نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 نى سىناش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows VISTA غا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندا، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجانلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى مەن 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جىن نىڭ خانىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە خەۋەر تاپقان ئىدىم، شۇ كۈنى كەچتە بۇ خۇشخەۋەرنى ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە ئېلان قىلدىم، ئارقىدىنلا Windows ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىغان مۆمىن ساقال دېگەن تورداشلارغا بىراقلا تونۇش بولۇپ كەتتى. بۇ سىستېمىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاپ، Uighur (ئۇيغۇر) دېگەن خەتنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، بىلىك مۇنبىرىدە Windows VISTA دىكى تەسىراتىمنى ئېلان قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن تورداشلارمۇ سىناش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، تۇنجى قوشۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنى Microsoft Uighur ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر يوللاندى. ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىر ھەرپلەرنىڭ كىچىك بولۇپ قېلىشى ئىدى، ئەمما، رەسمىي نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئۇچۇردىمۇ خاتالىقلار كۆرۈلدى.

Windows 7 نىڭ سىناش خىزمىتى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىلدى. دىيارىمىزدىكى تور بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلدى. ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچ، چېسلا فورماتى، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش، ئۈرۈمچى ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر دوكلات قىلىندى. لېكىن، يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى. ئەسلىدىكى خاتا كىرگۈزگۈچ شۇ پېتى ساقلاپ قېلىندى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە سىناشقا قاتناشقانلار 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى Windows 8 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىم تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىكى بازار ئىستىقبالىنى ئالاھىدە سورىدى. گەرچە مەن نەچچە كۈن بۇرۇن «Windows 8 نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟»-دەپ بىلوگىمدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ بىلوگدىكى تورداشلارنى دەۋەت قىلىپ باقساممۇ، ئەمما، ھېس قىلىشىمچە بۇ قىزغىنلىق ئىلگىرىكى Windows نىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلغاندەك، بىرەر يېرىم تال خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقتىن ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك بىلىندى. بۇ قېتىم يېڭىدىن قوشۇلغان «ئۇيغۇرچە ئېلېپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش» ئىقتىدارى، ھىجرىيە كالېندارىغا ئائىت بىرەر ئىنكاسنىمۇ كۆرمىدىم. بىز بايقىغان چېسلا فورماتى، ھىجرىيە كالېندارى، قۇلۇپ ئېكرانىدىكى خاتالىقلار دەرھال دوكلات قىلىندى. ھازىر خاتالىقلارنى تۈزىتىش باسقۇچىغا كىردى، ئۇزۇنغا قالماي Windows 8 RTM نەشرى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە زاكاز بەرگەن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارغا ئالدىن قاچىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يەنە پۇرسەت بار، ئىمكانىيەت بار. بۇ قېتىم سىناش دوكلاتىنى تاپشۇرۇش ئىلگىرىكى قېتىمغا پەقەت ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىناش ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، تەكلىپ-پىكىرلەرنى مەسئۇل خادىمغا بىۋاسىتە بېرەلەيمىز، ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايمىز ھەم تۈزىتىپ بېرەلەيمىز. ناۋادا، بىزمۇ ئالدىدىن نەچچە 10 مىڭ نۇسخا زاكاز بېرەلىسەك، مەخسۇس نۇسخىسىنى ياساپ بېرىشى ئېنىق. ئۆز پىكىرلىرىنى مۇشۇ يەردە قالدۇرسىمۇ، ھەر قايسى تور بېكەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. ئېكران كۆرۈنۈشى چوقۇم بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
137 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 5 6 7
  • گەپنىڭ نەق يىرىگە كەلسەك بۇنى ئىلىش كىرەك ، بولسا ساپ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى ئىشلىتىش كىرەك ، مىنىڭچە ئالىمجان ئاكا، سىز مەخسۇس زاكاس قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تۇرغۇزۇڭ ۋە ئالدىن پۇل ئىلىڭ ، بىز سىزگە ئىشىنىمىز ، يامان يىرىگە كەلسە بۇنچىلىك پۇل سىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالسىمۇ مەيلى ، شەخسى پىكىرىم ، مەن بىراۋنى قوللاپ قالسام كاللامدا ئۇنىڭغا نىسبەتەن شەككە ئورۇن يوق ، شەخسەن مەن شۇنداق قىلىمەن.
