نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 نى سىناش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows VISTA غا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندا، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجانلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى مەن 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جىن نىڭ خانىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە خەۋەر تاپقان ئىدىم، شۇ كۈنى كەچتە بۇ خۇشخەۋەرنى ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە ئېلان قىلدىم، ئارقىدىنلا Windows ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىغان مۆمىن ساقال دېگەن تورداشلارغا بىراقلا تونۇش بولۇپ كەتتى. بۇ سىستېمىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاپ، Uighur (ئۇيغۇر) دېگەن خەتنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، بىلىك مۇنبىرىدە Windows VISTA دىكى تەسىراتىمنى ئېلان قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن تورداشلارمۇ سىناش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، تۇنجى قوشۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنى Microsoft Uighur ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر يوللاندى. ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىر ھەرپلەرنىڭ كىچىك بولۇپ قېلىشى ئىدى، ئەمما، رەسمىي نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئۇچۇردىمۇ خاتالىقلار كۆرۈلدى.

Windows 7 نىڭ سىناش خىزمىتى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىلدى. دىيارىمىزدىكى تور بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلدى. ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچ، چېسلا فورماتى، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش، ئۈرۈمچى ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر دوكلات قىلىندى. لېكىن، يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى. ئەسلىدىكى خاتا كىرگۈزگۈچ شۇ پېتى ساقلاپ قېلىندى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە سىناشقا قاتناشقانلار 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى Windows 8 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىم تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىكى بازار ئىستىقبالىنى ئالاھىدە سورىدى. گەرچە مەن نەچچە كۈن بۇرۇن «Windows 8 نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟»-دەپ بىلوگىمدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ بىلوگدىكى تورداشلارنى دەۋەت قىلىپ باقساممۇ، ئەمما، ھېس قىلىشىمچە بۇ قىزغىنلىق ئىلگىرىكى Windows نىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلغاندەك، بىرەر يېرىم تال خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقتىن ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك بىلىندى. بۇ قېتىم يېڭىدىن قوشۇلغان «ئۇيغۇرچە ئېلېپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش» ئىقتىدارى، ھىجرىيە كالېندارىغا ئائىت بىرەر ئىنكاسنىمۇ كۆرمىدىم. بىز بايقىغان چېسلا فورماتى، ھىجرىيە كالېندارى، قۇلۇپ ئېكرانىدىكى خاتالىقلار دەرھال دوكلات قىلىندى. ھازىر خاتالىقلارنى تۈزىتىش باسقۇچىغا كىردى، ئۇزۇنغا قالماي Windows 8 RTM نەشرى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە زاكاز بەرگەن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارغا ئالدىن قاچىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يەنە پۇرسەت بار، ئىمكانىيەت بار. بۇ قېتىم سىناش دوكلاتىنى تاپشۇرۇش ئىلگىرىكى قېتىمغا پەقەت ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىناش ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، تەكلىپ-پىكىرلەرنى مەسئۇل خادىمغا بىۋاسىتە بېرەلەيمىز، ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايمىز ھەم تۈزىتىپ بېرەلەيمىز. ناۋادا، بىزمۇ ئالدىدىن نەچچە 10 مىڭ نۇسخا زاكاز بېرەلىسەك، مەخسۇس نۇسخىسىنى ياساپ بېرىشى ئېنىق. ئۆز پىكىرلىرىنى مۇشۇ يەردە قالدۇرسىمۇ، ھەر قايسى تور بېكەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. ئېكران كۆرۈنۈشى چوقۇم بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
137 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 7
  • تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خەۋەر تېپىشى ئۈچۈن بىلىك ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىگىمۇ يوللىۋەتتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 07:31
    • رەھمەت سىزگە، ھازىر پەقەت نەچچە ھەپتە ۋاقىت قالدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:21
  • ئەتىگەندە كىرىپلا قۇتيارغا بۇ تېمىنىڭ يوللانغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ يەرگە كىرىشىم.
    مېنىڭمۇ ئىشلىرىم ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بۇنى سىناشقا ۋاقىت چىقمىغان ئىدى. 6-ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلان قىلىنغان كۆرۈپ بېقىش نەشىرىنى ئەمدى قاچىلاپ سىنىمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى ئالىم مۇئەللىم سوراپ باقسام: بىز سىنىغاندا نورمال ئىشلىتىش جەريانلىرىدىكى خاتالىقلارنى (ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىغا ئائىت) سىنايمىزمۇ؟ ھازىر بۇ نەشىرىدە ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت قانچىلىك نەرسىلەر بار. مەن تۇنجى نەشىرىدە ئازراق خاتالىقنى بىلىككە يوللىغان. بەلكىم كۆرگەنسىز. مەن ھېلىلا لەپتوپقا قاچىلاپ سىناشنى باشلاي ۋە يولۇققان مەسىللەرنى قۇتياردىكى ئاشۇ تېما ئاستىغا رەسىملىك قىلىپ يوللاي. ئاندىن بۇ بلوگىڭىزىمۇ قالدۇراي.
    قۇتياردىكى تېما ئادرېسى: http://www.qutyar.net/mb/thread-3793-1-1.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:52
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت مۇئەللىم ؟
    مەنمۇ كۆرەپ بىقىش نۇسخىسىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر Windows 8 گە يىقندىن ئىشلتىپ كىلۋاتىمەن. زۇر ئىشتىياق بىلەن قىزىققۇچى.
    شۇڭا مەن ئۇيلايمەن ئالىم ئەھەت بىلۇگى ئارقلىق ئالدىن زاكاس قىلش بىزنىڭ Windows 8 نى بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تىل ئاساسىدا ئىشلتىشكە ھەم مۇكەممللىشىگە ئاساس سىلىندىغان ئىش بۇلسا سىزگە تىزىملاتساق. ھەم بۇئىش ئۇچۇن جاپا چىكۋاتقان سىز قاتارلىق ئۇت يۇرك پالۋانلىرىمزغا ئازراق ياردىمى بۇلامۇ دىگەن ئۇمۇتتە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:32
    • مەن بۇ ئىشتىن بىر پۇڭ كىرىم قىلاي دېمىدىم، بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇم ئىدى، ئىلتىماسقىمۇ خالس، پۈتۈنلەي ھەقسىز دەپ ئېنىق يازغان ئىدىم، بۇ ئىككى يىلدا ئۇيغۇرسوفتنىڭ باشقا ئىشلىرىغىمۇ تۈزۈك ئارىلاشمىدىم، ئۆز مەھسۇلاتلىرىمنى پۈتۈنلەي تاشلاپ قويدۇم، ئويلاپ باقسام 15 يىلدىن بېرى Windows قا خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ ياساپ يۈرۈپتىمەن، دەسلەپتە ھېلى ئۇ ھەرپ ئۇلاشمىدى، ھېلى بۇ يەر ئۇلاشمىدى دەپ يۈرگەن ئىدۇق، مانا ئەمدى ھەممە نەرسە ھەل بولسا، سىنايدىغان باشقا ئادەم يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:31
  • ھازىر مەن ۋىندوۋس8 دە ئنكاس يىزۋاتىمەن بەلكىم باشقىلار
    بۇ سىستىمىغا كۆنەلمىگەن ۋە ياكى ئىقتىدارىنى ۋە ئۇيغۇرچە
    تەڭشىكىنى تەڭشىيەلمىگەن بولشى مۇمكىن بولسا ۋىندوۋس8
    سىستمىسنىڭ ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك قىسمى ۋە بەزەن مەشخۇلات
    ئۇسۇلىنى چۈشۈندۈرۈپ برەر دەرسلىك بولغان بولسا چوقۇم ئاكتىپ بولاتتى.ھازىر مەيلى ئنتىل سەيناسى ياكى بىلىكتىك پېشقەملىرىمىزمۇ بۇ توغرىلىق بىرەر تىما يوللىغان بولسا ياخشى بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:37
    • توغرا دەيسىز ، مەن ۋىندوۋىس 8 نىڭ ئىستىمالچىلار كۇرۇپ بېقىش نەشرى تارقىتىلغان ھامان سىناشنى باشلىغان ، 3 ئاي سىناپ ئىشلەتتىم ، لىكىن ھەرقانداق قىلىپمۇ كۆزنەكتىكى بىرەر خەتنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم . مىنىڭ كۆمپىيوتىر ئىشىلتىش سەۋيەمدە ئانچە مەسلە يوق بولمىسا!
      مەن بايقىغان بىردىن بىر مەسلە windows 8 نى xp نىڭ ئۇستىگە قاچلىسا قاچلانمايدىكەن(گەرچە ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسمۇ) بۇ بەلكىم نۇرغۇن قىزىققۇچلار قاچلاش جەريانىدلا مەغلۇپ بۇلۇپ سىناشقا قاتناشمىغان بىر سەۋەپ بۇلشى مۆمكىن.
      مەن پەقەت win8 غا ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچلا قاچلىيالىدىم.
      ئاخىردا بىرەر رەسىملىك بولسىمۇ دەرىسلىك ئىشلەنسە دەپ ئۇمىت قىلمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئۇزۇن بولدى بۇنى دىتالنى كۈتۈۋاتقىلى باھاسى قانچە باھادا چىقىدىغاندۇ رەسمى نۇسخىسىس قاچان ئىلان قىلىنار شۇنى بىلسەم بۇلاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:55
    • بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئەمما، كېلەر ئايدىن باشلاپ داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارغا قاچىلىنىپ تەييارلىنىدۇ. ئەڭ كېچىكسىمۇ بۇ يىلدىن بۇرۇن چىقىپ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:29
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      مەن بۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن، يېڭىدىن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسىڭىز، ئىچىدە بولىدۇ. ئايرىم سېتىۋالسىڭىزمۇ نەچچە يۈز ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:36
  • تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سىناشقا قاتنىشالمىغانلىقىدا مېنىڭچە ئىچكى-تاشقى ئامىللار نۇرغۇن….مەسىلەن تەشۋىقات يېتەرلىك بولماسلىق، (سىناق، كۆرۈپ بېقىش) نۇسخىسى دېگەنلەر دەماللىققا كىشىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ بەلكى كۆپ كىشىلەر تۇراقلىق نەشرىنى بىراقلام قاچىلاپ كۆرۈپ باقارمىز دەپ ئاۋارىچىلىقتىن قېچىش ساددا پىسخىكىسىدا بولىشى مۇمكىن. قالغان سەۋەپلەر شۇ كىشىنىڭ كومپىيوتىر بىلىمىنىڭ كەمچىل، دادىللىقى كەمچىل…دېگەندەك ئۆزىدىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي. توپ زاكاز قىلىش ئىشى بولسا مەنمۇ بۇ دولقۇننىڭ بىر تامچىسى بولۇپ قېلىشنى خالايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:15
    • ناۋادا، توپ زاكاز قىلىش ئۈچۈن، مۇنداقچە ئېيتقاندا 5 مىليون مەبلەغ بولسا ياكى نەچچە 10 مىڭ يۈرۈش سېتىۋالساق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مەخسۇس نۇسخىسىنى ياسىتىش تامامەن مۇمكىن (خۇددىي شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ياساتقۇزغان Windows XP 上海政府版本 دېگەندەك)، مەخسۇس نۇسخىلىرىدا ھەتتا تەكلىماكان قۇملۇقلىرى، بۇغدا كۆلى، ھېيتگاھ،..دېگەندەك تەگلىك رەسىملەرنىمۇ قوشقىلى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:28
    • مەۋھۇم كومپيۇتېر (Virtual Box) غا قاچىلاپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ، كومپيۇتېردىكى باشقا سىستېمىلارغا قىلچىلىك تەسىرى بولمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:34
  • مەن ھازىر مۇشۇ ئىنكاسنى win8 دە تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. قاچىلاپ بولۇپ ئۇيغۇرچىغا ئائىت يەرلىرىنى سىناپ باقتىم. مېنىڭ تۇرۇپلا ھېس قىلغىنىم بىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھالىتىدە تۇرۇپ خەت يازساق بىر قىسىم ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ئېھتىياجى بار يەرلەرگە ئىنگىلىزچە كىرگۈزگۈچكە ئالماشتۇرىدىكەنمىز. بۇغۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشى. مۇشۇندق يەرلەرگە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرۇپ يېزىۋېرەمدۇق ياكى مىكروسوفىتقا بۇ ئىشلارنى دېسەك ئىنگىلىزچە كىرگۈزىدىغان (مەسىلەن ئېلخەت ئادرېسى، تور بېكەت ئادرېسى… ۋە شۇنىڭدەك)ئورۇنلارغا خەت يازغاندا ئىنگىلىزچە تونىيدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟ بەلكىم بۇ تەكلىپىم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندۇ لېكىن دەپ باقتىم.
