高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

بۈگۈن مۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، 16-نويابىر شىنجاڭنىڭ  يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى تۇنجى قېتىملىق يولغا چىقىش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۈگۈن ئۈچ گۇرۇپپا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە قۇمۇل ۋوگزالىدىن قارىمۇ-قارشى يولغا چىقتى.

ئەمما، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئورۇنلىرى 高铁 ۋە 动车 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ھەرخىل ئېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بىردەكلىكنى ساقلىغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئۈندىداردىمۇ كۆپ مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ، گەرچە بۇ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، ناۋادا بىلوگىمدىكى تورداشلار ئارىسىدىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر چۈشسە، مەن مۇناسىۋەتلىك تىلچىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قېنى پىكىر قاتناشتۇرىدىغانلار بارمۇ؟

20141115092133975

高铁 يەنى 高速铁路 نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىلگىرى 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول،…دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن ئىدۇق، نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىلىشىمچە بۈگۈنكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە تېز تۆمۈر يول دەپ ئاتاپتۇ.

动车 سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىدە قاتنايدىغان پويىزنى كۆرسىتىدۇ،نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە چاتما دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ گېزىتى)، ئېلېكتىروۋۇز (خەلق تورى)، دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى) قاتارلىقلار بار. بۇنداق پويىزلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى توپلاشتۇرۇلغان ياكى ھەرقايسى ۋاگۇنلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر توكى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ تېز سۈرئەتلىك پويىز بولۇپ، بەزىلەر بۇنى يەنە ئۇچقۇر پويىز، چاپقۇر پويىز، تېز پويىز (لېكىن بۇ ئىلگىرىكى 快车 بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ) دېيىشمەكتە،…

سىزچە بۇلارنى قانداق ئاتىساق بولار؟ ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەپ ئاتىغان بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر گاۋسۇگۇڭلۇ دەپ ئاتىماقتا، ھەي ئىسىت! ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 تېز يول دېگەن بولساقچۇ دېسەك ئۈلگۈرمەي قالىدىكەن. شۇڭا ۋاقتىدا توغرىسىنى تېپىش كېرەك. سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداق؟ يەنى 动车 نى نېمە دەپ ئاتايمىز؟

 

 

