نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىمىز

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئالدىنقى ھەپتە يەرلىكلەشتۈرۈش توختامىنى 5 يىللىق ئۇزارتتۇق. ئىشتىن سىرت ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىرى قوبۇل قىلىمىز.
ۋەزىپىسى: ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ.
خىزمەت تۈرى: ئىشتىن سىرت ۋەزىپە بويىچە ئىشلەيدۇ
ھەق ئۆلچىمى: تەرجىمە قىلغان سۆز سانى بويىچە ھەق ئالىدۇ.
خىزمەت ئورنى: ئاساسەن توردا بولىدۇ. تور ئارقىلىق ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، توردا تاماملاپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

شەرتى: ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى 4-دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ناۋادا، ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار، تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، ھېچقانداق سىناق ئېلىنمايدۇ.
ئىش ھەققى: ئىنگلىزچە ھەر 1000 سۆز ئۈچۈن 80~100 يۈەن. ۋاقتىدا سۈپەتلىك تاماملىغانلارغا يەنە %10~%20 مۇۋاپىق ئىش ھەققى قوشۇپ بېرىلىدۇ. (ئادەتتە ھەر سائەتتە 500 سۆز تاماملاشقا بولىدۇ).

ئىزاھات: ۋەزىپە كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن قايسى تەرجىماننىڭ ۋاقتى چىقسا شۇلارغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. ۋەزىپە كەلگەن كۈنلىرى ئاز دېگەندىمۇ 4 سائەت خىزمەت قىلالىشى كېرەك، شەنبە-يەكشەنبە دەپ ئايرىلمايدۇ. بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا ئۆلچەمدىكى يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ھەققىدىكى زۆرۈر ساۋاتلاردىن ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. بۇ خىزمەت سىزنىڭ ئوقۇش، خىزمىتىڭىزگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ.

ئالدى بىلەن بىر ئابزاس ياكى 4-5 قۇر قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى يوللاپ بېرىڭ.
ئېلېكتىرونلۇق خەت: uighursoft1@hotmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئالىم ئەھەت

