Windows Phone 8 ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone 8 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

«ئالىم ئەھەت بىلوگى»نىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئەخمەتجان مەخمۇت تەييارلىدى.

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا ئېچىلغان تارقىتىش مۇراسىمىدا، مىكروسوفت شىركىتى ئەڭ يېڭى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان Windows Phone 8 نى رەسمىي ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى ئەمدىلا ئېچىلغان Windows Phone ئىجادىيەتچىلەر يىغىنىدا، ئاپوللو Windows Phone 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. گەرچە مىكروسوفت لىدىرى سىتېۋ بالمېر بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاشكارە يىغىلىشلاردا ئاپوللونى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېڭى سىستېمىدىكى يېڭىچە تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش لىنىيەسى توغرىسىدا شەپە بەرگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئېلان قىلىش مۇراسىمى شۇنداق قايناق خۇشاللىققا چۆمدى. مىكروسوفت شىركىتى يېڭى ئىقتىدارلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەپسىلى توختالدى. ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى Windows Phone 7 ئابونتلىرى تېلىفونىنى Windows Phone 8 نەشىرىگە كۆتۈرەلمەيدىكەن. لېكىن ئورگان تەرەپ «ئەسلىدىكى Windows Phone 7 ئىشلىتىۋاتقان خېرىدارلارغا تەسەللى بېرىش نوقتىسىدىن 7.8 نەشرىنى ئېلان قىلىدۇ»-دېدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ تەرەققىيات بويىچە Windows Phone 7 بازاردىن بارا-بارا چىكىنىپ چىقىشى مۇمكىن. Windows Phone 7 تېلىفونلىرىنى يېڭى Windows Phone 8 گە يېڭىلىغىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى يالغۇز قاتتىق دېتال بۆلىكى زىيادە ئارقىدا قېلىشلا بولماستىن يەنە ئەڭ مۇھىمى يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows Phone 8 قوللايدىغان بىردىنبىر Qualcomm S4 نىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسى Windows Phone 7 نى قوللايدىغان S1,S2 قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئىلگىرى Windows Phone 7 ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن يۈزمىڭدىن ئاشىدىغان بارلىق ئەپلەرنىڭ يېڭى Windows Phone 8 سىستېمىسىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بۇ خىل يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى تېلېفونلار بۇ يىل كۈز پەسىلدە بازارغا سېلىنىدىكەن.

Windows ئىچكى يادروسى ئۆزگەرتىلدى
بۇنىڭدىن ئۈچ يېرىم يىل ئىلگىرى مىكروسوفت ئىچكى قىسمىدا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى مودا بولۇۋاتقان Windows Mobile مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى بېسىشىنى كۆزلىگەن ئىدى. 2010-يىلى ئۇلار بازارغا سالغان Windows Phone 7 گە مېترو ئارايۈز تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئىلگىرىكى ئارايۈز ئۇسلوبىدىن ۋاز كەچكەنلىگىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق Windows Phone 7 نىڭ ئىچكى يادروسى يەنىلا WinCE بولۇپ خۇددى ئارايۈزىلا ئۆزگەرتىلگەن Windows Mobile ئىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى يېڭى ئېلان قىلىنغان Windows Phone 8 مەشغۇلات سىستېمىسىدا WinCE ئىچكى يادروسىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كىچىپ، Windows 8 سىستېمىسى ئىشلەتكەن NT قۇرۇلمىدىكى ئىچكى يادرونى ئىشلەتكەن. ئىچكى يادروسىنىڭ تولۇق ئۆزگەرتىلىشى بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا سېلىشتۇرغاندىكى ئەڭ چوڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىدىكى Windows Phone 8 تېلىفونى ئادەتتىكى كومپيوتېرلارغا قاچىلىنىدىغان Windows 8 گە ئوخشاش ھۆججەت سىستېمىسى ، مېدىئا سىستېمىسى ، قاتتىق دېتال قوزغىتىش پروگراممىلىرى ۋە بىر قىسىم بىخەتەرلىك بۆلەكلىرى بار. يەنى تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن كومپيوتېرغا قاچىلىنىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى پەرقلەر ناھايىتى ئاز بولدى. بۇ قېتىملىق ئۆزگىرىشلەر بۇ يېڭى سىستېمىنىڭ كۆپ يادرونى قوللايدىغانلىقىنىڭ، microSD كارتىسىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ شۇنداقلا قاتتىق دېتال سىفىرلاشتۇرۇشنىڭ قوللايدىغانلىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. مىكروسوفتنىڭ بۇ خىل تاللىشى سىستېمىنىڭ سىرىتقى مەۋھۇم قەۋىتىگە HAL(قاتتىق دېتال مەۋھۇم قەۋىتى)نى بىرلەشتۇرگەنلىك بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن چەكسىز كېڭەيتىشنى ۋە قوللاشنى ھەتتا Windows Phone 8 دىن SPATA ئېغىزىنى ۋە VGA ئېغىزىنى قوللىغىلى بولدىغانلىقى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى تېخىمۇ قۇلايلىق بولغان شارائىتلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار ئىلگىرى Windows Phone 7 غا ئەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاقىتتا چوقۇم NET Compact قۇرۇملىدىكى كۆچمە ئۈسكۈنە سۇپىسىنى ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىرقى كومپيوتېردا دېتال ياسىغاندا ئىشلىتىلىدىغان NET قۇرۇلمىدىكى مۇھىتىنى بىۋاستە ئىشلىتىپ يۇمشاق دېتال تۈزسە بولىدىغان بولدى. تەتقىقاتچىلار بۇ يىل ياز پەسلىدىن كېيىن يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان Visual Studio 2012 توپلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال تۈزۈش مۇھىتىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق C ۋە C++ فونكىسىيە ئامبىرى شۇنداقلا SQLite ۋە Direct X نى تېگىدىن قوللاش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
مىكروسوفت مەھسۇلات بۆلۈمىنىڭ دىرىكتورى لاررى لىبىرمان (Larry Lieberman) : «بۇ قېتىملىق زور ئۆزگىرىشلەر ئويۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتقا كۆچۈشىنى ناھايىتى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئويۇن تەتقىق قىلىپ ياسايدىغانلار بىرلا ۋاقىتتا Windows Phone 8 ۋە Windows 8 گە تەڭلا ياسىسا بولىدۇ» دىدى. بۇ قېتىملىق يىغىندا مىكروسوفت ئۆزىنىڭ Windows ئىچكى يادروسىنى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون خېرىدارنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
قاتتىق دېتال قىسىمى تولۇق يېڭىلانغان
يېڭىدىن ئىچكى يادرو ئىشلىتىلگەن Windows Phone 8 ئەسلىدىكى WinCE نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن قوش يادرو ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللاشقا باشلىدى. كومپيوتېرلارغا قاچىلانغان Windows ئىچكى يادروسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 64 يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدۇ. بىراق Windows Phone 8 نىڭ ئۇنداق بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
بولسا ھازىرچە Windows Phone 8 قوللايدىغان بىردىنبىر ئۆزەك تەمىنلىگۈچى ئورگان. Nokia ئىككى ئايدىن كېيىن تارقىتىدىغان يېڭى بايراقدار مەھسۇلاتى Krait ئىچكى يادرودىكى S4 بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. يېڭى سىستېما SD كېڭەيتىلمە ساقلىغۇچىنى قوللاشقا باشلىدى.

ئېنىقلىقى جەھەتتە ، Windows Phone 8 تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئېنىقلىقتىكى ئېكراننى قوللايدۇ : 800 x 480(15:9) ، 1280 x 720(16:9) ، 1280 x 768(15:9) . ئالدىنقى ئەۋلاد سىستېما پەقەت 800 x 480(15:9) بىرلا خىل ئېنىقلىقنى قوللايتتى. مىكروسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئېنىقلىق ئۈچۈن تەكرار خىزمەت قىلماسلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. 1280 x 768 ھازىرغىچە قەدەر ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسى بولۇپ يېڭىدىن ئېلان قىلىنماقچى بولغان 10BlackBerry نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش.
ئۇنىڭدىن باشقا مىكروسوفت Windows Phone 8 گە ئىسمى Tap+Send دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ئىقتىدارنى قوشتى. بۇ Android مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى Beam غا ئوخشايدۇ. بۇ ئىقتىدار يېقىن ئارلىقتىكى ئىككى ئۈسكۈنە ئوتتۇرىسىدا تەگكۈزۈش مەشغۇلاتى ئارقىلىقلا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
16 پارچە باھا يېزىلدى
  • نىمە قىلاسىلە شۇ 7تىگە چاپلىشىۋىلىپ 8 شۇنداق ياخشى تۇرسا نەيە كىلىپ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى بار تۇرۇپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:07
  • مەن لىيەنشىياڭ ماركىلىق كومپىيۇتىردىن بىرنى سىتىۋالغان. سىتىۋالغان ۋاقىتتا ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئائىلە نەشىرىدىكى ئوپتىك دىسكىسىنى بىرگە بىرىدىكەن. كومپىيۇتىرنىڭ ئىقتىدارى ئىلغار بولۇپ، يۇقىرى سەپلىمىدىكى كومپىيۇتىر ھىساپلىنىدۇ.

    ئەمدىكى مەسىلە: بۇلتۇر توردىن ۋىندوۋىس 7 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقسام، بۇرۇنقى قاچىلىغان ۋىندوۋىسنىڭ ئۈستىگە قاچىلىنىپتۇ، بۇرۇنقىسى يۇيۇلۇپ كەتمەپتۇ. ئىشلىتىۋەرگەن ئىدىم.

    ئەمدى: زاۋۇت تەمىنلىگەن كومپىيۇتىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئوپتىك دىسكىسىدىكى ۋىندوۋىس 7 نى قاچىلىيالمىدىم. 安装功能%17 گە كەلگەندە، قاچىلاشتىن توختىۋالدى.

    كومپىيۇتىرچىغا دىسەم ۋاي بولىدۇ دەپ تۇراتتى، دۇكانغا كىلىپ، گوسىت 7 نى قاچىلاپ، 30 كوي ئىلىپتۇ. ئوپتىك دىسكىدىكى سىستىمىنى قاچىلاپ بىرىڭلار دىسەم، كىيىن قىلىپ بىرەي تۇرىدۇ.

    كومپىيۇتىرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىندوۋىس 7 سىستىمىسىنى قاچىلىغىلى بولامدۇ – يوق؟ قاچىلاش ئۈچۈن قانداق مەشغۇلات قىلىمىز؟ ياكى قايسى يۇمشاق دىتاللارنىڭ ياردىمى لازىم بولىدۇ؟

