خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بىلوگىمدا نۇرغۇن تورداشلار خەنزۇچە Windows 8 ياكى خەنزۇچە تىل بولىقى قاچىلانغان ئىنگلىزچە Windows 8 مۇھىتىدا، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. تەكشۈرۈپ باقسام ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن، دۈشەنبە كۈنى 17-چېسلا بۇ خاتالىق Microsoft شىركىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى. Microsoft شىركىتى دەرھال ياماق سېلىپ تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىپ بەردى، Microsoft شىركىتىگە رەھمەت!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم،
شىركەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئېلېكتىرونلۇق خەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ خەنزۇچە مەشغۇلات سىستېمىسىدا كۆرۈنمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى تاپتۇق. ئالدى بىلەن خەنزۇچە Windows دا ئەڭ يېڭى ياماقلارنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار، تەپسىلاتى مۇنداق:
كونترول تاختىسىدىن Windows Update نى تاللاپ، بارلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان يېڭىلانمىلارنى تەكشۈرۈپ باقىمىز، ناۋادا يېڭىلاش تىزىملىكىدە ZDP KB2756872 ياماق كۆرۈنمىسىمۇ، يېڭىلاشقا بولىدىغان ياماقنىڭ ھەممىنى يېڭىلايمىز. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ Windows Update قا قايتا كىرىپ، يېڭىلانمىلار قايتا تەكشۈرۈپ باقىمىز. بۇ قېتىم KB2756872 نى كۆرەلەيمىز. مۇشۇ ياماقنى (ئەلۋەتتە بارلىق يېڭىلانمىلارنى) قاچىلىساقلا بولىدۇ.
رەھمەت سىزگە
==============
ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭى قاچىلىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بارلىق ياماقلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك، مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىغاندا بۇ مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمدۇر. ئەمما نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىگە ئىش تېرىپ بېرىدىغان ھەر خىل پاراس-پۇرۇس، چىچا-پىچا دېتاللارنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى تېخىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى دۇرۇس بولمىغان دېتاللارنى ئىشلەتكەن بولغاچقا يېڭىلاشتىن ئەنسىرەپمۇ قالىدۇ.
مۇشۇ يازما ئارقىلىق يەنە ئەسكەرتىپ قوياي، Microsoft ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلار، يانچۇقىدا 248 يۈەن پۇلى بارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 40 نەچچە كۈن ئىچىدە سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باھاسى ئېنىقلا 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئالىم مۇئەللىم سەمىمىزگە سالمىغان دەپ يامانلاپ قالماڭلار.
==================================================
- يازما كۆرۈلۈشى: 90,750 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 9:20
- ئالدىنقى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
- كېيىنكى يازما :2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللار
语言包无法使用 دەپ چىقمىدى
ئالىم ئاكا ، يەنە بىر مەسىلە بايقالدى ، بۇ مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا كۆرۈلىۋاتامدۇ ياكى ئومومىيۈزلۈك ئەھۋالمۇ بىلمىدىم ، بۇنىڭغا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز .
سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى ئىنكاسلار نېمىشقا چىسلا تەرتىۋى بويىچە كۆرۈنمەيدۇ ، دىمەكچى بولغىنىم يېڭى ئىنكاسلار ئەڭ ئۈستۈنگە تىزىلسا ياخشى بولاتتى دىمەكچى.
يەنە بىر مەسىلە : كۆزنەك 8 شارائىتىدا ۋوردتا ئۇيغۇرچە خەت بېسىۋىتىپ ھەر قېتىم «ڧڧڧڧF» (باسسام چىقمىدى، شۇڭا ئىنگىلىزچە F دەپ يىزىپ قويدۇم) ھەرپىنى باسسام خەت شەكلى ئۈزۈلۈپ كىتىپ ، خەت نۇسخىسى ئۆزگىرىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ نىمە ئەھۋال
win8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى كۆركەملەشتۈرۈش (ئۆزگەرتىش) ۋە ئۈستەل كۆرۈنمە يۈزىنى ئېنگىلىزچە يۆنىلىشتە (سولدىن ئوڭغا) كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەش توغرىسىدا ئۇستازدىن ۋە كەڭ تورداشلاردىن ياردەم سورايمەن.
ئالىم ئاكا،ياخشىمۇ سىز؟مەن word تا ئويغۇرچە خەت يازسام ئورنى ئالمىشىپ چىقىۋاتىدۇ،مەسىلەن:كىتاب بىلىم بولىغى دەپ يازسام بۇلىغى بىلىم كىتاب دەپ چىقىۋاتىدۇ،قانداق قىلسام بولار؟qqغا خەت قالدۇرۇپ قويالارسىزمۇ؟87406440:qq.رەھمەت.
