Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

بىز ماشىنا ھەيدىگەندە پات-پات مۇشۇ يەردىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ قويىمىز، ئەمما، بۇ نەرسە ئەسلىدە ئات ھارۋىسىدىمۇ بار ئىكەن (رەسىمگە قاراڭ). شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى چوقۇم يەرلىك تىلدا ئاتاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزلار بۇ ئاتالغۇنى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپتۇ، «Windows دۇكىنى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلەرچە قانداق دېسەك بولار؟

نەشردىن چىققان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كەسپىي لۇغەتلەردە 仪表盘 نى پىرىبور تاختىسى دەپتۇ، ھازىر مۇشۇنداق غەيرىي تەرجىمە ئاتالغۇنى كۆرسەم بېشىم سەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى يەنە باشقا بىر يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئاتىغاندىن كۆرە، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نامى بويىچە «داشبورد» دېسەك بولىدۇ، خۇددىي ھېسابلاش ماشىنىسى (ئەرەبچە+رۇسچە) دېمەي كومپيۇتېر (ئىنگلىزچە) دېگەندەك. ياكى بولمىسا باشقا مىللەت تىلىدا بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە، باشقا يات تىلغا قارىغاندا بىزگە سەل چۈشىنىشلىك ئاڭلىنىدىغان تىلدا يەنى «يى بياۋ پەن» (仪表盘) دېسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟!(چاقچاق)، لېكىن، بەزىلەر شۇنداق دەپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنى قويۇپ تۇرايلى.

بۇ ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» دېگەندەك ئۇنداق كەسپىي ئاتالغۇ ئەمەس، ئات ھارۋىلاردىمۇ بار ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ نەرسىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئىسىم قويغىنى ئېنىق. قېنى بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر، ناۋادا يېڭىچە ئاتاش ئومۇملاشقان بولسا، دەپ بېقىڭلار.

كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى dashboard بولىدۇ

ئۇچۇر تاختىسى، باشقۇرۇش تاختىسى، كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا، باش تاختا، غول تاختا،…دېگەندەك نامزات سۆزلەرمۇ بار، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
140 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 5 6 7
  • كۆرتاختا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:49
  • كۆرسىتىش تاختىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:38
  • كۆرسەتكۇچ تاختا ئەڭ مۇۋاپىقكەن ، ھەممە پارامىتىرلارنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:23
  • ئۇچۇر تاختىسى
    كۆرسىتىش تاختىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:31
  • 仪表盘 دېگەن خەنزۇچە نام بولسا ھارۋىنىڭ ئالدىدىكى توسما تاختىنىڭ مەناسىدىن يىراق بىر مەنا يەنى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرلۈك ھالەت كۆرسەتكۈچلىرى يىغىلغان روشەن تاختىسىمان كونتىرول سۇپىسىغا قارىتىلغان دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:17
  • 仪表盘نىڭ كۆرسەتكۈچ تاختا ياكى كۆرسەتمە تاختا بولغىنى مۇۋاپىقراق. چۈنكى كومپىيوتېر مەشغۇلاتىغا نىسبەتەن، مەلۇم پىروگراممىنىڭ ئىچكى پائالىيەت يۈزلىنىشلىرىنى بىۋاستە كۆرۈش ئەمەلگە ئاشقان.
    控制面板نى كونترول پەللە، كونترول سۇپىسى دېگەن مۇۋاپىقراق.
    يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شەخسەن پىكىرى خالاس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:14
  • بۇنداق ئىسىملارنى تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭ مەنىسىگە ئەمەس بەكەرەك قوبۇل قىلىنىشنى كوزدە تۇتۇش كېرەك ،ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويۇپ خەلق قوبۇل قىلىنمىسا يەنىلا خەنزۇچىسىنى ئىشلىتىۋالىدىغان گەپ،ئۇنداقتا بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت بولمايدۇ .يەنىلا سوز ياسىماي ياپلاق دېھقان تىلى ئشلەتكەن تۇزۇك !ئات ھارۋىسىنىڭ توقۇملىرى قويۇلىدىغان رامكىنى ‹قونداق›دەيمىز بۇنىمۇ‹ قونداق› دىگەن تۇزۇك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:47
  • ئىككى تەكلىپ:
    1-تەكلىپ: dashboard نى ئۇيغۇرچە «داشبەت» دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولىدۇ. سەۋەبى: ئۇيغۇرچە «داش» دىگەن سۆزنىڭ، چوڭ (داشقازان)، ھەممەبار(داشقايناق بازاردىن تېپىلىدۇ)، دىگەن مەنىسى بار. ئۇيغۇرچە «بەت» دىگەن سۆزنىڭ، يۈز، يۈزى، كۆرۈنچە دىگەندەك مەنىسى بار. شۇڭا، ئۇيغۇرچە «داشبەت» دىگەن ئاتالغۇ، ئوبىكتىپنىڭ داشھالىتىنى (ھەممە ھالىتىنى) كۆرسۈتىدىغان سائەتلەر ئورنىتىدىغان ياكى ئورنىتىلغان بەت (كۆرۈنچە يۈز)دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
    2-تەكلىپ: يەنە شۇ يېزىق ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ ئېنىق بىر پىكىرگە كەلگەن بولساق. يېقىندا، «ئاكادېمىيە» تورىدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيلات يېزىق لاھىيەسى» ۋە «ئىنتىل چىپەتلىرى» ناملىق ئىككى ئەسەردە، بىزدىكى يېزىق مەسىلىسىگە نوقۇل مىللى ھېسيات بىلەن ئەمەس بەلكى مىللى ئەقىل بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دىگەن مۇددىئا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز بۇنىڭدىن كىيىن ساناقسىز يىڭى ئاتالغۇلارغا دۈچ كىلىمىز، بۇ مەسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرالايمىز؟ بۇنىڭغا كىشىلىرىمىزنىڭ ھەر خىل ئاماللىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە. مىنىڭچە ئەڭ ئۆنۈملۈك بولغان ئامال، خەلقئارادا ئورتاق قوللانغان نامنى (كۆپىنچىسى ئېنگلىشچە) ياكى ئاتالغۇ كەشىپ قىلىنىپ يېزىلغان تىلدىكى نامىنى، ئۈچ بوغۇمدىن ئاشمايدىغان، ئۇيغۇرچىلاشقان ئاتالغۇغا ئايلاندۇرۇپ قوللۇنۇشتىن ئىبارەت. ھەممىلا ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئاقىلانە يول ئەمەس. دۇنيادىكى پەننى ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىدا كۈنىگە نەچچەيۈزلىگەن ئاتالغۇ كەشىپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ تىلىمىزغىلا ئەمەس بەلكى يېزىقىمىزغىمۇ جاۋاپ بېرەلمىگىدەك مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇڭا، تىلىمىزنى ئېنىق، ئىخچام قىلىش پرىنسىپلىرى، بۇلارنى ئوڭاي، قىسقا، ئېنىق، ھەمباپ ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان يېزىق بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش، ھازىر ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:23
    • شۇنداق، شۇڭا بۇ ئىشتا ھاياجان ئارىلاشتۇرۇلمىدى، ئەمما بىزگە كېرەك بولغىنى ئۇنداق قىلىش كېرەك، مۇنداق قىلىش كېرەك دېگەن گەپ ئەمەس، بۇ ياكى يېڭى گەپمۇ ئەمەس، بۇنداق نەزەرىيەلەرنى تىلشۇناسلىققا ئائىت ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردىن بەك كۆپ تاپقىلى بولىدۇ. بىزگە كېرەك بولغىنى ئەمەلىي ئىش قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر خادىم (ئىشچى) كېرەك، بەزىلەر دەيدۇ: گېنىرال بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس، ئەمما مەن دەيمەن ئەسكەر بولمىسا نەدىكى گېنىرال ئىكەن ئۇ. ھەممە ئادەم ئانى قىلىش كېرەك، مانى قىلىش كېرەك دەيدۇ، ئىش ئۆگىتىدىغانلار بەك كۆپ، ئىش قىلىدىغان، ئىشنى ئوڭشايدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئاتالغۇ ئىشلىرىمۇ دەل مۇشۇنداق نەرسە.

