ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسىدا (سىناق) دەرس سۆزلەندى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى (دۈشەنبە) ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسىدا (سىناق) دەرس سۆزلەندى، 61 ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئەسلىدىكى پىلاندا 30 مىنۇت سىناق دەرس سۆزلەپ تور دەرسخانىسى مۇھىتى بىلەن تونۇشۇش ئىدى، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن 2 سائەت داۋاملاشتى. دەسلەپتە 4 تامنىڭ ئىچىدە دەرس سۆزلىگەندەك ھېسياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزەمنىڭ دەرس سۆزلەۋاتقانلىقىمنى بىلدىم، تور دەرسخانىسى(يۇمشاق دېتالى)مۇ دەسلەپكى سىناقتىن ئۆتتى، ئوقۇغۇچىلار ھەرۋاقىت مەندىن سوئال سورىيالايدىكەن، باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاڭلاپ تۇرىدىكەن، ھەممىمىز كامېرا ياكى مىكروفوننى تەڭ ئېچىۋالساق سىن سۈرئىتىگە تەسىرى بولىدىكەن، ئەمما بىرنەچچە ئوقۇغۇچى ئارىلاش سوئال سورىغاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى. توردا دەرس سۆزلەشنىڭ تەلىپىگە يېتىدىكەن.
ئەگەر بىرنەرسە يازماقچى بولساڭلار، ئالدىنقى تېمىغا يېزىڭلار
==================== تۆۋەندىكىسى كونا ئۇچۇر، كۆرمەڭ =======================
ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسى بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00 دە سىناق قىلىنىدۇ. تىزىملاتقان ۋە تىزىملاتمىغان تورداشلارنىڭ قاتنىشىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمەن. ھېچقانداق مەخپىي نومۇر تەلەپ قىلمايدۇ.
ئادرېسى: http://www.cr.cm/ysxgdu
كومپيۇتېرىڭىزدا توردا دەرس ئاڭلاش يۇمشاق دېتالى قاچىلانمىغان بولسا، بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
http://dl-4.cloudroom.com/Update/1.11.8/Win32_setup/CLOUDROOMMeeting_1.11.8.exe
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,218 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:16
- ئالدىنقى يازما :4-قارارلىق توردا تەربىيەلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(بۈگۈن سىناق دەرس باشلىنىدۇ)
- كېيىنكى يازما :مىكروسوفت جۇڭگودىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن
مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ بار دەڭ…قوللايمىز، كىچىكىپ ئاڭلاپتىمەن. مەن ئۆلچەپ سىزىش دىتاللىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىمەن…
بۇندىن كېيىن ئۆتۈلمەمەمدۇ؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
مەن تور دەرىسلىكىگە تىزىملىتاي دېگەن ، لېكىن قانداق تىزىملىتىشنى بىلەلمەي قالدىم. سىلەردىن ياردەم سورايمەن. رەھمەت!
ھازىر بۇ دەرس ئاخىرلاشتى
بۇندىن كېيىن ئۆتۈلمەمدۇ؟
خۇدايىم بۇيرىسا كېلەر يىلى باھاردا يەنە بىر گەپ بولار.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بۇ دەرىس ھەقسىزمۇ؟ئەگەر ھەقسىز بولسا كىيىنچە ھەقلىق قىلۋېتىش مۇمكىنچىلىقى بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم.
سىناق دەرستە Sql Server نى چۈشۈرۈش توغرىسدا سۆز قىلغانتىڭىز. مىكروسوفىت ئورگان بېتىدىن ئىزدىسەم SQL Server® 2014 Express نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان پارچە ھۆججەتلەر بار ئىكەن.
http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=42299
شۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرەمدۇق ياكى مەلۇم بىرسىنىمۇ؟
ياكى باشقا بىر نۇسخسىنى چۈشۈرەمدۇق؟
بولسا ئادېرسىنى قالدۇرغان بولسىڭىز.
يەنە بىر ئىلتىماس مۇئەللىم ! بولسا دەرسنى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبىدىن(28-چىسلا) باشلىغان بولساق. بىرھەپتە بۇرۇن باشلىساق دەرسنى كۆپرەك ئاڭلىۋېلىشىمىزغا پۇرسەت بولىدىكەن. ئاللاھ خالىسا كۆپچىلىك قىزغىن بولسا، سېلى ماقۇل كۆرسىلە رامىزان ئايلىرىمۇ بوش كەلمەي(ۋاقىتتا بىرلىككە كىلەلىسەك) دەرس ئاڭلىۋالاركەنمىز. بەربىر دەرسخانىمۇ بىر پەسىللىك بولغاندىكىن. دەرسخانىغا تۆلىگەن پۇلنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ تازا !! ھې ھھې
ئەلۋەتتە كۆپچىلىككە بويسۇنىمىز!
ھازىرچە بۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار
ئالىم مۇئەللىم، دەرسنى ھەركۈنى سۆزلەۋاتامسىز؟ مەن خىزمەت ئىشى بىلەن سىرىتتا ئىدىم. تۈنۈگۈن دەرس سۆزلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەي قېلىپ ئاڭلىيالماپتىمەن. مەيلى رەسمى دەرس بولسۇن ياكى سىناق بولسۇن ھەممىسىنى تولوق ئاڭلىسام دەيمەن. سىناق دەرسنى ھەركۈنى سۆزلە ۋاتامسىز ؟ بۈگۈنچۇ؟ سىناق دەرس ئاڭلايدىغان ۋاقىتنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ ۋاقىت ئاجرىتاي دېگەنتىم.
