高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

بۈگۈن مۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، 16-نويابىر شىنجاڭنىڭ  يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى تۇنجى قېتىملىق يولغا چىقىش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۈگۈن ئۈچ گۇرۇپپا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە قۇمۇل ۋوگزالىدىن قارىمۇ-قارشى يولغا چىقتى.

ئەمما، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئورۇنلىرى 高铁 ۋە 动车 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ھەرخىل ئېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بىردەكلىكنى ساقلىغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئۈندىداردىمۇ كۆپ مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ، گەرچە بۇ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، ناۋادا بىلوگىمدىكى تورداشلار ئارىسىدىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر چۈشسە، مەن مۇناسىۋەتلىك تىلچىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قېنى پىكىر قاتناشتۇرىدىغانلار بارمۇ؟

20141115092133975

高铁 يەنى 高速铁路 نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىلگىرى 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول،…دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن ئىدۇق، نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىلىشىمچە بۈگۈنكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە تېز تۆمۈر يول دەپ ئاتاپتۇ.

动车 سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىدە قاتنايدىغان پويىزنى كۆرسىتىدۇ،نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە چاتما دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ گېزىتى)، ئېلېكتىروۋۇز (خەلق تورى)، دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى) قاتارلىقلار بار. بۇنداق پويىزلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى توپلاشتۇرۇلغان ياكى ھەرقايسى ۋاگۇنلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر توكى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ تېز سۈرئەتلىك پويىز بولۇپ، بەزىلەر بۇنى يەنە ئۇچقۇر پويىز، چاپقۇر پويىز، تېز پويىز (لېكىن بۇ ئىلگىرىكى 快车 بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ) دېيىشمەكتە،…

سىزچە بۇلارنى قانداق ئاتىساق بولار؟ ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەپ ئاتىغان بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر گاۋسۇگۇڭلۇ دەپ ئاتىماقتا، ھەي ئىسىت! ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 تېز يول دېگەن بولساقچۇ دېسەك ئۈلگۈرمەي قالىدىكەن. شۇڭا ۋاقتىدا توغرىسىنى تېپىش كېرەك. سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداق؟ يەنى 动车 نى نېمە دەپ ئاتايمىز؟

 

 

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
68 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • مەنچە ئاق پويىز دىگەن ئەڭ مۇۋاپپىق.ھەم قىسقا ھەم دەل.تۈركىيەنىڭ پويىزىنىمۇ شۇنداق رەڭنى قوشۇپ ‹ماۋى ترەن ›ياكى ‹ئېكسپرەس› دەيدۇ.جۇڭگودا بۇنداق پويىز پەقەت ئاق رەڭدىلا،شۇڭا مۇشۇنداق ئاتىساق دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 12:20
  • مىنىڭچە تىل-يىزىق كومىتىتى كۆپرەك ئاممىدىن پىكىر ئالسا بولغىدەك..

