نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن 31-ئۆكتەبىرگە قەدەر، Windows 8 دە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئارايۈزى بولىقى 57 بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:


1. Albanian
2. Arabic
3. Azerbaijani (Latin)
4. Basque
5. Bosnian (Latin)
6. Brazilian
7. Bulgarian
8. Catalan
9. Chinese Simplified
10. Chinese Traditional
11. Croatian
12. Czech
13. Danish
14. Dutch
15. English UK
16. Estonian
17. Finnish
18. French
19. Galician
20. Georgian
21. German
22. Greek
23. Hebrew
24. Hindi
25. Hungarian
26. Icelandic
27. Indonesian
28. Italian
29. Japanese
30. Kazakh
31. Korean
32. Latvian
33. Lithuanian
34. Macedonian
35. Malay
36. Malayalam
37. Norwegian
38. Norwegian (Nynorsk)
39. Persian
40. Polish
41. Portuguese European
42. Romanian
43. Russian
44. Serbian (Cyrillic Serbia)
45. Serbian (Latin Serbia)
46. Sinhala
47. Slovak
48. Slovenian
49. Spanish
50. Swedish
51. Telugu
52. Thai
53. Turkish
54. Ukrainian
55. Vietnamese
56. Welsh
57. Vietnamese

باشقا تىل ئارايۈزى بولىقى پەيدىنپەي ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىرچە دۇرۇس نەشرىدىكى Windows 8 گە قىزىقىۋاتقان بولساڭلار، تور ئارقىلىق 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، تور ئارقىلىق سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى نەشرى ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ-دېسە، ئاندىن 248 يۈەن تاپشۇرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. بۇ باھانى ھەرگىزمۇ قىممەت دېگىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا، مۇشۇ 248 يۈەن بىلەن ئۇيغۇرچە Windows 8 نى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز.

جۇڭگودا قاپلىق Windows 8 بازارغا سېلىنمايدىكەن، يېڭىدىن ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ياكى توردىن سېتىۋېلىش كېرەك ئىكەن. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغۇچە، Windows 8 نى ئىشلىتىپ كۆنگەچ تۇرۇڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
139 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 4 5 6
  • بەك ياخشى ئش بوپتۇ لىكىن مەن پەقەت چۇشۇرەلمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:26
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندى ناۋادا كۇمپېيۇتىرنىڭ زاپچاسلىرى ئۆزگەرسە بۇ win8 ئىشلەتكىلى بولماسمۇ …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:01
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە سېلىشتۇرمىلارنىڭ ئاتالغۇلىرىنى يوللاپ بەرسىڭىز بالدۇرراق تونۇشقاچ تۇرساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:41
  • ئاقسۇ كومپىيوتېر بازىرىدا win8 نىڭ 5يۇەنلىك نۇسقىسىنى كۈرۈپ ھەيران قالدىم،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:41
  • مەن مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە ھەقىقى نەشرىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئانا تىلىم دۇنيا يۇمشاق دىتال بازىردا شەرەپ بىلەن ئۇرۇن ئالغاچقا ھايا جىنىمنى باسالماي ئىككى نۇسقا سېتىۋھلدىم ئوغرى نەشرىگە كوز قىرىمنىمۇ سالمىدىم بۇ ۋىندوۋىس8دە ئانا تىلىمنىڭ گۇزەل سىماسىنى كۇرۇشكە تەشنا مەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:00
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تېزراق تارقىتىلسا بولاتتى..كۆزۈم تۆت بولاي دېدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:41
  • كۆزنەك 8 نى ئىشلىتىۋاتقانلار msn دا پاراڭلاشمايلىمۇ، قىنى ئۇنداقتا مىنى قوشىۋىلىڭلار ، سىلەرمۇ قالدۇرۇڭلار بىزمۇ قوشىۋالايلى abdumijit@outlook.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:52
  • تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بۇلسا ستىۋىلىڭلار ،بۇنى بىجىرىش بەك ئاۋارچىلىق ،مۇشۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.مەن شۇنداق سىتىۋالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:16
  • ئالىم ئاكا window7نىڭ ھەقىقى نۇسىخىسىنى سىتىۋالاي دىگەن قايسى توردىن سىتىۋالسام بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن Surface سېتىۋىلىشنى ئويلىغان ئىدىم . ھازىر سېتىۋىلىش ئىشلىرىدا سەل قىينىلىپ قالدىم ياردەم قىلسىڭىز ،ياكى سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدىن بىۋاستە سېتىۋىلىشقا بۇلامدۇ؟ يەنەبىر ئىش Surface قا سىمسىز تور كارتىلىرىنى سېلىپ ئىشلىەتكىلى بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:47
    • Surface نىڭ Windows RT قاچىلانغان نۇسخىسىنى سېتىۋالماڭ، ئۇ يەنىلا باشقا ماركىدىكى تاختا ئويۇنچۇقلار بىلەن پەرقى يوق، ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر ئالىمەن دېسىڭىز، Windows نىڭ ئۆزى قاچىلانغان Surface نى ئېلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 15:55
  • ئالىم مۇئەللىم، 银联 دىگەن خېتى بار 工行信用卡 دىن win8 نى سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟ يول كۆرسەتسىڭىز، visa دىگەن خېتى بولمىسا پۇل تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ دەيدۇ، بۇ راسىتمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:24
    • سىتۋىلىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ،visa دىگەن خەت بولمىسىمۇ بۇلىدۇ ،مەن سىتىۋالغاندا mc دىگەن خەت چىققان،visa بولسا visaدەپ چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:12
  • 信用卡نىڭ ئۈستىدە بېسىلغان كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە 7 خانلىق سان بۇلىدۇ،كەينىدىكى 3 خانە سان دەل بىخەتەر نۇمۇرى بۇلىدۇ،ھەرگىز كارتىنىڭ مەغپىي نۇمىرى بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:23
  • ئالىم ئەپەندىم، مەندە سود-سانائەت بانكىسىنىڭ ئىككى تال ئىناۋەت كارتىسى بار ئىدى، بىرى 信用卡، يەنە بىرى 贷记卡، ھەر ئىكىلىسىلا 信用卡类型无效 دەپ چىكىۋالدى، زادى ئامال قىلالمىدىم، يەنە 安全吗 دىگەن يەرگە قايسى ساننى كىرگۈزىمىز، ھەپىلەشكىلى يېرىم كۈن بولدى، بىر يول كۆرسەتسىڭىز. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ياكى بانكا كارتىسىنىڭ يەنە ئاچتۇرىدىغان باشقا ئىقتىدارلىرى بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:36
  • نوكىيا شىركىتىنىڭ Lumia يانفۇنى بازارغا سېلىنىپتۇ ئۇنىڭغا WindowsPhone8 قاچىلانغان دىيىلىپتۇ . ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى WindowsPhone8 دىمۇ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:10
  • paypalغا بانكا كارتىسىدىن پۇل قاچىلىغىلى بۇلامدۇ باللا؟ئاڭلىسام جوڭگۇدا بولمايدىكەنتۇق ‹؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:13
    • بولىدۇ. سودا سانائەت بانكا ھېساباتىڭىز بولسا شۇنداقلا تور بانكا ئىقتىدارىنى ئاچقۇزغان بولسىڭىز بولىدۇ.
      ۋە ياكى تاۋباۋدا ۋەكالەتەن تۆلەپ بىرىدىغان ياكى قىممەت تولۇقلاپ بىرىدىغان كىشىلەر بار، شۇلارغا ئازراق ئىش ھەققى بېرىپ قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:09
باھا بېتى: 1 4 5 6