سىناق دەرسنى كېلەر دۈشەنبە كۈنى باشلايمەن دەيمەن.
مىنىڭمۇ قاتناشقۇم بار ئېدى،لىكىن …بۇ دەرىس ئۆتىدىغان ۋاقىت مىنىڭ ۋاقتىمغا توغرا كەلمەيدىكەن…ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم….ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن كىيىن يەنە مۇشۇنداق ئۇگۇنۇش سىنىپى ئىچىلسا،ئاللاھ خالىسا چوقۇم قاتنىشىمەن…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن بۈگۈن كۆرۈپتىمەن بۇ تېمىنى ،سان توشۇپ كەتتىمۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، تۇنۈگۈنكى دەرس ناھايتى ياخشى بولدى ، بۇندىن كېيىنكى دەرسلەرنىڭمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ئاشتى . بىرقانچە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام :
1. دەرس ۋاقتىنى بېكىتىشتە،ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ۋاقىت ئەھۋالىنى ئۇبدان ئويلاشسا . بەزىدە بانا كۆرسەتكىلى بولمايدىغان ۋاقىتلارمۇ بولۇپ قالىدۇ .
2. دەرس تۈزۈمى ئۇبدان بېكىتىپ چىقىلسا …
3. دەرسكە قاتناشقانلارنىڭ سەۋېسى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا بىرەسى سوئال سورىغاندا سوئالىدىكى ئۇقۇملار(مەسىلەن: ئوبيىكىت )نى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز .
…
ۋاقىت جەھەتتە قانداق تەكلىپىڭىز بار؟ 6:30 نى بالدۇر دېمەكچىمۇ ؟
ھەقىقەتەن ۋاقىت ئازراق تۇقۇنىشىدىكەن مەن ئاقسۇدا سىناق دەرستىن ئازراقنى ئاڭلىيالمىدىم
تۈنۈگۈنكى دەرس بەك ياخشى بولدى. يېزىقچە سورالغان سۇئاللارغا بلوگدا جاۋاب بېرىمەن دېگەندەك قىلغانتىڭىز،شۇنداق بولسىمۇ يەنە سورايدىغان بولدۇم، مەن يەكشەنبە كۈنى تىزىملاتقان ئۇچۇر قىلىپ پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى خەۋەر قىلىمىز دېگەن شۇنىڭ خەۋىرىنى ئۇقساق …،مېنىڭچە مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغانلار خېلى بار…پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىساق بولمىدى ئەمدى…
ئۇچۇر تاپشۇرىۋالمىغانلار قانداق قىلىمىز مۇئەللىم ؟ پۇل تاپشۇرغاچ تۇرساق بولاتتى .
تىزىملىغۇچىلارغا تېلېفون قىلسىڭىز، پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
مۇئەللىم دەرسلەرنى تىزراق باشلاپ بەرگەن بولسا دىگەن ئۇمۇتتىمەن . ئالدىمىزدا رامىزان ئايلىرى كىلىۋاتىدۇ .
بۇنى مەنمۇ ئويلاشتىم، رامىزاندىن بۇرۇن تاماملىنىشى مۇمكىن.
مۇئەللىمنىڭ دەرسنى ياخشى سوزلەيدىغىنىغا ئىشەنچىم بار . ئاخشامقىدەك مۇئەللىمنىڭ پاكىز سوزلىرىگە سوزلىرىگەشاۋقۇن چىقىرۋاتقانلارنىڭ رەسمى دەرس باشلانغاندا مىكروفۇننى تاقىۋىتىشنى ئۇمۇت قىلمەن
تىزىملىك نۇمۇرى ، مەخپىي نۇمۇرچۇ مۇئەللىم دەرىس ئاڭلاش دىتالىنىڭ ؟
رەسمىي باشلىغاندا ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئاخشام مەخپىي نومۇرىنى ئېلىۋەتكەن ئىدىم.
سىناق دەرىسنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاش مۇمكىن بولارمۇ مۇئەللىم ؟
رەسمىي دەرس باشلانغاندا يوقلىما قىلىمەن، دەرسكە قاتنىشالمىغانلارغا شۇ ئوقۇغۇچىغا ئايرىم ئەۋەتىپ بېرىمەن، ھەممە دەرسنى ئەۋەتىپ بېرىمەن دېسەم دەرسكە كەلمەي تۇرىۋالىدۇ، سىناق دەرس بولغاچقا تورغا يوللىمىدىم.
مومكىن بولسا تورغا يۇللاپ قويغان بولسىڭىز توردا دەرىس ئاڭلاشنىڭ ئۈنۈمىنى بىزدەك قاتنىشالمىغانلىرىمىزمۇ ھىس قىلىپ باقاتتۇق
ماقۇل، سىناق ئۈچۈن 1-2 سىن ھۆججىتىنى يوللاپ قوياي. مەن ھەممىنى يوللىيالمايمەن،
رەھمەت مۇئەللىم قاچانراق يوللاسىز ؟
قانداق قاتناشقلىى بولىدۇ ،تەپسىلاتىنى ياخشى كۆرسۇتۇپ قويغان بولساڭلار ،