مىكروسوفت Surface تاختا كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت Surface تاختا كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

2012-يىل 19-ئىيۇن (سەيشەنبە) لوس ئانجىلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىكروسوفت ئۆز ماركىسىدىكى Surface تاختا كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلدى. مىكروسوفت ئىككى خىل Surface تاختا كومپيۇتېرىنى بازارغا سالىدىغان بولۇپ، بىرسىگە Windows 8 Pro قاچىلانغان، يەنە بىرسىگە Windows RT قاچىلانغان، لېكىن، باھاسى ئېنىق ئەمەس. Windows 8 سىستېمىلىق بۇ Surface تاختا كومپيۇتېرىنىڭ قېلىنلىقى 9.3 مىللىمېتىر، USB 2.0 ئېغىزى، 10.6 دىيوملۇق ئېكران سەپلەنگەن.

ئەمەلىيەتتە مىكروسوفت 8 يىلنىڭ ئالدىدا Surface تېخنىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، مىكروسوفت قاتتىق دېتال بۆلۈمىدىكى Stevie Bathiche بىلەن
مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىدىكى Andy Wilson بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، ئۆز-ئارالىق مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان ئۈستەليۈزىدە جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان يېڭىچە ئىدىيە توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالىدۇ. 2003-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇلار بۇ ئىدىيەنى بىل.گېيتىسقا ئېيتقاندا، بۇ ئىدىيە بىل.گېيتىسقا ياراپ قالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى تۇنجى سىناق ئۈسكۈنىنى ياساپ چىقىدۇ.

Surface ھەرقانداق جايدا ئىشخانا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئېغىرلىقى 1.5 قاداق (تەخمىنەن 680 گىرام) بولۇپ، كۆكچىشلىق كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن. بۇ تاختا كومپيۇتېر بۇ يىل كۈزدە بازارغا سېلىنىدىكەن، قارىغاندا تاختا كومپيۇتېر دەۋرى راستتىنلا كەسكىن بولغۇدەك.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • مۇئەللىم سىز نى مەڭگۈ قوللايمىز….مىللىتىڭىز ياشلىرى بار، يەنىمۇ يېڭىلىق يارتىڭ ھەم يارتايلى……تېخىمۇ يۈكسەك ئىلگىرلىشىمىز دە ئۈمۈت بار….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:26
باھا بېتى: 1 2 3 4