نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

زادى «تور كۆرگۈ»مۇ ياكى «تور كۆرگۈچ»مۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

زادى «تور كۆرگۈ»مۇ ياكى «تور كۆرگۈچ»مۇ؟

ئىنگلىزچە Web Browser نى (خەنزۇچە 网络浏览器)نى ئۇيغۇرچە ئىككى خىل ئاتاپ كېلىۋېتىپتىمىز، قارىغاندا نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلمىغاندەك قىلىدۇ. زادى «تور كۆرگۈ»مۇ ياكى «تور كۆرگۈچ»مۇ؟ بۇنىڭ زادى قانداق ماھىيەتلىك پەرقى بار؟ بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى ئەڭ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. قېنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭلار،
==========================
تۆۋەندىكىلەر پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن بېرىلدى
-غۇ،-قۇ،-گۈ،-كۈ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر (بۇنداق سۆزلەر نىسبەتەن ئاز)

ئۈنئالغۇ
تېرىلغۇ
ئاڭلاتقۇ
ئېچىتقۇ
بالىياتقۇ
ئېمىزگۈ
كۆنەلگۈ

بۆشۈك تەۋرەتكۈ
كۆكەرتكۈ
=============
-غۇچ،-قۇچ،-گۈچ،-كۈچ بىلەن ئاياغلاشقان (بۇنداق سۆزلەر بەك كۆپ)
سىزغۇچ
ئىلغۇچ
ئاقارتقۇچ
قىسقۇچ
سۈزگۈچ
ئۆلچىگۈچ
كۆرسەتكۈچ
كۆزەتكۈچ
==============
مۇشۇ قوشۇمچىلارنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ياكى «تور كۆرگۈ» ياكى «تور كۆرگۈچ» نىڭ قايسىسىنىڭ بەكرەك مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭلار

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
91 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • «تور كۆرگۈ» 1-شەخس بىرلىك، «تور كۆرگۈيۈم» ئەمەس، توغرىسى «تور كۆرگۈم»، كۆپلۈك «تور كۆرگۈيىمىز» ئەمەس، توغرىسى «تور كۆرگۈمىز». 2-شەخس بىرلىك، «تور كۆرگۈيىڭىز» ئەمەس، توغرىسى «تور كۆرگۈڭىز»كۆپلۈك «تور كۆرگۈيىڭىزلەر» ئەمەس، توغرىسى «تور كۆرگۈلىرىڭلار» 3-شەخس كۆپلۈك، «تور كۆرگۈلىرى».

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 11:10
  • ئۇيغۇرئىكىستە تور كۆرگۈ دەپ ئىلىنىپتۇ ، مىنىڭچە بۇ مەسلىنى بۇنچە تەھلىل قىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئېغىز تىلدا مەن ھەر ئىككىسىنى توغرا دەپ قارىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 15:10
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار ،اللە تىنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن.ئالىم مۇئەللىمگە اللە رەھمەت قىلسۇن . بىز نىمە ئۈچۈن شۇ ئككى سۆزنىلا ئويلىشىمىز بىزنىڭ سۆز بايلىقىمىز مولغۇ ،ئۇسۆزلەردىنمۇ مۇۋاپىق سۆزلەر كۆپق…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:48
  • تۈركچىدە tarayıcı دىكى cı قوشۇمچىسى دەل ئۇيغۇرچىدىكى چ قوشۇمچىسى،ئېنگىلىزچە browser دىكى er دېگەن قوشۇمچىمۇ مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئارتتۇررۇپ كېلىدىغان شەيئى ئۈچۈن قوشۇلىدۇ، خەنچىدە 浏览器 دىكى 器 دېگەنمۇ ئوخشاش. مېنىڭچە يۇقارقى قوشۇمچىلاردا ئىپادىلەنگەن شەيئىلەرنىڭ مۇستەقىل ياكى باشقا بىر شەيئىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
    مېنىڭچە ئۇيغۇرچىدا يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئازراق پەرقى بولۇشى مۇمكىن (پەقەت مۇمكىن، مەن چوقۇم دەپ كېسىپ ئېيتمىدىم، غاجىلىغۇچىلار قالايمىقان ھوجۇم قىلماڭ).
    شۇنىڭ ئاساسلانغاندا، مېنىڭچە، ئەگەر تور كۆرگۈ(چ)نى مۇستەقىل بىر شەيئى دەپ قارىساق ئۇنى تور كۆرگۈچ دېسەك، تورنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىساق تور كۆرگۈ ياكى تور كۆرگۈچ دېگەن ئىككىلا دېسەك بولارمىكىن.
    يەنە بىر ئىش، تور كۆرگۈ دېيىلگەندە تور كۆرىدىغان نەرسە ، ياكى تور تەرىپىدىن كۆرۈلىدىغان نەرسە دېگەندەك ئىككى خىل مەنا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. خۇددى «ئادەم يەيدىغان ھايۋان» دېگەندە ئادەمنى يەيدىغان ھايۋان ياكى ئادەم تەرىپىدىن يېيىلىدىغان ھايۋان دېگەندەك ئىككى خىل مەنا ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش.
    ئەمما مېنىڭچە تور كۆرگۈچ دېگەندە تورنى كۆرىدىغان نەرسە دېگەن بىرلا مەنا چىقىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:05
باھا بېتى: 1 3 4 5