高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

بۈگۈن مۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، 16-نويابىر شىنجاڭنىڭ  يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى تۇنجى قېتىملىق يولغا چىقىش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۈگۈن ئۈچ گۇرۇپپا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە قۇمۇل ۋوگزالىدىن قارىمۇ-قارشى يولغا چىقتى.

ئەمما، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئورۇنلىرى 高铁 ۋە 动车 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ھەرخىل ئېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بىردەكلىكنى ساقلىغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئۈندىداردىمۇ كۆپ مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ، گەرچە بۇ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، ناۋادا بىلوگىمدىكى تورداشلار ئارىسىدىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر چۈشسە، مەن مۇناسىۋەتلىك تىلچىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قېنى پىكىر قاتناشتۇرىدىغانلار بارمۇ؟

20141115092133975

高铁 يەنى 高速铁路 نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىلگىرى 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول،…دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن ئىدۇق، نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىلىشىمچە بۈگۈنكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە تېز تۆمۈر يول دەپ ئاتاپتۇ.

动车 سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىدە قاتنايدىغان پويىزنى كۆرسىتىدۇ،نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە چاتما دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ گېزىتى)، ئېلېكتىروۋۇز (خەلق تورى)، دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى) قاتارلىقلار بار. بۇنداق پويىزلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى توپلاشتۇرۇلغان ياكى ھەرقايسى ۋاگۇنلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر توكى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ تېز سۈرئەتلىك پويىز بولۇپ، بەزىلەر بۇنى يەنە ئۇچقۇر پويىز، چاپقۇر پويىز، تېز پويىز (لېكىن بۇ ئىلگىرىكى 快车 بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ) دېيىشمەكتە،…

سىزچە بۇلارنى قانداق ئاتىساق بولار؟ ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەپ ئاتىغان بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر گاۋسۇگۇڭلۇ دەپ ئاتىماقتا، ھەي ئىسىت! ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 تېز يول دېگەن بولساقچۇ دېسەك ئۈلگۈرمەي قالىدىكەن. شۇڭا ۋاقتىدا توغرىسىنى تېپىش كېرەك. سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداق؟ يەنى 动车 نى نېمە دەپ ئاتايمىز؟

 

 

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
68 پارچە باھا يېزىلدى
  • ‏گىرمانىيەدە تۈمۈر يۇل ئىنتايىن تورلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ پويىزلىرى سۈرئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھەر خىل تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ھەربىر تۈردىكى پويىزنىڭ ئىسمى ئوخشىمايدۇ. ئاڭلىغان كىشى بىر ئاڭلاپلا بۇ پويىزنىڭ قايسى خىلدىكى پويىز ئىكەنلىكنى بىلىۋالايدۇ.
    يەنە بىرسى گىرمانلاردا سۆزلەرنى قوشۇپ بىرىكمە سۆز ياسايدىغان ئىش ئنتايىن ئومۇملاشقان بۇلۇپ، بۇنداق بىرىكمە سۆزلەرنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ( قانچىلىك ئۇزۇنلىقى) بەزىدە مەلۇم شەخىسنىڭ مەدىىينەت سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدىكەن. قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە يۇقىرى سەۋىيە دەپ قارىلىدىكەن. لىكىن ئۇلار سۆزلەشكەندە بۇنداق ئۇزۇن سۆزلەرنى قىسقارتىپ بىر نەچچە ھەرىپكە يىغىنچاقلىۋالغاچقا، ئاۋارىچىلىقمۇ بىلىنمەيدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياسالغان ئىسىملار يالغۇز گىرمان تىلىغا خاس بولۇپ قالماي، ئىنگىلىز تىلىدىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل ئۇسل ئارقىلىق ياسالغان ئىسىملار بىزدىمۇ بار بۇلۇپ، بۇ خىل ئىسىملارنى ياساپ كۆپەيتىش بىزنىڭ تاللىشىمىزغا باغلىق.
    شۇڭا بىزمۇ گىرمانلارنىڭ پويىزلىرىغا نام بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقساق بەلكىم ناھايىتى ياخشى ئىسىملار ياسىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