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:32
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بۇنداق ئاتالغۇدىكى مەسىلە ئەڭ كۆپرەك ئاپتوموبىلدا كۆرىلىۋاتىدۇ. مەسلەن تەگلىك سىستىمىسىدىكى ئەسۋاپلار. لاگەر، خېشاڭتۇڭ دىگەندەك. تىل -يىزىق كومىتىتى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويسا بولاتتى. رىمۇتچىللىرىمىز بەك قىنىلۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:29
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم !؟ ياخشىمۇسىزلەر؟一级响应نى ئۇيغۇرچە قىلىپلاشقان تەرجىمىسى زادى نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:25
  • بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز بىزنىڭ تېل يېزىق كومىتىتىمىز چەتتىن كېرگەن سۆزلەرگە نىسبەتەن ئاكىتىپ پوزىتىسيە تۇتىشى يېڭى يېڭى تېخنىكىلىق سۆزلەرنى ۋاقتىدا تېلىمىزغا تەرجىمە قىلىشى كېرەك دەۋېر تەرەققىياتى بەكلا تىز بولىۋاتدۇ خەلىقىمىز بەزى بىر نەرسىلەرنى نىم دەپ ئاتاشنى بىلمەي ئەبجەش ئاتاۋاتىدۇ …….بۇرۇنمۇ كومپىيوتىر دىگەننى ئىلىكتىرونلۇق مىڭە دەپ ئاتىغانمۇ ئەيتاۋۇر ……ئىشقىلىپ بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆز تېلىمىزدا ئاتلىشىنى بىكىتكەن بولسىمۇ ئىلكتىرونلۇق مىڭە دىگەن بۇ ئاتالغۇ …كومپىيوتىر پەيدا بولۇپ بىر قانچە يېلدىن كىيىن بىكتىلگەن بولغاچقا پايدىسى بولمدى ئۇيغۇرچە ئاتاشقا ئامالسىز قېلىنىدى شۇڭا ۋاقتىدا چاققان بولۇش سەزگۈر بولۇش كېرەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:10
  • مەنچە بولغاندا خەت مەنىسى ياكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالماي، مىللىتىمىزنىڭ تىل-يېزىق ئىپادىلەش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ، ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۇسلىنى قوللىنىپ高铁 يەنى 高速铁路نى «پەلەك پايانداز»دەپ ئاتىساق، 动车 نى «تۆمۈر دۇلدۇل» «ئارغىماق پويىز» دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولارمىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 00:00
  • بۇ مەزمۇن ماڭا يارىدى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مۇمكىن بوولسا كومپىيوتىر ئاتالغۇلىرى لۇغىتى ئىشلەنسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ئىدىم
    چۈنكى كومپىيوتىر ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلسام بىر سۆزنى ئۇنداق ، بىرنى مۇنداق دەپ تەرجىمە قىلىپ ئۈزۈم ئاتالغۇ پەيدا قىلىپ دىگەندەك،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:15
  • 荔枝نىڭ ئىلمىي نامى لاتىچىدىمۇ Litchi chinensis Sonn. دەپ، يەنى «لىجى» دەپ ئېلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۇيغۇرچىسىمۇ «لىجى» دەپ بېكىتىلگەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:09
  • 动车 ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، دېۋىگاتىللىق ، ئېلېكتىروۋۇز دېزىللىق دېگەنلەر پەقەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتىنلا تۈرگە ئايرىشى ئىكەن. جۇڭگودا بولسا پەقەت سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلو مېتىردىن ئاشقان پويىزلا 动车 دەپ ئاتىلىدىكەن. مەنىسى «تېز پويىز» دېگەن بولىدۇ، بىراق بۇرۇن يولۇچىلار پويىزلىرى ئاستا پويىز، تېز پويىز، پەۋقۇلئاددە تېز پويىز دەپ ئايرىلاتتى. ھازىرقى 动车نىڭ تېزلىكى ئەينى چاغدىكى پەۋقۇلئاددە تېز پويىزدىنمۇ خېلى بەك تېز. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى بىلەن ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كومىتېتى 2011-يىل ئىيۇندا «تۆمۈريول قاتنىشى»غا ئائىت يېڭى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرغاندا «دىنامىكىلىق پويىز» دەپ بېكىتىتكەن. مېنىڭچە بۇ ئاتالغۇ بىر تەرەپلىمىرەك بولۇپ قالغان، مەنىنى ئانچە توغرا ھەم چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن. 高铁 يەنى 高速铁路 سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنى، 动车 سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىدە يەنى 高速铁路دا قاتنايدىغان پويىزنى كۆرسىتىدىغان بولغاندىن كېيىن، 高铁 يەنى 高速铁路نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، 动车نى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دېسەك. 高铁مۇ بەزىدە پويىزنى كورسىتىپ قالىدۇ، بۇنداق چاغدا 高铁نىمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دېسەك بولار، دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:00
  • جاۋاب قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، 荔枝 نى لىجى دەپ بىۋاستە تەلەپپۇز تەرجىمىسىنى ئالماستىن باشقا بىرەر كەسپىي ئاتالغۇسى بارمىدۇ، ياكى يېڭىدىن ئىسىم ياسىلارمۇ دېگەن مەقسەتتە سورىغان ئىدىم، بەزى ئېستىمال قىلىۋاتقان ئىچىملىكلىرىمىزدە، مەسىلەن،ماڭگو، لىجى، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مېۋىلەرنىڭ ئىسمى توغرىلىق ئازراق ئويلاشماقچى ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:06
باھا بېتى: 1 2 3 4