Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ،
Surface Pro 64GB نىڭ باھاسى 899 ئامېرىكا دوللىرى، Surface Pro 128GB نىڭ باھاسى 999 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خەت بېسىش ۋە سەزمە ياپقۇچى ئايرىم سېتىلىدىكەن. بۇنىڭغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 8 بولۇپ، ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىكروسوفت Office 2013 قاچىلانغان.
قاتتىق دېتال جەھەتتە Intel I5 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 1080*1920 ئېنىقلىقتىكى ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 900 گىرام، باتارېيەدىن ئۈزمەي ئىشلىتىش ۋاقتى 4-5 سائەتكە يېتىدۇ. بىر دانە USB3.0 ئېغىزى، بىر دانە micro-SDXC، بىر دانە mini-DisplayPort ئېغىزى سەپلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئىشلەنگەن سەزمە قەلەم تەمىنلەنگەن.
Windows 8 بەلگىلىك سىغىم ئېگەللەيدىغان بولۇپ، Surface Pro 128GB نىڭ 83GB بوشلۇقىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن USB ئېغىزى بىلەن سىغىمنى ھەرۋاقىت كېڭەيتىشكە بولىدۇ.
بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Forrester نىڭ دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، %32 كارخانا خېرىدارى Windows تاختا كومپيۇتېرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى خىزمەت تاختا كومپيۇتېرى بولۇشنى خالايدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتنى Forrester شىركىتى 9766 ئۇچۇرچى يىغقان ئۇچۇرلاردىن يەكۈنلىگەن ئىكەن.گەرچە ئالما ھازىر %26 لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن تاختا كومپيۇتېر بازىرىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ـــ %30 سودىگەرنىڭ Windows تاختا كومپيۇتېرىنى ئۆزىنىڭ خىزمەت كومپيۇتېرى قىلىش ئىستىكى مىكروسوفتنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ
ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر دەۋرى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ خۇددىي 1980-يىلى شەخسلەر كومپيۇتېر دەۋرى باشلانغاندەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
- يازما كۆرۈلۈشى: 16,978 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 02-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:32
- ئالدىنقى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] چاغانلىق ئارام ئېلىش (قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى)
- كېيىنكى يازما :قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
ئالىم مۇئەللىم ،مەن Windows 8 قاچىللاپ ئۇيغۇرتىلى بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلەتتىم ،كۆزنەكلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنگىنىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم ،ئانا تىلنى قوللىنىپ كومپىيۇتىر مەشغۇلات قىلالىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مىنىڭ ئازراق تەكلىپىم بارئىدى.ئىمكانىيەت بولسا ئۇيغۇرچە ئاساسى تىما(主题)ياسىغان بولساڭلار،ئانا تىلىمىز كۆزنەكتە تىخىمۇ كۆركەم ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغان بولسا ……………..
ئالىم مۇئەللىم 128g 微软surface pro لىگى جوڭگۇ بازىرغا ئىككى خىل چىققاندەك تۇردۇ ،微软surface中文版128g ۋە 微软surface pro 128g دەپ باھاسى پەرىقلەنمەيدىغاندەك تۇردۇ ،ئەمما 微软surface 中文版 128g پەقەت خەنزۇچىنىلا تۇنۇيدۇ ،باشقا تىللاردا مەشخۇلات قىلغىلى بولمايدۇ دەپتۇ ،بۇنىڭغا ياخشى يىرى office 2013 学生版 قاچىلاقلىق ئىكەن،،،،،،، 微软surface pro دا office 2013يوق ئىكەن ، شۇڭا مەن 微软surface 中文版 128g نى سىتىۋالاي دىگەن ،،،،،،،،سىزدن سورىماقچى بولغىنىم 微软surface 中文版 128g غا windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىغىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمامدۇ،،،،،،،،خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچ مەن خاتا چۇشىنىۋالدىممۇ؟ 微软گە تىلفون قىلىپ سورىسام خەنزۇچە سوزلەيدىكەن ،،،،،،چۇشەنمىدىم،،،،،،،،،مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز
ئاخىرى بىرنى ئېلىۋالدىم ھا ھا ھا …. 7400 يۈەنگە. 128G سىغىملىق كەسپىي نۇسقىسى.
ئالىم مۇئەللىم تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئوتۇقلۇق تىلەش بىلەن بىرگە Surface Pro نىڭ جۇڭگۇ بازىرىغا كىرگەنلكىدىن تۇلىمۇ خۇرەسەن بۇلىدۇم.
مۇمكىن بۇلسا Surface Pro نى تۇردا ياكى ئىشەنچىلك سىتىۋىلشنىڭ ئۇسۇلىنى كۇرسىتىپ بەرگەن بۇلسىڭىز؟
مۇمكىن بۇلسا سىزنىڭ ئەجىرىڭىزگە ئازغىنا مەيىن شامال چىقارالايدىغان، شۇ خۇش بۇي ھىدىدىن سىزمۇ ھۇزۇرلىنالايدىغان بىرى بۇلسا سىزدىن سىتىۋىلشنى تۇلىمۇ خالايمىز؟
خوش-خەۋەرجۇڭگۇدابازىرىدا 2013-يىلى4-ئاينىڭ2-كۈنىدىن باشلاپ رەسمى سىتىلدىغانلىقى ئىلان قىلىندى.
5000يۈئەن بولسا بىرنى ئالاي دىگەن تېخى ھەممە نەرسىسى بىلەن……سەل قىممەتكەن….
ئەسسالام ئەلەيكۇم!
ئالىم مۇئەللىم، Surface Pro نى ئامال قىلىپ سېتىۋېلىشقا بۇلارمۇ ؟
http://www.microsoft.com/Surface/en-US/surface-with-windows-8-pro/home?WT.mc_id=MSCOM_EN_US_HP_FEATURE_133F2ENUS37332
يوقارقى ئادىرىستىن سېتىۋالساق ؟
خەۋەرلەردە 3 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كىرىدۇ دەپتىغۇ ..
ئالىم مۇئەللىم مۇشو Surface Pro نىڭ جۇڭگۇغا كىرگەن ياكى سىز ئەكەلدۇرۇپ قىلالايدىغان ئەھۋال بۇلسا خەۋىرنى بەرگەن بۇلسىڭىز.
مەن باشتا Surface rt نۇسخىسىغا بەك قىزىققان ئىدىم. كىين ئۇيلاپ باقسام ئۇنىڭدا ئۇيانلا ئۇينىسام ھەم مىنىڭ ئىشلتىدىغان ئىشىمغا ماس كەلمەيدىكەن دەپ ئالمغان ئىدىم. ئەمدى Surface Pro نۇسخىسىنى ئىلىش قارارىغا كەلدىم.
باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۇرگان تەرەپتىن سىتىۋىلش ئۇسۇلىنى بىلىدىغان دۇسلارمۇ خەۋىرىنى بەرسەڭلا تەك بەھىرلىنەيلى!
جۇڭگو بازىرىغا تېخى كىرمىدى، يەنە بىرنەچچە ئاي ساقلاڭ.
جىددى لازىم بولغان ئىدى. تېخى كىرمەپتىدە جۇڭگو بازىرىغا …
ئەسسالام ئەلەيكۇم!
مەن مەزكۇر كومپىيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم. توردىن ئالاي دىسەم بۇلارنىڭ ئورگان تورىدا Surface RT سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن Surface Pro نى سېتىۋالدىغان يەر يوق ئىكەن.
http://www.microsoft.com/Surface/zh-CN/surface-with-windows-8-pro/home
بۇ كومپىيۇتېرنى قىزىل بايراق كومپىيۇتېر شەھەرچىسىدىن ئالغىلى بۇلارمۇ ؟ باھاسى قانچە پۇلدۇ ؟
يوقارقى باھانى ھېسابلاپ باقسام 5700 ئەتىراپىدا بولىدىكەن، توردا بولسا توردىنلا ئەكەلتۈرەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.
Microsoft Surface Pro نىڭ ئىچىدە راستىنلا مىكروسوفت Office 2013 قاچىلاغلىقمۇ؟ مەن توردىكى ئۇچۇرلارغا قارىسام قاچىلاغلىق ئەمەس دەيدۇ؟ مىكروسوفت Office 2013 قاچىلاغلىق بولسا بىرنى سىتىۋالاي دىگەن
ئەڭ ياخشىسى Microsoft ئورگان تەرەپتىن سۈرۈشتە قىلىڭ، مەنمۇ بىلمەيمەن، مېنىڭ بىلىدىغىنىم مەن سېتىۋالغان Surface RT دا Microsoft Office 2013 بار ئىكەن، ناۋادا، Surface Pro دا Office بولمىغان تەقدىردىمۇ، Office نى ئايرىم قاچىلاڭ، ئۇ دېگەن ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر، بازارلاردىكى كىشىلەرنى ئالدايدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس.