ئالىم ئەھەت بىلوگى 5 ياشقا كىردى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەت بىلوگى 5 ياشقا كىردى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

alimئويلاپ باقسام بىلوگىم 5 ياشقا كىرىپتۇ، مەن بىلوگ يېزىشنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلاپتىكەنمەن، تۇنجى يازمام مانا:
?p=4
شۇ ۋاقىتتا بىرسىنىڭ ئىنكاسىغا مۇنداق ئىنكاس يېزىپتىكەنمەن:
===========
ھازىرچە ئاددىي جاۋاب بەرسەم:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن
3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن
============
ھازىرقى جاۋابىم مۇنداق:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
جاۋاب: Windows 8/8.1/10 ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقتى، ھازىر بۇ ئىشلار پۈتۈنلەي ئىزىغا چۈشتى، ھاردۇقىمىز چىقتى. چۈنكى Windows نىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى بىلەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلارمۇ ئۇيغۇرچىلاشتى، باشقا شىركەتلەرمۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ھازىر بۇنداق كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى ئاساسەن يوقالدى.

2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن

شۇ ۋاقىتتا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ، Windows

3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن

شۇنداق، مەسئۇلىيەت داۋاملىق ئارتىلىدىكەن، يۈكنى كۆتەرگەنسېرى داۋاملىق كۆتەرگۈسى كېلىدىكەن، چۈنكى كىشىلەرمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاۋۋال قىلىۋېلىڭ دېگەننى ئاز قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئارزۇ-ئارمانلار تۈگىمەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى ئارزۇ ۋە ئارمانلاردا ياشاشنى خالايمەن. تارىخنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما يېڭى تارىخ يارىتىش تامامەن مۇمكىن.

ناۋادا بىلوگىمنىڭ ئەھمىيىتى ئاجىزلىغان بولسا، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن يازمىلارنى شۇ يەردە يازساممۇ بولاتتى، تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قالدىم ئەمىسە، قېنى مەرھەمەت

