高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە
بۈگۈن مۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، 16-نويابىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى تۇنجى قېتىملىق يولغا چىقىش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۈگۈن ئۈچ گۇرۇپپا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە قۇمۇل ۋوگزالىدىن قارىمۇ-قارشى يولغا چىقتى.
ئەمما، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئورۇنلىرى 高铁 ۋە 动车 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ھەرخىل ئېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بىردەكلىكنى ساقلىغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئۈندىداردىمۇ كۆپ مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ، گەرچە بۇ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، ناۋادا بىلوگىمدىكى تورداشلار ئارىسىدىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر چۈشسە، مەن مۇناسىۋەتلىك تىلچىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قېنى پىكىر قاتناشتۇرىدىغانلار بارمۇ؟
高铁 يەنى 高速铁路 نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىلگىرى 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول،…دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن ئىدۇق، نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىلىشىمچە بۈگۈنكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە تېز تۆمۈر يول دەپ ئاتاپتۇ.
动车 سائەتلىك تېزلىكى 250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىدە قاتنايدىغان پويىزنى كۆرسىتىدۇ،نامزات تەرجىمىلەر ئىچىدە چاتما دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ گېزىتى)، ئېلېكتىروۋۇز (خەلق تورى)، دېۋىگاتىللىق پويىز (شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى) قاتارلىقلار بار. بۇنداق پويىزلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى توپلاشتۇرۇلغان ياكى ھەرقايسى ۋاگۇنلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر توكى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ تېز سۈرئەتلىك پويىز بولۇپ، بەزىلەر بۇنى يەنە ئۇچقۇر پويىز، چاپقۇر پويىز، تېز پويىز (لېكىن بۇ ئىلگىرىكى 快车 بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ) دېيىشمەكتە،…
سىزچە بۇلارنى قانداق ئاتىساق بولار؟ ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 نى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەپ ئاتىغان بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر گاۋسۇگۇڭلۇ دەپ ئاتىماقتا، ھەي ئىسىت! ئۆز ۋاقتىدا 高速公路 تېز يول دېگەن بولساقچۇ دېسەك ئۈلگۈرمەي قالىدىكەن. شۇڭا ۋاقتىدا توغرىسىنى تېپىش كېرەك. سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداق؟ يەنى 动车 نى نېمە دەپ ئاتايمىز؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 8,513 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:08
- ئالدىنقى يازما :يەنە شۇ Windows 10 ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :Windows 10 غا (قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولغان) قەدىمكى موڭغۇلچە قوشۇلدى
荔枝نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟
لىجى دەرىخى؛ لىجى مېۋىسى
http://www.udict.cn
ئىلىك ئالغىنىڭىزغا رەھمەت.
كومپيۇتېر ئۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ… دەپ ئېلىنىپتۇ، ئۆچۈرۈشنى يەنىلا ھۆججەت ئۆچۈرۈش، چىراقنى ئۆچۈرۈش دېگەنلەرگە ئىشلەتسەك، كومپيۇتېرنى تاقىغاندا تاقىلىۋاتىدۇ، تاقاق دېگەندەك ئالساق ياخشىراقمىكىن، ئويلۇشۇپ باقارسىز.
پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ئادەتتە تۇرمۇشتىمۇ كۆمپيۇتېرنى ئۆچۈرەمسىز دەپ كۆپ ئاڭلايمەن، تاقاڭ دېگەننى ئاساسەن ئاڭلاپ باقمىدىم ياكى ئىنتايىن ئاز ئاڭلىدىم، مەن ئويلىشىپ باقاي
سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتسىز يازما بولۇپ قالدى، ئاتالغۇغا مۇناسىۋەتلىك كىچىك بىر تەكلىپ بار ئىدى مۇشۇ يەرگىلا يازدىم:
توردا پروگراممىلارنى، ئەپلەرنى «قاچىلاش» دەپ خېلى ئومۇملىشىپ قالدى، ئەمما بۇ سۆزنى تازا دەل جايىغا چۈشمىگەندەك ھېس قىلىمەن. يەنى بۇ سۆز ماي قاچىلاش، تېلېفونغا پۇل قاچىلاش دېگەن سۆزلەرگ مۇۋاپىق ئەمما پروگرامما «قاچىلاش»قا دەل كەلمەيدىغاندەك، شۇڭا پروگرامما ئورنىتىش، ئەپ ئورنىتىش دەپ ئالساق تېخىمۇ مۇۋاپىقمىكىن دەپ ئويلاپ بۇ تەكلىپنى بۇ يەرگە يېزىپ ئولتۇرۇوپتىمەن. بۇ بىر تەكلىپ دەپ قارىسىڭىزلا بولدى، رەھمەت.
