ئالىم ئەھەت بىلوگى 5 ياشقا كىردى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]ئويلاپ باقسام بىلوگىم 5 ياشقا كىرىپتۇ، مەن بىلوگ يېزىشنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلاپتىكەنمەن، تۇنجى يازمام مانا:
?p=4
شۇ ۋاقىتتا بىرسىنىڭ ئىنكاسىغا مۇنداق ئىنكاس يېزىپتىكەنمەن:
===========
ھازىرچە ئاددىي جاۋاب بەرسەم:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن
3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن
============
ھازىرقى جاۋابىم مۇنداق:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
جاۋاب: Windows 8/8.1/10 ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقتى، ھازىر بۇ ئىشلار پۈتۈنلەي ئىزىغا چۈشتى، ھاردۇقىمىز چىقتى. چۈنكى Windows نىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى بىلەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلارمۇ ئۇيغۇرچىلاشتى، باشقا شىركەتلەرمۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ھازىر بۇنداق كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى ئاساسەن يوقالدى.
2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن
شۇ ۋاقىتتا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ، Windows
3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن
شۇنداق، مەسئۇلىيەت داۋاملىق ئارتىلىدىكەن، يۈكنى كۆتەرگەنسېرى داۋاملىق كۆتەرگۈسى كېلىدىكەن، چۈنكى كىشىلەرمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاۋۋال قىلىۋېلىڭ دېگەننى ئاز قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئارزۇ-ئارمانلار تۈگىمەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى ئارزۇ ۋە ئارمانلاردا ياشاشنى خالايمەن. تارىخنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما يېڭى تارىخ يارىتىش تامامەن مۇمكىن.
ناۋادا بىلوگىمنىڭ ئەھمىيىتى ئاجىزلىغان بولسا، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن يازمىلارنى شۇ يەردە يازساممۇ بولاتتى، تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قالدىم ئەمىسە، قېنى مەرھەمەت
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,732 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 04-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:23
- ئالدىنقى يازما :Patients’ consciousness in a situation of significant danger
- كېيىنكى يازما :Land preferences when fast growing plants – what to choose?
بلوگنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ، دائىم يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاپا چەكتىڭىز ئالىم مۇئەللىم!!!!
مېنىڭچە بولغاندا مۇئەللىمگە قايسىسى قولاي بولسا شۇنى داۋاملاشتۇرسا دەيمەن،چۈنكى مۇئەللىمنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ،بۇنداق بولغاندا كۆپرەك ۋاقتىنى چوڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ھەم ئارام ئېلىشقا سەرپ قىلسىمۇ شۇنىڭ ئۆزى ئۈنۈم ئەمەسمۇ؟
مېنىڭچە مۇئەللىم يازىدىغان يازمىلارنى ئۈندىدارغا يازسىڭىز،ماۋۇ بىلوگدىكى دوستلارمۇ مىكروسوفت ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋالسا(شەخسىي پىكىرىم)
مەنمۇ بىلوگنىڭ تاقالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ،دائىم چىقىپ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن ،يېڭىلىق بارمۇ-يوقمۇ دەپ
مەنمۇ بۇ بلوگىنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىمەن.ئۇستاز ئۆزلىرىنى ئاسراش بىلەن بۇ بلوگىنى توختۇتۇپ قويماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۈندىدار سالونىمۇ بولىدۇ مۇئەللىم،بولۇپمۇ لۇغەت ئىقتىدارى بەك ياخشى.مېنىڭچە سىز بۇ بىلوگ ئارقىلىق بىزدەك ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بىلىم بېرەلەيسىز ھەم بىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرالايسىز!
مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇرۇنقى ئىنكاسلىرىم بىرەر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. بۇ بىلوگنىڭ ماڭ بولغان بىر پايدىسى قىزىققانلىق قىلماسلىق بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تورداشلارغا نىسبەتەن تور بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى. شۇڭا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئالىم مۇئەللىم، ئۆزىڭىزنى ئاسراپ، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ئۈندىداردا سىزگە خەت قالدۇرۇپ سىزدىن جاۋاپ خەت كۈتۈشكە بولمايدۇ بۇ بىلوگىڭىز بولسا ئادەمنىڭ كۆڭلى يايرايدىغان ، مەنىۋى تەشنالىقى قانىدىغان سورۇن ، لىكىن سىز بىلوگ ئىشلىتىڭ ياكى ئۈندىداردا يازمىلىرىڭىزنى ئىلان قىلىڭ ئىشقىلىپ ئىلان قىپ تۇرسىڭىزلا بۇلار بىز ئۈچۈن ئاكتىپ ئىنىرگىيە ، مەنىۋى ئوزۇق بولالايدۇ، سىزگە ئامان ئىسەنلىك تىلەيمەن، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن…
مۇئەللىم، ئۈندىدار سالونىنىمۇ قوشۇۋالدۇق، لىكىن مىنىڭچە بىلوگىڭىزنىڭ ئۈنۈمى ئاجىزلىغىنى يوق، شەخسەن مەن كۈندە دېگۈدەك يېڭىلىق بارمۇ يوق دەپ قاراپ باقىمەن. (ئەلۋەتتە بۇ بىلوگىڭىزنىڭ كۈندە يېڭىلاڭ دېگەنلىك ئەمەس، شۇنداق ئادەتلىنىپ قاپتىمەن. ) . مۇمكىن بولسا ئۈندىداردا يوللىغاننى مۇشۇ يەرگىمۇ يوللىسىڭىز. رەھمەت !