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
52 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم . بىلوگىڭىزنىڭ داۋاملىق تۈردە يېزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئوخشاش مەزمۇننى ئۈندىداردا ھەم بىلوگدا تارقاتسىڭىزمۇ مەيلى لىكىن بىلوگىڭزنىڭ تاقلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇق ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن ! بلوگىڭىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغانلار مەنچە كۆپ ، بىز بۇ بلوگىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ يازمىلارنىڭ يېزىلىشىنى ، تاقىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:00
  • منىڭ تورغا چىققاندىكى بىرىنچى بىكىتىم ئالىم ئەھەت بىلوگىدۇر.بۇ بەش يىلدىن بىرى بۇ ئىزچىللىققا ئايلاندى .مەن بۇ بىلوگدىكى ھەر بىر ئۇچۇرنى كۆرگۈنۈمدە ھۇجۇدۇمدا بىرخىل كۆچ ئۇرغۇيدۇ. مەن بىزنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى ھەققىدىكى يېڭىلىقلارنى بۇ يەردىن تاپالايمەن ،رادىئو سۆھبىتىدىن تارتىپ ئالىم ئەھەت دەردسخانىسىغىچە بولغان ئارلىقتىكى سەرخىل تىمىلار نىڭ ھەممىسىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ……..
    كومپيۇتېر خىزمىتىدىكى ئىزچىللىقىڭىزغا ئاپىرىن،نەچچە يىللاردىن بىرى تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىقتىڭىز.بىزلەرگە سىزدەك ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالىملار كېرەك .ھەرۋاقىت نەزىرىمىز سىزدە .تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى يوللايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:21
  • مېنىڭچە ئۈندىدار سالونىغا قارىغاندا بىلوگ بىر قەدەر كەسپىيرەك چىقىدىكەن. ھازىر ھەممە نەرسە ئىنتېرنېتقا باغلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئىزدەش ماتورلىرى ئۈندىدار سالونىدىن مەزمۇن يىغىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ ھەم ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ جىقلىقىدىن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قايتا قېزىش تەس. سىلىنىڭكىدەك مۇھىم ئۇيغۇرچە مەنبە توىتاپ قالسا ئىنتېرنېتتىكى ئۇيغۇرچە مۇھىم مەنبە توختاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ قالغۇدەك.
    مېنىڭمۇ بىلوگ يېزىۋاتقىنىمغا تۆرت بەش يىلچە بولاي دەپ قاپتۇ، بەزىدە ھاياجانلىنىپ يېزىپ كەتسەم، بەزىدە يېزىشتىن ئازراق توختاپ قالدىم، ئەمما بىراقلا يېزىشتىن توختىمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:00
  • مۇشۇ بىلوگدە ئويلىغانلىڭىزنى داۋاملىق يىزىۋىرىڭ. ئۇزاق بولدى يىڭىلانمىغىلى. ئانچە مۇنچە يىزىپ تۇرۇڭ. نىمە ئىشى قىلۋاتىقىنىڭزنى بىلىۋالايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى am 00:50
  • مەن ئىلگىرى پىرۇگىرامما لاھىيلەش تىلىغا بەك قىزىقىپ كەتمەيتىم ،كىيىن ئالىم ئەھەد بىلۇگىنى كۆرگەندىن كىيىن مەندە پىرۇگىرامما لاھىيەلەش تىلىغا قارىتا قىزقىش پەيدا بۇلدى ،بىلۇگ نىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇشىنى ئۆمىد قىلىمەن ،ھەم بۇنىڭدىن كىيىن بىلۇگدا ئەڭ يىڭى كۇمپىيۇتىر تىخنىكىسى ،بىلىملىرى ،پىرۇگىرامما لاھىيەلەش تىللىرى تۇنۇشتۇرۇلىشى ،پىرۇگىرامما لاھىيلەش تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى
    تۇنۇشتۇرۇلىشىنى ئۆمىدى قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:27
  • بىلۇگنىڭ ئۆزىگە خاس قىممىتى ۋە رۇلى بار ،ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيتسام مەن ئىلگىرى پىرۇگىرامما لاھىيەلەش تىلىغا قىزىقمايتىم ۋە چۈشەنمەيتىم ،كىيىن سىزنىڭ بىلۇگىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن مەندە پىرۇگىرامما لاھىيلەش تىلىغا قارىتا قىزىقىش پەيدا بۇلدى ،ماڭا نىسبەتەن ئالىم ئەھەت بىلۇگى ھاياتىمغا بىر خىل بۇرۇلۇش ئىلىپ كەلدى دىسەممۇ بۇلىدۇ ،شۇڭا بىلۇگىڭىز ساقلىنپ قالسا ،بىلۇگىڭىزدا كومپىيۇتىر تىخنىكىسىغا ئائىت ،پىرۇگىرامما تىللىرىنى تۇنۇشتۇرۇش ،پىرۇگىرامما تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ۋە پىرۇگىرامما تىلىنى ئۆگىنىشتىكى ياخشى كىتاب ،ۋىدىئۇ دەرسلىلىكلەر ۋە يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن ساھالەر تۇنۇشتۇرۇلسا دەيمەن ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:21
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، بىلىوگىڭىزدىن پات-پات خوش خەۋەرلەر چىقىپ تۇردۇ. بۇنداق لاتارىيەدىن چىقاندەكلا بىلىم چىقىدىغان بىلوگنى تاقاپ قويمىسڭىز. نېمە قىلىمىز بىر ئوبدان چوڭ ئېكران تۇرسا كۆزگە جاپا سېلىپ كىچىك ئېكرانغا قاراپ. يەنىلا تاقىۋەتمەڭ.(شەخسىي كۆز قارىشىم)

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:20
  • بىلوگنىڭ ۋاقتى تېخى ئۆتمىگەندەك قىلىدۇ.
    بىر ئىككى يىل قاراپ باقسىلا مېنىڭچە

