Windows 8.1 with Bing نى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 with Bing نى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە ئاتالغۇ بېشىمنى سەل قاتۇردى. دىققەت بۇ يەردىكى Windows 8.1 ۋە Bing مەھسۇلات نامى بولۇپ، تەلەپ بويىچە تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. Windows نىڭ يەنە يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن تارماق نەشرى چىقماقچى، بۇ يەردە ھەممىنى تىلغا ئالسام بولمايدۇ، بىرسىنى تەرجىمە قىلىۋالسام ھەممىسى شۇ قېلىپ بويىچە بولىدۇ، پىكىرنىڭ بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى دېمەي تۇراي، مۆھلىتى 48 سائەت، قېنى كۆپچىلىك پىكىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ باققان بولسا، رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
51 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئويغۇر ئاتالغۇلارنى تولۇق 99%ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن windows نىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ،بۇ مەسىلىلەرنى باشلامچى كارخانچىلارغا تاپشۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئەلۋەتتە،ئويغۇر تىلى گىراماتىكىسى گىراماتىكىلىق قائىدە بويىچە ئىلىپ مىڭىش كىرەك.
    مەسلەن:bing ئەسلى كەسپى كومپىيوتىر ئىزاھاتىغا قارىساق(live search,Windows live search,MSNsearch بىلەن مەشھۇر)تور ئىزدەش ماتورى دەپتۇ.
    ive search,,Windows live search,MSNsearchمۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرقانچە خىل ئىزاھات بىلەن ئىپادىلەنسە بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ،مۇشۇنداق بولغاندا ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى تىخىمۇ يوقىرى كۈتۈرگىلى بولىدۇ.
    google داbing تەرجىمىسى ئەسكەر دەپ چىقىدىكەن،ئىنگىلىزتىلى گىراماتىكىسا بو سۆزنىڭ مەنىسى ھەرخىل بولىشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:16
  • bing ھەمراھلىق windows8
    ياكى
    ۋىندوۋس8 bing نەشىرى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 18:10
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئىزدىنىش ئەزالىرى بارمۇ ؟بولسا مېنى ئىزدىنىشقا ‹سۆرەپ› كىرگەن بولساڭلاركەن.ئىزدىنىشقا ئەزا بۇلۇش ئۈچۈن تەكلىپ نۇمۇرى لازىمكەن.مېنىڭ ئىزدىنىشتا يا بىرەر تۇنۇشۇم يوق .ئېلخەت 515425615@qq.com .تېمىغا،بلوگقا مۇناسىۋەتسىز پاراڭ قىپ قالدىم .ئالىم مۇئەللىم ۋە باشقا تورداشلار كەچۈرگەيسىلەر

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:06
  • مېنىڭچە “ Bing دىكى Windows 8.1“ دېسە ياخشىراق. ‘نەشىرى’ دېگەن سۆزنى قوشۇشنىڭ ئورنى يوق، كەلگۈسىدە يەنە Bing دىكىWindows 8.2،…
    بۇ يەردىكى “دىكى“ ئورۇن ياكى تەۋەلىكنى بىلدۈرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:03
  • bing ئەسلى كەسپى كومپىيوتىر ئىزاھاتىغا قارىساق(live search,Windows live search,MSNsearch بىلەن مەشھۇر)تور ئىزدەش ماتورى دەپتۇ.
    شۇڭا تەكلىپىم 1 : ئىزدەشچان Windows 8.1
    تەكلىپىم 2 : ئىزدە Windows 8.1
    دەپ ئاتىساق. بۇيەردىكى …چان دېگەن قوشۇمچىنىڭ مەنىسى رەۋىشداش ياكى سۈپەتداشلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ بىرىكىپ ھاسىل بولغان سۈپەتتىن كىيىن كەلگەن ئىسىمنى ئىزاھلاپ شۇنداق ئىقتىدار ياكى سۈپەتكە ئىگە مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:08
  • ئالىم ئەھەت ئۇستاز، مۇشۇ office2013تە ئۇيغۇرچە كوررىكتور باردەكلا تۇرىدۇ، يىزىقىمىز كىرزىسقا دۇچ كەلگەن، گىرامماتىكا دەرسلىكلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن چىقىرۋىتىلگەن، ئىشلىتىش ئورنىنى ھە دەپ خەق يوقىتىشقا ئۇرنىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا مۇمكىن بولسا، مۇشۇ كوررىكتورنى ھەقسىز قىلىپ 2013كە قىتىۋەتكەن بولساڭلار، ئانا تىل ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ ئەمگىكىڭلار بولۇپ كىتەتتى. 4-ئايدا بەزى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بار دەپسىز، مۇشۇ خۇشاللىق ئەمەلگە ئاشارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:56
    • كوررېكتورنى ھەقسىز ئېلان قىلىمەن دەپلا ئېلان قىلىۋەتسە بولماسمىكىن…. ئۇنىڭ ئۈستىگە office2013 دېگەن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى تۇرسا، ئۇيغۇر سوفتنىڭ مەھسۇلاتنى قانداق قوشىدۇ؟
      يەنە بىرگە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى چاپاكەشلەر نۇرغۇن مېھنەت سىڭدۈرۈپ بىر كوررېكتورلۇق سىستېمىسى ياساپ چىقسا ئۇنى ھەقسىز ئىشلىتىشكە بىزنىڭ يۈزىمىز تازا چىدىماي قالارمۇ قانداق. ئانا تىلنى قىزغىن سۆيگۈچىلەر ئۈچۈن ئاپتوماتىك كوررېتور بولمىسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. ئۆزى ئىملانى ياخشى ئۆگىنىپ توغرا خەت يېزىشنى ئۆگەنسە. بولمىسا ئاپتوماتىك كوررېتور ئادەمنى تېخىمۇ يامان ئۆگىتىپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتوماتىك كوررېتور پەقەت سىزگە قوشۇمچە دېتال بولالايدۇ، ئۇمۇ %100 توغرىلىيالمايدۇ. يەنە ئادەم ئىشەنچلىك. (ئەلۋەتتە، ئاپتوماتىك كوررېتور بولسا ئۇنىمۇ قوشۇمچە ئىشلەتسەك بولىدۇ)

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 17:39
      • office2013 ھەقلىق، شۇنداق بولغاندا ئىملا تۈزىتىش ئىقتىدارىمۇ ھەقلىق بولىدۇ دىگەن گەپ. (ئەلۋەتتە ئۇ ئىملا ئىقتىدارىنى مىكروسوفىت سىتىۋىلىشى مۇمكىن، بۇنى بىز قوللىساق، ھەم تەلەپ قىلساق، ھۆكۈمەت تەرەپ سىتىۋىلىپ، مىكروسوفىتقا دەپ قوشقۇزۋەتسىمۇ بولىدۇ.) تىل يىزىق كومىتىتىدىكىلەر، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قىلىدىغانلار مۇشۇلارغا كۈچەپ قويسا بولىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:02
      • يەنە بىر گەپ، نۇرغۇن تىللاردا officeتا ئىملا تۈزىتىش ئىقتىدارى بار.
        ئەلۋەتتە بىزنىڭ تىلنىڭمۇ بولىشى كىرەك.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:03
باھا بېتى: 1 2 3