hybrid boot، live tile،…قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارغا بىر كۈن مۆھلەت بېرىلگەن بولۇپ، ئەتە ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 6:00 دىن بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. ھازىرچە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە ئۇياقتا تۇرسۇن، خەنزۇچە، ئەرەبچە قاتارلىق چوڭ تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان. قېنى بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلار ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭلار، 1-چېسلادىن باشلاپ ئاتالغۇلارنى قاراپ چىقىشقا قاتنىشىمىز دەپ ماڭا خەت يازغانلارمۇ ئالدى بىلەن ماۋۇ ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. قېنى مەرھەمەت!
(1) hybrid boot
A method of starting the computer that speeds boot time by ending the user session and hibernating the computer, rather than shutting down all running services.
(2) live tile
A tile that updates dynamically to show content directly from the Start screen.
(3) proximity
A Windows feature that enables users to connect computers with a simple tap gesture or by browsing for computers within wireless range. If two computers come within 3-4 centimeters of each other, or are tapped together, the operating system of each computer becomes aware of the other computer. Also, a user can browse for computers within wireless range that are advertising for a peer connection. The user can then connect the two computers to share content such as photos or links, or create a multi-player experience. If the connection is made using a tap gesture, the user can also publish and subscribe to messages transmitted during the tap.
(4) Trusted Boot
A customized process that identifies and fixes potential problems during PC startup.
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,480 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 02-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:04
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
- كېيىنكى يازما :Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ
1-چېسلا بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش باشلىنىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە خەت ئەۋەتىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەننى)، قوشماق قاتارلىق تورداشلارنى جىددىي ئىزدەيمەن، رەھمەت!
بىلىكتە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ئى-خەت ئادىرىسىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەپتىمەن.
مەن قىلالىغۇدەك قانداقلا ئىش بولسا مەن تەييار.
قاندا بولدى ؟
1. تەنەپپۇس قوزغىتىش
2.تېز كۆزنەك
3.قوشكىزەكلەر
4.داۋالاپ قوزغىتىش
قانداقلا ئىش بولسا مەن تەييار.
hybrid boot
نى خەنزۇچىدا 睡眠دەمدۇ ياكى 注销دەمدۇ؟
ئىككىلىسى ئەمەس، 睡眠sleep, 注销logoff
ئۆزەمنىڭ مىكرو بلوگىمدا ئۇچۇرىڭىزنى ئېلان قىلىۋەتتىم مۇئەللىم،ئاندىن گۈلەننىڭ تېلفۇن نومۇرىنى بىلگەچكە ئۇنىمۇ يېزىپ قويدۇم،ئەجرىڭلارغا نىمە قىلساق ئەرزىيدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
1. brid boot
خەت مەنىسى بويىچە ئارىلاش قوزغىتىش، مۇرەككەپ قوزغىتىش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
كەسپىي قوللىنىشقا كەلسەك، ئۇخلاش ھالىتى دەپ ئالساق مۇۋاپىق.
2. live tile
بۇ سۆزنى خەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلساق، ئەمەسلا بىر نەرسە چىقىدۇ.
مەزمۇن يېڭىلاش دەپ ئالساق مۇۋاپىق.
3. proximity
كومپيۇتېرلار ئارا ھەمبەھرلەش ياكى قىسقارتىپلا ھەمبەھرلەش، ھەمبەھرلىنىش دەپ ئالساق مۇۋاپىق.
4. Trusted Boot
بۇنىڭدىن ئىشەنچلىك يېتەكچى دېگەن مەنە چىقىدۇ.
كومپيۇتېرنى خاتا ئۇسۇل بىلەن (مەسىلەن، توكتىن بىۋاسىتە ئۈزۈۋېتىپ) ئۆچۈرسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىز قايتا قوزغالغاندا مەشغۇلات سىستېمىسى خاتا ئۇسۇل بىلەن ئۆچۈرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن سىستېما ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلگەن نورمالسىزلىقلارنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئاپتوماتىك ئوڭشايدىغان جەريانغا قارىتىلغان.
Win7 نىڭ بۇ ئىقتىدارى ئالدىنقى نەشىردىكى Windows لارغا قارىغاندا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مېنىڭ Win7 گە كۆچۈشۈمگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى.
