Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مىكروسوفت Windows بۆلۈمىنىڭ لېدىرى سىتىۋېن (Steven Sinofsky) چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش يىغىنىدا، كېيىنكى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

Windows XP, Windows VISTA ۋە Windows 7 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى 40 دوللار تاپشۇرۇپ، Windows 8 گە دەرىجە ئۆستۈرسە بولىدىكەن. Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 630 مىليون نۇسخا سېتىلغان.

مىكروسوفتنىڭ دېيىشىچە، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە كومپيۇتېر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ كىچىكلىتىدىكەن، تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇرغۇن شىركەتلەر Windows 8 قاچىلانغان قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۈگۈن دەل 99 كۈن قالدى.

مىكروسوفت بۇ كۈندە يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى (جۈمە) ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدىكى Windows نى دۇنيادىكى 231 دۆلەت ۋە رايوندىكى بازارغا تەڭ تارقىتىدۇ. بۇ كۈن يەنە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر.

خەۋەر مەنبەسى:
Microsoft Windows 8 coming on October 26

ئەمەلىيەتتە Windows دىن باشقا يەنە بىر قانچە مەھسۇلاتلارمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىدى، بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى بەزى تورداشلار ھازىردىن باشلاپ ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. بەلكىم بۇ كۈندە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تېخىمۇ كۆپ مىكروسوفت مەھسۇلاتلارنى كۆرەلەيسىز. Windows پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خالاس. بۇ يىل ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق بار. يىل ئاخىرىدا كومپيۇتېر بازىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىشى مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
98 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • تۇغۇلغان كۈنۈمدە قوش خوشاللىق باركەندە …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:48
  • مەنمۇ بىرنى سىتىۋالاي، پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرەلەمسىز؟ پۇلنى كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بىرىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:10
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، ياخشىمۇسىز !
    خەنچە مەنبەلەردىن بىلىشىمچە Windows8 نىڭ ئېىقتىدارلىرىدىن بىرى بۇلىمىش Windows To Go ئىقتىدارى ئارقىلىق ، كۆچمە قاتتىق دىسكا دىگەندەك كۆچمە ئۈسكىنلەرگە قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدىكەن . مۇشۇ تارقىتىلماقچى بولغان نەشىرىدە ماۋۇ خىل ئىقتىدار بارمىدۇ ؟! بولمىسا مۇشۇ ئىقتىدارنى دەپ بولسىمۇ كارخانا نەشىرىنى سىتىۋىلىشتىن يانمايدىغاندەك تۇرىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى am 07:16
  • مەنمۇ 10 نى زاكاس قىلىمەن ! شۇ چاغدا مەخسۇس ئۈرۈمگىچە بېرىپ ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىدىن سېتىۋالىمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:22
  • مانا بۇنىمۇ قاچىلىۋەتتۇق.ئەمدى ئاستا-ئاستائىشلىتىپ كۆرەي ھەم كۈنەي.
    قارىسام ئالدىنقىسىغا قارىغاندا خېلى كۆپ ئەپلەرنى ئىشلەتكىلى بۇلىدكەن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:26
  • ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەر مەزمۇنى:
    شىنلاڭ تورى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى، مىكرو سوفت بۇ ھەپتە بىر قىسىم ئابونېنتلارنىڭ Windows 8قا يېڭىلاشنى تىزىملاشنى باشلىۋەتكەن، لېكىن بۇ Windows 8كە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر شەكلى ئەمەسكەن. ئامېرىكا «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» Windows 8ئېرىشىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرى ۋە مۇناسىپ باھاسىنى ئېلان قىلغان.
    يېقىندا Windows 7 PCسېتىۋالغان ئابونېنتلار 14.99دوللار خەجلىسىلا Windows 8كە يېڭىلىيالايدىكەن. مىكرو سوفت Twitterتە، Windows 7نى يېڭىلاشنى تىزىملاشنىڭ بۇ ھەپتە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ پەقەت 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن كېيىن Windows 7 PCسېتىۋالغان ئابونېنتلارغا قارىتىلىدىكەن. بۇ ئابونېنتلار 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن يېڭىلاشنى تىزىملاتسا بولىدىكەن.
    Windows XP、Windows Vistaۋە باشقا Windows 7ئابونېنتلىرى 39.99 دوللار بىلەن Windows 8غا يېڭىلىيالايدىكەن. مىكرو سوفت ، Windows 8رەسمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئابونېنتلارنىڭ رەقەملىك نۇسخىسىنى چۈشۈرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىكرو سوفت يەنە ئابونېنتلارنىڭ تەلىپى بويىچە DVDسېستىما ئوپتىك دىسكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، باھاسى 15 دوللار ئىكەن. بۇ تۈردىكى يېڭىلاش 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
    Windows 8كەسپىي نۇسخىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش باھاسى 69.99 دوللار ئىكەن. نۆۋەتتە، Windows 8كەسپىي نۇسخىسى بولسا مىكرو سوفت پارچە سېتىش يولى بىلەن ئېلان قىلغان تۇنجى نۇسخا ئىكەن. بۇ سېستىمىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇنقى ئېتىبار باھاسى 69.99 دوللار ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن 199 دوللارغا ئۆستۈرۈلىدىكەن.
    Windows 8نى كەسپى نۇسخىدىكى Windows 8كە يېڭىلاش باھاسى 69.99 دوللار بولۇپ، ئەگەر Windows 8رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سېتىۋالغان PCبولسا، ئۇنداقتا 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن كەسپىي نۇسخىسىغا يېڭىلاش-يېڭىلىماسلىقنى تاللىسا بولىدىغان بولۇپ، باھاسى ئوخشاشلا 69.99 دوللار ئىكەن.
    بۇ ھازىرغىچە بولغان Windows 8نىڭ باھا ئەھۋالى. مىكرو سوفت كەلگۈسىدە يەنە بىر قانچە خىل تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:09
باھا بېتى: 1 3 4 5