    ئاندىن ئېكران قۇلۇپلاش يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر بۇ كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدىمۇ ئوڭشالماپتۇ. مەسىلەن يىلى 5 – ئىيۇل دەپلا تۇرىدۇ. يىلى ئېلىۋېتلىشى كېرەكمۇ ياكى 2012- يىلى 5 – ئىيۇل دېيىلىشى كېرەكمۇ قانداق؟ مەن ئالدىنقى قېتىم بۇ مەسىلىنى رەسىملىك قىلىپ بىلىكتە يوللىغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:19
    • بۇ قېتىم مېنىڭچە ئوڭشىلىدۇ. ناھايىتى تەپسىلىي يېزىپ دوكلات قىلدۇق. بۇ يەردە پەقەت ئاي بىلەن كۈن تەلەپ قىلىنغان ئىكەن، بىز يىل، ئاي، كۈن دەپ يوللاپتۇق، بۇ بىزدىكى خاتالىق،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:25
  • ئالدىن زاكاز قىلىش ئىشغا مېنىڭمۇ ئازراق تەكلىپىم بار.
    ھەر قايسى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرگە تېما يوللاپ ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانساق دەيمەن.
    مەن ئاقسۇدىكى ۋاكالەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قۇتيار تور بېكىتىدە زاكاز قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا كۈچ چىقارسام بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:26
  • بۇ قېتىم مېنىڭچە ئوڭشىلىدۇ. ناھايىتى تەپسىلىي يېزىپ دوكلات قىلدۇق. بۇ يەردە پەقەت ئاي بىلەن كۈن تەلەپ قىلىنغان ئىكەن، بىز يىل، ئاي، كۈن دەپ يوللاپتۇق، بۇ بىزدىكى خاتالىق
    ———–
    ھە مۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ساقلىساق بولغۇدەك. بولسا ئوڭشلىپ كەتسۇن بىر.
    يەنە بىرسى خەت نۇسخىسى بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك سەت چىقىۋالىدىكەن. مۇشۇنىمۇ ھەقىقىي نەشىرىدە ياكى كېيىنكى نەشىرىدە ئوڭشاشقا ئىمكان بارمۇ ؟ ياكى شۇ پېتى تۇرۇۋېرەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:28
  • ئۆز ۋاقتىدا باشچىلىمىزدىن بەزىلەر «بۇ زور ياخشى ئىشكەن، مەخسۇس ئاتالغۇ گۇرۇپپىسى تەسىس» قىلايلى، دەپ تەكلىپ بەرسە ئالىم مۇئەللىم قوپۇپ، ۋاقىت ئازقالدى-يەي ئۇنىڭغا ئۈلگۈرمەيدۇ، دىدى، لىكىن قىنى شۇ ۋاقىت ئاز قالغانلىق؟ ھىلىمۇ نەچچە ئاي ئۆتتىغۇ؟ يىرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولاتتىغۇ؟ قىنى ئۇ تولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈز؟ ئەسلى بانا كۆرسەتمىگەن بولساق، مۇشۇنداق ئالدىرايدىغان ئىش يوقكەن، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ ئىدى ئەسلىدە.
    جىق نەرسىلەرنى ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا ئۇلۇغ بىرلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. لىكىن … ھازىرغىچە ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي….
    ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولىۋاتىدۇ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:45
    • ھەممە ئىشلار ئورگان تەرەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قانداق قىلىشنى ئۇلار بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ، نۇرغۇن گەپلەرگە ھازىرچە سۈكۈت قىلاي، ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ.

      ھازىرقى مۇھىم ئىش 2-3 ھەپتە ئىچىدە خاتالىق بارمۇ -يوق؟ ئوبدان سىناپ بېقىڭلار، قىزىقساڭلار قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭلار، قىزىقمىساڭلار مەجبۇرلاش يوق. ئەتە ئىككى يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دەم ئېلىشىم، بىر ھەپتىگىمۇ بارمايدۇ. يۇرتۇمغا بارىمەن، ناۋادا، ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ بولالمىسام، كەچۈرگەيسىلەر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:24
    • سىزنىڭچە ئاتالغۇ گۇرۇپپىسى تەسىس قىلساق win 8 شۇلار بىكىتكەن ئاتالغۇلار بۇيىچە چىقتى دەيلى ، بۇنى شۇ ئاتالغۇ گۇرۇپپىسى ئىشىلتەمدۇ ياكى بىز خەلىق ئىشىلتىمىزمۇ؟
      ھېلىمۇ تىل – يېزىق كومتىتىى،يەنە نۇرغۇنلىغان كومتىتلار قېلىپقا سەپ بەرگەن ئاتالغۇلارنى بىز چۇشنىپ بۇلالماي ئاۋارە.
      ئەگەر خەلىقتىن ئۇستۇن تۇردىغان ئاتالغۇ گۇرۇپپىسى قۇرغىلى بولسا قېنى قۇرۇڭلار ، بىزنىڭ كىتاپلىرمىزدىكى ، مەكتەپلەردە ئۇتلىۋاتقان دەرىسلىكلەردىكى يات تىلدىكى ئاتالغۇلارنى ئوڭشا پ كۇرۇڭلار!
      راس گەپ قىلسام سىزنىڭ ئۇزەڭگىدىن چۇشمەي دىگەن گىپىڭىز بەك ئېشىپ كىتىپتۇ، بۇ ئۇزەڭگە نىمە؟
      سىزنىڭ جىق نەرسىلەرنى ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا ئۇلۇغ بىرلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ دىگەن گىپىڭزگە قۇشلىمەن ،لىكىن شۇنداق قىلىشقا نۇرغۇنلىغان ئۇبىكتىپ، سۇبىكتىپ سەۋەپلەر كىتدۇ ،ئارتۇق گەپ قىپ قويدۇم ، كەچررۇڭ،بىز شۇ ھەرخىل كومتىتلاردىن ئېرشەلمىگەن ئۇچۇرنى مۇشۇ ئالىم مۇئەللىمدىن ئېرشىۋاتمىز .
      مۇئەللىم چارچىمغايلا!!!!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:27
  • ئوقۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بلوگىڭىزغا دەسسىيەلمىگىلى خېلى ۋاقتلار بولۇپ قاپتۇ ، ۋىندوۋس8 ئەمدى چىقسا پۈتۈنلەي ئىشلىتىش جەريانىدىن تارتىپ ھەممىسى ئۇيغۇرچىلىشىدۇ دەپ ئاڭلىدىم ، يېڭىدىن ۋىندوۋس8 چىققان ۋاقتتا ئۇنى 3كۈن ئىشلىتىپتىمەن ، ماڭا راستىنلا ياراپ قالدى ، خۇددى «ئالما» كومپىيۇتېرى ئىشلەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىكەن كىشى . سىز زاكاز قىلىشنىڭ گېپىنى قىلىپسىز ، بىز زاكاز قىلىدىغىنىمىز ئامېرىكىدىن ئەكەلدۈرىدىغان ۋىندوۋس8 پلاستىنكىسىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى زاكاز قىلامدۇق ؟ مەن پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم . بىز ئەمدى ۋىندوۋس8 نى ئىشلىتىپ (سىناق نۇسقىسىنى) كىملەرگە بىز ئىشلەتتۇق دەيمىز ؟ كىملەر بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىزنى كۆرۈپ تىلىمىزنى قوشىدۇ ؟

    يۇقارقىلار توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:07
    • رەسمىي نۇسخىسى چىققاندا، سىز خالىغان Windows نى قاچىلاپ، ئۇنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ چۈشۈرسىڭىزلا بولىدۇ، ئۇلار ئىشلەتكەن ئادەمنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:30
  • سالام ئالىم ئەھەت ئەپەندى.
    ۋىندوۋس8 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشىرىنى ئېلان قىلغان كۈنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان، ئانچە-مۇنچە تۇنۇش بۇرادەرلەرگە قاچىلاپ بېرىۋاتىمىز. ماڭا كېرىكى سېستىمىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا سېستىمىنىڭ مۇقىملىقىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. مەسىلە يوق. يەنە بىر مەسىلە سېستىما ھازىرچە ئۇيغۇر تىلىدا بولمىغاندىكىن ھېچنىمىنى بىلەلمىدۇق. ئۇيغۇرچىغا نىسبەتەن شەخسەن كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم تەرجىمىسى يېقىشلىق چىققانمۇ يوق، ئۇيغۇرچە سېستىما ئىشلەتسە سېستىمىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلەمدۇ؟ يۇنىكودىنى قوللىمايدىغان يۇمشاق دىتاللاردا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش مەسىلىسى قانداق ئۇسۇلدا ھەل بولغان؟ ياخىي،سوڭتى دىگەن خەت نۇسخىلىرىغا ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر قوشۇلدىمۇ دىگەندەك مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋالماي تۇرۇپ بىلگىلى بولمىغاندىكىن گەپ قىلماي تۇرۇپ تۇردۇق.
    ۋىندوۋسنىڭ زاكاس قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك. سىز بىر قىسىم ئىچكى ئەھۋاللارنى بىلگەندىكىن تارقىتىلىش ۋاقتى،باھاسى توغرىلىق تەپسىلاتلاردىن ئۇچۇر بەرسىڭىز ئالدىن زاكاس قىلىش ئىشىنى مەسلىھەت قىلساقمۇ بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:26
    • ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت نۇرغۇن يەرلەر بار، چېسلا فورماتى، ھىجىرىيە كالېندارى، ئۇيغۇرچە يەرلىك ئۇچۇرى، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش، قۇلۇپ ئېكرانى ۋە بىر قىسىم ئەپلەر بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:11
  • مەنمۇ مۇنداق مەسىللەرنى ئۇيلاپ قالدىم.
    خەتلەرنغۇ نۇرمال يازغىلى بۇلدى. بىراق فۇتۇشۇپ قاتارلىق بەزى قۇشۇمچە دىتاللارغا خەت كىرگۇزۇشتە يەنە قەدىمقى ئۇسۇلدىن پايدىلنىپ خۇشقەلەم، خىيال دىگەن كىرگۇزگۇزچىلەرنى ئىشلتىمىزمۇ؟ مىنىڭچە شۇمۇ ھەل بۇلۇپ كەتسە بەك ياخشى بۇلاتتى. ( ئەلكاتىپىنمۇ قۇشۇمچە خەت كىرگۇزۇش كۇزنىكگە ئۇخشاش ياكى .. . . . . . . )

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 14:32
  • بۇ قىتىم Windows 8 نەشىرىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان microsoft uyghur فونتىدىكى ھەربلەر بەك كېچىك چىقىۋىلىش مەسىلىسى تەل- تۈكۈس ھەل بولامدۇ يوق ؟ بۇ توغرۇلۇقئىلگىركى نەشىرىدە ئورگان شىركەتكە خىلى كۆپ تەكلىپ – پىكىرلەر يوللانغان ئىدى، ئاقىۋەتتە ھىچقانداق ئۆزگەرتىش بولمىدى . بۇمۇ سىنىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ، مىكرو سوفت ئۇيغۇلارنىڭ پىكىر- تەكلىبلىرىگە ئالاھىدە ئىتىبار قىلىپ كەتمەيدىكەن دىگەن تەسىراتنى بىرىپ قويدى . بۇمۇ بەلكىم سىنىغۇچىلارنىڭ Windows 8 نى سىناشتا بەك ئاكتىب بولۇپ كەتمەسلىگىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كىرەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 14:54
    • راست گەپنى ئېيتقاندا، ئىلگىرى سىناق دوكلاتى دەل جايىغا بارماي قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:52
    • تەكلىپ-پىكىرلەر جايىغا بارمىغان گەپ ياكى قايىل قىلارلىق تەكلىپ بېرىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئاقىۋىتى شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن، مىكروسوفت بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، كومپيۇتېر تارىخىدا باشقا بىر يات شىركەت ئۇيغۇر تىلىغا بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:19
    • photoshop قا ئۇيغۇرچىنى بىۋاستا كىرگۈزگىلى بولۇش ياكى بولماسلىق مەسىلىسى مىكروسوفتنىڭ سېتىما مەسىلىسى ئەمەس . بەلكى ئادوبى شىركىتىنىڭ مەسىلىسى. شۇڭا ئادوبى شىركىتى ئىلگىرى photoshop نىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى تارقاتقان ئىدى. ھازىر يېڭى چىققان photoshop CS6 گە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستىلا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 14:27
  • قاچان كۈرەمىز مۇشۇ ئۇيغۇرچە سېستىمىنى؟ چەتئەلگە چىقىپ قالساقمۇ پوچى ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس ئىشلىتىپ كەتسەك نېمىدىگەن ھوزۇر

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:10
باھا بېتى: 1 2 3 7