(باشقا مۇنبەرگە چاپلاپ قويساڭلار ئەلۋەتتە بولىدۇ، رەھمەت)
ماڭا خەت يازغانلارغا بۇ يەردىلا جاۋاب بېرەي:
================
ئىزاھات: بۇ ئايلىق ياكى يىللىق مۇقىم خىزمەت ئەمەس، ئەمگەك توختامى تۈزۈلمەيدۇ، تەرجىمانلار قوشۇنى ئىچىدە كىمنىڭ ۋاقتى يەتسە، شۇ تاماملايدىغان ئىشتىن سىرتقى خىزمەت، شۇڭا بۇنىڭدا مۇنچە ئاي ئىشلىدىم دېگەن گەپ بولمايدۇ، پەقەت مۇنچىلىك سۆز تەرجىمە قىلىپسىز دەپ، يۇقىرىدىكى ئىش ھەققى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ. بۇ پەقەت «ئىشلىسەڭ قانچىلىك، بېرىمىز شۇنچىلىك» دەيدىغان خىزمەت. قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەت بەك مۇھىم. ناۋادا، ۋەزىپىنى كېچىكتۈرسە، قىلغان ئىشىغا ھەق بېرىپ، كېيىنكى قېتىم بۇنداق تەرجىمانلارغا ۋەزىپە بېرىلمەيدۇ. ھەم يەنە «شاللاندىڭىز» دەپ ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن ۋە يەنە بىرەيلەن بۇ ئىشنى ئىزچىل قىلىۋاتىمىز. ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ مەندىن باشقا يەنە 2 خادىم يېتەرلىك بولاتتى. ئەمما بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ زاپاس تەرجىمانلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش بولۇپ، مەن قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئورنىنى تېزىرەك ئالالىسا بولاتتى، مەن يەنە باشقا مۇھىم ئىشلارنىمۇ قىلسام دەيمەن. 3-4 يىل Microsoftنىڭ تەرجىمانى بولۇپ كەتتىم.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
38 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مەن پۇراگرامما بىلىمى ئۇچۇن ئېنگىلىزچە خەزۇچە ئۆگەنمەكچى 2يىللىق پىلانىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:50
  • مەن خەت يازغىلى ئون كۈندەك بولدى، بۇلىدۇ ياكى بولمايدۇ دېگەندەك ئۇچۇرنى تېخىچە تاپشۇرۇپ ئالمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 02:32
    • ھازىر تىزىملاتقان ئادەم بەك كۆپ، بەزىلەرگە ئانچە-مۇنچە ۋەزىپە بېرىپ ئىشنى باشلاپ بولدۇق، يېتىشەلمەي قالغاندا باشقىلارغىمۇ ئايرىم خەۋەر قىلىشىم مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:31
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ ئىلخەت ئادېرىسىڭىزنى تاپالمىدىم.
    مەنمۇ ھەم ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىگە بىركىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز!
    مەن كورىيە دە كومپىيۇتېر كەسىپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى بۇلىمەن.
    (كومپۇتېرتېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كەسىپلە باركەن)كەسىپ تاللاشتا بەك قىينالدىم سىز بىلەن ئالاقىلاشسام بوپتىكەن مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:04
  • ھەرقايسى باھاداشلارنى قىزغىن قوللايمەن.
    ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان كۈنلىرى 2 سائەت ئەتراپىدا سۈپەتلىك تاماملاپ بولغۇدەك خىزمەت بولسىدى،ئاندىن كىيىن ‹ئىشتىن سىرت خىزمەت›دەپ نام قويساق بولاتتى.
    ئېنگلىزچىدىن جى ئار ئىي ئىمتىھانى بېرىپمۇ تازا قانائەتلەنگۈدەك ئىجتىمائى قىممىتى بار خىزمەت قىلالمىدۇق-دە، ھەي ھەي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:50
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن ماتېريالىمنى يوللاپ قويدۇم. سىز تەرجىمانلىق ئىشلىرى ۋاقتىڭزنى بەك ئىلۋاتقانلىقى، باشقىلارنىڭ ئورنىڭزنى ئىلىپ يۈكۈڭزنى يەڭگىللەتسە باشقا ئىشلانى قىلماقچى ئىكەنلىكىڭزنى ئەسكەرتىپتىكەنسىز، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلپ ئاشۇ ئۇرۇننى ئاشۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالاي دەپ، قىسقىچە تەرچىمھالىمنى سىزگە يوللىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:35
  • مۇئەللىم، مەن ئىلتىماس سونۇپ بىرپارچە خەت يازغان. 7-چىسلامۇ نېمە . ھېچ بىر خەۋەر يوققۇ، بەكلا قىپ باققۇم بارتى بۇ ئىشنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:17
  • مەن قاتنىشىپ باقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:16
  • ئالىم مۇئەللىم گىپىمنى يەنە تەكرارلاپ قۇيسام ،بىزدە كومپىيۇتىرغا ئائىت كىتابلار يۇقنىڭ ئورنىدا،نۇرغۇن كىشىلەر كومپىيۇتىر پىروگىرامما تىلىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ،بەزىلەرنىڭ ئۆگىتىش كۇرىسىغا بىرىپ ئۆگىنىشىگە ۋاقىت ياكى شارائىت ،ئىمكانلىرى يار بارسە ،بەزىلەرنىڭ ئونداق شارائىتلىرى بولمايدۇ،بۇلار مەلۇم كىتاب ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ،شەخسەن ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيتسام، بىر نەرسىلەرنى كۆرۈنمە ئىكرانلاردا ،كۇرۇسلاردا ئەمەس ،كىتاب ئارقىلىق ،كىتابنى قۇرمۇ قۇر ،تەكرار مۇھاكىمە قىلىپ ئۆگىنىشنى ياقتۇرىمەن ، يىقىندىن بۇيان كومپىيۇتىر پىرۇگىرامما تىلىغا بەك قىزىقىپ قالدىم،گەرچە خەنزۇتىلىدىن پايدىلنىالىساممۇ ،لىكىن كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ،يەنىلا ئانا تىلىمدا ئوقۇغاندەك راۋان ،ئاسان چۈشىنشلىك ،تىز چۈشىنىشلىك،بىمالال بولمايدىكەن،ۋاقتىڭىزنىڭ ناھايىتى قىسلىقىنىمۇ ھەم بىلىمەن ،لىكىن شۇنداقتىمۇ مىنىڭ شۇنداق كۈچلۈك تەشەببۇسۇم باركى ،سىزدىكى بىلىم تەجىربە ھەممىلا كىشىدە يۇق ،سىزدىكى بىلىم تەجىربىلەردىن كۆپچىلىك تىخىمۇ كۆپ پايدىلانساق،كونكىرىت ئىيتقاندا كومپىيۇتىر پىروگىرامما تىلىغا ئائىت كىتاپ نەشىر قىلدۇرسىڭىز ،ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتىر مۇتەخەسىسىى يازغان كىتابتىن مەنپەئەتلەنسەك ،مەن شۇنىڭغا ئىنتايىن ئىنتىزار

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:05
    • راستىنلا كىتاب چىقارسا قانچىلىك ئادەم سېتىۋالىدۇ سىزنىڭچە؟! بىزدە پروگرامما ئۈگېنىدىغانلار ساناقلىقلا. بۇ خىل ئەھۋالدا پروگرامما تىللىرىغا ئائىت كىتاب نەشىر قىلىش تەسكە توختايدۇ. مېنىڭچە ئېلىكترونلۇق كىتابلارنى تۈزسەك بولىدۇ، ئىھتىياجى بارلار شۇنىلا چۈشۈرۈپ ئۆزى بېسىپ ئۈگەنسە ئەڭ قولاي! ئاللاھ خالىسا بىر يۈرۈش پروگرامما دەرىسلىكلىرى پات ئارىدا روياپقا چىقىشى مۇمكىن!

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:37
  • ھەئە، مەن شۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى am 00:35
باھا بېتى: 1 2