    خاپا بولماي بىر يۈزەكى بولسىمۇ، چۈشەنچە بىرىۋەتسىڭىز بولاپتكەن، مۇنبەردە ھىچكىم دەپ بەرگىلى ئۇنىمايدىكەن.
    كومپىيۇتىرىمدىن پايدىلىنىشىم كىرەك ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:35
    • سىزگە كومپىيۇتېر ئالغاندا بەرگەن شۇ سىستېما دەينى سېلىپ c رايۇننى فورماتلىۋىتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن قاچىلاڭ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:41
  • ساقلايمەن. بولىدىغاندەك تۇرىدۇ جۇما!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:43
  • مەنمۇ ئاندىروئد تىن ۋاز كىچىپ مۇشۇ Windows Phoneدىن ئالماقچى بولغانتىم لىكىن دوسلىرىم ۋەئالىپ تورىدىكى مۇنبەر داشلانىڭ تەۋسيەسى بىلەن Windows Phone 8ئالىدىغان بۇلۇپ ساقلاۋاتىمەن.
    Windows Phone 8قاچانلادابازارغا كىرە قايسى شىركەتلەنىڭ ياخشى چىقا؟
    بولسا ئالىم ئەھەت ئەپەندى مۇشىلا توغۇرلۇق بىر ئۇچۇر بەرگەن بولسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:59
  • Windows 8 غا كۆنەلىگەن ئادەم چوقۇم Windows Phone 8 غىمۇ كۆنەلەيدۇ،مەن Windows 7 چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشلىتىشنى باشلىغان،شۇنىڭدىن كىيىن كومپىيوتىرىمغا xp نى قاچىلاپمۇ باقماپتىمەن،xp ئىشلىتىپ قالساممۇ كۈزۈمگە يامان قوپال،سەت كۈرىنىدىغان بولۇپ قالغان،ئەمدى ماۋۇ Windows 8 چىقىپتى خېلى بولدى،گەرچە ھەقىقى نۇسخىسى تېخى چىقمىغان بولسىمۇ ئىشلىتىش سالمىقىم كۈنسىرى يوقىرلاپ مېڭىۋاتىدۇ،دىمەكچى Windows Phone 8 غىمۇ ئاز كۈندە كۆنۈپ كېتىمىز،پەقەت بىرلا يېرى بىز تېخى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ھېس قىلمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 14:49
  • نۇرغۇن كىشلەر Windows Phone مەشخۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتڭپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مىنىڭ تەۋسىيەم ئاۋۋال ئۇنى بىر ئىشلىتىپ بېقىپ ئاندىن باھا بىرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ سىستىمىنى مىەن ئىشلىتىپ باققان باشقا سىستىمىلارغا قارىغاندا نۇرغۇن ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقلىرى بار. لىكىن بەزىلەرنىڭ ئىشلىتىپ كۆنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار ئاساسەن ئارايۈزدىكى مەشخۇلاتلارغا كۆنەلمەيۋىتىپتۇ. مىنىڭچە بۇ خىل يېڭىچە ئارايۈزنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشى ناھايىتى ياخشى بىر ئىش.« ھەممە گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە» دىگەندەك باشقا مەشخۇلات سىستىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇپ تېلىفۇن ساھەسىگە بىر رەڭ قوشقىنى يەنىلا بىر ياخشى ئىش. يەنە كىلىپ مىكروسوفت كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەشخۇلات سىستىمىسىنى ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنى لاھىيەلەش بولسۇن باشقا نۇرغۇن شىركەتلەرگە قارىغاندا تەجىربىسى ھەممىدىن كۆپ ھەمدە مۇشۇ ئىشنى قىلغان تارىخىمۇ ئۈزۇن. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېترو ئارايۈزنى ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۇرگىنىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:58
  • نۇرغۇن نەرسىلەر دوراشتىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن بازاردا سېتىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىلىكتورونلۇق ياكى ماتۇرلۇق ئەسۋابلانىڭ ھەممىسىنىڭ ماركىسى بىرخىل بولىشى ناتايىن ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ئىقتىدارلىرى ئوخشاش دىيەرلىك، بۇ يەردىكى ئاندرويىد ۋە Windows Phone 8 نىڭ سېستىما جەھەتتىن ئوىشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم بولغىنى بىلەن بىراق ئىقتىدار جەھەتتىن ئوخشاش بولىشى ھەرگىزمۇ دورامچىلىق ئەمەس ، بۇ بەلكى ئېھتىياج. نۇرغۇن ئېلىكتورۇنلۇق ئۈسكۈنىلەرمۇ شۇنداق…..
    يېڭى بازارغا سېلىنغان بۇ Windows Phone 8 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللاش ئىقتىدارى Windows 8 نىڭ بىلەن مېنىڭچە ئاساسەن ئوخشاش……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:20
  • ئالىم ئەھەت ئاكا سىز بۇ بىلوگدنىڭ يانفون نۇسخىسىنى چىقارسىنىڭز بولمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:36
  • ئەگە بۇ سېستىما win8غا ئوخشاش ئۇيغۇرچە بولغان بولسا مەن بىرىنچى بولۇپ سېتىۋالىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:30
  • مەن ئۇيغۇرچە تىل بولۇقىنىڭ چىقىدىغىنىغا win8چىققاندىن كىيىن شەكسىز ئىشەنگەن ئىدىم ھازىرمۇ شۇ . . . .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:40
  • بۇ يانفۇن ئۇيغۇرچىنىمۇ نورمال قوللامدۇ،win8غا ئوخشاش تىل بۇلىقى قاچىلاپ خالىغان تىلدا ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟باھاسى قانچە يۈەن ئەتراپىدا بۇلۇشى مۇمكىن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:39
  • مەن ئەسلى ئاللىبۇرۇن ئالما 4 ئېلىپ بولاتتىم، مۇشۇ تېلفۇن بازارغا سېلىنسا بىرىنجى بولۇپ ئالىمەن دەپ ساقلاۋاتىمەن.
    باھاسى قانچە بولا ؟ ئالما تېلفۇنىدىن ئەرزانراق بولسا بولاتتى، مومكىن بولسا ئاندىروئد تىنمۇ ئەرزانراق بولغان بولسا،…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:30
  • ھې،ھې ھې .(ھاھاھاھا)
    ئاخىرى ئالىم ئەھەت بىلوگدىكى دىۋانغا ئىرىشتىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى am 06:29
  • شۇنداق قىلىپ Windows Phone 7 بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆتكۈنچە مەھسۇلاتى بوپ قالدىما ؟ خۇددى vistaغا ئوخشاش
    ئۇنىڭدىن باشقا مىكروسوفت Windows Phone 8 گە ئىسمى Tap+Send دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ئىقتىدارنى قوشتى. بۇ Android مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى Beam غا ئوخشايدۇ. بۇ ئىقتىدار يېقىن ئارلىقتىكى ئىككى ئۈسكۈنە ئوتتۇرىسىدا تەگكۈزۈش مەشغۇلاتى ئارقىلىقلا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
    ما قۇرلاردىن Windows Phone 8 بارا بارا ئاندىروئىت سىستىمىسىنى دوراۋاتقاندەك ھىس قىلدىم يا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:17
    • قانداق ئىسىم قويۇش مۇھىم ئەمەس. بۇ پەقەت بىر قاتتىق دېتال قوللاش ئىقتىدارى. دورىمايمىز دەپ nfc ئىقتىدارىنى قوشمىسا بولمايدۇ. بىر قەدەم ئارقىدا قالغان ئىكەن، ئۇنىڭغا قانداق ئىسىم قويۇشىدىن قەتئىينەزەر سىلەر ئوخشاشلا دوراۋاتقاندەك ھېس قىلىسىلەر. ئەگەر سىز سىز ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز بۇ ئىقتىدارنىڭ قوشۇلۇپ، سىستېمىنىڭ كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولغان بولاتتىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:35