بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە
[ تاغدىن-باغدىن ]=====================================
بۇ يەرنى بېسىپ، رادىيو سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ
=====================================
بۈگۈن يەكشەنبە كەچ 7:00 دە، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى (ئۇنىۋېرسال چاستوتاسى) «ياشلىق مىلودىيەسى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى مەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىكەن، بۇ سوئاللارنىڭ تېزىسى (بەلكىم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن)، ئەگەر سىلەرنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭلار بولسا، مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويۇڭلار، رادىيودىلا جاۋاپ بەرسەم دەيمەن. ئەگەر ئۇنداق سوئال بولمىسا، قىزىققۇچىلار بولسا، ۋاقتىدا ئاڭلاپ بېقىڭلار.
ئوڭدىن-سولغا: پەزىلەت رېشىت (رىياسەتچى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (پىروگرامما مەسئۇل مۇھەرىرى)، مەن
ئوڭدىن-سولغا: نۇرمۇھەممەد ئابلەت (رىياسەتچى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (پىروگرامما مەسئۇل مۇھەرىرى)، مەن
بۇ رەسىمدە ماڭا قاراپ قالماي، ئاۋۇ ئىككى چەتتىكى كومپيۇتېرغا قاراڭلار، ئۇنىڭغا «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە. يەنە قازاقچە ۋە قىرغىزچە نۇسخىسىمۇ بار.
بۇ رىياسەتچىلەرمۇ شۇنداق قابىل ئىكەن. نەق مەيدان پىروگراممىنىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، يېتەكلەپ ماڭدى. رىياسەتچىلەرمۇ تەييارلىغان مەزمۇندا يوق سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى، مەنمۇ كاللامدا تەييارلىق يوق جاۋابلارنى بەردىم.
====================سوئاللار==================
1) ئالىم ئەپەندى، سىز ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىغا ئەڭ دەسلەپ كىرگەن ئاز سانلىق مىللەت كومپيوتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىسى. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى ۋە بۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج بىلەن 10 نەچچە يىلدىن كېيىنكى شۇ ساھەنى سېلىشتۇرۇپ بېرەمسىز؟
2) سىلەردە قىيىنچىلىق يەتكۈچە بار ئىكەنتۇق. كۆز ئالدىڭىزدا بىرمۇنچىلىغان شىركەتلەرمۇ تاقىلىپ كېتىپتىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن بۇ ساھەدىن قول ئۈزمىگەنىدىڭىز؟
3) مېنىڭچە، ئادەم بىر ئىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسە، ئۇنىڭدىن تېز مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. لېكىن، سىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن كارخانا باشقۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ مېڭىپسىز. دېمەكچى، سىز بىرقانچە ھارۋىنى تەڭ سۆرەپ مېڭىشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ، ھارمىدىڭىزمۇ؟
4) سىزنىڭ، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچى بولۇش جەريانىڭىزنى دولقۇنسىمان دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟
5) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە باھا بېرىپ ئۆتەمسىز؟
6) قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز سىزنى داۋاملىق ئالغا ئۈندەمدۇ ياكى ئەمدى راھىتىنى سۈرگىن دەمدۇ؟
7) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى خېلىلا بېسىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەكچى، ھەر بىر يۇمشاق دېتالنى ۋە ھەر بىر توختامنى سۈپەتلىك تاماملاش يولىدا ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويغان، شۇ سەۋەبلىك غېرىپسىنىپ قالغان چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟
8) سىز بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپمۇ، كەسپىڭىزگە ئەسلا يېقىن كەلمەيدىغان ئۇيغۇر تىلى ۋە گىراماتېكىسىنى خېلىلا چوڭقۇر تەتقىق قىپسىز. بۇ يەردىكى كۈچ – غەيرەت نەدىن كەلگەن؟
9) سىز تولىمۇ خۇشچاقچاق، ئۇچۇق-يورۇقكەنسىز. بۇ مىجەزىڭىز كەسپىڭىزدە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تەسىرى چوڭ بولدىمۇ – قانداق؟
10) ئۈچ كۈن بۇرۇن ئامېرىكا مىكروسوفىت شىركىتى Windows 8 نى بازارغا سالدى. سىزچە، Windows 8 بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
11) ياشلىق ۋە ياشلار ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز، ئۈمىد – ئارزۇلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,000 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:50
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
- كېيىنكى يازما :Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا ، قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .
Windows 8 نى كۆپرەك تەشۋىق قىلساڭلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ سېستىمىنى ئىشلەتسە ياخشى بۇلاتتى
بولىدۇ، مەنمۇ شۇ ئويدا، Windows 8 نى تېخىمۇ كۆپ ئادەم بىلسۇن دەيمەن
ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ،ھېچ بولمىسا توردىن باشقا يەنە رايۇنىمىزدا رادىئودا بولسىمۇ تەشۋىقاتى بولۇپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا، مۇمكىن بولسا Windows 8 نىڭ رايۇنىمىزغا قاچان كىرىدىغانلىقى سېتىۋېلىش ئۇسسۇللىرى ۋە باھاسى قاتارلىق كۆپچىلىك ئەڭ كۈڭۈل بۈلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىلىق توختالغان بولسىڭىز…..
كېلىشىم سەۋەبلىك بەزى گەپلەرنى ئالدىدىن مەن دەۋالسام بولمايدۇ، لېكىن، تەسىر قىلمىغان ئاساستا Windows 8 نىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشكە تىرىشىپ باقاي.