بۇنى قانداق چۈشۈرىدۇ. مەن چۈشۈرۈش دىگەن خەتنى ھېچ تاپالمىدىمغۇ
ناھايىتى ياخشى ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپسىز .ھارمىغايسىز ،ئاللا سىزگە سالامەتلىك ۋە كۈچ قۇۋۋەت بەرسۇن،
ۋىندوۋىس8نىڭ ھازىرقى باھاسى نەچچە يۈئەندۇ.
ئۇنى قاچىلىغاندا قانچىلىك بوشلۇقنى ئىگەللەيدۇ،مىنىڭ كومپىيوتۇرۇم قوراشتۇرۇلغان،قوش يادرولۇق،نىسۈن4جى،سىپىيۇئىنتىل ئىدى .كومپىيوتۇرۇمغا ماسكىلەرمۇ،
windows8 دە بىر قىسىم خەنچە يۇمشاق دېتاللار ۋە تور بېكەتلەرنىڭ خەتلىرى نورمال ئەمەس. بۇ بەلكىم كود مەسىلىسىدۇ. مۇشۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بارمىدۇ؟
ئۇندىن باشقا يەنە win7 دە كىرگۈزگۈچكە تېز كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە Ctrl+9 نى بېكىتىپ، لازىم بولغان شۇ كۇنۇپكىنى چەكسەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە ئالمىشىدۇ. win8 دىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ؟ مەن تاپالمىدىم.
سوئال: رەسىم ئاپپاراتتا بىر قىسىم ئادەملەرنى رەسىمگە تارتسام، چىرايى بۇغداي ئۆڭ چىقىپ قالىدۇ، بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟
جاۋاب: بۇ ئەلۋەتتە ئاپپاراتنىڭ ئىشى ئەمەس، چىراي ئاق پىشماق، سۈزۈك ئادەملەرنى تارتسىڭىز، قارا، زەڭگى ياكى بۇغداي ئۆڭ چىقىپ قالمايدۇ، بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى Photoshop
سوئال: windows8 دە بىر قىسىم خەنچە يۇمشاق دېتاللار ۋە تور بېكەتلەرنىڭ خەتلىرى نورمال ئەمەس. بۇ بەلكىم كود مەسىلىسىدۇ. مۇشۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بارمىدۇ؟
جاۋاب: تور كۆرگۈچتىكى كودىلاشنى شۇ تور بېكەتنىڭ كودىلانغان كود ئۆلچىمىگە تەڭشەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
سوئال: ئۇندىن باشقا يەنە win7 دە كىرگۈزگۈچكە تېز كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە Ctrl+9 نى بېكىتىپ، لازىم بولغان شۇ كۇنۇپكىنى چەكسەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە ئالمىشىدۇ. win8 دىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ؟ مەن تاپالمىدىم.
شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ، ھەتتا ئايرىم كۆزنەكلەرگە ئوخشىمىغان كىرگۈزگۈچنى تاللاپ قويغىلى بولىدۇ.
نەدىن چۇشۇرىمەن
مىكروسوفتتىن ياماق چۈشۈرۈپ سىستېما ياماش نېمىدىگەن تەس!!! 29 تال ياماقنى شۇنداق ئۇزۇندا چۈشۈردى. تېخى ئارىلىقتا نەچچە قېتىم توختاپمۇ قالدى. ئۇف….
win8 نى توردىن چۈشۈرگىلى بولمايۋاتدۇ ، مەن بىر نۇسخا سېتۋالغان قايتا چۇشۇرەي دىسەم ، سىز تۇرغان رايۇنغا چۇشۇرۇش تەمىنلەنمىگەن دەيدۇ،ئوروننىمۇ ئۆزگەرتىپ باقتىم ،لىكىن يەنلا شۇنداق بۇ نى قانداق چۇشۇرەمەن ئەمدى باشقا ئامال بارمىدۇ
مەن باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن Windows 8
سېستىمىسىنى قاچىلىغان ئەمدى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۇن قانداق قىلىمەن، ئۇيغۇرچىگە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە كۆنەلمىسەم يەنە ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولامدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن win8 نى يېڭى قاچىلغان ئىدىم بىراق ئۇيغۇېچە تور بىكەتلەرنىڭ كۆرۈنىشى نورمال ئەمەس خەت نۇسقىلىرىمۇ چىرايلىق چىقمايۋاتىدۇ قانداق قىلسام ie6 دىكىدەك چارايلىق كۈرۈنىدۇ
مەنمۇ مۇشۇ مەسلىگە يولۇققان شۇنىڭ بىلەن تور بەتتىن ئۇيغۇرچە بولاقنى چۈشۈرۈپ قاچىلسام نورمال ئۇيغۇرچىلاشتى ، لىكىن تولۇق ئەمەس مەسلەن:欢迎دىگەندەك
نىمىشقا مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەيسىز؟