ئالىم مۇئەللىم ،،،،،بىلوگىڭىزنىڭ ماڭا نىسبەتەن رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى،،،،سىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈن تۈنسىز ،شەخسىيەتسىز قوشۇۋاتقان تۆھپىڭىزنى ھەممەيلەن بىلىمىز،،،،،،،،بۇ توغرىلىق مەن بىلوگىڭىزدا مەن كۆپ پىكىر قىلغان،،،،،مىنىڭ مۇشۇ ئانا تىل يېزىقىمغا بولغان ھۆرمىتىم بەك چۇڭقۇر بولسا كىرەك ،،،،سىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە قۇشقان تۆھپىڭىزنى ئويلىسام ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ كىتىمەن ،،،،،شۇڭا كۆپ گەپ قىلىپ تورداشلارنى زىرىكتۈرۈپ قويماي،،،،،،بىلوگىڭىزنى تاقايمەن دىگىنىڭىزنى ئاڭلاپ سەل ئەپسۇسلاندىم،،،،،،ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بەزەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈندىداردىن زىرىكىپ بۈرۇنكى كونۇپكىلىق تىلفۇنغا چۈشۈپ قالدى،،،،،بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ،،،،،،يەنىلا كومپېيۇتىر نۇسخىسى ياخشى،،،،،،ئىكرانى چوڭ ، راھەت ،،،،كومپېيۇتىر يەنىلا كومپېيۇتىر
كاتتا خوش خەۋەر:
مىكروسوفت بىڭ ئىزدەش موتورى توختىتىلغان بولۇپ، ئىچىلمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. مانا بۈگۈن تاسادىپىي سىناب باقسام ئىچىلىپتۇ ھازىر. ئۇيغۇرچە ئىزدەشنى بەك ياخشى قوللايدۇ. بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئىشلەتسەڭلار بولغۇدەك. بۇ ئىزدەش موتورىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ چىقىدىغاندەك بىر خەۋەرنى ئاڭلىغانتىم ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىلوگىدىن.
بىڭ ئىزدەش موتورى ئادرېسى: http://cn.bing.com
مەن سىزنى ۋە بىلۇگىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن .ئۈندىدارنى ئانچە ئاچمايمەن ،چۈنكى ئىشخانىدا ئۈبدىدار ئاچساق بولمايدۇ.ئۈندىدار ئېچىشقا بولمىغاچقا شۇڭا بىكىتىڭىزدىن ماتىريال كۆرىمەن. بۇ بىكەت بەك سىپتە ھەم پاكىز شۇڭا مەن ياقتۇرىمەن ،سىزنىڭ بارلىق لىكسىيە نۇتۇق پىروگىراممىلىرىڭىزنى سۈرەت ۋە ئارخىپلىرىڭىزنى تور ۋە باشقا ماتىريال ۋە باشقا كىشلەردىن يىغۋاتىمەن . مۇشۇلارنى كاللامدا كۈندىلىك خاتىرە دەپتەر ۋە كومپوتىردا ساقلاۋاتىمەن. سىزنى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر ئەڭ چوڭقۇر يىرىدە ساقلايمەن. خىزمەت جىددىيلىكى تۈپەيلى ھەقلىق ۋە ھەقسىز دەرىسلىرىڭىزگە تولوق قاتنىشالمىدىم كەچۈرۈم سورايمەن. مۇمكىن بولسا سىزنى ئۈرۈمچىگە بىرىپ بىر يوقلاپ كىلىمەن.
بىر تور بىكەت قۇرۇلۇپ ھەممە ئادەم بىلىدىغان (ھىچ بولمىغاندا نۇرغۇنلىغان ئادەم بىلىدىغان ) بىر تور بىكەتكە ئايلىنىشى خەېلى تەسكە توختايدۇ. دىگەن تور نامىنى ئەستە تۇتۇش ئاسان. كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلىدۇ ھازىر. مەنمۇ كومپىيوتېرغا ئائىت يېڭى خەۋەرلەرنى مۇشۇ بىلوگدا كۆرىمەن. تىلفۇندا تورغا چىقىش بىلەن ئانچە خوشۇم يوق. شۇڭا تاقىۋىتىمەن دەپ ئولتۇرماي مۇشۇ تور بىكەتنىڭ تىلفۇن نۇسخىسىنى ياساپ چىقىپ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى مۇشۇ يەرگە ئىسىپلا قويسىڭىز، ئاندىن يوللانغان مەزمۇنلارنى مەيلى كومپىيوتېردا كۆرەيلى ياكى تىلفۇندا كۆرەيلى ئوخشاشلا بولىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ. بۇ تور بىكەتنىڭ تاقىلىشى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر تور تەشۋىقات ۋاستىسىنىڭ يوقىلىشىدىن دىرەك بىرىدۇ. مۇشۇ نوقتىنى ئويلىغاندا ئالىم مۇئەللىم ھەرگىز تاقىۋەتمەيدىغۇ-دەيمەن.
بىلوگنى توختىتىپ قويماڭ …كۆنۇپ قاپتىمىز
مېنىڭچە ساقلىنىپ قالغىنى خوپمىكىن، ئۈندىدار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولماس
ئۈندىدار سالونى ۋە بىلوگغا ئوخشاش مەزمۇن يوللىسىڭىزمۇ مەيلى بىراق ، بىلوگىڭىزنىڭ تاقلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .