ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى تاماملىنىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش (NLP-自然语言处理)نىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا بارلىققا كەلگەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە بىرقىسىم نەشرىياتلاردا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش شەخسلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشمىغان ئىدى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن نۇسخىسى يوق ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ شەخسلەر (ھەقسىز) نۇسخىسى بارلىققا كېلىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر شەخسلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر.
كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.
================
تۆۋەندە بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى (cloud computing-云计算技术)، چوڭ مەلۇمات دەۋرى(big data大数据时代)نىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقايلى
(1) ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەڭ يېڭى تېمىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ، ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقايلى
===============
(2) بۇ ماقالىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقساق توغرىلىقى 89.67 پىرسەنت، گۇمانلىق سۆز 31 ئىكەن، ئەمما ئاپتوماتىك توغرىلاش نىسبىتى 90.32 پىرسەنت ئىكەن، يەنى ئاپتوماتىك توغرىلاش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ-ئېچىپ بولغۇچە، 90 پىرسەنت ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ دېگەن گەپ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم باشقا بىرەيلەن بۇ ماقالىنى سىزدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.
===============
(3) «ئىملا توغرىلاش (ئاپتوماتىك)»نى بېسىپ كۆرۈپ باقايلى، يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدۇ.
===============
(4) يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بەردى، قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ، ئىچىدىن توغرىسىنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
===============
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,157 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى am 9:22
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.
ياشاڭ ئالىم مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ پەخرىمىز!!
‹‹ئېمبارگۇسىنىڭ››دىگەن سۆزنىڭ ئىملاسىدا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا خاتالىق بارئىكەن..مۇئەللىم كۆرۇپ بېقىڭ !!
ناھايتى ياخشى بوپتۇ،رەھمەت سىزگە! بىز ئۈچۈن كۆپ قولايلىقلارنى يارتىپ بېرىپسىز.
مەنمۇ كىرىش كونۇپكىسنى باسسام قاراپلا تۇرىدۇ،،،ھىچقانداق ئىنكاس يوق،،،،،،؟
مەنمۇ كىرىش كونۇپكىسنى باسسام قاراپلا تۇردۇ،،،ھىچقانداق ئىنكاس يوق،،،،،،؟
مەن چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن ئاچالمىدىمغۇ، كىرىش دىگەن كۇنۇپكىنى باسسام قاراپ تۇرىدۇ
رەخمەت ئاكا بىزئۇچۇن تاتقان جاپالىرىڭزنىڭ ئەجرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرسۇن سىزگە كۆپ تەشەككۇر
رەخمەت ئاكا بىزئۇچۇن تاتقان جاپالىرىڭزنىڭ ئەجرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرسۇن
بۇ 12مېنۇت ھەجەپ تۇشماسقا قالدىيا!!!!
بۇ 12مېنۇت ھەجەپ تۇشماسقا قالدىيا!!!!
تەبرىكلەيمەن. ئانا-تىلىمىز ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!
ۋىندوس8 ئۇيغۇرچە قىلىپ بۇ كومپىيۇتىر دىگننىڭ خاسلىقىنى ئاچسىڭىز ئاكتىپلانمىغان ياكى ئاكتىلانغىنى كۆرەلەيسىز .
ئامال قىلالمىسىز qq نومىرىڭىزنىڭ قالدۇرۇڭ كۆسۈتۈپ قويمەن.
قانداق بولسا ئاكتىپلانغان بولىدۇ بىلمەيدىكەنمەن قاچىلاندى ئەمما يېڭىلىغىلى بولمىدى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ ئىلخەتمۇ ئۇلىغىلى بولمىدى ھەم بىزنىڭ بۇيەردە ئىلخەت ئېچىلمايدۇ ياكى بۇ شۇنىڭ ئىشىمۇ ياكى يىڭپەن ئالماشقانكىن بۇرۇنقى ئاچقۇچ نۇرمال ئىشلىمەمدۇ يا؟