رەھمەت، ئويلىشىپ باقاي
تېز توك پويىز، تېز پويىز دېيىش مۇۋاپىق.
تېز پويىز قوزغالغاندا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرچە رادىيوسىدا، دىنامېكىلىق بىرمە دەپ سۆزلەۋاتىدۇ…
سالام كۆكتاش،« ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سۆزنى پارچىلاپ قوشۇپ سۆز ياسايدىغان قائىدە ھازىرغىچە چىقمايۋاتىدۇ. » ئەسلىدە بۇنداق قائىدە بار ئكەن:
ئاتا بوۋىلىرىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنى بىرىكتۈرۈپ سۆز ياسىغاندا ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىخچاملاپ، بېرىكتۈرگەن ئىكەن، مەسىلەن: ئوت + ئالغۇچ = ئوتىغۇچ، شىرىك + ئەت = شىركەت، ساق + ئىش = ساقىش، دىرەپ + تىشە = دىرەپشە، دېگەندەك، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلھامى بىلەن يېقىنى دەۋىرلىرىمىزدىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىخچام ھالدا «ئوبكوم»، «ۋېلكوم»، «ناكوم» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. چەتنىڭ بىزگە ماس – كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولماي نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولساقمۇ، بىزدىمۇ ئەزەلدىن بار بولغان ھەم چەت تىللاردا خېلى تەرەققى قىلغان بۇ ئۇسۇلنى ھازىر بىزگە قوللىنىش شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ ئېرەن قىلمايۋاتىمىز. مەكتىپىمىزدە تاللانما، پائالىيەت دەرسى دەيدىغان دەرسنىڭ ئۇزۇن نامىنى مەن ئىخچاملاشتۇرۇپ دەرس سەتكىسىگە «تاللىيەت» دەرسى دەپ ئالسام، تىزلا ئومۇملاشتى. توردۇنياسىدىمۇ يۇمتال، ئېلخەت، ئېلكىتاپ، ئېلئەسەر، .. دېگەندەك سۆزلەرمۇ خىلى ئومۇملىشىپ قالدى، شۇڭا تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
http://www.intil.biz/bil/show.asp?id=1754
高铁يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز
动车ئوق پويىز
چاقماق تىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ،ئەلۋەتتە،دوستلار قانداق قارايدىكىن؟
چاقماق پويىز
مىنىڭچە بولغاندا چاجماق پويىز دىيىش كېرەك!
بىزنىڭ ئاغىنلەر پىچان چىققان دىيدى، ئوق پويىزدا ئوتۇرۇپ چىققتۇق دېدىغۇ
تېز پويىز دەپ بىرلىككە كەلگىنى ناھايتى ياخشى بوپتۇ.
تەرجىمىدە ئەسلىگە سادىق بولۇش، بەك يىراقلىشىپ كەتمەسلىك، بېقىنىۋالماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنسا شۇ (باشمالتاق ئىپادىسى) مۇشۇنداق ياخشى .
تەكلىپ: ئالىم مۇئەللىمگە ئۈندىداردا خەت يازسام پەقەت قايتۇرمىدى، شۇڭا رودىپايلىق قىلىپ مۇشۇ يەرگە قوغلاپ كەلدىم، ماختاۋېرىپ بەك ئۇچۇرۋەتكەن ئوخشايمىز، مەن ئازىراق ئېسىلىۋالاي . ھى ھى ھى .
ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتى (2005- يىللىق كەسپىي نەشىرى) دە 动车 نىڭ تەرجىمىسى دۋگاتېل بىلەن قوزغىلىدىغان، تۆمۈر يولدا ماڭىدىغان ماشىنا دەپ چىقىپ كېتىپ سالدى… ئالىم مۇئەللىم لۇغەتكىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۋەتسە دەيمەن، بولمىسا ھازىر تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئېسىللىقىدىن «ئابدىكىرىمچە تەرجىمىلەر» كۈنسىرى كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن تەرجىمە قىلىشتا كاللىسىغا … تەپكە تەرجىمانلارنىڭ توغرىلىۋىلىشىغا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تەكلىپ (2) ئالىم مۇئەللىم بۇنىڭدىن كىيىن(مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن بۇرۇنقىلىرىغىمۇ ) چىقارغان لۇغەتلىرىڭىزگە يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلەر ۋە يېڭى قوشۇلغان سۆزلەرنى توردا تۇرۇپ يېڭىلاش (在线更新) كۆزنىكى قوشۇشقا ئىمكانىيەت بولسا شۇنداقراق قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق بولاتتى.