      مىكروسوفتنىڭ تەلىپىمۇ دەل مۇشۇنداق، ئىمكان بار يېڭى ئاتالغۇ ئىجاد قىلماسلىق، بۇ ئامال بولمىغاندا قىلىدىغان ئىش، ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبىدا ئۈستەليۈزىدىكى 5 ئاتالغۇنى بىر ئاي تالىشىپ قېلىپلاشتۇرۇپ بولالمىغان ئىدۇق، بىردەم ئەخلەت توڭى، ئەخلەتخانا، ئەخلەت چېلىكى، ئەخلەتدان،…. ئاخىرى بولماي سېۋەت دەپ ئېلىۋەردىم. ئىش قىلىدىغان ئادەمدىن ئۇندىغەي، مۇندىغەي دېگەنلەر ياكى پاكىتنىڭ تايىنى يوق، «مېنىڭچە….» دەپ گەپ باشلايدىكەن. «مېنىڭچە دېگەن گەپ…» قانداقمۇ دەلىل-ئىسپات، پاكىت بولسۇن.
      ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئۇيغۇر تىلى كېلەڭسىز، ئۇزۇن تىل ئەمەس، ئۇيغۇرچە سۆزلەردە ھەرپلەرنىڭ ئوزۇنلۇقى 5.6 ھەرپ، ھېچبولمىغاندا كېلەڭسىزلىك جەھەتتە ئىنگلىز تىلىنىڭ كەينىدە ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:02
  • ياخشىراق قاراپ باقساق، مەيلى ماشىنا ياكى كومپىيوتۇر بولسۇن ھەممىسى بىزنى قۇلايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. كومپىىيوتۇردىمۇ، ئاساسەن ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشلار مەسىلەن، ھاۋا رايى، كالىندار، سائەت، ھىساپلىغۇچ ۋا ھاكازالار… شۇڭا مىنىڭچە بولسا «ئۇچۇر تاختىسى»، ياكى بولمىسا «قۇلاي تاختىسى» دىسەك قانداق بولا؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:37
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىم ئاكا !
    仪表盘كۆرتاختا ،سان كۆرگۈ ،كۆرسەتكۈ،دەپ باقتىم ، ئەسقېتىپ قالار!

    ئىنكاسىم ۋەسسالام !

    بىنامى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:35
  • دىمەك ھارۋىنىڭ چۇقىسى شۇھارۋىدىكى ئەڭ كۇزگە چىلىقىدىغان شۇنداقلا مۇھىم نەرسىلەرنى ئىسىپ قويىدىغان ئورۇن بولغانكەن ئەلبەتتە ئۇ ھارۋىنىڭ چوققىسى دەپ ئاتالغان، شۇنداقكەن كومپۇتىردىمۇ ئۇنۇڭ مەلۇمات چوققىسى بولىدۇ، شۇ تەرىقىدە بىزمۇ كومپۇتىر چوققىسى دەپ ئالساق بولىۋىرىدۇ،قىسقارتىپ ((چوققا))دەۋەرگۇلۇك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:06
  • كۆز تاختا دېسەك بوپتىكەندۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:19
باھا بېتى: 1 5 6 7