نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە

[ تاغدىن-باغدىن ]

=====================================
بۇ يەرنى بېسىپ، رادىيو سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ
=====================================
بۈگۈن يەكشەنبە كەچ 7:00 دە، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى (ئۇنىۋېرسال چاستوتاسى) «ياشلىق مىلودىيەسى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى مەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىكەن، بۇ سوئاللارنىڭ تېزىسى (بەلكىم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن)، ئەگەر سىلەرنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭلار بولسا، مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويۇڭلار، رادىيودىلا جاۋاپ بەرسەم دەيمەن. ئەگەر ئۇنداق سوئال بولمىسا، قىزىققۇچىلار بولسا، ۋاقتىدا ئاڭلاپ بېقىڭلار.


ئوڭدىن-سولغا: پەزىلەت رېشىت (رىياسەتچى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (پىروگرامما مەسئۇل مۇھەرىرى)، مەن


ئوڭدىن-سولغا: نۇرمۇھەممەد ئابلەت (رىياسەتچى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (پىروگرامما مەسئۇل مۇھەرىرى)، مەن


بۇ رەسىمدە ماڭا قاراپ قالماي، ئاۋۇ ئىككى چەتتىكى كومپيۇتېرغا قاراڭلار، ئۇنىڭغا «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە. يەنە قازاقچە ۋە قىرغىزچە نۇسخىسىمۇ بار.


بۇ رىياسەتچىلەرمۇ شۇنداق قابىل ئىكەن. نەق مەيدان پىروگراممىنىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، يېتەكلەپ ماڭدى. رىياسەتچىلەرمۇ تەييارلىغان مەزمۇندا يوق سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى، مەنمۇ كاللامدا تەييارلىق يوق جاۋابلارنى بەردىم.

====================سوئاللار==================
1) ئالىم ئەپەندى، سىز ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىغا ئەڭ دەسلەپ كىرگەن ئاز سانلىق مىللەت كومپيوتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىسى. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى ۋە بۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج بىلەن 10 نەچچە يىلدىن كېيىنكى شۇ ساھەنى سېلىشتۇرۇپ بېرەمسىز؟
2) سىلەردە قىيىنچىلىق يەتكۈچە بار ئىكەنتۇق. كۆز ئالدىڭىزدا بىرمۇنچىلىغان شىركەتلەرمۇ تاقىلىپ كېتىپتىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن بۇ ساھەدىن قول ئۈزمىگەنىدىڭىز؟
3) مېنىڭچە، ئادەم بىر ئىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسە، ئۇنىڭدىن تېز مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. لېكىن، سىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن كارخانا باشقۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ مېڭىپسىز. دېمەكچى، سىز بىرقانچە ھارۋىنى تەڭ سۆرەپ مېڭىشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ، ھارمىدىڭىزمۇ؟
4) سىزنىڭ، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچى بولۇش جەريانىڭىزنى دولقۇنسىمان دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟
5) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە باھا بېرىپ ئۆتەمسىز؟
6) قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز سىزنى داۋاملىق ئالغا ئۈندەمدۇ ياكى ئەمدى راھىتىنى سۈرگىن دەمدۇ؟
7) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى خېلىلا بېسىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەكچى، ھەر بىر يۇمشاق دېتالنى ۋە ھەر بىر توختامنى سۈپەتلىك تاماملاش يولىدا ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويغان، شۇ سەۋەبلىك غېرىپسىنىپ قالغان چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟
8) سىز بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپمۇ، كەسپىڭىزگە ئەسلا يېقىن كەلمەيدىغان ئۇيغۇر تىلى ۋە گىراماتېكىسىنى خېلىلا چوڭقۇر تەتقىق قىپسىز. بۇ يەردىكى كۈچ – غەيرەت نەدىن كەلگەن؟
9) سىز تولىمۇ خۇشچاقچاق، ئۇچۇق-يورۇقكەنسىز. بۇ مىجەزىڭىز كەسپىڭىزدە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تەسىرى چوڭ بولدىمۇ – قانداق؟
10) ئۈچ كۈن بۇرۇن ئامېرىكا مىكروسوفىت شىركىتى Windows 8 نى بازارغا سالدى. سىزچە، Windows 8 بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
11) ياشلىق ۋە ياشلار ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز، ئۈمىد – ئارزۇلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
54 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ھەي توۋا win8نىڭ خەۋرىنى قىلىپ wp8 نىڭ خەۋرىنى قىلماپسىزغۇ؟wp8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق ئوخشىمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:44
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇشبۇ رادىئو سۆھبىتىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئادەم ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدىكى ئىشقا مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قىزىقىش بىلەن كىرىشەلىسە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن.ھازىر ئارىمىزدا مىللىي تىل تەشۋىشى كۈچەيگەن موشۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ خەلىقئارادا 94-ئورۇندا تۇرۇشى،مىللىي تىلىمىزنى باشقىلارنىڭمۇ ھېس قىلىپ يېتىشى بىزنى ھەقىقەتەنمۇ خوشال قىلىدۇ.رەخمەت ئالىم مۇئەللىم!سالامەت بولۇڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 07:04
  • ئۇنى دىدۇق ،بۇنى دىدۇق ،ماڭا نىسبەتەن بىر ھەققىي پايدىلىق ئۇچۇر يوق ،ھەممىشە قانداق سىتىۋىلىش توغرىسىدىكى سۇئاللار جاۋابسىز قالىدۇ. بىرسى بىرنىمە دىگەن ،يەنە بىرسى يەنە بىرنىمە دىگەن.بەك قالايمىقان. مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتىدا ستىۋىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىدىغان بىر ئادەممۇ يوق ،قانچىلىق تەشۋىقنى قىلغىنىمىز بىلەن مۇشۇ سىتىۋىلىشتەك ھالقىلىق باسقۇچتىن ئۆتمىسەك ،تەشۋىق قىلغىنىمىز بىكار بۇلىدۇ.مۇھىم ئىشلارنى بىر يەرگە قايرىپ قۇيۇپ نەدىكى ئىشلارغا باش تۇرۇپ يۈرىدىكەنمىز. بىزدەك ئادەتكىدەك ئىستىمالچىلارنىڭ ئويلىشىدىغىنى پەقەت باش قاتۇرمايلا ئەڭ ئاسان ،ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلدا ئالماقچى بولغان مەھسۇلاتقا تىزدىن ئېرىشىش خالاس.مۇشۇنچىلىكلا ئاددىي !
    ئىشىمنىڭ جىقلىقىدا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلمايلا مەھسۇلاتنى سىتىۋالاي دىگەندە ئەجەپ ئاچچىغىم كەلدى. خەنزۇچە توردا ئىزدىسەم بىردەمدىلا تىپىپ بۇلاتتىم ئەرقاچان .بىز بەزى ئىشلاردا ھەققىيقەتەن خام كەنمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:42
    • ماۋۇ بەتكە كىرىپ http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/buy ئاستىدىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 نى تاللاپ، Windows8-UpgradeAssistant نى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن Windows8 دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ. پۇلنى ئىناۋەت كارتىسىدىن تاپشۇرىسىز. باشقا قالايمىقان مەنبەلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، مىكروسوفتتىن سېتىۋېلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:07
      • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئالىم ئاكا مىنىڭ ئىشىلتىۋاتقان Windows7 ھەقىقى نۇسقىسى ئەمەس ئىدى ، سىسز تەمىنلىگەن ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ،
        26个应用设备兼容 ,9 个应用和设备需要你查看
        دەپ چىقتى ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پۇل تۆلەپ سېتۋالسام بۇلامدۇ ؟
        مىنىڭچە ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا يۇلۇققانلار قېرىنداشلار خېلى جىق، بولسا مۇشۇ قانداق سېتىۋېلىش ۋە قاچلاش ھەققىدە تەپسىلىراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ……

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالىمكا،قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    ئۇيغۇرچىنى تېگىدىن قوللايدىغان،ئۇيغۇر سوفت ئەلكاتىپ
    دەم ئېلىشقا چىققان بۈگۈنكى كۈندە مەن يەنە ئەلكاتىپ ھەققىدە
    ناھايىتى كونا بىر گەپنى قىلماقچىمەن.
    ۋود تىن ئەلكاتىپنىڭ تەھرىرلىگۈچىسىگە مەزمۇننى چاپلاپ،
    ئۈستىدىكى فوتوشوپنىڭ بەلگىسىنى باسساق خەت كۆچۈرۈلۈپ تەييار بولىدۇغۇ،بىراق سىز مەزمۇننىڭ ئىچىدىكى خالىغان ئايرىم بىرەر مەزمۇننى تاللاپ،پەقەت شۇنىلا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز،پەقەت تاللىغىنىڭىزلا كۆچۈرۈلمەي،تەھرىرلىگۈچتىكى ھەممە مەزمۇن كۆچۈرۈلۈپ كېتىدىكەن.
    خالىغان مەزمۇننى تاللاپ كۆچۈرگىلى بولامدۇ ياكى مەن بىلمىدىممۇ؟كۆرسەتمە بەرسىڭىز،رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىمجان مۇئەللىم سىزنىڭ ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ساھاسىگە قوشقان تۆھپىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ، مۇمكىن بولسا سىستىما تۈزۈش تىلىنى ئۈگۈتىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى تۈزۈشنى ئويلىشىپ بېقىشڭىزنى ئۈمىد قىلمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:44
باھا بېتى: 1 2 3