    گىرماندا Inter City Espressدېگەننى ICEگە قىسقارتىلغان. بۇ خىلدىكى پويىز سۈرئەت جەھەتتىن ئەڭ تىز ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، شتاتلار ئارا قاتنايدۇ. بۇ شۆزنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق، شەھەرلەر ئارا تىز (پويىز) دېگەن گەپ بولىدۇ.
    Inter City دېگەننى IC گە قىسقارتقان، بۇ خىلدىكى پويىز ICE دىن تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. ئۇدۇل تەرجىمىس شەھەرلەر ئارا (پويىز) دېگەن گەپ بولىدۇ.

    ئۇندىن باشقا Reginal Expressنى REگە، Reginal Bahn نى RBگە قىسقارتقان. بۇلارنىڭ مەلۈم شىتات دائىرىسىدىلا قاتنايدىغان پويىزلار بولۇپ، Reginal Expressشتات ئىچىدە قاتنايدىغان تىز پويىز، Reginal Bahn بولسا شىتات ئىچىدە قاتنايدىغان (ئادەتتىكى ) پويىز دېگەن مەنىدە.

    پويىزنىڭ نامىدىن باشقا ساھەلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئەمدى ئۇيغۇرچىغا قارايدىغان بولساق، بىزدىمۇ مۇشۇنداق سۆزلەر بار، مەسلەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ”ب د ت“، شىنجاڭ ئۇيغۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىنى ”ش ئۇ ئا ر“، جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنى ”ج ك پ“ دېگەندەك.

