ئالىم ئەھەت بىلوگى 5 ياشقا كىردى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەت بىلوگى 5 ياشقا كىردى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

alimئويلاپ باقسام بىلوگىم 5 ياشقا كىرىپتۇ، مەن بىلوگ يېزىشنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلاپتىكەنمەن، تۇنجى يازمام مانا:
?p=4
شۇ ۋاقىتتا بىرسىنىڭ ئىنكاسىغا مۇنداق ئىنكاس يېزىپتىكەنمەن:
===========
ھازىرچە ئاددىي جاۋاب بەرسەم:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن
3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن
============
ھازىرقى جاۋابىم مۇنداق:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
جاۋاب: Windows 8/8.1/10 ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقتى، ھازىر بۇ ئىشلار پۈتۈنلەي ئىزىغا چۈشتى، ھاردۇقىمىز چىقتى. چۈنكى Windows نىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى بىلەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلارمۇ ئۇيغۇرچىلاشتى، باشقا شىركەتلەرمۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ھازىر بۇنداق كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى ئاساسەن يوقالدى.

2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن

شۇ ۋاقىتتا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ، Windows

3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن

شۇنداق، مەسئۇلىيەت داۋاملىق ئارتىلىدىكەن، يۈكنى كۆتەرگەنسېرى داۋاملىق كۆتەرگۈسى كېلىدىكەن، چۈنكى كىشىلەرمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاۋۋال قىلىۋېلىڭ دېگەننى ئاز قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئارزۇ-ئارمانلار تۈگىمەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى ئارزۇ ۋە ئارمانلاردا ياشاشنى خالايمەن. تارىخنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما يېڭى تارىخ يارىتىش تامامەن مۇمكىن.

ناۋادا بىلوگىمنىڭ ئەھمىيىتى ئاجىزلىغان بولسا، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن يازمىلارنى شۇ يەردە يازساممۇ بولاتتى، تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قالدىم ئەمىسە، قېنى مەرھەمەت

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
52 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • تاقالسا بوممايدۇ ، بۇ يەنىلا ئاساسلىق بازا

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:05
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ، بىلوگىڭىزنىڭ 5 ياشقا كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
    بىلوگىڭىزنى ھەرگىز تاقىماڭ ،
    مەن سىزگە بەك قايىل ، ئانا تىل يېزىقىمىزنى ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان قىلدىڭىز ، بەك جاپا چەكتىڭىز…
    داۋاملىق تىرشىڭ .
    ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، ئائىلىڭىزنىڭ خۇشال – خۇرام ئۈتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 08:48
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاكا،ئاۋال بىلوگىڭىزنىڭ بەش يىللىقىغا تەبرىكلەر،ئەمما تەكلىپ شۇكى بىلوگىڭىزنى تاقىماڭ،ئۈندىدار سالوننىغۇ ئىشلىتەرسىز ،بىراق ئېنتىرنىتدىن ماتىريال ئىزدىسە سالوندىكى ماقالىلەر كۆرۈنمەيدۇ،يەنە كېلىپ ئىنكاس قايتۇرۇش،ساقلاپ قويۇش قولايسىز،بىلوگدىمۇ بىر ياقتىن ئانچە مۇنچە ئېچىپ قويغان ياخشى،بىر سوئالىمكى،نېمىشقا ۋېندوۋس10نىڭ ئۇيغۇرچە سېستىما خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ ياكى باشقا چىرايلىقراق فونت ئىشلىتىمىگەن؟مەن سېستىما فونتىنى ئەلكاتىپ تور غا ئالماشتۇرغان ،ھەممىسى نورمال پەقەت شۇ ھۆججەتلەرگە خەنچە ئىىسم بەرسە ھۆجقجەت ئىسمى كۆرۈلمەيدىكەن،قايسى خەت نۇسخىسىدا نورمال بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:00
باھا بېتى: 1 2 3 4