Windows 8.1 with Bing نى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 with Bing نى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە ئاتالغۇ بېشىمنى سەل قاتۇردى. دىققەت بۇ يەردىكى Windows 8.1 ۋە Bing مەھسۇلات نامى بولۇپ، تەلەپ بويىچە تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. Windows نىڭ يەنە يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن تارماق نەشرى چىقماقچى، بۇ يەردە ھەممىنى تىلغا ئالسام بولمايدۇ، بىرسىنى تەرجىمە قىلىۋالسام ھەممىسى شۇ قېلىپ بويىچە بولىدۇ، پىكىرنىڭ بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى دېمەي تۇراي، مۆھلىتى 48 سائەت، قېنى كۆپچىلىك پىكىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ باققان بولسا، رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
51 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • خېلى كۆپ تورداش bingلىق windows8 دەيلى دەپتۇ ، لېكىن bing لىق wibdows8 ئادەمنىڭ ئېغىزىغا تازا ئۇدۇل كەلمەيدىكەن ، ئېيتىشقا ئەوسىز بولۇپ قالىدىكەن
    شۇڭا windows8 bing نەشىرى ياكى windows8 نىڭ bing نەشىرى دىساك بولغۇدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:35
  • Bing لىق Windows8.1 دەپ ئالسىمۇ بولغۇدەك، سەۋەب: ئىنگىلىزچە مەنىسى بويىچە تەرجىمە قېلىنىشى بولۇپ، كىين يەنە ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئوتتۇرىغا چىقسا نام بېرىش قولاي بولىدۇ.
    Windows8.1 Bing نەشىرى دەپ ئالسىمۇ بولامدىكىن، سەۋەب: مىكروسوفىت ھەرقايسى ئىستىمالچىلار ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشاش مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ھەرخىل نۇسخىسىنى چىقىرىشى مومكىن. خۇددى بەزى كىتابلارنى 精装本 قاتتىق مۇقاۋىلىق، 平装本 ئاددىي مۇقاۋىلىق دېگەندەك. بۇنداق ئالغاندا Windows8.1 Bing ئىككى سۆزنى ئايرىۋىتىشتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ، كىيىن ئوخشاش تۈردىكى باشقا مەھسۇلاتلارغا نام بېرىشمۇ قولاي بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:28
  • Windows 8.1 Bing بىلەن بىللە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى am 00:32
  • Bing لىق Windows 8.1
    دىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:36
  • بۇلۇت نەشىرى دېسەك بولغۇدەك بۇنى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:04
  • windows 8.1 غا bing ھەمرا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:30
  • «windows 8.1 نىڭ Bing نەشرى » دېسەكچۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:03
  • Bing لىق Windows 8.1 دىسە بوغۇم جەھەتتە ھەممىدىن قىسقا ۋە مەنىسىنى بىلدۈرۈش جەھەتتە ئەڭ يېقىن كىلىدىغاندەك ھىس قىلدىم. باغلانغان ۋە كۈچەيتىلگەن دىگەن سۆز بىلەن With سۆزىنىڭ شۇ ئورۇندىكى مەنىسى تازا يېقىن كەلمەيدىكەن .
    لىكىن بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە تۇغىلىدۇ . ئەگەر With سۆزى ئوتتۇرىغا كەلگەن بىر يۈرۈش سۆزلەر كەينىگە قوشۇلۇپ مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنسا ئەگەر ئۇنى ‹ Bing لىق Windows 8.1 › دىسە ئۇچاغدا ئىلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشقا توغرا كەلسە ، ئەسلى ئېنگىلىزچە قائىدە بويىچە Windows 8.1 دىگەن سۆزى بېشىغا كىلىپ لىق ئوخشاش تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىگە قايسى ئېنگىلىزچە سۆز قوشۇلسا شۇنىڭ 26 ھەرىپنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولاتتى . لىكىن ئوڭدىن سولغا بولسا ئۇ چاغدا Bing سۆزىدىكى g ھەرىپىنىدىن باشلاپ ھىساپلاشقا توغرا كىلەمدۇ ؟ بۇنداق بولسا بىر سۆزنىڭ ئەڭ ئاخرىدىكى ھەرىپنى ئۆلچەم قىلامدۇق ؟ ياكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزنىڭ بىرىنجى ھەرىپىنىمۇ ؟ ياكى جۈملىدىكى بىرىنجى سۆزنىڭكىنىمۇ ؟ ئەگەر يۇقارقىدەك ئېنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارلاش كەلسە بۇنى تىزىشتا ئورتاق ئۆلچەم بارمۇ يوق ؟ مۇشۇ مەسىلە مىنىڭ قايسى سۆزنى ئىشلىتىپ تەرجىمە قىلىشىمغا باغلىق بولۇپ قالدى،.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:00
    • ئەخمەتجان، رەتكە تىزغاندا B دىن باشلاپ تىزىيدۇ. ئۇچۇر كومپيۇتېردا ئاۋال B دىن باشلاپ ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىش ھالىتى بىلەن بۇ ساقلىنىش ھالىتى مۇناسىۋەتسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:35
  • Bing لىق Windows 8.1
    مۇشۇ ئەڭ دەل كەلگۈدەك. بۇنىڭدىن كېيىن Windows 8.1 with Office دېگەندەك نەرسە چىقىپ قالسىمۇ شاققىدە Office لىق Windows 8.1 دەپ ئالساق بولغۇدەك. يەنە بىرسى Windows 8.1 دا ئەسلىدىنلا Bing بار ئېدى. شۇڭا with دېگەن گەپنى ئىشلەتسە بولمايتتى، ئەمما مىكروسوفىت ئىسىمدا يەنىلا with نى ئاپتۇ. دېمەك ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغىنى ۋە مەلۇم ئالاھىدە پىلانى بار. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كېيىنلىكنى ئويلاپ with دېگەننى بىۋاستە لىق دەپلا ئالساق بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:45
  • مەن يەنە مۇنۇلارنى ئويلاپ چىقتىم :
    Bing نەشىرى ؛

    ئىزدەش نەشىرى ؛

    بۇلۇت نەشىرى
    (چۈنكى windows8 with Bing ئاساسلىق مۇلازىمەتنى Bing غا ۋە IE غا يۈكلەپ بۇلۇت سۇپىسى ئارقىلىق مەشخۇلاتنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن )

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:27
  • بۇ خەۋەرنى تۈنۈگۈن مەن IT Home تور بېكىتىدىن كۆرۈپ نۇر تورىغا « windows 8 with Bing» دەپ ئېلىۋەرگەن ئېدىم .
    windows نىڭ كەسپىي نەشىرى ، كارخانىچىلار نەشىرى دەپ نەشىرلىرى بار ، شۇڭا بۇنى «Bing نەشىرى » ، ياكى « ئىزدەش نەشىرى » دېسەك بۇلارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:22
  • Bing لىق Windows 8.1

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:14
    • سۇئالنى ئوقىماق ھامان كاللامغا كەلگەن بىرىنچى جاۋاپ موشۇ.
      _سەن قايسى نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىسەن؟
      _Bing نەشىرىنى…..

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:41
  • مېنىڭ ئويلىغانلىرىم:
    1. windows 8.1 نىڭ bing كۈچەيتىلگەن نەشرى
    2. bing لىق windows 8.1 (تەۋسىيە)
    =======

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:14
  • Bing باغلانلغان Windows 8.1

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:53
  • Bing لىق Windows 8.1

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:52
باھا بېتى: 1 2 3