    بۇنداق ئىسملارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىق ئەسلى ئىسىم ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ، لىكىن شۇ شەيئىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرەپ بىرەلەيدىكەن، قوللانغاندا قىسقارتىلمىسىنى قوللانغاچقا ئۇ ناھايىتى ئىخچام بولۇپ تىز ئومۇملىشىدىكەن. شۇڭا
    مىنىڭچە 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەپ ئېلىپ ”ي س ت“ گە قىسقارتسا،
    高速铁路نى يۇقىرى سۈرئەتلىك رېلىس دەپ ئېلىپ ”ي س ر“ گە قىسقارتسا،
    动车نى ئوق پويىز دەپ ئېلىپ ”ئو پ“ غا قىسقارتسا،
    پويىزلارغىمۇ مۇشۇ تەرىزدە ئىسىم قويسا تامامەن بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر جانلىق مىسالى ئۈرۈمچىدىكى BRT.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:15
  • 宅女 نى ئايپاتەم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 15:54
  • 250تىز پويىز ،350تىز پويىز دىسەك بۇلامۇ يا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:44
  • 轻轨 نى نېمە دەپ ئالساق بولا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:24
  • بۈگۈن (2014-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئەتىگەندە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنى ئاڭلاۋاتاتتىم. ئۇنىڭدا ئۈرۈمچىدىكى ھىلىقى پويىزنىڭ خەۋىرىنى بىرىۋاتاتتى. ئۇنىڭدا ‹‹چاقماق پويىز›› دەپ ئاتاۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ‹‹چاقماق پويىز›› دەپ ئوموملاشتۇرۋەتتىمۇ-نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:08
  • 宅男 بىلەن 宅女 نى نېمە دەپ تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق بولار. كۆپچىلىكىنىڭ تەلىم بىرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. تىمىدىن سىرىت بولۇپ قالدى كەچۈرگەيسىزلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:13
  • بۇ «پويىز » توغرىسدا ئىزدەنسەك تۇرغۇن نەرسىلەرنى قىزىپ چىقىرىمىز , نۇرغۇن تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى قىلىنسىمۇ توغرا بولمىغان ئاتالغۇلار بار , مۇشۇ سۆزلەرنى بىردىن سىستىمىلىق تەرجىمە قىلىپ ياكى يىڭىدىن سۆز ياساپ چىقاندىن كىيىن ئاندىن كاللىمىزدا بىر ئۇقۇم شەككىلىنىدۇ , كىيىن پويىز توغرىسىدىكى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ, توغرا سۆز تىپىش ئىككى ئۈچ سائەت مۇنازىرە قىلىپ تاپىدىغان ئۇنداق ئۇڭاي ئىش ئەمەس , بۇرۇن قىلمىغان ئىشنى ھازىر قىلىشىمىز , بۇرۇن يوق نەرسىنى ھازىر تۇلۇقلاپ بار قىلىشىمىز كېرەك, بىزگە لازىمى توغرا بولغان بىر قىلىپ.بىشىمىزگە كەلگەننى كۆرەرمىز دەپ ئالدىمىزدىكى سۆزنى تەرجىمە قىلىپ بۈگۈننى ئۆتكۈزىۋىتىپلا تاشلاپ قويساق بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى am 03:47
  • «تىز پويىز »قەتئىي قاملاشمىغان سۆز بولدى, ئاددىي بولغاندىمۇ ھەددىدىن زىيادە بەك ئاددى دە,تۈزۈك ئويلاشماي تاپقان سۆز بولدى بۇ……
    پويىزنىڭ تۈرى ۋە سۈرئىتى توغرىسىدا خەلىقئارا دا ئېتىراپ قىلىدىغان مەلۇم ئىنىقلىما ,ئۇقۇم ياكى ئۆلچەم باردۇ , نىمە ئۈچۈن شۇنىڭدىن چىقىش قىلىپ سۆز تاپمايمىز, كالىمىزدا مۇشۇنداق بىر ئۇقۇم شەكىللەنسە كىيىنمۇ پويىز توغرىسىدىكى ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلىغىلى بۇلىدۇ ,بۈگۈنى ما سەۋەبىلىك مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ,ئەتىسى يەنە بىر سەۋەبلىك يەنە باشقىچە تەرجىمە قىلىپ يۈرسەك , كۆز ئالدىمىزدىكىنى كۆرۈپ ,كەلگۈسىنى ئويلاشمىساق قاملاشمايدۇ, يىڭى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈنلا تاپمايلى , تەرجىمە قىلىشنىڭ خۇددى مىكروسوفىنتنىڭ ئالىم مۇئەللىمگە بەرگەن يەرلىكلەشتۇرۇشكە ئائىد قائىدە نىزاملىرىغا ئۇخشاش نىزاملىرى بۇلىدۇياكى نىزاملىرى بۇلىشى كېرەك, شۇ نىزامنى تىپىۋالساق كىيىن تەرجىمە قىلىش بىر تەرتىپ بۇيىچە ئىلىپ بېرىلىدۇ, تەرجىمە ئىشلىرى ئاددىيلا خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش ئۈستىدىلا ئىلىپ بېرىلمىسا ,نەزىرىمىزنى تېخىمۇ يىراققا تاشلىساق. تەرجىمە زامانغا لايىق بولسا ,ئاددىي ,ئىخچام بولسىلا بۇ سۆز مۇۋاپىق بۇلىشى ناتايىن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى am 03:29
