Windows 10 غا (قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولغان) قەدىمكى موڭغۇلچە قوشۇلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]كېلەر يىلى تارقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئورگان تەرەپتىن موڭغۇلچە (قەدىمكى) خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى. بۇ Windows قا 2006-يىلى ئۇيغۇرچە، 2012-يىلى زاڭزۇچە قوشۇلغاندىن كېيىن دۇنيادا ئەڭ كوپ ئىشلىتىلىۋاتقان Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا يەنە موڭغۇلچە (قەدىمكى) قوشۇلدى. تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ يېزىق ئەسلىدە قۇچۇ ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىشلىتىپ بولۇپ موڭغۇللارغا بەرگەنمىش، قۇتادغۇبىلىكنىڭ كونا نۇسخىسى مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغانمىش. Windows نىڭ جۇڭگودا خەنزۇچە نەشرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولغان تىل بولىقى بار.
مانا سىلەرگە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا سالام يوللىدىم، ئوقۇيالايدىغانلار بارمۇ؟
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,435 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:30
- ئالدىنقى يازما :高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :Technique of expansion of an agency into a new vicinity or state.
تېخىمۇ كۆپ
بۇ يېزىقنى بىلمەيدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيرانمەن،بۇيەرگە قاراڭلار
http://en.wikipedia.org/wiki/Old_Uyghur_alphabet
بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار
http://www.omniglot.com/writing/uyghur.htm#uighurvert
ئۇيغۇر يېزىق تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قويۇڭلار.
بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار
http://www.omniglot.com/writing/uyghur.htm#uighurvert
بۇنىڭ ئېلىپبەسى 2002-يىلى نەشىر قىلىنغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىلىرى بۆلىكىدە بار .
تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ يېزىق ئەسلىدە قۇچۇ ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىشلىتىپ بولۇپ موڭغۇللارغا بەرگەنمىش، قۇتادغۇبىلىكنىڭ كونا نۇسخىسى مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغانمىش.
—————————–
بۇ راستلا شۇنداق بولغان. «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىسىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. شۇڭا بۇ جۈملىڭىزنى ئاڭلاتما بايان شەكلىدە ئەمەس، بىۋاستە بايان مەيلىدە «تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ يېزىق ئەسلىدە قۇچۇ ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىشلىتىپ بولۇپ موڭغۇللارغا بەرگەن. قۇتادغۇبىلىكنىڭ كونا نۇسخىسى مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان» دەپ ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.
ئۈزۈمگە ئىشەچ قىلالمىغاچقا شۇنداق دېگەن، تارىخ بىلىملىرىم كۆپ ئەمەس، تەلىم بەرگەيسىلەر، رەھمەت.
قەدىمىي مۇڭغۇلچە دەپ قويۇپتىغۇ،خەلقارا بىزنىڭ يېزىق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلامدۇ
بۇ بىر ياخشى ئىش بوپتۇ .مەن بۇ يېزىقنى خىلى بۇرۇنلا ئۆگەنگەن ئىدىم،دارخېن دىگەن كىرگىزگۈچ بىلەن كومپىئوتېرغا كىرگۈزەتتۇق
مۇئەللىم توردا تەربىيلەش سىنىپىڭىز قاچانراق ئىچىلىدۇ بىر ئۇچۇر بىرىۋەتكەن بولسىڭىز مۇناسىۋەتسىز سۇئال سوراپ قويدۇم …