نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە

[ تاغدىن-باغدىن ]

=====================================
بۇ يەرنى بېسىپ، رادىيو سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ
=====================================
بۈگۈن يەكشەنبە كەچ 7:00 دە، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى (ئۇنىۋېرسال چاستوتاسى) «ياشلىق مىلودىيەسى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى مەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىكەن، بۇ سوئاللارنىڭ تېزىسى (بەلكىم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن)، ئەگەر سىلەرنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭلار بولسا، مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويۇڭلار، رادىيودىلا جاۋاپ بەرسەم دەيمەن. ئەگەر ئۇنداق سوئال بولمىسا، قىزىققۇچىلار بولسا، ۋاقتىدا ئاڭلاپ بېقىڭلار.


ئوڭدىن-سولغا: پەزىلەت رېشىت (رىياسەتچى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (پىروگرامما مەسئۇل مۇھەرىرى)، مەن


ئوڭدىن-سولغا: نۇرمۇھەممەد ئابلەت (رىياسەتچى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (پىروگرامما مەسئۇل مۇھەرىرى)، مەن


بۇ رەسىمدە ماڭا قاراپ قالماي، ئاۋۇ ئىككى چەتتىكى كومپيۇتېرغا قاراڭلار، ئۇنىڭغا «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە. يەنە قازاقچە ۋە قىرغىزچە نۇسخىسىمۇ بار.


بۇ رىياسەتچىلەرمۇ شۇنداق قابىل ئىكەن. نەق مەيدان پىروگراممىنىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، يېتەكلەپ ماڭدى. رىياسەتچىلەرمۇ تەييارلىغان مەزمۇندا يوق سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى، مەنمۇ كاللامدا تەييارلىق يوق جاۋابلارنى بەردىم.

====================سوئاللار==================
1) ئالىم ئەپەندى، سىز ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىغا ئەڭ دەسلەپ كىرگەن ئاز سانلىق مىللەت كومپيوتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىسى. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى ۋە بۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج بىلەن 10 نەچچە يىلدىن كېيىنكى شۇ ساھەنى سېلىشتۇرۇپ بېرەمسىز؟
2) سىلەردە قىيىنچىلىق يەتكۈچە بار ئىكەنتۇق. كۆز ئالدىڭىزدا بىرمۇنچىلىغان شىركەتلەرمۇ تاقىلىپ كېتىپتىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن بۇ ساھەدىن قول ئۈزمىگەنىدىڭىز؟
3) مېنىڭچە، ئادەم بىر ئىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسە، ئۇنىڭدىن تېز مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. لېكىن، سىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن كارخانا باشقۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ مېڭىپسىز. دېمەكچى، سىز بىرقانچە ھارۋىنى تەڭ سۆرەپ مېڭىشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ، ھارمىدىڭىزمۇ؟
4) سىزنىڭ، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچى بولۇش جەريانىڭىزنى دولقۇنسىمان دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟
5) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە باھا بېرىپ ئۆتەمسىز؟
6) قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز سىزنى داۋاملىق ئالغا ئۈندەمدۇ ياكى ئەمدى راھىتىنى سۈرگىن دەمدۇ؟
7) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى خېلىلا بېسىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەكچى، ھەر بىر يۇمشاق دېتالنى ۋە ھەر بىر توختامنى سۈپەتلىك تاماملاش يولىدا ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويغان، شۇ سەۋەبلىك غېرىپسىنىپ قالغان چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟
8) سىز بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپمۇ، كەسپىڭىزگە ئەسلا يېقىن كەلمەيدىغان ئۇيغۇر تىلى ۋە گىراماتېكىسىنى خېلىلا چوڭقۇر تەتقىق قىپسىز. بۇ يەردىكى كۈچ – غەيرەت نەدىن كەلگەن؟
9) سىز تولىمۇ خۇشچاقچاق، ئۇچۇق-يورۇقكەنسىز. بۇ مىجەزىڭىز كەسپىڭىزدە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تەسىرى چوڭ بولدىمۇ – قانداق؟
10) ئۈچ كۈن بۇرۇن ئامېرىكا مىكروسوفىت شىركىتى Windows 8 نى بازارغا سالدى. سىزچە، Windows 8 بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
11) ياشلىق ۋە ياشلار ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز، ئۈمىد – ئارزۇلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
54 پارچە باھا يېزىلدى
  • http://www.uycnr.com/wqhg/shdh/ نى سىناپ بېقىڭ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:37
    • بۇ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ پىراگراممىلىرى ئىكەن.ھەي ئەجەپ ئاڭلىيالماي قاپتىمەن دىسە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:43
  • مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم ، قايسىڭلاردا ساقلىۋالغان نۇسقىسى بار ؟ بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھېيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
    جاپا چەكتىڭلار ، سىلەرگە رەخمەت ئىيتىمىز ۋە قوللايمىز ،
    Windows 8 نىڭ ھەقىيقى نەشىرىنى سىتىۋالاي دىگەن ئىدىم ، قەيەردىن ئالىمىز ؟ باھاسى قانچە پۇل ؟ ئۇيغۇر تىل بۇلىقى قاچان تارقىتىلىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مىنىڭ بىر سۇئالىم بارئىدى، ئۇيغۇرتىلىنى چەتئەلنىڭ ياسىغان سېستىمىسى، يۇمشاق دىتاللىرى مەسلەن مىكروسوفىنتنىڭ، ئالمىنىڭ ، ئاندىرويىدنىڭ دىگەندەك ھەممىسى قوللايدۇ، ئوففىس(ۋورد)، مىكروسوفت سوزلىشىش دىتالى، نۆۋەتتە كۆزنەك 8سېستىمىسى قوللايدۇ، بىراق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەيلى يۇمشاق دىتال بولسۇن ياكى قاتتىق دىتال بولسۇن ھېچقايسسى ھەرقانداق ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرتىلىنى قوللىمايدۇ، مەسىلەن wps ،qq ۋە ھاكازالار، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇنى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز كۆرۈپ باقارسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:50
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      مەن مۇنداقلا يۈزەكى جاۋاب بەرسەم، چەتئەل شىركەتلىرى ئەرەبچە يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدۇ. ئەرەبلەر دۇرۇس يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىدۇ، ئىقتىسادىمۇ باي، بۇ يەردىكىدەك 3-4 يۈەنلىك دېتاللار يوق. يەنە بىر سەۋەبى ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقىدىن كەلگەن بولغاچقا، چەتئەل شىركەتلىرى تېخنىكا جەھەتتىن قىينالمايدۇ.

      دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەر ئەرەب يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساشتا ئىختىساسلىق خادىم ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى توسالغۇلارغا قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. 1 مىليارد ئادەم ئىشىلىتىدىغان خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىۋاتقان شارائىتتا، نوپۇس جەھەتتىن %1 گىمۇ بارمايدىغان مىللەتلەرنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ياساپ، ئىقتىسادىي كىرىم قىلىشنى ئويلىشىپ بولالمايدۇ، چۈنكى qq نى ياسىغان شىركەتنىڭ ھەر سېكۇنتلۇق كىرىمى 500 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسىي شىركەتلەر. ئۇيغۇرچىسىنى ياسىمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، باشقا ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

      چەتئەل شىركەتلىرى ياسىغان بولسا، بۇمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، بازار ئېچىشقا كۆزى يەتمىگەن بولسا، چەتئەل شىركەتلىرىمۇ قىلمىغان بولاتتى. چۈنكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىدىكى Windows تېخى يوق. ئۆز ۋاقتىدا مىكروسوفت ياسىمىسا، قاچان ياسايدۇ؟-دېدۇق، ياساپ بەرسە، نېمىشقا باشقىلارمۇ شۇلاردەك ياسىمايدۇ-دەپ، ياسىمىغانلاردىن يامانلاپ يۈرمەيلى، ئىشلارنى بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەي، ھازىر بار بولغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ باقمامدۇق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:53
      • سىز دېگەندەك Windows8كە ئۇيغۇرتىلىنى قوشۇش ئارقىلىق خەلىقئارالىق كومپىيوتىر سېستىمىسىغا بىر پۇتىمىزدا دەسسىۋالدۇق،ئەمدى بولسا qqغا ئوخشاش سېستىمىدىن بىرەنى ئىشلەپ ،ئەينى ۋاقىتىكى بىلگايتىسلارغا ئوخشاش سىكونىت، مىنۇتلاپ پۇل تاپالايدىغان بولۇپ، Windows8كە قوشقان تۆھپىڭىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ مېغىزىنى چاقسىڭىز بولاتتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:41
  • رەھمەت ئالىم ئاكا ، رادىئو سۆھبىتىڭىزنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم ۋە مەقسىتىڭىزنى تولۇق چۈشەندىم. مەنمۇ كۆزنەك8نى سىزدىن سېتىۋېلىشنى ساقلاۋاتىمەن، شۇنداق قىلسام سىزگە ۋە ئەجرىڭىزگە ئاز تولا ياردەم بولار دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:02
  • ماڭا windows8 نىڭ ئەپ بازىرى بەك يارىدى. لىكىن مۇشۇ ئەپ بازىرىنىڭ بىر ئىزدەش ئىقتىدارى كەممۇ قانداق؟ ياكى مەن تەپالماي قالدىممۇ. ئىشقىلىپ microsoft يەنىلا ئەڭ ئۈستۈنلۈكتە تۇرغۇدەك. windows8 ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ. خۇدايىم بۇيرىسا wp8 سېستىملىق يانفوندىن بىرنى سېتىۋالىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:36
  • ھەراست، بىر بىرقانچىمىز بىرلىشىپ بىر windows8 سېستىمىسى سېتىۋالساق كۆپ كومپىيۇتېردا ئورتاق ئىشلىتەلەيمىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:38
  • ئالىم مۇئەللىم ماۋۇ كىرگۈزگۈچ خېلى ياخشى ئىكەن. قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرىپ قويغان بولسىڭىز!!!
    ئادىرىسى:http://www.izda.com/index.php?m=content&c=index&a=lists&catid=66