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:32
  • ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ دىيارىمىز نىڭ كومپىيوتېر ساھەسىگە قوشقان تۆھپىىڭىزدىن پەخىرلىنىمەن ھەم پۈتۈن ئويغۇر مىللىتىمىزپەخىرلىنىمىز ،ھەمدە سىزنىڭ ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئۇزۇن تىنىڭىزنىڭ سالامەت ئشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:47
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت ئاكا سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز ھەقىقەتەن يۇكسەك ئىشلارنى قىلدىڭىز شەخسەن ئۆزۇم ۋە تورداشلار سىزگە مىڭ رەخمەت ئىيتىدۇ
    بىلوگغا ئىنكاس ئانچە چۇشمەيۋاتامدۇ ھە ھەي ھازىر ئويۇنچى بالىلارمۇ كۆپ بىلىم ئالىدىغان سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيدىغان ۋە ھەمدەمدە بولىدىغانلارمۇ كۆپ . مىنىڭچە بىلوگنى تاقىماسلىقىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن
    ھەممە ئادەم ئۇندىدار ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ بولۇپمۇ قەشقەر خوتەن تەرەپلەردە

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:02
  • بىلوگلىرىنى توختىتىپ قويمىسىلا، نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ بىلوگنى ئارىلاپ كەلدىم، ئادەتتە كىشىلەر قالدۇرغان ئىنكاسنىمۇ بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقىمەن، نەچچە يىلدىن بۇيان پروگرامما لاھىيەلەشنى ئۆگىنەي دەپ تۈزۈك ئۆگىنىپ بولالمىدىم، دائىم بۇ كەسىپ بىلەن جان باققىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن، لېكىن ئالىم مۇئەللىمنىڭ بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەنە روھلىنىپ پروگرامما لاھىيەلەشنى تاشلاپ قويماي ئۆگەنسەم بولىدىكەن دېگەن خىيالغا كېلىمەن، ئىشقىلىپ بۇ بىلوگدىن جىق نەپ ئالدىم، ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:49
  • يەنە بىر ئىككى يىل ئۆتسە خەتنە قىلغۇدەك بولىدىكەن (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
    بىلوگنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاجىزلىرى دەپ قارىمايمەن، ھەم بىلوگىڭىزنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. (شەخسىي كۆز قاراش).
    بەزىدە جايلاردا ئۈندىدار ئېچىلمايدۇ. ھەم ئۈندىداردا ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكى لازىملىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىشىمىزغا بىلوگدەك قولاي ئەمەس دەپ قارايمەن. يەنە مۇشۇنداق ئەركىن ئىنكاس يېزىپ پىكىرلىشىشمۇ بىلوگدەك قولاي ئەمەس. (شەخسىي كۆز قاراش)
    شۇڭا بىلوگىڭىزنىڭ تاقىلىشىنى خالىمايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز.
    مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى ۋە مەنپەئەتدارى بولۇش سۈپتىم بىلەن سىزدىن ئالەمچە سۆيۈنىمەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن سىزگە ئوخشاش ئىسىل كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمد قىلىمەن، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈندىدار ئىشلىتەلمەيدىغانلار ئۈچۈن بولسىمۇ بىلوگ يىزىشنى توختىتىپ قويمىسىڭىز، ھەرقىتىم كومپيوتېرنى ئىچىپ تۇنجى كۆرىدىغنىم سىزنىڭ بىلوگىڭىز، بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە يىڭى مەزمۇن يوللىمىدىغان ئىدىڭىز قايسى كۆزى ياماننىڭ كۆزى تەگكەندۇ دەپ شۇنداق ئەنسىردىم.
    بىلوگىڭىزنىڭ بەش يىللىق تەۋەللۇتىغا مۇبارەك بولسۇن، گەپلىرىم قولاشماي قالدى، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، تىنڭىزغا سالامەتلىك مەڭگۈ يار بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:46
  • مەن بۇ بىلوگنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، دائىم يوقلاپ تۇردۇم، چۈنكى بۇ بىلوگدا تۇلۇمدىن ئالتۇن چىققاندەك خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ. مەنمۇ بەك خۇش بولىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:19
باھا بېتى: 1 2 3 4