تەكلىپ (3) لۇغەتكە ئوقۇيالمىغان سۆزلەرنى قولدا يېزىش(خەنچە خەتلەرنى) ئىقتىدارىنى قوشۇمچە قىلىپ قويۇلسا، يەنە لۇغەتتىن تەرجىمە قىلىنغان مەيلى ئۇيغۇرتىلىنى خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنغان بولسۇن ياكى خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسۇن، شۇ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنى تاللاپ (بەزى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى كۆپ چىقىپ كەتكەچكە قايسى سۆزنى ئىشلەتمەكچى بولساق شۇ سۆزنى تاللاپ Word قا يوللاش ئىقتىدارى قوشۇپ قويۇلسا. ئۆزۈم قىلالمىساممۇ تەكلىپ بىر تاغار بار ئىدى، سىز بىز بولغاندىكىن كىيىن يەنە دىيىشۋالامىز.
ئۆتۈنۈش: ئۈندىداردا قالدۇرۇغان قۇرلارنى بەلكىم كۆرمەي قالغانسىز … ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-پىكىرنى بېرىپسىز، رەھمەت، كېيىن يەنە لۇغەتنىمۇ ۋاقتىدا يېڭىلاش پىلانىم بار.
ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سۆزنى پارچىلاپ قوشۇپ سۆز ياسايدىغان قائىدە ھازىرغىچە چىقمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئادەت خەنزۇ ۋە ئېنگلىز تىللىرىدا مەۋجۇت. خەنزۇچىنى دىمەيلا تۇرايلى، ئېنگلىزچىدىكى kidult سۆزى kid بىلەن adult نىڭ پارچىلىنىپ بېرىكىشىدىن ياسالغان سۆز، يەنە ئېنگلىزچىدە خەنزۇ شىۋىسىدىكى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگلىزچە تەلەپپۇزنى chinglish دەپ قويىدۇ، بۇ ئېنگلىز بىلەن چاينانىڭ پارچىلىنىپ بېرىكىشىدىن ياسالغان سۆز. بىرەيلەن يۇمشاق دېتالنى مۇشۇ قائىدە بويىچە يۇمتال دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويىۋېدى، بەزەنلەر قارشى قوپسا، يەنە بەزەنلەر قوبۇل قىلىپ ئىشلەتتى، پەقەت بەزى قائىدىگە چۈشۈرسىلا، سۆزنى قىسقا ياسىغاننىڭ نېمىسى يامان!؟ بەزەنلەر ئۇيغۇرچىدا ئۇنداق قائىدە يوق دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئەجىبا تىلىمىزغا بىرەر قائىدىنى كىرگۈزگىلى بولماسمۇ!؟
شۇڭا «تېز پويىز»نىمۇ مۇشۇ قائىدە بويىچە «تويىز» ياكى «تېزىز» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېز پويىز ۋە ئاستا پويىز دەپ ئايرىم بويىزلار بار، بۇلار رېلىستا ماڭىدىغان ئەنئەنىۋى يولۇچىلار پويىزلىرىدۇر، شۇڭا «تېز پويىز»نى 动车 غا ئىشلەتكەندە، بۇ يەردە ئۇقۇم خاتالىقىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. يەنە توك بىلەن ماڭىدىغاننى «توكىز» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.
高铁 نى باشقا ئەنئەنىۋى رېلىسلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈريول سۆزىگە قارىتا، «تۆمۈر+ئىز»= «تۆمۈرىز» دېگەن سۆزنى ياساشقا بولىدۇ، بىرسى يول، يەنە بىرسى ئىز، ئىز يولغا قارىغاندا تۈز ۋە دەلىللىك بولىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ تويىزلار بىز ئىزدا دېگۈدەك يىپتەك تېز ماڭىدۇ.
چۈشەندۈرسەك گەپ ئاينىپ كېتىدۇ، گەرچە كېچىكىپ سۆز قالدۇرغان بولساممۇ، تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
تىز تۈمۈر يول
توك پويىز
مىنىڭچە بولسا 动车نى ئوقۋاش پويىز دەپ ئالساق ئوبرازلىق بولاتتىكەنتۇق
دس