ئەمەليەتتە مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىممۇ تەسىر قىلمىغان ئاساستىكى ياخشى ئۇچۇرغا مۇھتاجىتى مۇئەللىم……………
مېنىڭ سۇئالىم، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ياكى ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسى، دۆلىتىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قايسى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ بىز قېرىنداش مىللەتلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ بىزنىڭ مۇشۇ ساھەيىمىز نېمىگە موھتاج؟ نېمىگە جىددىي موھتاج؟ بولسا مۇشۇ سۇئال نامزات سۇئال بولۇنسا، رەھمەت!
بۇ سوئاللارمۇ بولىدىكەن
Windows8 ۇيغۇرچە نۇسخىسى قاچان سېتىلىشقا باشلايدۇ
كومپييۇتېرغا تايىنىپ كۈن كەچۈرگىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ياشلاردىكى كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشنى قانداق ئۇسۇل بىلەن توغرا يولغا يېتەكلەش كېرەك؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا ئالدى بىلەن قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . مەن ئاۋال سىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن قوشقان توھپىڭىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن .
باشقىلارنىڭ يەنىلا windows 8 گە بولغان چۈشەنچىسى بەكلا تۆۋەن شۇسەۋەپتىن سىز ئۇيغۇرچە تارقىتىلىۋاتقان سېستىمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەندىن كىيىن قاچىلاش باسقۇچلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز دىمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرتىلىنى بىلىدىغان ھەرقانداق نۇرمال كىشىلەرنىڭ ھەتتاكى ئاددىي دېھقانلارنىڭمۇ بۇندىن كىيىن كومپيۇتېر مەشخۇلات ئېلىپ بارالىشىنىڭ چۈش ئەمەسلىگىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىڭزى .
بۇ تۇنجى قېتىم تور خاتىرىڭىزگە سۆز قالدۇرۇشۇم خاتا سۆزلەپ قويغان جايلىرىم بولسا كەچۈرگەن بولسىڭزى
توردىكى ئاڭلاش ئادېرسىنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن
http://www.minidiantai.com/ بۇنىڭدىن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قانالنى قوشۇپ ئاڭلاڭ…
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا . قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سۇراپ باقاي ، شۇ تاپتا windows 8 مەشخۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىشكە تولىمۇ ئالدىراۋاتىمەن . بولسا بڭزنى تەقەززا قىلماي ، قاچان قەيەردىن سېتىۋېلىشىمىز توغرۇلۇق ئىنىق بىر جاۋاپ بىرىۋەتكەن بولسىڭىز . ئاللا خالىسا ئەسلى نەشىرىنى سېتىۋالماقچى ئىدىم ~ شۇنداقلا دوسلۇرۇم بىلەن بىرنەچچىنى بىراقلا سېتىۋالماقچى ئىدۇق .
مەن تىلفۇنۇمدا ئاڭلاپ يېرىم سائەتتىن ئاشقاندا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالدى، داۋامىنى ئاڭلىيالماي قالدىم.
http://www.uqar.net/radio.asp?uqarnet=1&id=1 دىن ئاڭلاڭ
مەلىم :
Uighur / Uyghur توغرىسىدا ئاز تولا چۈشەنچە بەرسىڭىز
تىل نامى فونت نامى 2 خىل بولۇپ قىلىش سەۋەبى
Windows8 نىڭ فونتنى ئۆزىمىز خالىغان فونتقا تەڭشىگىلى بۇلارمۇ ؟
چۈنكى : ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچە پۇراق بار
MicrosoftUighur فونتى مىكروسوفىتنىڭ بولغاندىكىن
سىستىما ئارا يۈز فونتنى قىلىشقا بولارمۇ ؟
ئالدىنقى ئىنكاسىم رادىئو ئاڭلاش ئادرىسى ! خاتا چۇشۇنۇپ قالماڭلار !
ھەي، مەن بىر ئۆگىنىش قىلىپ كىرىپ بولغىچە سىز بۇ تېمىنى يوللاپ، زىيارەتنىمۇ قوبۇل قلىغلى چىقىپ بولۇپسىز…..
مۇشۇ باھانىدە سورىۋالاي، ئەسلىي مەن سىزنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ مەكتىپىمىزنىڭ ژۇرنىلىغا بېرەي دېگەن ئىدىم. سۇئاللارنىمۇ تەييار قىلىپ قويغان. قارىسام بەزى سۇئاللار يۇقۇردىكى سۇئاللارغا ئوخشاپ قالىدىكەن، ئەمما كۆپ قسىم سۇئاللار يەنىلا ئوخشىمايدىكەن. مەن يېڭىچە زىيارەت ئۇسسۇلىنى قوللانماقچى، يەنى « تور زىيارىتى ». ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە سۇئاللارنى ئەۋەتسەم، كۆرۈپ باقامسىز. رەھمەت! (ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە جۇمۇ، باشقا ئىشلىرىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالماي يەنە.)
سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالدىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويغايسىز.
تۈنۈگۈن ئاڭلاش ئادىرىسىنى بىلەلمىگەچكە ئاڭلىيالماي قالغانتىم،توردىشىمىز«ئۆمۈد››نىڭ ئادىرىسىنى بۈگۈن ئۇلىنىش قىلسام بۈگۈنكى ئاڭلىتىش ئۇلىنىشى ئىكەن.تۈنۈگۈنكى زىيارەتنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتى بولامۇ؟بولسا ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلا،رەخمەت.