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:43
  • قەدىرلىك دوستلار، ئالىم ئەھەت توغرىسىدىكى رادىيو سۆھبىتى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلدىئ نۆۋەتتە، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىچىدە تور دۇنياسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنى، بۇ ئىستانسىنىڭ پروگراممىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلىقى! تەكرارلىقنىڭ يوقلىقىدۇر! «ياشلىق مېلوديەسى» پروگراممىسىنى ۋىندوۋۇس 8 توغرىسىدا تەشۋىقات باشلامچىسى بولغىنىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت! ئىلگىرىمۇ بۇ پروگراممىدا تور، بلوگ، مىكرو بلوگلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنىدى. پروگرامما خادىملىرىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:14
  • بىر باشتىن ئاڭلاپ ئاخىرى تاپتىم
    بىۋاستە ئادرسى
    مۇشۇنى چىكىپلار ئاڭلار ئىزدەپ ئاۋارە بولماي
    http://www.xjbs.com.cn/aod/weiwueryu/2012-10/28/cms1478993article.shtml?nodes=_798_

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى am 05:53
  • مەلىم : ئۈرۈمچىدە ۋىندوۋس8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىدىكى دېسكىنى سېتىۋالغىلى بولارمۇ ؟
    توردىن نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بىلەنمۇ يەنىلا دېسكاغا يەتمەيدۇ ،

    توردىن چۈشۈرگەن بىلەنمۇ دېسكاغا ئويغىلى بولمايدىكەن .

    ئۇيغۇرسوفت شىركىتى سېتىش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن بولسا
    باھاسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر سىلەردىن سېتىۋالسام بولىدۇ . بىر مەزگىل ساقلاشقىمۇ رازى .

    (تېماغا مۇناسىۋەتسىز ئېنكاس يازغان چىراي ئىپادىسى )

    بىلسىڭىز خاپا بولماي دەپ بەرگەن بولسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى am 06:41
    • جۇڭگو رايونىدا ھەرقانداق قاپلىق دېسكا نەشرى بازارغا سېلىنمايدۇ، چوقۇم توردىن چۈشۈرىسىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:34
  • ھەقىقەتەن بەك ياخشى سۆھبەت بوپتۇ . ئالىم ئاكا ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:49
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن windows 8 pro نى قاچىلىغان، لېكىن تىل تاللايدىغان يېرىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چۈشۈرۈش دىگەن جايدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، دەپ چىقىپ قالدى، ئەرەپچە تىل بولىقى چۈشۈرگىلى بولىدىكەن، لېكىن ئۇيغۇرچىنى قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمەي قالدىم. تىل بولىقىنى باشقا يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 12:26
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم: بەك ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن، سىزگە ۋە ئاكادىمېك ھوشۇر ئىسلام ئۇستازىمىزغا چەكسىز ھۆرمىتىم بار. ھازىر مەن يېزىۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇرچە چىرايلىق ھەرىبلەر…(مىسرانىم تورىنىڭ ھوشۇر ئىسلام زىيارىتىنى كۆرگنتىم)
    سىلەر بىر ياراتقۇچى ئىگىسى!
    windows 8 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسىنى بازارغا ساپتۇ، دېمەك سىلەر پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلىدىڭلار، سىلەر ئەمەس ئەمدى ‹‹بىز››مۇ كۆرسىتەلەيدىغان بولدۇق، بۇ ئەلۋەتتە ‹‹قۇدۇق قازغۇچى››لارنىڭ تۆھپىسى. سىلەرنى قانچە ئەزىزلىسەك ئەرزىيدۇ،سىلەرنى ھەقىقىي ئۇلۇغ كىشىلەر دىيىشكە بولىدىغان ئادەملەر.
    توردا قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ قويدۇممۇ؟ كۆرۈشۈشكە ئىمكان بولغان بولسىدى، سىزنى بىر تەخسە پولو بىلەن مېھمان قىلاتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:35
  • مەنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقتۇم، مەنمۇ ھەقىقىي نەشرىدىكى سىستىمىنى سېتىۋالغان، ئەمما ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى تېخى يوق ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 14:04