    بىر تەۋەككۈل قىلىپ بىقىڭ 5 مىليون پۇل ھەربىر ئۇيغۇرغا 5مودىنمۇ توغرا كەلمەيدۇ، بۇنى كومپىيوتىر ئىشلىرىغا قىلغان ساخاۋەت ھىسابلىساقمۇ يامان بولمايدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:57
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن win8 نى قاچىلاش جەريانىدا تىل تاللاش كوزنىكىدىكى ۋاقىت ۋە كىرگۈزگۈچ تىلى تاللاش تۈرىدىن ئۇيغۇرچە نى تاللاپ قاچىلغان ئىدىم قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بەزى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلغاندىن كېيىن سىنبەلگە خەتلىرى قالايمىقان ھەرىپ بەلگىلەر بولۇپ قاچىلاندى. مەسىلەن: 迅雷 كەسمە رەسىمىنى ئېلخەت ئادرسىڭىزغا يوللاپ بېرەي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:51
  • ئەسسالام ئالىم ئاكا مەن كۆزنەك سەككىزنى قاچىلىغان ،مەن مىكروسوفىت شىركىتى تەمىنلىگەن microsoft uyghur دىن پايدىنىلىپ خەت كىرگۈزدۇم خەت نۇسقىسى بۇرۇنقىدىن خېلى چىرايلىق ئىكەن. ئەمما كۆزنەك سەككىزدە مۇشۇ خەت نۇسقىسىدىن باشقا ئويغۇرچە خەت نۇسقىسى سېستىمىدا ئىچىدن بار ھالەتتە بىللە چىقىدىغان قىلىپ بىرەمۇ؟ ھازىر كۆزنەك سەككىز چىقىدىغانغا دەل ئىككى ئاي بار ئىكەن. ئەسلى كۆرۈپ بېقىش نەشىرىگە ئويغۇرچە تىل بۇلىقىنى قوشۇپ قويغان بولسا دىيارىمىزدىكى ئويغۇر كومپىيوتېر ئىشلىتىۋاتقانلا،شەھەردىن-يېرىغىچە،غەربى دىياردىن-چەتئەل مۇھاجىر ئويغۇر قىرىنداشلارغىچە چۇقۇم ئاممىباب،چۈشۈنۈشلۇك ھالەتتە بىرلىكتە تىل بىرلىك ئاتالغۇسىغا ئىگە بۇلاتتۇق.چۈنكى بىزنىڭ تىل-يىزىق كومىتېتىدىكى خادىملار يىتىشىپ بۇلالمىغانكىن. ھېلىمۇ تىلىمىز كۆپ ئەبجۇش بۇلۇپ كەتتى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:29
  • ئالىم ئاكا ياخشىمۇ سىز! مەن كۆزنەك سەككىزدە تۇرۇپ خەت يىزىۋاتىمەن. مىنىڭ بايقىغىنىم تور بەت يۈزىدىكى باھا يىزىش كۆزنىكىگە ئىسمىڭىز دىگەن يەرگە بىۋاستە ئويغۇرچە يازغىلى بۇلىدىكەن . لىكىن ئې – خەت دىگەن يەر بىلەن تور بەت ئادىرىسى دىگەن يەرگە كەلگەندە خەت كىرگۈزگۈچنى ئىنگلىزچە ياكى خەنچىگە ئۆزگەرتمىسەك بولمايدىگەن .مىنىڭچە كۆزنەك سەككىز ئويغۇرچە بولغانكىن چۇقۇم بۇ يەرلەرگىمۇ بىۋاستە بىر كۇلۇپكا قۇشۇپ بېسىش ئارقىلىق لاتىنچە خەتلەرنى كىرگۈزگىلى بولغان بولسا ھە! مەسلەن:كونتىرول ،شېفىت كۇلۇپكىسى دىگەندەكلەرنى بىرلىككتە بېسىپ … مىكروسوفىت ئويغۇر خەت نۇسقىدىن بايدىلىنىپ سان كىرگۈزسەم سانلار بىر تۈزسىزىق ئۈستىدە ئەمەس ئىگز-پەس ئىگەن. يەنە بىرسى باشلاش تىزىملىكى ئوڭ تەرەپتە يىل ئاي كۈن ۋە باشقا ئاۋاز سىن بەلگىسى ۋاقىت دىگەنلەرنى سول تەرەپتە چىقىدىغان قىلغان بولسا بۇلاتتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:04
باھا بېتى: 1 5 6 7