  • ئاپتوۋاگونلۇق پويىز ياكى دىۋگاتىلىق پويىزدىگەن ئىسملاردىن بۇ پويىزنىڭ سۈرئەتنىڭ تېزلىگنى بىلگىلى بولمايدۇ شۇڭا قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    تېز پويىز دەپ ئېلىش مۇۋاپىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:19
  • تېز پويىز دىسەك نەق جايىدا ئېيتىلغان بولىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 15:02
  • 动车نى «تېز پويىز» دېسەك، ھازىرقى K بىلەن نومۇر بېرىلگەن تېز پويىز، T بىلەن نومۇر بېرىلگەن ئالاھىدە تېز پويىزلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەنزۇچىدىمۇ سۈرئىتى 300نىڭ ئاستىدا 动车 دەپ، 300دىن يۇقىرى بولسا 高速列车 دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا نېمە دەيمىز؟
    مېنىڭچە، ھەم خەنزۇچە 动力机车组 دېگەن مەنىگە ۋە 高速列车 دېگەن مەنىگە باغلىنىپ قالماسلىق، ھەم ھازىرقى ئادەتتىكى تېز پويىز، ئالاھىدە تېز پويىز(بۇ پويىزلارمۇ خېلى زامانغىچە قاتناپ تۇرىدۇ، تېخى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالاھىدە تېز پويىزمۇ يوق)لاردىن پەرقلەندۈرۈشكە قولاي بولۇشى ئۈچۈن، 动车نى «چاپقۇر پويىز»، 高速列车نى «ئۇچقۇر پويىز» دېيىش تەكلىپىنى بېرىمەن. «چاپقۇر» دېگەن سۆز ئادەتتە ئاتقا ئوخشاش پۇتى يەرگە تېگىپ ماڭىدىغان ھايۋاناتقا ئىشلىتىلىدۇ، دېمەك، «چاپقۇر» سۈرئەت جەھەتتە «ئۇچقۇر»دىن تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. كېيىنچە، سۈرئىتى 400دىنمۇ يۇقىرى پويىز چىقىپ، ئۇنى خەنزۇچە 超高速列车 دەپ قالسا، بىز «چاقماق پويىز» دېسەكمۇ لايىق كېلىدۇ.
    بىزغۇ 动车نى رۇسچىدىن ئۆگىنىپ «ئاپتوۋاگونلۇق پويىز» دەپ ئالغان، بۇ نام ئۇنىڭ ۋاگونلىرى سۆرەيدىغان پاراۋۇز بولمىسىمۇ ئۆزى(ئاپتوماتىك) ماڭالايدىغان ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلەتتى. لېكىن، بۇ نام تورداشلار دېگەندەك كالانپاي بولغاچقا، خەلقىمىز قوبۇل قىلالمايتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:00
  • پويىزنىڭ مېڭىش سۈرئىتىگە ئاساسەن تېز پويىز ، ئاستا پويىز دىسەك مۇۋاپىق.
    پاراۋۇزى سۆرەپ ماڭدىغىنىنى پويىزلا دىسەك بولىدۇ ھەم شۇنداق دەپ كەلگەن.
    پاراۋۇزى يوق ھەرقايسى ۋاگونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان موتورلار بىلەن ماڭىدىغاننى دېۋىگاتىللىق پويىز ، دېۋىگاتىللىق پويىز لارنىڭ ئىچىدىكى پۇتۇنلەي توك بىلەن ماڭىدىغانلىرىنى ئېلېكتىروۋۇز دىسەك بولدۇ.
    توك ئارقىلىق كۈچلۈك ماگىنىت ھاسىل قىلىپ لەيلەپ ماڭىدىغاننى لەيلىمە پويىز دەيمىز.
    ( كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرگەن مىم دىگەن كارتوندا بار مۇشۇ ئاتالغۇلار )

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:41
  • ئۇچار پويىزلا دەمدۇق يا .ھېى . ھېي ، ھېېي ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:54
  • شاش پويىز دىسەك قانداق بۇلا، ھازىرغىچە بۇنىڭدىن شاشراقى چىقمىغاندىكىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:31
  • تېز پويىز، تېز يول دېگەن ئاتالغۇلار ئاددىي ھەم چۈشۈنىشلىك، خەلق تىلغا يېقىنكەن. مېنىڭچىمۇ مۇشۇنداق ئېلىش كېرەك. دۇڭچى بولامدۇ ياكى كۇەيچى بولامدۇ ھەممىسى تېز ماڭىدىغان پويىزكەن، ئادەتتە باشقىلار نەچچە خىل ئاتىسا بىز بىر خىللا ئاتىساق ھېچنىمە بولماس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:00
    • پىكىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ قويدۇم، ئۇستاز تىلچىلار ئاخىرى «تېز پويىز» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردى، ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارمۇ مۇشۇنداق ئاتايدىغان بولۇشتى، كۆپچىلىككە رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:09