋە سىلاۋىيان يېزىقلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرىدىغان پىروگرامما يازغان ئىدىم، كېيىن ئۇنى يەنى 2011-يىلى 3-ئايدا ھەقسىز قورال قىلىپ تارقاتتىم. مانا بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شۇ پىروگراممىنى 8 Windows دۇكىنىغا لايىق ئۆزگەرتىپ يوللاپ باقسام، نەچچە سائەت ئىچىدە جاۋاب كەلدى، شۇنداق قىلىپ بۇ 2-ئۇيغۇرچە ئەپ بىرلا قېتىمدا تەستىقلاندى. بۇمۇ ئەلۋەتتە ھەقسىز، ئەتىدىن باشلاپ رەسمىي چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ، خاتىرجەم ئىشلىتىڭلار.

بۇ پىروگرامما بەكلا ئاددىي، زاڭلىق قىلماڭلار. مەن Windows دۇكىنىغا ئەپ ياساشنى ۋە يوللاشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن. لېكىن ۋاقتىدا كەلگەندە سىلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى ئۆزبېكچىنى بۇ قورال ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئالماشتۇرۇپ كۆرسىڭىز، تېخىمۇ راۋان ئوقۇيالايسىز.

بەلكىم يەنە بىرنەچچە سائەت ئىچىدە چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلىشى مۇمكىن، ئارايۈزىنى مەن خەنزۇچە قىلدىم، كېيىن يەنە ئىنگلىزچە ئارايۈزلۈك ئەپ يوللاپ، ئاندىن 3 تىل ئارىسىدا خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان ئىقتىدارلارنى پىششىق ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاندىن كۆپچىلىك دېگەندەك باشقا ئەپلەرنىمۇ ئېلان قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ ھازىرچە مەشىق ئەپ بولۇپ، تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

دىققەت بۇ ئەپ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلمايدۇ، پەقەت ئۆزبېكچە ھەرپلەرنى ئۇيغۇرچە ماس ھەرپلەرگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئۆزبېكچە ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە-ئۆزبېكچە ئارىسىدا ماشىنا تەرجىمانى ياساش باشقا تىللارغا قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئاددىي.

بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن Windows دۇكىنىدىن «قوراللار»غا كىرىپ، ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان ئەپلەر تىزىملىكىگە قارىسىڭىزلا بولىدۇ، ياكى ئىزدەش ئۈچۈن ھالقىلىق سۆزلەرگە Uyghur, Uzbek, ئۇيغۇر، ئۇيغۇرسوفت، 维吾尔،…دېگەندەك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپمۇ تاپالايسىز.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
50 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • رەھمەت ،چۈشۈرىۋالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 18:43
  • چۈشۈرۈش ئادىرسى قىنى؟مەن بۈگۈن بىر كۈن ئولتۇرۇپ ئاران تاپسام چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقكەن،خاپا بولماي يەنە بىر دەپ بېرەمسىز،ئاۋارا قىلدىم مۇئەللىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:27
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرسى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ. تەشەككۈرلەر…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:07
  • ۋاي-ۋۇي بۇ تازاياخشى بىر ئىش پۇپتۇ .مۇشۇنداق دىتاللار كۆپرەك چىقسىكەن دەيەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:49
باھا بېتى: 1 2 3