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
68 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئېلېكتىروۋۇز دىيىش ياكى توك پويىز دىيىش خاتا، چۈنكى بۇ پويىز توكتا ھەم يىقىلغۇدە ماڭىدۇ. بېنزىن كۆيدۈرۈپ ماڭغاندا بېنزېن پويىز دەمتۇق ئەمسە؟
    دۇڭچې دىگەن پويىز، پاراۋۇزى بولمىغان، ھەر ئىككى ۋاگوندا بىردىن ھەركەتلەندۈرگۈچ موتور سەپلىنىدىغان، توكتا ۋە يىقىلغۇدە ماڭىدىغان، 250 كىلومىتىردىن ئاشالايدىغان پويىزنى كۆرسىتىدۇ….شۇڭا تېز پويىز دەپ ئالساقلا بولاۋىرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:35
  • ئۇچقۇر
    ئۇچقۇر يولى دېسەك بوپ قالامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:26
    • پىكىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ قويدۇم، ئۇستاز تىلچىلار ئاخىرى «تېز پويىز» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردى، ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارمۇ مۇشۇنداق ئاتايدىغان بولۇشتى، كۆپچىلىككە رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:09
  • مەن تېز پويىز دەپ ئېلىشنى 100 % قوللايمەن. بەزىلەر تېز پويىز دىسەك بۇرۇنكى K325 دىگەندەك «ك» دىن باشلانغان پويىزلار بىلەن ئارلىشىپ كەتمەمدۇ؟ T295 نى نىم دەيسىلەر دېيىشى مۇمكىن؟ ….ئەپسۇس ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن بۇرۇنقى «ك» ۋە «ت»دىن باشلانغا پويىزلار ئاستا پويىزغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلارنى تېز دىگەن سۈپەت بىلەن ئاتاش زامانىمىزدا مۇۋاپىق ئەمەس…شۇڭلاشقا بۇ تېز دىگەن نامنى ھازىرقى 250 تىن ئاشلايدىغان پويىزغا بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇرۇن تېلېفون دىسەك..كۆز ئالدىمىزغا ئائىلىلەردىكى مۇقىم تېلېفونلار كىلەتتى….ھازىرچۇ؟ تېلېفۇن قىلە دىسە چۇقۇم 90% ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا يانفون كىلىدۇ. تېلېفۇن دىگەن سۆزمۇ مۇقىم تېلفۇننى ئەمەس…ياندا ئەپ يۈرىيدىغان تېلفۇن كۆرسىتىدىغان بولدى. شۇ بويىچە بولغاندا تېز پويىز دەپ ئالساق…100 % مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:25
    • پىكىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ قويدۇم، ئۇستاز تىلچىلار ئاخىرى «تېز پويىز» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردى، ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارمۇ مۇشۇنداق ئاتايدىغان بولۇشتى، كۆپچىلىككە رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:09
  • بىز نۇر تورىدا يوقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنى تېز يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يەنى دۇڭچېنى تېز پويىز دەپ ئېلىشنى قارار قىلدۇق. ھەم شۇنداق ئېلىۋاتىمىز. گەپلەر قانچە ئاددىي بولسا شۇنچە ئاسان ئومۇملىشىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:13
    • ناھايىتى ياخشى قارار قىلىپسىلەر، مەنمۇ نۇر تورىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، گەرچە باشقا تىللاردا خەۋەرلەرنى كۆرەلىسەممۇ، ئۆز ئانا تىلدا كۆرگەن خەۋەرنىڭ ھوزۇرى باشقىچە بولىدۇ.
      بۇ جەھەتتە مېنىڭ پىكىرىم سىلەر بىلەن ئوخشاش. قانچە ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولسا شۇنچە تېز ئومۇملىشىدۇ. سىلەر نۇر خەۋەرلىرىدە مۇشۇنداق ئېلىۋەرسەڭلار چوقۇم ئومۇملىشىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:58
  • مىنىڭچە 高铁 نى ‹ ئىلدام تۆمۈر يول › ، 动车 نى ‹ئىلدام پويىز › دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن ، بۇنداق بولغاندا ‹تىز پويىز› دىگەن ئاتالغۇ بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىكەن . ئەگەر ‹ئىلدام›سۆزى قاملاشمىسا ‹چاپسان› ، ‹ئىتتىك›دىگەن سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقساقمۇ بولىدۇ .
    ئەينى ۋاقىتتا 高速公路 دىگەننى تەرجىمە قىلغاندىمۇ تۈپتۈز تەرجىمە قىلىپ گەپنى ئۇزارتقۇچە ‹تىز تاشيول › ، ‹ ئىتتىك تاشيول › دىگەن سۆزلەرنى ئالسىمۇ بولىۋىرەتتكەنتۇق .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:22
    • پىكىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ قويدۇم، ئۇستاز تىلچىلار ئاخىرى «تېز پويىز» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردى، ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارمۇ مۇشۇنداق ئاتايدىغان بولۇشتى، كۆپچىلىككە رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:09
  • ئۇچقۇر ئات، چاپقۇر ئات دىگەندەك ئۇچقۇر پويىز، چاپقۇر پويىز دىسەك، ئۇنىڭ يولىنى ئۇچقۇر پويىز يولى ياكى چاپقۇر پويىز يولى دىسەك قاندا بولا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:47
  • ئوق پويىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:27
    • بۈگۈنكى شىنجاڭ گېزىتىدە سىز دېگەندەك شۇنداق دەپتىمىش، ئەمما تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭ گېزىتىدە بۇ ئاتالغۇ 2 خىل ئېلىندى. ئەتە قانداق چىقىدۇ، بۇ نامەلۇم. تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى دىنامىك پويىز دەپتۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئىشلەتمەپتۇ.
      بۇ ئاتالغۇغا (10 يىلدىن بۇيان) جايىدا ئىسىم قويالماسلىق ياكى تالاش-تارتىشنىڭ بىردەك بولماسلىقى ئۇيغۇر ئاتالغۇ ئىشلىرىدا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ بەردى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:45
  • «ئوق پويىز» بوپ قويامدۇ نىمە!؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:11
    • بۇ پويىز تۇرپان، پىچانلارغا بارغاندا ۋاقتىدا بارمىسا ياكى كېچىكىپ قالسا پوق پويىز، پوقباش پويىز بولۇپ قالارمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:48
  • بۇ يەردە بىر قانچە خىل تاللاش بار:
    1. ئۆزىمىز سۆز ياسايمىز.
    2. باشقا تىللار تەرجىمىسىگە ئاساسلىنىپ، ئۆز تىلىمىزغا ماس سۆز ياسايمىز.
    3. بىز خالىغان بىر مىللەتنىڭ تەرجىمىسىنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلىپلا سۆز ياسايمىز.
    بىز پايدىلىنىشقا بولىدىغان تىللار؛ ئېنگىلىزتىلى، خەنزۇتىلى، تۈركچە
    مېنىڭچە بولسا، «دېۋىگاتىللىق پويىز» مۇ خېلى بولۇپ قالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:32
  • تېز تۈمۈريول
    ئوق پويىز ، توك پويىز ، ئۇچقۇر پويىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 00:19
  • مېنىڭ پىكرىم:
    高速铁路 تېز تۆمۇر يول