Win8 دە بۇ ئىقتىدار تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇشى ئېنىق.
بۇنى سىستېمىنىڭ ئاپتوماتىك رېمۇنتلىشى ياكى ئاپتوماتىك رېمۇنتلاش دەپلا ئالساق مۇۋاپىق.
بۇ ئىنكاس بىلكانپەدتە يېزىلدى. ئەجەب ئەسقاتتى بۇ بىلكانپەد …
brid bootتىز ئويغۇنۇش باشقا تەرجىمەڭلامۇ قۇلاققا ياقىدىكەن سىلە كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىلە تىلششۇناسلا بىلەن كەسپى تېخنىكلار بىرلەشسە بۇنداق ئاتالغۇلارنى ياساپ تاشلىغۇدەكمىز
hybrid boot
دەۋرىلىك قوزغۇلۇش
Trusted Boot
ئۇنۇملۇك قوزغۇلۇش
Proximity
يېقىنلىق،ئوخشاشلىق،ھەمرالىق،يانداشقان( ھەمرا، يانداش)
live tile
يېڭىلىنىش ئۇچۇرى
live tile
يېڭىلاش ئۇچۇرى،يىڭىلاشنى كۆرسىتىش
hybrid boot
دەۋرىلىك قوزغۇلۇش،دەۋرىلىك قوزغۇتۇش،يېتەكلەپ قوزغۇتۇش
Trusted Boot
ئۇنۇملۇك قوزغۇلۇش
ئۇنۇملۇك قوزغۇتۇش
hybrid boot
ئۇيقۇدىن ئويغىتىش،ئويغىتىپ قوزغۈۇتۇش
live tile
يېڭىلاش ئۇچۇرى،يىڭىلاشنى كۆرسىتىش،جانلىق كۆزنەك،ھەركەتتىكى كۆزنەك
Proximity
يېقىنلىق،ئوخشاشلىق،ھەمرالىق،يانداشقان( ھەمرا، يانداش)
،بايقاش، سېزىش(سېزىشچانلىق، يەتكۇزۇشچانلىق،ئوتكۇزۇشچانلىق)
……………………………………………….
سۆز ياسىماق ھەقىقەتەن بەك تەسكەن
سالام،
Dear Uighursoft and Alim Ahat
Here is the contact information of Mr. Gulen, the linguist
153-5258-7782
287-7997
http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=24794
Mr. Qoshmaq, the linguist, has provided his contact information in his response to your post on Bilik, unfortunately, it was deleted
At the moment, the Bing could not find his information on internet
Sincerely
The Microsoft Bing Team
hybrid boot
ئۇيقۇدىن ئويغىتىش،ئويغىتىپ قوزغۈۇتۇش.ئۆچەك ھالەتتىن قوزغۇتۇش(قىشتاھايۋانلار ئۆچەككە كىرىپ، باھاردا ئويغانغان ھالەتكە ئوخشايدىكەن)
ئۆچەكتىن قوزغۇتۇش
Word 2010 دىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلدۇرسام، مۇنداق مەنا چىقىدىكەن: (1) hybrid boot
启动计算机速度启动时间,由结束用户会话和冬眠计算机,而不是关闭所有正在运行的服务的一种方法
hybrid نىڭ مەنىسى شالغۇت، ئارلاشما قان، ئارلاشما جىسىم دىگەندەك…. bootنىڭ قوزغىتىش دىگەن مەنىسى باركەن. شۇڭا «ئارلاش قوزغىتىش» دەپ ئالساقمىكىن.
(2) live tile «جانلىق تىزمىلار»
(3) proximity «قوشماق»، «قوشماقلار» (يېقىن تۇققان)
(4) Trusted Boot «ئىشەنچىلىك قوزغىتىش»
ئالىم ئەھەت :
ئۇلار سىزنى راسلا بوزەك ئېتىۋاتامدۇ نېمە (^_~).
ئالدىراپلا يازىدىغان بولدۇم، كەچتە يەنە مۇۋاپىقراق تەرجىمە قىلاي.
1. تېز قوزغىتىش
2. يېڭىلانما بىلدۈرگۈ
3.قىسقا ئۇلاش
4. بىخەتەر قوزغىتىش