    动车 ئېلېكتىروۋۇز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:07
  • 高铁,ئېنگىلىزچىدا High Speed Railدەپ ئېلىنىپتۇ،.ئۇيغۇرچىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز،يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دېيىلسە مۇۋاپىق.
    动车,دېۋىگاتىللىق پويىز دېيىلسە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.چۈنكى دېۋىگاتىل دېگىنىمىز پويىز ،ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ قىسمىنى يەنى موتورىنى كۆرسىتىدۇ.ھەممە پويىزنىڭ دېۋىگاتىل قىسمى بار.
    动车نى خەنزۇچىدا 子弹头列车دەپمۇ ئاتايدۇ،ئېنگىلىزچىدىمۇ bullet train دېگەن ئاتالغۇ بار،شۇڭلاشقا ئوق باش پويىز،ياكى قىسقارتىپ ئوق پويىز دېيىلسە مۇۋاپىق.بۇنىڭدا ئاسانلا ھازىرقى بار بولغان تېز پويىز ئۇقۇمىدىن پەرىقلەندۈرۈشكە بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:52
  • ئېلىكتىروۋۇز بۇلىدىكەن لىكىن ئازراق تەلەپپۇز قىلىشقا قۇلايسىزكەن مەسكەن ،خەلق 电动车 نى توك موتوسى (تۇكلۇق موتسىكىلىت )دەيدۇ ،电动汽车 نى توكلۇق ئاپتوموبىل دەيدۇ ،动车نى توكلۇق پويىز دىسەك بولماسمۇ ؟ بىز خەنزۇچىغا سېلىشتۇرۇپ نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئۇزۇن كۈرىمىز بولمىسا مىنىڭ تەكلىپىم ‹‹ئېلىكتىر بېسىملىق پويىز ›› ئۆلچەملىك بۇلاتتى،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:21
  • مىنىڭچە 高速铁路نى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ، 高速 دىگەن سۆز «يۇقىرى سۈرئەت» دىگەن مەنىدە بولسىمۇ، ئۇيغۇرتىلىدا «يۇقىرى سۈرئەت»نى «تېز» دىگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، 铁路 دىگەن سۆز تۆمۈر يول دىگەن مەنىدە بولغاچقا، بۇنى «تېز تۆمۈر يول» دىيىشكە بولىدۇ، ئەگەر «تېز تۆمۈر يول» دەرھال ئاڭلىماققا مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ دىيىلسە (ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن ئىسىملار باشقا تىللاردىمۇ مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ، مەسىلەن: 动车مۇ خەنچىدە بىۋاستە تولۇق مەنىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ)، «تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول» دىسەك مەنىنىمۇ تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ، «يۇقىرى سۈرئەت» دىگەندىن «تېز سۈرئەت» دىسەك، ھەم تېخىمۇ ئىخچام، ھەم تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. ئەمدى 动车غا كەلسەك، ئۇ يۇقىرى بېسىملىق ئىلىكتىر توكى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان بولغاچقا، «ئېلىكتىروۋوز» دىگەن سۆزمۇ مۇۋاپىق بولۇپتىكەن، لېكىن توك بىلەن ھەركەتلىنىدىغان پويىز پەقەت بۇلا ئەمەس بولىشى مۇمكىن، شۇڭا كېيىن ئايرىماق تەس بولىشى مۇمكىن. شۇڭا مىنىڭچە بۇ 动车 «تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول»دا تېز سۈرئەت بىلەن ماڭىدىغان بولغاچقا، ئەسلىدە «تېز پويىز» دىسەك مۇۋاپىق بولاتتىكەن، لېكىن 快车 ئىلگىرى شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان بولسا، پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن 动车نى «چاپقۇر پويىز» دىسەكمۇ بولغىدەك. بۇنىڭغا باشقا مۇۋاپىق سۆز ئويلىيالمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:34
  • ئىشلىتىلىش ئورنىغا ۋە رولىغا قارىغاندا 高速铁路 نى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، 动车 نى تېز پويىز دېسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:31
باھا بېتى: 1 2 3 4